كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 22

ئوقۇتقۇچىلاردىن ياردەم سورايمەن !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-27 18:33:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋە قەلەمكەش ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلار !
كەمىنە تاھىرخالىق «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى «گۈلىستاندىن گۈلدەستە» سەھىپىسى( ژۇرنىلىمىزنىڭ ئەدەبىي بېتى )نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولىمەن .
ژۇرنىلىمىزغا ماقالە ۋە ئەدەبىي ئەسەر ئەۋەتكەندە ، بىر قىسىم ئاپتورلار ئەسەر ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنى ، كىملىكتىكى خەنزۇچە ئىسمىنى يازمايدىغان ، يازسىمۇ ئىسىم-فامىلىسىنىلا يېزىپ ، مەكتەپ ئادرېسى ياكى خىزمەت ئورنىنى يازمايدىغان ئەھۋال يىللاردىن بېرى ساقلىنىپ كەلدى . شۇڭا ، مۇشۇ سەۋەبتىن ژۇرنىلىمىزنىڭ 2015-يىللىق 4-سانىنىڭ 78-بېتىدىكى «گۈلىستاندىن گۈلدەستە» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ساقلىيالايمەن» ماۋزۇلۇق ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ ئاپتورى قۇربانجان يۈسۈپ ئۆزيولنىڭ مەكتەپ ئادرېسى ياكى خىزمەت ئورنىنىڭ ئادرېسى   ۋە 2015 -يىللىق 6-ساننىڭ 78-بېتىدىكى «گۈلىستاندىن گۈلدەستە» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ساقچىغا مەلۇم قىلىش» ماۋزۇلۇق ھېكايىنى تەرجىمە قىلغان ئاپتورنىڭ ئىسمىمۇ ، خىزمەت ئورنى( مەكتەپ ئادرېسى )مۇ بولمىغاچقا ، قەلەم ھەققى يازالمىدۇق .
يۇقىرىقى ئىككى ئاپتورنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ۋە مەكتەپ ئادرېسىنى ياكى خىزمەت ئورنىنى بىلىدىغانلار  بولسا ، 18609912244 گە ياكى 342034862@qq.com غا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويساڭلار ياكى تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار !
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
    تاھىرخالىق

   مەزكۇر ژۇرنال ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى  كۆرمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئۇلىنىش ئادرېسىدىن كۆرگەيسىز:

               مەرھەمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-28 12:21  


باھا سۆز

بىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار خېلىلا كۆپ...ھەي...  ۋاقتى: 2015-10-27 10:29 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-27 22:18:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تاھىرجاننىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ  تەۋسىيەسى  بەلكىم باشقا  بىر قىسىم نەشر ئەفكارلىرىنىڭمۇ ئورتاق ئۈمىدى بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، بىر قىسىم ئاپتورلاردا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بار. بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، بەزى گېزىت-ژۇرناللار ئۆزلىرىنىڭ دائىمىيلىق ئاپتورلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ توپلاپ پايدىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسۇل. «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىمۇ نىسپىي مۇقىم ھالدىكى كۆلەملەشكەن ئاپتورلار قوشۇنىغا ئىگە، ئەڭ كۆپ تىراژلىق ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇنداق ئۈنۈمۈلۈك ئۇسۇلنى قوللانسا، ھېچبىر يامىنى يوق.

    «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى  ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئېرىشەي دېسىڭىز :


                        بۇ يەرنى چېكىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-28 17:41  


ۋاقتى: 2015-10-27 22:22:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئەمەس  ئاپتورلارمۇ ئەسەر يوللىساق بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-27 22:23:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئاپتۇرلار مۇشۇ  ئىشقا  بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلىدە بولماسلىقى  كېرەك. ئەجرىگە چۇشلۇق ھەق ئېلىش ھازىر ھەممە يەردە  بار  بولغاچقا  مۇۋاپىق قەلەم ھەققىنى ئېلىش ئاپتۇرلارنىڭ تىگىشلىك  ھوقۇقى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق ئادرىسىنى تەلەپ بۇيىچە يىزىپ قۇيۇش كېرەك.

ۋاقتى: 2015-10-27 22:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانجان يۈسۈپ ئۆزيول

بۇ ئىسىمدىكى ئۆزيول دېگەن تەخەللۇسنى ئوقۇپ كۆڭلۈم غەش بولدى. بۇ تەخەللۇسنى شائىر دوستىمىز مۇختار داۋۇت قوللىنىۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بولۇپ قالغان تۇرسا، نېمىشقا يەنە بىرى ئىشلىتىۋالىدىغاندۇ؟ تەخەللۇسنىمۇ كۆچۈرىدىغان گەپما؟

باھا سۆز

ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىيالماسلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى...  ۋاقتى: 2015-10-27 11:01 PM
مۇختارجاننىڭ تۇغقىنىمۇ يا؟  ۋاقتى: 2015-10-27 10:41 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 23:29:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 22:18
تاھىرجاننىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن ئوتتۇرىغا قويغا ...

   ئەركزات ئەپەندىمنىڭ تەكلىپى بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ  . مەن بۇ ئەھۋالنى قەلەم ھەققى يازىدىغان ( ھېسابلايدىغان ) خىزمەتدېشىمغا دەپ قوياي ! دېمىسمۇ ، تەھرىراتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرىدا بىز تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئەھۋاللار خېلى كۆپ . ئەمما ، كۆپىنچىلىرى مەن دېگەنگە ھەل بولىدىغان ياكى مېنىڭ خاھىشىم بويىچە بولىدىغان ئىش ئەمەس .  
  ماختاش ۋە مەدھىيە - بىر ئادەمگە ئىلھام - مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە ، يەنە شۇ ئادەمنى مەستخۇشلۇق بۆشۈكىدە ئەللەيلىتىپ بىخۇدلاشتۇرىدۇ ؛ ئورۇنلۇق ۋە پاكىتلىق تەنقىد - بىر ئادەمنىڭ «ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇيقۇسى»نى ئېچىپ ، ئۇنى ئۆزى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىشقا ، ئىزدىنىشكە دالالەت قىلىدۇ !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 23:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 22:22
ئوقۇتقۇچى ئەمەس  ئاپتورلارمۇ ئەسەر يوللىساق بولامدۇ؟

ئەسسالام ئەرچىن ئەپەندى ، تېمامدىكى خاتا كەتكەن يەرنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سوئال شەكلىدە ماڭا قايتۇرۇپ بېرىپسىز . كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنىڭ ۋە تەپەككۇر كۆزىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن قايىل بولماي تۇرالمىدىم .  
ئەسەر ئەۋەتىش ۋە قانداق ئەسەر ئەۋەتىشنى ماۋۇ ئۇلىنىشتىن تەپسىلىي كۆرگەيسىز !

                                                                     مەرھەمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-28 12:23  


ۋاقتى: 2015-10-27 23:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     نېمىشقىكىن بۇ ئۇلىنىش ئىشلىمىدى، مەنمۇ كۆرۈپ بېقىشقا قىزىققانىدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 23:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 23:45
نېمىشقىكىن بۇ ئۇلىنىش ئىشلىمىدى، مەنمۇ كۆرۈپ بېقى ...

راستتىنى دېسەم ، بىزنىڭ ژۇرنالغا جايلاردىن كېلىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىسمەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىلىرىنىڭ سۈپىتى بەكلا تۆۋەن ، ئىشلىتىش قىممىتى  يوق دېيەرلىك . شۇنداق بولغاچقا ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزۈم ئەسەر تەشكىللەپ يۈرۈپ ژۇرنالنىڭ ئەدەبىي بېتىنى مۇشۇنچىلىك ھالەتتە چىقىرىۋاتىمەن . ئوقۇتقۇچىلار قانچىلىك نەپ ئېلىۋاتىدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . سۈپەتلىك يېزىلغان ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ بولماسلىقى ياكى كەملىكى ، دەل مېنىڭ بېشىمنى قاتتۇرىۋاتقان بىر  ئىش .    مەيلى  ھازىر ۋە ئىلگىرى كەلگەن ئەسەرلەر بولسۇن ،  كېلىۋاتقان ئەسەرلەر ئىچىدە، يەرلىك ئاپتورلارنىڭ ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى  ئوقۇتقۇچى ئاپتورلارنىڭ تېتىملىق ئىجادىي ئەسەرلىرى بەك ئاز . كەلگەن ئەسەرلەردە تېما تەكرارلىقى ئېغىر، بايانىي تۈس بەك قۇيۇق ، بەدىئىيلىك تۆۋەن . ئىخلاس بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەردىن كۆرە ، زورۇقۇپ يېزىلغان شېئىرلار كۆپرەك .  بولۇپمۇ  قىسقا يېزىلغان  ھېكايىلەر ، شۇنداقلا  گۇمانىتار ئەدەبىي پارچىلار ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر بەك كەمچىل ! مېنىڭچە ،  ژۇرنالغا تاللىنىدىغان ئەسەر بىلەن گېزىتكە بېرىلىدىغان  ئەسەردە مۇئەيەن پەرق بولمىسا بولمايدۇ . نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ «شېئىر» ۋە «ھېكايە» دەپ  ئەۋەتكەن يازمىلىرىنى كۆرسىڭىز ، ئۇلارغا ئىچىڭىز ئاغرىيدۇ ، ئۇلارغا شۇلارنىڭ نامىدا ئەسەر يېزىپ بەرگىڭىز كېلىپ كېتىدۇ .
  مېنىڭ شوئارىم شۇكى : ئەدەبىي ئەسەر دېگەننى يازالايدىغانلار يازسۇن ،  ياخشى يازالمىغانلار يەنىمۇ تىرىشىپ يېزىپ باقسۇن ، بەك بولمىسا، مەتبۇئات ۋە تەھرىرلەرنىڭ جېنىغا ئېكەك سالماي ، ئەڭ ياخشىسى ئاچالنىڭ چامغۇرىدا ئوماچ ئېتىپ ئىچىپ ، ياخشى يازغانلارنىڭكىدىن بەدىئىي زوق ئالسا ، بۇمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشقانلىق ! چۈنكى ، ياخشى ئوقۇرمەن ، پۇچەك يازغۇچىدىن ئۇلۇغ !        
  ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ،  ژۇرنىلىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە ، ئەدەبىي بەتكە «چوقۇم مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى ھەققىدىكىلا ئەدەبىي ئەسەرلەر بېرىلىدۇ» دېگەن چەكلىمە يوق . تۇرمۇش پۇرىقى ۋە پەلسەپەۋىلىكى كۈچلۈك ئەدەبىي  ئەسەرلەر بولسىلا، قايسى ساھە، قايسى كەسىپتىكىلەر بولسۇن، يازغانلىرى ژۇرنالنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشسىلا  ئىشلىتىۋېرىمىز . چۈنكى ، مائارىپتىن ئايرىلغان تۇرمۇش بولمىغىنىغا ئوخشاش ، تۇرمۇشتىن مۇستەسنا مائارىپمۇ ، ئوقۇتقۇچىمۇ مەۋجۇت ئەمەس .  شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى ئوقۇتقۇچى  بولسۇن ، بولمىسۇن ، ھەرقانداق ساھەدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ  ژۇرنىلىمىزنىڭ ئەدەبىي بېتىنى تېخىمۇ خۇشپۇراق گۈلزارلىققا ئايلاندۇرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ھەم قارشى ئالىمىز !  
   ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى،  ژۇرنىلىمىزنىڭ ئەدەبىي بېتى بولغان «گۈلىستاندىن گۈلدەستە» سەھىپىسىگە پەقەت تۆت بەتلا ئورۇن بېرىلگەن . شۇڭا ،  ھەجمى بەك ئۇزۇن ئەسەرلەرنى ئىشلىتىشكە ئامالسىزمىز . ھەم  قىسقا ، ھەم سۈپەتلىك  يېزىش ، مەن - مەن دېگەن قەلەم  ئىگىلىرىنىمۇ تەرلىتىدىغانلىقى ئېنىق . ئەمما ، پېشانىدىن تەپچىپ ئاققان «تەر»لەرگە ، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان «سۈزۈك ھاياجان»لارغا  ژۇرنىلىمىزدا چوقۇم ئورۇن بار !
   مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم :  342034862@qq.com
  ئەدەبىي ئەسەرلەرلىرىڭلار بولسا، مۇشۇ ئېلخەت ئادرېسىغا  ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ ! ئىلمىي ماقالىلار ژۇرنالنىڭ بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىنىشى كېرەك .
  قېنى ، يەنە نېمىگە قاراپ ئولتۇرىسىز ؟ قولىڭىزغا قەلەم ئېلىڭ-دە ، سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ ئانا ژۇرنىلىمىز بولغان  «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىغا  «بىر دەستە گۈل» سۇنۇڭ !  بەلكىم سىز سۇنغان ئاشۇ  «بىر دەستە خۇشپۇراق گۈل» ، ئەتراپىڭىزدىكى «ئەسنەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ، ئۇخلاۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە مۈگدەۋاتقان دەرسخانا» نى ئويغىتىپ قويسا  ئەجەب ئەمەس !

باھا سۆز

بۇ ئىنكاسنىڭ بەزى يەرلىرىگە 100نومۇر  ۋاقتى: 2015-10-28 03:21 PM
ۋاقتى: 2015-10-28 01:10:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ مۇنبەردە بۇ يىلنىڭ  كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئوقۇغان ئەڭ سەۋىيەلىك، ئەڭ ئىلمىي ئىنكاسلارنىڭ بىرسى بولدى. رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-10-28 08:06:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرجان مۇئەللىمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى ماڭا بەكلا يارىدى، بەلكىم باشقىلارغىمۇ يارىغاندۇ:

ئەدەبىي ئەسەر دېگەننى يازالايدىغانلار يازسۇن ،  ياخشى يازالمىغانلار يەنىمۇ تىرىشىپ يېزىپ باقسۇن ، بەك بولمىسا، مەتبۇئات ۋە تەھرىرلەرنىڭ جېنىغا ئېكەك سالماي ، ئەڭ ياخشىسى ئاچالنىڭ چامغۇرىدا ئوماچ ئېتىپ ئىچىپ ، ياخشى يازغانلارنىڭكىدىن بەدىئىي زوق ئالسا ، بۇمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشقانلىق ! چۈنكى ، ياخشى ئوقۇرمەن ، پۇچەك يازغۇچىدىن ئۇلۇغ !
قولىڭىزغا قەلەم ئېلىڭ، ئەتراپىڭىزدىكى «ئەسنەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ، ئۇخلاۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە مۈگدەۋاتقان دەرسخانا» نى ئويغىتىپ قويسا  ئەجەب ئەمەس !


ۋاقتى: 2015-10-28 10:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولغان. «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن. ھازىر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا بولمىغاچقا، بۇ ژۇرنالنىڭ «بوسۇغىسى»دا ئەيمىنىپ يۈرۈپتىمەن. يۇقىرىدا تاھىر خالىقنىڭ بەرگەن ئىزاھاتىدىن ئۆزەمگە يارىغان، تەھرىرلەرگىمۇ يارىغۇدەك يازمىلىرىمنى ئېۋەتىپ تۇرسام، ھەرگىزمۇ «يېتىمسىراپ» قالمايدغانلىقىنى بىلىۋالدىم. رەھمەت!...

ۋاقتى: 2015-10-28 10:37:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرخالىق يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 23:54
راستتىنى دېسەم ، بىزنىڭ ژۇرنالغا جايلاردىن كېلىۋاتقا ...






      سىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ژۇرنالنىڭ ئىشقىدا كۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلدىم. تەلىپىڭىزدىكىدەك ئەسەر يازالىسام، ئەۋەتىپ سىزنى قوللايمەن. رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-28 10:39  


ۋاقتى: 2015-10-28 10:37:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تايىر خالىق ئەپەندىنىڭ  ئەجىرى ۋە ئەستايىدىللىقىغا رەھمەت، ئاپىرىنلار بولسۇن

ۋاقتى: 2015-10-28 11:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تاھىرجان بەك ئورۇنلۇق پىكىر قىلىپتۇ. تەھرىر بولماقنىڭ جاپاسىنى  شۇ ئىشنى قىلىپ باققانلار ئوبدان بىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ :«ئەسەر ئەۋەتسەم چىقمىدى، ژۇرنال تونۇشلارنىڭ ئەسىرىنى باسىدۇ» دېگەندەك بىمەنە ئۆسەك گەپلىرىنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى. بۇ جەھەتتە ھەر بىر يازارمەن ئۆزىنىڭ يازمىسىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
    مېنىڭ قارىشىمچە، «گۈلىستاندىن گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدىغان سەرخىل ئەسەرلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ھال ژۇرنالنىڭ خاس بولغان كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىغا بولغان قاراتمىلىقىنى چىقىش قىلغان.، ئەلۋەتتە. بۇ جەھەتتە، تاھىرجاننىڭ ئىزدىنىشلىرىگە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
  بىر چاغدا تاھىرجانغا بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ قويغان بىر  يۈرۈش تەرجىمە ئەسەرلەرنى يوللىسام، تاھىرجاننىڭ ماڭا  قىلچە يۈز -خاتىرە قىلمايلا: «بۇ تەرجىمىلەرنى تارتمىڭىزنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە تىقىۋېتىپ، ماڭا ئەڭ يېڭى، ئەڭ سەرخىل، قىسقا ۋە مېغىزلىق ئەسەر ئەۋەتىڭ. چۈنكى، بۇ ژۇرنال مېنىڭ، سىزنىڭ ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ!» دېگەن  بىر جۈملە سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە ھېلىھەم جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
  مەن بۇ «يۈزسىز» تەھرىر دوستۇمنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە چەكسىز بەخت تىلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-28 11:10  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش