بىر سۈڭەككە سادەك قانائەت قىلغان،
ئەۋزەلدۇر پەسكەشكە بولغاندىن مېھمان.
پەسكەشنىڭ شىرنىلىك نېنىدىن ياخشى،
ئۆزەڭ تېپىپ يىگەن بوردا قۇناق نان.
ئەي كۆز، كور بولمىساڭ گۆردىن بول ئاگاھ،پىتنە تولا ئالەم، ھەريان قايغۇ-ئاھ.
چۈمۈلە ئاغزىدا ئايدەك گۈل يۈزلەر،
يەر قوينىدا سۇلتان، سەردار، پادىشا.
قولنى قولغا تۇتۇپ، بولمىساق ھەمدەم، شاتلىق ئايىغىدىن پەشۋا يمەس غەم.
تاڭ پەيتى تۇرغىن-دە، سەھەرلىك مەي تۇت،
بەكمۇ كۆپ تاڭ ئاتار بىزدىن كېيىن ھەم.
ئىناقلىقنى ئادەت قىلساڭلار، ھامان ـ دوستلار پات-پات كۆرۈشۈپ بولۇڭلار شادمان.
ئەسلەڭلار دۇئا قىپ مەن بىچارىنى،
سانى پاكىز مەينى قۇيغان ھەرزامان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-21 23:00