ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى 2015-10-27 23:45
نېمىشقىكىن بۇ ئۇلىنىش ئىشلىمىدى، مەنمۇ كۆرۈپ بېقى ...
راستتىنى دېسەم ، بىزنىڭ ژۇرنالغا جايلاردىن كېلىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىسمەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىلىرىنىڭ سۈپىتى بەكلا تۆۋەن ، ئىشلىتىش قىممىتى يوق دېيەرلىك . شۇنداق بولغاچقا ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزۈم ئەسەر تەشكىللەپ يۈرۈپ ژۇرنالنىڭ ئەدەبىي بېتىنى مۇشۇنچىلىك ھالەتتە چىقىرىۋاتىمەن . ئوقۇتقۇچىلار قانچىلىك نەپ ئېلىۋاتىدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . سۈپەتلىك يېزىلغان ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ بولماسلىقى ياكى كەملىكى ، دەل مېنىڭ بېشىمنى قاتتۇرىۋاتقان بىر ئىش . مەيلى ھازىر ۋە ئىلگىرى كەلگەن ئەسەرلەر بولسۇن ، كېلىۋاتقان ئەسەرلەر ئىچىدە، يەرلىك ئاپتورلارنىڭ ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچى ئاپتورلارنىڭ تېتىملىق ئىجادىي ئەسەرلىرى بەك ئاز . كەلگەن ئەسەرلەردە تېما تەكرارلىقى ئېغىر، بايانىي تۈس بەك قۇيۇق ، بەدىئىيلىك تۆۋەن . ئىخلاس بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەردىن كۆرە ، زورۇقۇپ يېزىلغان شېئىرلار كۆپرەك . بولۇپمۇ قىسقا يېزىلغان ھېكايىلەر ، شۇنداقلا گۇمانىتار ئەدەبىي پارچىلار ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر بەك كەمچىل ! مېنىڭچە ، ژۇرنالغا تاللىنىدىغان ئەسەر بىلەن گېزىتكە بېرىلىدىغان ئەسەردە مۇئەيەن پەرق بولمىسا بولمايدۇ . نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ «شېئىر» ۋە «ھېكايە» دەپ ئەۋەتكەن يازمىلىرىنى كۆرسىڭىز ، ئۇلارغا ئىچىڭىز ئاغرىيدۇ ، ئۇلارغا شۇلارنىڭ نامىدا ئەسەر يېزىپ بەرگىڭىز كېلىپ كېتىدۇ .
مېنىڭ شوئارىم شۇكى : ئەدەبىي ئەسەر دېگەننى يازالايدىغانلار يازسۇن ، ياخشى يازالمىغانلار يەنىمۇ تىرىشىپ يېزىپ باقسۇن ، بەك بولمىسا، مەتبۇئات ۋە تەھرىرلەرنىڭ جېنىغا ئېكەك سالماي ، ئەڭ ياخشىسى ئاچالنىڭ چامغۇرىدا ئوماچ ئېتىپ ئىچىپ ، ياخشى يازغانلارنىڭكىدىن بەدىئىي زوق ئالسا ، بۇمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشقانلىق ! چۈنكى ، ياخشى ئوقۇرمەن ، پۇچەك يازغۇچىدىن ئۇلۇغ !
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ، ژۇرنىلىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە ، ئەدەبىي بەتكە «چوقۇم مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى ھەققىدىكىلا ئەدەبىي ئەسەرلەر بېرىلىدۇ» دېگەن چەكلىمە يوق . تۇرمۇش پۇرىقى ۋە پەلسەپەۋىلىكى كۈچلۈك ئەدەبىي ئەسەرلەر بولسىلا، قايسى ساھە، قايسى كەسىپتىكىلەر بولسۇن، يازغانلىرى ژۇرنالنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشسىلا ئىشلىتىۋېرىمىز . چۈنكى ، مائارىپتىن ئايرىلغان تۇرمۇش بولمىغىنىغا ئوخشاش ، تۇرمۇشتىن مۇستەسنا مائارىپمۇ ، ئوقۇتقۇچىمۇ مەۋجۇت ئەمەس . شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى ئوقۇتقۇچى بولسۇن ، بولمىسۇن ، ھەرقانداق ساھەدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ ئەدەبىي بېتىنى تېخىمۇ خۇشپۇراق گۈلزارلىققا ئايلاندۇرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ھەم قارشى ئالىمىز !
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى، ژۇرنىلىمىزنىڭ ئەدەبىي بېتى بولغان «گۈلىستاندىن گۈلدەستە» سەھىپىسىگە پەقەت تۆت بەتلا ئورۇن بېرىلگەن . شۇڭا ، ھەجمى بەك ئۇزۇن ئەسەرلەرنى ئىشلىتىشكە ئامالسىزمىز . ھەم قىسقا ، ھەم سۈپەتلىك يېزىش ، مەن - مەن دېگەن قەلەم ئىگىلىرىنىمۇ تەرلىتىدىغانلىقى ئېنىق . ئەمما ، پېشانىدىن تەپچىپ ئاققان «تەر»لەرگە ، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان «سۈزۈك ھاياجان»لارغا ژۇرنىلىمىزدا چوقۇم ئورۇن بار !
مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم :
342034862@qq.com
ئەدەبىي ئەسەرلەرلىرىڭلار بولسا، مۇشۇ ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ ! ئىلمىي ماقالىلار ژۇرنالنىڭ بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىنىشى كېرەك .
قېنى ، يەنە نېمىگە قاراپ ئولتۇرىسىز ؟ قولىڭىزغا قەلەم ئېلىڭ-دە ، سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ ئانا ژۇرنىلىمىز بولغان «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىغا «بىر دەستە گۈل» سۇنۇڭ ! بەلكىم سىز سۇنغان ئاشۇ «بىر دەستە خۇشپۇراق گۈل» ، ئەتراپىڭىزدىكى «ئەسنەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ، ئۇخلاۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە مۈگدەۋاتقان دەرسخانا» نى ئويغىتىپ قويسا ئەجەب ئەمەس !