كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 5

سەيدۇللا فىردەۋىس شېئىرلىرى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 19:11:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەيدۇللا فىردەۋىس شىئېرلىرى توغرىسىدا

ھەزرەتئەلى ئەلى



   سەنئەتكار ھاياتلىق تەجرىبىلىرىنىڭ سەنئەتكە ئايلىنىش جەريانى نۇرغۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.رىئاللىق پەيدا قىلغان كەچمىشلەر ئىستىتىك قېممەتكە ئىگەبولسىمۇ،بىۋاستە سەنئەت شەكلىگە كىرمەيدۇ.بەلكى،تەپەككۇرنىڭ بىر قاتار تاۋلىشىدىن سىنتېزلىشىدىن ئۆتىدۇ.بۇ يەردىكى تەپەككۇر ماتىماتىكنىڭ سانلارنى ئانالىز قىلىشىغا خىمىكنىڭ ماددا خۇسۇسىيەتلىرىنى ئانالىز قىلىشىغا ياكى بىرەر پەيلاسوپنىڭ جاھان – ھايات قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىش جەريانىدىكى تەپەككۇرىغا ئوخشىمايدۇ.شۇڭا،سەنئاتكارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ ئاللاقانداقتۇر ئۇلۇغ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىگە خاس ئىستىتىك قېممەت ياراتقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
شىئېر-زامان سەنئىتىگە تەۋە ئوبرازچان سەنئەت.ئۇندىكى ئوبراز ھەم مۇرەككەپ بولغان ئەمەلىيەت.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىئېر يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرىۋىتىلىدۇ.شائىرنىڭ مول تەجرىبىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا قىسقىغىنا بىر پارچە شىئېر بولۇپ چىقىدۇ.ئاشۇ بىر پارچە شىئېرنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ ئۇنچە ئاسان ئورۇندىلىدىغان جەريان ئەمەس.نۇرغۇن شىئېرىيەت ئىخلاسمەنلىرى شىئېر ھەققىدە بىر تەرەپلىمە ھالدا مەلۇم بىر ئامىلنى تەكىتلەپ كەلگەن.يەنى شىئېر –ئىلھامدۇر.شىئېر –تۇيغۇنى خاتىرىلەشتۇر.شىئېر –ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتۇر.شىئېر – تەسەۋۋۇر سەنئىتىدۇر.شىئېر –ماھارەتتۇر دېگەنگە ئوخشاش ھۆكۈملەرنى مۇنداقچە ئىيتقاندا،شىئېرنىڭ ئېنىقلىمىلىرىنى ئۇچرىتىمىز.لىكىن،ئەمەلىيەت ئۇنچە ئاددىي ئەمەس،ئەلۋەتتە،يۇقارقى تەرەپلەر شىئېردىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپلەردۇر.ئۇلار بولمىسا بولمايدۇ،مەسىلە،شىئېر نوقۇل بىر خىللا ھادىسە ئەمەس.بىر خىللا ھەرىكەت ئەمەس.
  شىئېرنىڭ تەشكىلىي تەركىبى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بىر گەۋدىسىتىل ، تەجرىبە،قاپىيە،يېزىق،مەنە(پىكىر)،ماھارەت ،يوشۇرۇن ئاڭ،ئاشكارە ئاڭ قاتارلىق ئوبىكتىپ،سۇبىكتىپ ۋە تېخنىكىۋى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئەمما،بىر پارچە شىئېردا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەڭ دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.چۈنكى،ئۇلارنىڭ شىئېر سۇبىستانسىيىسىدىكى فۇنكىسىيىسى ئوخشاش ئەمەس،ئۇلار شىئېردا تەڭسىز ھالەتتە كېسىشىدۇ.
مەن شىئېرنى سەۋىيەلىك شىئېر،سەۋىيەسىز شىئېر دەپ ئايرىشنى بەك تەشەببۇس قىلىپ كەتمەيمەن.بۇنداق ئايرىش ئەڭ ئەقەللىيسى بىر تەرەپتىن ئوخشىمىغان قوبۇللىغۇچىنىڭ،ئوخشىمىغان سەۋىيە بېكىتىدىغانلىقىدەك ئىستىتىكىلىق قانۇنىيەتكە خىلاپ بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ سەۋىيەلىك شىئېر بىلەن ئەڭ سەۋىيەسىز شىئېرنىڭ چەك – چىگراسىنى ئايرىپ بەرگىلى بولمايدۇ.شۇڭا،شىئېرنى بۇنداق ئايرىش چەكلىمىلككە ئىگە.لىكىن،ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئۆزى ئوقۇغان شىئېرغا ئۆز سەۋىيەسى بويىچە باھا يېزىپ ماڭىدۇ.بۇ باھاار ئەلۋەتتە مۇئەييەن ئۆلچەمنى شەرت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ.شۇڭا،مۇئەييەن ئۆلچەم بىلەن قەرىمەيمۇ بولمايدۇ.لىكىن،بۇ ئۆلچەممۇ نىسپىي بولىدۇ،خۇسۇسىي بولىدۇ.
  سەيدۇللا فىردەۋىس-ئۈچىنجى ئەۋلاد شائىرلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان شائىر.ئۇ تېخى 23 ياش.ئۇ ئۆزىنىڭ 16 يېشىدىن 21 يېشىغىچە بولغان قىسقىغىنە ئىجادىيەت ھاياتىدا قالدۇرۇپ كەتكەنبىر تۈ*ركۈم شىئېرلىرى ۋە ئۇندا مۇجەسسەم قىلغان گۈزەللىكلەر ئارقىلىق ياشلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىپ كەلدى.ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى مەلۇم مەنىدە فىرانسىيەلىك   شائىر ئارتور رېمبوغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ،<رېمبومۇ 15 يېشىدىن 20 يېشىغىچە داۋاملاشقان ئىجادىيەت ھاياتىدا پەقەت140 پارچىغا يېقىن شىېئر قالدۇرۇپ ،سىمۋولىزىم ھەرىكىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.ھېچقانداق بىر شائىر ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر شۇ قەدەر قىزغىنلىق بىلەن تەتقىق قىلىدىغان ئوبىكىتقا ئايلانغان ئەمەس،يەنە ھېچقانداق بىر شائىر ھازىرقى زامان شىئېرىيىتىگە ئۇنىڭدەك زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس.ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ نەسىرىي شىئېرلىرىدىكى تەسۋىرلەش ئۇسۇلىنى ۋە ئومۇم ئىتراپ قىلغان مەنە ھەم لوگىكىلىق مەزمۇنلارنى بېكار قىلىپ،شىئېرلىرىدا تۇيغۇۋىي تۈس يارىتىش جەھەتتە ئاجايىپ گۈزەللىكنى ئىجاد قىلغان> بولسا،سەيدۇللا فىردەۋىس، شىئېرلىرىدا چىن ھىسسىياتنى يادرو قىلغان تەسەۋۋۇر ،تاۋلانغان تىلۋە گۈزەل رىتىم ئۆز ئارا بىرگەۋدىلەشكەن ئاجايىپ بەدئىي گۈزەللىكنى ياراتقان.
مېنىڭچە،بىر شائىرنىڭ تەسىرىنى ئۇنىڭ يازغان شىئېرلىرىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.بۇ يىللىق (2011 – يىللىق)نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.شىۋىتسىيىلىك شائىر تىرانسىتومىرمۇ پۈتكۈل ھاياتىدا 150 پارچە ئەتراپتىكى شىئېرى ئارقىلىق دۇنياۋىي مۇكاپاتقا نائىل بولدى.بۇ جەھەتتە،ئۇ ئەڭ ئاز ئەسەر ئارقىلىق بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر شائىر دېيىشكە بولىدۇ.   سەيدۇللا فىردەۋىس شىئېرلىرىدىكى گۈزەللىك قەيەردە؟قانداق كۈچ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ؟  
بىرىنجى : ھىسسىيات گۈزەللىكى
سەنئەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر بولۇنغان ھەم ھەممىسىدە ئادەم مەركىزىي ئورۇندا تۇرغان،دوراش بولسۇن،سىھرىگەرلىك بولسۇن، ئويۇن-تاماشا بولسۇن،ئىپادىلەش بولسۇن ياكى ئاكتىپ پائالىيەتچانلىق بولسۇن ھەممىسىدە ئادەم باش رول ئالغۇچى ھەم بۇ پائالىيەتتىكى مەركىزىي سۇبىيكىت .ئادەم بۇ پائالىيەتتە مۇئەييەن ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتىن ساقىت بولمىغان .ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ناخشا ئۇسۇللىرى بولسۇن،تاغ-ئۆڭكۈرلەرگە سىزىلغان رەسىم،ئويۇلغان ھەيكەللەر بولسۇن ھەممىسىدە ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يوسۇندا بولسۇن مۇئەييەن ھىسسىيات ئىپادىلەنگەن.باشقىچى قىلىپ ئېيتقاندا،رىئاللىقتا تۇتىشىپ تۇرغان سەزگۈ ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھىسسىيات ئۇلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن دېگەن تۈزۈك.بىز دائىم تەپەككۇر ئادىتى بويىچە،بىر پارچە ئەسەردىكى بارلىق ئامىللارنى سەنئەتكار سىڭدۈرگەن دەيمىز.ئەمما،پۈتۈنلەي شۇنداق بولۇشى ناتايىن.ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئوۋ خۇشاللىقىغا چۆمگەن ۋاقتىدا تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ،ئاۋازلارنى چىقىرىپ ناخشا ئېيتقان،ئۇسسۇل ئوينىغان.دېمەك،ئۇلارنى خۇشاللىق ھىسسىياتى ئاشۇنداق جۇشقۇن ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.نەتىجىدە،ئۇلار پىشىپ يىتىلىپ بۈگۈنكى دەۋىردىكى ناخشا،ئۇسسۇل،شىئېر سەنئىتىگە ئايلانغان.شۇڭا،ھىسسىياتنى مەلۇم مەنىدە،ئىجادىيەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دېيىشكە بولىدۇ.(لېكىن بىردىنبىر ئەمەس.)
ھىسسىيات يەنە بىر جەھەتتىن كەڭ مەنىگە ئىگە.ئۇ مەلۇم مەنىدە،ئىنساندىكى سەزگۈ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن ئىنساندىكى ئىھتىياج بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بىر شائىرغا نىسبەتەن ئۇنىڭدىكى كۆرۈش ،ئاڭلاش ،تىگىش سەزگۈلىرى ئوخشاش بولمىغان ھىسسىياتلارنى پەيدا قىلىدۇ.مەسىلەن:كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق خىلمۇ-خىل نەسرىلەرنى كۆرىدۇ.شۇ ئارقىلىق پەيدا بولغان ھىسسىياتلىرىنى شىئېر قىلىپ ئىپادىلەيدۇ.جۇڭگو كىلاسسىك شائىرلىرى گۈزەل تاغ-دەريا مەنزىرىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ھىسسىياتلىرىنى ئىپادىلىگەن. مەشھۇر شائىر يىسنىن ئۆز ھىسسىياتىنى سەھرا تەبئىتى بىلەن يۇغۇرغان.يەنە بىر قىسىم شائىرلار مۇزىكا ئاڭلاش،ھەتتا،قۇشلارنىڭ سايرىشى ،شاماللارنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئىجادىيەت ئېڭىنى قوزغاتقان.ئاڭلاش سەزگۈسىگە تايىنىپ گۈەل شىئېرلارنى يازغان .ئىھتىياج مەسىلىسىگە كەلسەك،ئادەمدىكى تۈرلۈك تەبئىي ئىھتىياجلار ھەرخىل ھىسسىياتنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ ئىھتىياجلارنى ھەممىسى ئۆزىنىڭ قېنىشىنى شەرت قىلىدىغان بولۇپ،قاندۇرۇلمۇسا،شۇنىڭغا بولغان تەشنالىق ھىسسىياتىنى پەيدا قىلىدۇ.ئەگەر بىر ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىھتىياجى قاندۇرۇلمىسا ،تەشنالىق ،تەلپۈنۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ھىسسىيات شەكىللىنىدۇ.ناۋادا بىخەتەرلىك ئىھتىياجى قاندۇرۇلمىسا قورقۇش ۋە تەشۋىش ھىسسىياتى شەكىللىنىدۇ.بۇ خىل ئىھتىياج قانغان ھامانمۇددىئا يوقايدۇ.لىكىن،ئۇنىڭ ئورنىنى يەنە باشقا ئىھتىياج ئىگىلەيدۇ.شۇڭا ئادەم مەڭگۈ تولۇق قانائەتكە ئېرىشەلمەياۇ.ئىتىياجمۇ ئىجادىيەتتىكى بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر.سەزگۈ بولسۇن،ئىھتىياج بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ھىسسىياتنىڭ ئاساسىدۇر .لىكىن،سەنئەتكە نىسبەتەن،ھىسسىياتنىڭ شەكىللىنىشىلا كۇپايە ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك ئىستىتىك قېممەتكە ئايلىنىشى.سەيدۇللا فىردەۋىس شىئېرلىرىدىكى گۈزەللىكنىڭ بىرىنجىسى دەل ھىسسىيات ئارقىلىق يۈكسەك شىئېرىي گۈزەللىك يارىتىشتۇر.

تېخىچە ئازاپتىمەن،
تېخىچە يوچۇن كېچىلارنىڭ قايغۇ شاملىرىغا قاراپ ئېرىمەكتىمەن           
دېرىزەمگە ئۇرۇلۇۋاتقان سىم-سىم يامغۇرنىڭ تىۋىشى توختىغىنى يوق،
تەشتەكتىكى ئەتىرگۈل تېخىمۇ مۇڭلۇق،
ئىچىمدىكى ساڭا دېيەلمەيۋاتقان بىر ئېغىز گەپتەك.
نەمدەلگەن پەي ياستۇق كەپتەر ئەمەسكەن بىر تامچە يېشىمنى ساڭا ئىپ بارغان
ھازىرمۇ سۆيگۈ قاراڭغۇلىقىدا ساڭا تەلپۈنىۋاتىمەن .

‹قۇتۇلالماسلىق› ناملىق شىئېردىن

يەنىلا تەلپۈنۈش ئىستىكىدە مەن،
ئالتىنجى ئاينىڭ ئاپتىپىدەك كۆيدۈرگۈچى مېھرىڭگە
سېنى بىر ھەپتە كۆرمەي قاقاس تاغقا ئايلاندىم
ئەي،سۆيگۈ قۇشى
قەلب دېڭىزىڭدىن بىر تامچە ئېلىپ ئۈستۈمگە قونغىن.

‹بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈش›ناملىق شىئېردىن

سەيدۇللا فىردەۋىس شىئېرلىرىدا ھىسسىيات ناھايىتى قويۇق،مول ،چوڭقۇر ھەم قايناق .ئۇ شىئېرلىرىدا ھىسسىياتنى تىل ئارقىلىق جەۋھەرلەشتۈرىۋەتمەيدۇ.بەلكى،ئۇنى تاۋلاو،بېيىتىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ،مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.كەلگۈسىزىم،ئىپادىزىم ئېقىمىدىكى بىر قىسىم شائىرلار شئىېرىي تىلنى ئىخچاملاش،سۈپەت ،رەۋىش قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ پىئىل ،ئىسىملارنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ئىشلىتىپ ھىسسىياتنىڭ جەۋھىرىنى ساقلاپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.چۈنكى،سۈپەت،رەۋىشلەر شىئېرىي جۈملە بولسۇن،نەسىرىي جۈملە بولسۇن ،ئومۇمەن،ئۇنىڭدا بايان قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ سۈپىتىنى ،ھالىتىنى ئېنىقلاپ كېلىپ جۈملىنىڭ كېڭەيگەن بۆلىكىنى ھاسىل قىلىدۇ.جۈملىنى كېڭەيتىدۇ،ئۇزارتىدۇ.پىئىل ،ئىسىملارنىڭ ئەسلىي ھالىتى ھىسسىياتنى تېخىمۇ بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.(ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ شىئېرلىرىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئانچە-مۇنچە ئۇچرايدۇ.)ھىسسىياتنى بۇ خىل ئىپادىلەش بىر خىل جىددىي كەيپىيەت ھاسىل قىلىدۇ.سەيدۇللا فىردەۋىس شىئېرلىرىدا بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،تىل ئىخچاملانماي ئەركىن قويۇۋىتىلگەن،ھىسسىيات يۈگەنسىز ھالدا چاپىۋەرگەن.تىل ھىسسىياتنىڭ تەلىپى بويىچە،دولقۇنسىمان سوزۇلغان،نەسىرىي تۈس قويۇقلاشقان(ئەركىن شىئېرلىرىدا)تىلنى ئىخچاملاش ئارقىلىق ھىسسىياتنى جەۋھەرلەشتۈرۈشنىڭ ئەكسىچە،ھىسسىيات بېيىتىلىپ،تىل سوزۇلۇپ،مۇكەممەل تاۋلانغان شىئېرىي دۇنيا ھاسىل قىلىنغان.شۇڭا،ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى ھىسسىيات ناھايىتى تەسىرچان.
سەيدۇللا شىئېرلىرىدىكى ھىسسىيات كۆپىنچە ئىھتىياج مەنبەلىك ھىسسىياتتۇر.بۇ قاندۇرۇلمىغان ئىھتىياجلار بىر خىل چوڭقۇر ئىچكى تەشنالىق ھىسسىياتىنى شەكىللەندۈرگەن.بولۇپمۇ،مۇھەببەت ئىھتىياجى بىلەن فىزىئولوگىيەلىك ئىھتىياج تۈپەيلى شەكىللەنگەن تەشنالىق ھىسسىياتى،سېغىنىش ھىسسىياتى،ئامالسىزلىق ھىسسىياتى يالغۇزلۇق،غېرىبلىق چۈشكۈنلۈشۈش ھىسسىياتى،يېتىلگەن كىشىدە بولىدىغان جىنسىي ئىھتىياجنىڭ قاندۇرۇلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان قاغجىراش ھىسسىياتى قاتارلىقلار ئەكىس ئەتكەن.بۇ ھىسسىياتلار ناھايىتى تەسىرچان ئەكىس ئەتكەن.ھىسسىيات مەركىزىي ئورۇنغا ئۆتكەن.ماھارەت،تېخنىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن.ئىستىلىستىكا ئەقلىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان،ئىچكى ھىسسىيات بۇلىقى سۆزلەرنى ئۆز پەرۋازىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان.
سەيدۇللا شىئېرلىرىدا سەزگۈ تىپىدىكى ھىسسىيات ئەكىس ئەتكەن شىئېرلار ئانچە – مۇنچە ئۇچرايدۇ.لىكىن كۆپ ئەمەس.شۇنداقتىمۇ،مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغا شىئېرلار بار.

ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان
ھەم قولى تېرەلگەن دېرىزىلەردەك
كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان
ھەم كىرپىكلىرى ئەسلىمىلەرنى ساڭگىلاتقان
ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان
ئاي شولىسى يۈزىنى يېرىم يورۇتقان.
ئەكەلمەمسەن،
قانلىرىڭ بىلەن نەمدەلگەن شۇ كەچكى شەپەقنى
ئەكەلمەمسەن،
مېنى قۇچاقلىۋالغان بۇلۇتنىڭ يامغۇرلىرىنى
ئەكەلمەمسەن،
بىزنى قارايتىۋاتقان شۇ دەرەخنىڭ ئۈستىگە ئاي شولىسىنى
ھەمدە قىزغىن سۆيۈشلەر بىلەن بىللە،
بېشىڭنى مۈرەمگە قويغۇدەك شۇ كېچىنى.
ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان
كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان
كېچە يېرىملاشقان...

‹ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان›ناملىق شىئېردىن.

بۇ شىئېردا سەزگۈ تىپىدىكى ھىسسىيات بىلەن ئىھتىياج مەنبەلىك ھىسسىيات ئۆزئارا كىرىشتۈرۈلۈپ دولقۇنسىمان ھىسسىيات پەيدا قىلىنىپ،ياخشى بەئىي ئۈنۈم يارىتىلغان.بىرنجى،ئۈچىنجى بۆلەكتە كۆرۈش سەزگۈسى ئاساسىدا ناھايىتى نەپىس ھەيكەل گۈزەللىكى يارىتىلغان.بۇ خىل گۈزەللىكنى ئەڭ دەسلەپ ئاۋىستىرىيە شائىرى رېلكى شىئېرغا ئېلىپ كىرگەن.ئۇ< فىرانسىيەلىك مەشھۇر ھەيكەلتاراش رودىن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا بىر مەزگىل كاتىپ بولغان ھەم بىللە تۇرۇش جەريانىدا رودىننىڭ ماتىرىيال تاللاش ،شەيئىلەرنى كۈزىتىش ئۇسۇلىدىن ئىلھام ئىلىپ،نوقۇل ئىچكى دۇنياغا بېرىلىشتىن تەبىئەت ۋە چىنلىقنى كۈزىتىشكە ،سۇبىكتىپ ئۆزلۈكنى يېزىشتىن ئوبىكتىپ شەيئىلەرنى ئىنچىكە تەسۋىرلەشكە ئۆتكەن.شىئېرلىرىدىكى ئاددىي مۇزىكىدارلىقنىڭ ئورنىنى نەپىس ھەيكەل گۈزەللىكى ئالغان>.شۇنداقلا،‹دوينۇ مەرسىيىسى›قاتارلىق ئىسىل شىئېرلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.سەيدۇللانىڭ بۇ شىئېرى دەل رېلكى ۋاز كەچكەن سۇبىكتىپ ئۆزلۈكنى تەسۋىرلەش بىلەن ئوبىكتىپ شەيئىنى تەسۋىرلەشنى بىرلەشتۈرگەن. ھەم ئۆزگىچە بەدئىي ئۈنۈم ياراتقان.
سەيدۇللا شىېرلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر خىل چوڭقۇر ھىسسىيات ئېقىپ تۇرىدۇ.بۇ ھىسسىيات ئوقۇرمەن بىلەن شائىرغا ئورتاق بولغان تىل ئارقىلىق ھۇزۇرلانغۇچىنىڭ قەلبىگە ئېقىپ ئۆتىدۇ.

ئىككىنجى:تەسەۋۋۇر گۈزەللىكى
شائىرغا ئىجادىيەت سەپىرىدە،سەيياھقا سۇ كېرەك بولغىنىغا ئوخشاش زۆرۈر بولغان دەسمايە –تەسەۋۋۇردۇر.ئۇ مەلۇم مەنىدە،شائىرنىڭ شائىرلىق ئىستىداتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىچكى ئامىلدۇر.تەسەۋۋۇرى ياخشى قاناتلانغان بىر شائىرنىڭ شىئېرلىرىدا ئىستىلىستىكا ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.تەسەۋۋۇر دۇنياسىنىڭ ئۆزى چەكسىز بىر ئىستىلىستىك دۇنيا.شىئېردا تەسەۋۋۇرنىڭ ئىددىيەگە تاناسىپ ھالدا قاناتلىنىشى شىئېرنىڭ سىھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.كۈچلۈك تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇششائىرلىقتىن ئىبارەت نامغا ھەقىقىي تۈردە ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.خۇددى ،گىيۇتى ئېيتقاندەك ‹ھەممىگە سىڭىپ كىرىدىغان،ھەممىنى زىننەتلەيدىغانتەسەۋۋۇر ئۈزلۈكسىز تۈردە تۇيغۇغا ئوزۇق بولۇپ قوبۇل قىلىنىۋىرىدىغانلىقى ئۈچۈن،جەلب قىلىش كۈچۈ بولىۋىرىدۇ.ئىدراك بىلەن بىرلىشىۋىرىدىغانلىقى ئۈچۈن  ،قېممەتلىك بولىۋىرىدۇ.›دېمەككى،تەسەۋۋۇر شىئېرنىڭ ئاتموسفىراسىدۇر.ئۇ بولمىسا،شىئېر قانىتىدىن ئايرىلغان قۇشتەك،سۇدىن ئايرىلغان لەشتەك ئۆزى مەۋجۇت ئەمما،ھاياتى كۈچى بولمىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.تەسەۋۋۇر شىئېرنىڭ ئاتموسفىراسى بولۇپلا قالماستىن،شىئېرنىڭ ھۆسنى ۋە بېزىكىدۇر.
شەر*ق سەنئىتى دۇنيا سەنئەتكارلىرىنىڭ نەزىرىدە ىويۇق سىھرىي تۈسكە ئىگە سەنئەت دەپ قارىلىدۇ.ھىيوگو غەرب بىلەن شەر*ق سەنئىتىنى سېلىشتۇرۇپمۇنداق دەيدۇ:‹سەنئەتنىڭ ئىككى خىل پىرىنسىپى بار.ئۇ بولسىمۇ،غايە ۋە تەسەۋۋۇردۇر.غايە-ياۋروپا سەنئىتىنى ياراتتى.تەسەۋۋۇر-شەر*ق سەنئىتىنى ياراتتى.›غايە ئەقلىي تەلپۈنۈشنى ئەكىس ئەتتۈرسە،تەسەۋۋۇر سۇبىكتىپ ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.شەر*قنىڭ سىھىرلىك تۇيۇلۇشى،شەر*ق سەنئىتىنىڭ قويۇق مىستىتىكىلىق خاھىشقا ئىگە بولۇشىنى دەل ئۇنىڭ مول تەسەۋۋۇرغا تويۇنغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.شەر*قلىقلەر تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ،غەرپلىكلەر ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىش ئەنئەنىگە ئىگە.شەر*ق مەدەنىيىتىدىكى نۇرغۇن ئادەتلەر پەرھىزلىك،مىستىتىكىزىملىق خاھىشقا ئىگە.غەرب مەدەنىيىتىدە،ئېچىۋىتىشچانلىق ئاساسىي مىلودىيەگە ئايلانغان.غەرب شىئېرىيىتىنىڭ پەيدىنپەي مىخانىكىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى شائىرلارنىڭ زىيادە غايىۋىزىمچى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.غايە غەرب تەپەككۇرىدىكى مۇھىم يىلتىز.بۇنداق غايىۋىزىملىق ،ئەسەردىكى مەقسەت –مۇددىئانى كۈچەيتىپ،سەنئەتنى ئەقلىيلەشتۈرىۋىتىدۇ.شىئېرنى تېخنىكا،ماھارەت،ھۈنەر چىكىگە ئېلىپ كىرىدۇ.مەن سەنئەتتىكى غايىۋىزىملىقنى چەتكە قاقمايمەن.ئەمما،سەنئەتنىڭ مەقسەت-مۇددىئانىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىشىنى خالىمايمەن.
سەيدۇللا شىئېرلىرى دەل ئەقلىيلىق ۋە غايىۋىزىملىق خاھىشىدىن يىراق ھەم سۇبىكتىپ پائالىيەتچانلىق ئاستىدىكى مول ھىسىي تەسەۋۋۇرغا يويۇنغان بولغاچقا ،چوڭقۇر ھىسىي دۇنيا بەرپا قىلىنغان. مىخانىكىلىشىشتىن يىراق.گۈزەل تەسەۋۋۇر، قايناق ھىسسىيات بىلەن بىرلىشىپ كىشىنى ھەقىقىي مەستخۇشلۇققا ئېلىپ كىرىدۇ.

مەي بولغان يۈرىكىم كۆيەر پىژىلداپ،
ئالدىمدىن ياش تۆكۈپ ئۆتۈپ كەتتى ئاي.
چېقىلغان قەدەھتىن چىقماقتا چاچراپ،
مەن ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغان بىر چىراي.

‹ مەھبۇس ›ناملىق شىئېردىن.

بۇ كۇبلىتتىكى تەسەۋۋۇر قاتلىمىنى يېشىپ كۆرەيلى.
بىرىنجى مىسرادىكى تەسەۋۋۇر قاتلىمى-سۆيگۈ پىغانىدا دەرد-ھەسرەتكە مۇپتىلا بولغان كۆيۈۋاتقان يۈرەك.سۆيگۈ ئازابى ئاچچىق بولىدۇ.شۇڭا ئۇ مەيگە تەققاسلانغان.باغلانما تەسەۋۋۇر قانات يايدۇرۇلۇپ،شىئېر سۇبىكتىنىڭ خۇسۇسىي تەجرىبىلىرى تېخىمۇ خۇسۇسىيلاشقان ،ئابىستىراكىتلاشقان.
ئازابلىنىش تۇيغۇسى،كۆيۈش تۇيغۇسى ئوخشاشلىققا ئىگە.لىكىن،سۆيگۈدىكى ئازاب تۇيغۇسى‹پىژىلداپ›دېگەن ئاۋاز تەقلىدىنى قوبۇل قىلمايدۇ.لىكىن،بۇ شىئېردا قوبۇل قىلىنىش ئارقىلىق ھىسسىي دۇنيا ئوبرازلاشتۇرۇلغان.
ئىككىنجى مىسرادىكى تەسەۋۋۇر قاتلىمى-بۇ مىسرا كەيپىياتقا ئىنتايىن ماسلاشقان.سىرتقى دۇنيا پىسخىك دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن،ئىچكى دۇنيامۇ،ئوبىكتىپ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.لىكىن بۇ تەسىر ماددى خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەسبەلكى پىسخىك ھالەتتىكى تەسىر بولىدۇ.مەسىلەن،ئاينىڭ كېچىدە بۇلۇتلارنى يېرىپ مېڭىشى ئازاب ئىچىدىكى بىر ئادەمگە نىسبەتەن ياش تۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىشى مۇمكىن.خۇشال بىر ئادەمگە كۈلۈمسىرەپ كېتىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈنىشى مۇمكىن.بۇ مىسرادا شائىر ئۆز كەيپىياتىنى ئايغا باغلىغان.ھەم توقۇلما تەسەۋۋۇر شەكلى ئارقىلىق ئىچكى دۇنيانى ناھايىتى يارقىن ئىپادىلىگەن.
ئۈچىنجى،تۆتىنجى مىسرادىكى تەسەۋۋۇر قاتلىمى-بۇ مىسرادىكى تەسەۋۋۇر ناھايىتى كەڭ،ئاممىۋىيلىققا ئىگە.ئۇ ھەرقانداق ئادەمدە بار،يەنى،مېڭىدىكى ساقلىنىپ قالغان خاتىرىلەردە ساقلىنىپ قالغان ئوبرازلارنىڭ قايتا ئەكىس ئېتىشىدىن ئىبارەت قايتىلانما تەسەۋۋۇر شەكلى بىلەن ھىسسىيات چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان.لىكىن،قايتىلانما تەسەۋۋۇردىكى.وبرازنىڭ كونكىرت تەسۋىرى مەۋھۇم قالدۇرۇلۇش ئارقىلىق ئىستىتىك بوشلۇق ھاسىل قىلىنغان.ئۇنىڭدىن باشقا ،قايتىلانما تەسەۋۋۇرنىڭ شەكىللىنىش،پەيدا بولۇش ئورنى ۋە ھالىتى قەدەھنىڭ چىقىلىشى ۋە قەدەھنىڭ ئىچىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ماكان،زامان ئىچىگە قويۇلۇپشىئېرىي گۈزەللىك يارقىنلاشتۇرۇلغان،شىئېرىي مۇھىت كېڭەيتىلگەن.

ئالدىمدا سىلكىنەر ئاينىڭ شولىسى،
قەدەھتە چايقالغان كۆزلىرىڭ كەيىپ.
چىڭ باغلاپ تۇرىدۇ قەلبىمنى ساڭا،
ئاھ،قوڭۇر چېچىڭدەك كۆرۈنمەس بىر يىپ.

‹ مەھبۇس › ناملىق شىئېردىن.

بىرىنجى ،ئىككىنجى مىسراغا نەزەر.
شىئېردىكى كۆرۈنۈش رىئال كۆرۈنۈشمۇ ياكى خىيالىي كۆرۈنۈشمۇ؟بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن،ئاۋۋال شىئېرنىڭ ماۋزۇسىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.‹مەھبۇس› بۇ پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.شائىر سۆيگۈ سەۋداسىدا روھىي ئازاب چەككۈچى.ھەقىقىي مەھبۇس جىنايەت ۋە گۇناھ تۇيغۇسىدا روھىي ۋە جىسمانىي ئازاب چەككۈچى.دېمەك،ماۋزۇ ئوخشاتما تەسەۋۋۇرنىڭ مەسھۇلىدۇر. بۇ يەردىكى تەسەۋۋۇر ئىچىدە ئىستىلىستىكا مەۋجۇت. ئەلۋەتتە،ئىستىلىستىكا بىلەن تەسەۋۋۇر كۆزىتىش نۇقتىسىدىن ئايرىم نەرسە دەپ قارالسىمۇ،ئەمما،گاھىدا مەۋجۇتلىقى بىردەك بولىدۇ.ئەمد ،ماۋزۇدىن بىرىنجى مىسراغا نەزەر سالساق،مەنىۋىي مەھبۇس ھېسابلانغان شائىرنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ھىسسىي پائالىيەتتۇر.‹مەھبۇس›قا نىسبەتەن ئارزۇ –ئىستەكلەر پەقەتخىيال ۋە تەسسەۋۋۇر سۈپىتىدە يۈز بېرىدۇ.بۇلار ئاشۇ ئارزۇ-ئىستەك،خىياللارنىڭ ئوبىكتىپلاشتۇرۇلىشىدۇر.

ئۈچىنجى،تۆتىنجى مىسرادىكى تەسەۋۋۇر قاتلىمى-جەلبنى –قەلبكە باغلاپ تۇرىدىغىنى-رىشتە.ئوبرازلاشتۇرۇلغاندا بىر خىل كۆرۈنمەس يىپ.شىئېردىكى تەسەۋۋۇر ئىزچىل ھالدا مېڭىدە ساقلىنىپ كەلگەن خاتىرىلەرگە بېقىنىدۇ.كاللىدا،ئازابلىق ئىشلار خۇشاللىقلارغا قارىغاندا بەكرەك ساقلىنىپ قالىدۇ.چۈنكى،ئازاب تۈگۈندىن ھاسىل ھاسىل بولىدۇ.(تۈگۈننىڭ يېشىلىشى خۇشاللىقتۇر.)ئازاب پەيدا قىلغۇچى تۈگۈنئادەمنى ھەر قاچان ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ.نەتىجىدە،ئازابقا مۇناسىۋەتلىك بولغان خاتىرىلەر تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىپ،مېڭىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئورناپ ئۇنتۇلماس بولۇپ كېتىدۇ.مەھبۇسنى ھاياتقا باغلاپ تۇرىدىغىنى رىشتە.ئۇ خالىغان نەرسىگە بولغان رىشتە بولۇشى مۇمكىن.تەسەۋۋۇرنىڭ رولى ئىچكى دۇنياغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇر.

ئۇ كۈندۈزنى پۈۋلەپ ئۆچۈرگەن،
شەپەقنى قانلىرىدا نەمدىگەن
ئۇ بۇلۇتلاردەك قايغۇغا چۆمگەن
ھەم قاراڭغۇلۇققا قارىتىپ قويۇپ يورۇق دېرىزىسىنى
ئالدىدا شام يورۇقىدەك ئولتۇرغان
ئۇ ئاينى بىر قىز دەپ قىياس قىلغان
ھەم ئەتراپىغا سۆيۈش مارجانلىرىنى چېچىۋەتكەن.

-‹ئۇ كېچىگە قاراپ يۈگۈرگەن›ناملىق شىئېردىن

بۇ مىسرالاردىكى ئىجادىي تەسەۋۋۇر كىشىنى قايىل قىلىدۇ.پۈتكۈل كۈندۈزنى پۈۋلەپ ئۆچۈرۈش ،قېنى بىلەن شەپەقنى قىزارتىش،يامغۇرلۇق بۇلۇتتەك قايغۇغا چۆكۈش قاتارلىق مول توقۇلما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق كەيپىيات يارقىنلاشتۇرۇلغان ،ھىسسىيات چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان.

تىل گۈزەللىكى
سەنئەتنىڭ خىلمۇ خىل تۈرلىرى ئىپادىلەش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ شەكىللەنگەن. ئەدەبىيات،تىلنى ۋاستە قىلغانلىقىن ئۈچۈن،تىل سەنئىتى دەپ ئاتالغان.لىكىن،مۇزىكا رەسساملىق ،ھەيكەلتاراشلىق ،ئۇسسۇل قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بولغان سەنئەت تىلى بولۇپ،ئۇلاردىمۇ تىل سەنئىتى ئامىلى بولىدۇ.لىكى،نىگىزى ئوخشىمايدۇ.بىرىنجىدىن،ئەدەبىياتتىكى تل ئوخشىمايدۇ.ماھىيەت بىردەك ئەمەس.ئىككىنجىدىن ، ئاساسلىق سەنئەتلەندۈرۈش ۋاستىسى ئوخشىمايدۇ.ئەدەبىياتتا،تىل سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ.مۇزىكا ئاۋاز ھادىسىسىنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ.ئۇسسۇل، ھەرىكەت –قىياپەتنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرسە،ھەيكەلتاراشلىق شەكىلنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. شىئېر بولسا،ئەڭ نەپىس تىل سەنئىتىدۇر.ئۇنىڭدىكى تىل ئەدەبىياتنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىكى تىلغا قارىغاندا،تېخىمۇ گۈزەل ،تېخىمۇ جەلىپكار بولىدۇ.
  شىئېردىكى تىل مەلۇم مەنىدە،ئەپسانىۋىي سىھىرلەنگەن تىلدۇر.چۈنكى،شىئېردىكى تىل،ھىسسىي دۇنياغا ئۇيغۇنلاشقان.ئىنساننىڭ ھىسسىي دۇنياسى ھامان رىئاللىقتىن چەتنەپ كېتىدۇ.ئۇ ئادەتتىكى تىل بىلەن پەرقلىق گاھىدا لوگىكىسىز بولىدۇ. لىكىن،ھۇزۇرلاندۇرۇش قېممىتىگە ئىگە بولغاچقا،بىز قوبۇل قىلىۋىرىمىز.
ئەمەلىيەتتە تىل پىسخىك دۇنياغا ،پىسخىك ھەرىكەتكە نىسبەتەن تولىمۇ كالۋا نەرسە.ئۇ ئادەمدىكى ئىنچىكە پىسخىك ئۆزگۈرىشىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تولىمۇ ئاجىز.لېكىن ،بىز تىلنىڭ بىر خىل بەلگە پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ،ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ئىمكانقەدەر ئىچكى دۇنيانى چىن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىمكانىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.سەيدۇللا شىئېرلىرىدىكى گۈزەللىكنىڭ يەنە بىرى دەل شىئېرىي تىلدىكى گۈزەللىكتۇر.
بىرىنجى،تىلنى پىششىقلاش.بىر قىسىم سۈپەت،رەۋىش ،باشلىغۇچىلار ئارقىلىق ھىسسىياتنى تېخىمۇ بېيىتىپ،تىلنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش.
سەيدۇللا شىئېرلىرىنىڭ‹ ھىسسىيات گۈزەللىكى › دە ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك،ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتە،تىلنى ئىخچاملاپ،ھىسسىياتنى جەۋھەرلەشتۈرىۋەتمەيدۇ.ئەكسىچە،بىر قىسىم سۈپەت،رەۋىش ،باغلىغۇچىلار ئارقىلىق،ھىسسىيات،كەيپىيات ئۈزلۈكسىزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.ھەم ، شىئېردىكى ئىچكى دۇنياغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شۇنچە يىراقتۇر،
شۇنچە بىپاياندۇر
ھەم سۇس كۆك رەڭگە تولغاندۇر
ئاپتىپى زىمىننى يىلىنجاتقاندۇر
ئاندىن،بۇلۇتلارنى ئېلىپ كەلگەندۇر
كەچكى شەپەقنى نەمدىگەندۇر يامغۇرلار
ھەمدە،ئاستا كۆز يۇمغاندۇر.
...
-‹ئاسماندەك› ناملىق شىئېردىن.

بۇ خىل تىل ئارقىلىق ھىسسىياتنى،كەيپىياتنى ئىزچىللاشتۇرۇش سەيدۇللا شىئېرلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.بولۇپمۇ،ئەركىن شىئېرلىرىدا ‹ۋە،ھەمدە،ھەم،ئاندىن،ئاۋۋال›قاتارلىق سۆزلەر ئارقىلىق مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.ھەم،ئىچكى كەيپىيات ئورتاقلىقى ئاساسىدا،شىئېرى گۈزەللىك يارقىنلاشتۇرۇلىدۇ.بەدئىي قۇۋۋەت ئاشۇرۇلىدۇ.
ئىككىنجى،تىلنىڭ مەنە دائىرىسىنى كېڭەيتىش
شىئېردا كەيپىياتقا،ھىسسىياتقا ماس بولغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش ناھايىتى زۆرۈر ھەم زور ئۈنۈمگە ئىگە.ئەمەلىيەتتە،مەلۇم خىل ھىسسىيات كەيپىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قاتار مەنىداش سۆزلەر بولىدۇ.مەسىلە ئاشۇ نۇرغۇن سۆزلەر ئىچىدىن ئەڭ مۇۋاپىقىنى تېپىپ چىقىش بولمىغاندا،يېڭى سۆز ۋە بېرىكمىلەرنى ئىجاد قىلىش،سۆزلەرنى قايتىدىن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش،سۆزنىڭ ، بېرىكمىلەرنىڭ مەنە دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

كەلمىدىڭ،
سېغىنىش ئىچىدىكى جاراھىتىمگە
ئىستەك ئەتىرگۈللىرى ئېچىلدى توزىدى
ئىشىك چىكىلمەي تۇرۇپلا جىمجىتلىققا ئايلاندى.

‹مۇمكىنسىز ئىشەنچ›ناملىق شىئېردىن

‹قايغۇ يامغۇرلىرى›،‹ئىستەك ئەتىرگۈللىرى›،‹غەم تۆگىلىرى›،‹سەلتەنەتلىك غېرىبلىق›دېگەنگە ئوخشاش ئىچكى ھىسسىياتقا ئۇيغۇنلاشقان بېرىكمىلەر شىئېرغا ئالاھىدە گۈزەللىك بېغىشلايدۇ.بۇ خىل لىكسىك گۈزەللىكمۇ سەيدۇللا شىئېرلىرىنىڭ تىلىدىكى گۈزەللىكنىڭ بىر تەرىپى.
ئۈچىنجى،تىلدىكى يېپىشقاقلىق.بۇ مىسرالارنىڭ راۋانلىقىدىن پەيدا بولغان گۈزەللىك ،سۆزلەرنىڭ ئەقلىي رەۋىشتە مىخانىك ھالدا قوراشتۇرۇلۇپ قويۇلۇشى ئەمەس،بەلكى،ئىدىيە ،ھىس – تۇيغۇنىڭ تەبئىي رىتىمى بويىچە،ئەركىن ئىپادىلىنىپ چىقىشى . ئۇنىڭ ئەركىن شىئېرلىرىدا بولسۇن،ۋەزىنلىك شىئېرلىرىدا بولسۇن،مىسرالارنىڭ شۇنداقلا،ھەر مىسرادىكى سۆزلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېپىشقاقلىقى ئالاھىدە كۈچلۈك.تىل ناھايىتى راۋان بولۇپ،ئىچكى دۇنياغا پەيدىنپەي چوڭقۇرلاپ كىرىش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلايدۇ.

مەن سېنى سېغىندىم بۈگۈن كەچ يەنە،
قاغجىراپ كەتمەكتە مەندىكى بوز يەر.
دەھشەتلىك يوسۇندا ئېقىپ كىرگىن ،ئاھ
يېرىلغان يۈرەكنىڭ ئىچىگە قەدەر.

ئىسمىڭنى توۋلايدۇ مەندىكى يۈرەك،
كۆزۈمنىڭ ئىچىدە كۆيىدۇ تۇرقىڭ.
لىۋىمنى لىۋىڭگە تەگكۈزمىگىچە ،
گىلىمغا سۈركىلەر سېنىڭ پىچىقىڭ.
‹سېغىنىش›ناملىق شىئېردىن.

سەيدۇللا شىئېرلىرىدا مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق ئومۇمەن كەڭ ئەمەس،سۆز ۋە مىسرالار بىر-بىرىگە يېپىشقاق بولۇپلا قالماستىن،پىكىر ۋە مەنەمۇ ئىزچىلىققا ئىگە.مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ماسلىشىشچانلىق ئۇنىڭ شىئېرلىرىغا ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىلغان.يەنە بىر تەرەپتىن،مىسرالاردىكى، سۆزلەردىكى  يېپىشقاقلىق شىئېردىكى مۇزىكىدارلىقنى ئاشۇرغان.ئەركىن شىئېر بولسۇن،ۋەزىنلىك شىئېر بولسۇن،سۆز ۋە مىسرالارنىڭ راۋانلىقى ئىچكى ھىسسىياتقىلا ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ،ئىچكى رېتىم ناھايىتى گەۋدىلىك.ۋەزىنلىك شىئېرلاردىمۇ تاشقى رېتىم بىلەن ئىچكى رېتىم ناھايىتى مۇستەھكەم بىرلەشكەن.ئومۇمەن،تىل گۈزەللىكى شىئېرىي گۈزەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى.
  شىئېردىكى گۈزەللىك ھەرگىزمۇ يۇقارقى ئۈچ تەرەپلىك ئەمەس،ھىسسىيات بولسۇن،تەسەۋۋۇر بولسۇن،تىل بولسۇن ،بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يەككە-يىگانە ھالدا،شىئېردىكى چوڭقۇر گۈزەللىكنى پەيدا قىلالمايدۇ.ئۇندىن باشقا،رېتىم ،ئىستىلىستىكا،شىئېرىي ئوبراز قاتارلىق ئامىللارمۇ يالغۇز رول ئوينىمايدۇ.بەلكى،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئارا گىرەلەشكەن.بىر – بىرىگە بېقىنغان ھالدا كۈچ كۆرسىتىدۇ.لىكىن،باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك،بىر پارچە شىئېردا ياكى بىر شائېرنىڭ شىئېرلىرىدا يۇقارقىلار ئىچىدىكى مەلۇم تەرەپ ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن.ئەمما،بۇ ھەرگىزمۇ شىئېرنىڭ نوقۇل شۇ ئامىلدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.شۇڭا،شىئېر –نوقۇل ھىسسىياتنى ئىپادىلەش ئەمەس،تەسەۋۋۇر سەنئىتىمۇ ئەمەس،ھۈنەر ، ماھارەتمۇ ئەمەس،ئىلھاممۇ ئەمەس ،بەلكى، ئۇ بىر خىل ئۇنۋىرساللاشقان سەنئەت.



idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  96
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 398
تۆھپە : 1
توردا: 86
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 20:35:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالەڭگە مۇبارەك  بولسۇن !   ئۇ تەڭتۇشلىرىمنىڭ ئىچىدىكى مەن ئەڭ ھەۋەس قلىدىغىنى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 503
تۆھپە : 10
توردا: 83
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 21:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق.قۇرداشلىرىڭىزغا بەرگەن ئىلھاملىرىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 2
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 22:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيدۇللا فىردەۋىس شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈردى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەن ئۈچۈنمۇ بەكلا يېقىشلىق...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 13:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئەلىنىڭ  تەپەككۇر قۇۋىتىنىڭ خېلى كۈچلۈكلىكى بۇ ئوبزور ماقالىسىدا يارقىن گەۋدىلىنىپتۇ.بۇ يەردە ئىككى سەرخىللىق بار.بىرى : سەيدۇللا فىردەۋىسنىڭ شئېىرلىرى.يەنە بىرى: ھەزرەت ئەلىنىڭ يۇقۇرقى ئوبزورى.مېنىڭچە ھەزرەت ئەلى مىكرۇ ئوبزور يېزىش بىلەن بىللە يۇقۇرقىدەك سالماقلىق ئوبزورلارنى يېزىش ئىشىنى ئوخشاش ئېلىپ ماڭغىنى ياخشى ئىش.بولۇپمۇ يۇقۇرقىدەك سالماقلىق ئوبزور يېزىش __ ھەزرەت ئېلىنىڭ تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،يۇقۇرى دەرىجىلىك تەھلىل قىلىش قابىليىتىنى يېتىلدۈرۈشتە پايدىسى زور بولىدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 21:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شئېىرنى ۋە بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى «سەۋىيە» سۆزى بىلەن باغلاشقا  توغرا  كەلسە  چوقۇم «بەدئىي » دېگەن سۆز قوشۇلىشى كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن.ساپ خۇسۇسىيەتكە (بەدئىيلىككە ) ئىگە بولمايدۇ.ئىنسانىيەت ياراتقان بىلىم ئەڭ چوڭ جەھەتتە دىن،سەنئەت ،ئىلىم-پەن قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان.ئەدەبىيات جۈملىدىن شئېىريەت ئپادىلەش ئامىلى نوقتىسىدىن ئالغاندا سەنئەتكە،ئەكس-ئەتتۈرگەن مەزمۇن نوقتىسىدىن پەنگە تەۋە.بەدئىي سەۋىيە شائىرنىڭ بەدئىي جەھەتتىكى ماھارىتىنىڭ يۈكسەكلىكى ياكى يۈكسەك ئەمەسلىكىگە قارىتىلىدۇ.ئوقۇرمەنلەرگە قارىتىلغاندا زوقلىنىش (ھوزۇرلىنىش دەرىجىسىنىڭ ) سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرى ياكى تۆۋەنلىكىگە قارىتىلىدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش