ئەسسالامۇئەلەيكۇم  مۇنبەردىكى  ئەزىزلەر:
مۇنبىرىمىز ئاۋازلىق ئەسەر سەھىپىسى يەنە مۇنۇلارنى ئويلاشتى: 
بىرىنچىدىن،مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كىچىككىنە بولسىمۇ يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىپ ، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئىككىنچىدىن، مۇنبىرىمىزنىڭ تەكلىپلىك تەرجىمانلىرىنىڭ جاپالىق خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىن  ئىلھام – مەدەت بېرىش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن ھەر ئايدا ئىككى قېتىم ئەدەبىي ئىجادىيەت خەۋەرلىرىگە ئائىت مۇھىم – قىزىق نۇقتىلارنى «ئەدەبىي خەۋەرلەر  پروگراممىسى» تەسىس قىلىپ، بۇ پروگراممىمىز  ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تورداشلارغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. 
    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ، تۇنجى خەۋەر پروگراممىمىزنىڭ  سىناق نۇسخىسىنى دېققىتىڭلارغا سۇندۇق. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەسمىز، شۇڭا ئەزىز  دوستلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن  قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى قالدۇرىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمىز.
  ھۆرمەت بىلەن: تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى
   شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى ئاۋازلىق ئەسەر سەھىپىسى
چۈشۈرۈش ئادرېسى: 
mp3/Hawar1-san.mp3
ئاۋازدا: تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى
مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى: ئەزىز ئىمىر يانغىن
نازارەتچى: ئابلا ئىسھاق پەروزان
باش مۇھەررىر: ئەيبۇ ياقۇپ
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elqizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-7 12:44