شاڭجاڭ دەرياسى بويىدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى
__ "تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى" چاڭشا دىكلاماتسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى، خۇنەن ئۆلكىلىك شىئېرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات پائالىيىتى «تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» چاڭشا دىكلاماتسىيە پائالىيىتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن ئاۋال چاڭشا __ ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىل بېيجىڭ، شەڭخەي، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان «تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتى ــ شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى غەيەت زور نەتىنجىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ناماييەن قىلىش، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى تەشۋىق قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە جەلبكارلىقىنى شىئېردىن ئىبارەت يۇقۇرى سەنئەت شەكلى بىلەن ئىپادىلەش، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسپداش ئەدىبلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۈگۈنىش ۋە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلدى.
تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىدىكى نەق مەيدان دېكلاماتسىيە پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋاڭ يۈۋېن، شۈي يۈنشەن، يەن جېن قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ماۋ زېدوڭ ئەدەبىيەت ئىنىستىتۇتىدا تەربىيەلىنىۋاتقان شىنجاڭ ۋە خۇنەنلىك كۇرسانتلار، ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى،خۇنەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ سۆز قىلدى.پائالىيەتتە شىنجاڭ ۋە خۇنەن شائىرلىرىدىن جوۇ تاۋ، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا،يۈئەن رېن، شېن ۋېي، پەن ۋېي، يى چىڭخۇا، گۈلنار قۇۋانبېك (قازاق)، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، چى لۇن، رۇقىيە ئابدۇللا، جى لۇ ، چېن شاۋلىڭ، مەمتىمىن ئابلىز، شى جو، پەرىدە ياقۇپ، لاۋ دىئەن قاتارلىقلارنىڭ شىئېرلىرى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا دېكلاماتسىيە قىلدى. مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ،سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ شىئېرلىرى دېكلاماتسىيەگە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
قوشۇمچە:
باش پىلانلىغۇچى: ئازات سۇلتان (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
باش نازارەتچى: تاڭ خاۋمىڭ (خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
ماسلاشتۇرغۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
ئورۇنلاشتۇرغۇچى: زېڭ شىيەنجۈن (خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
رەئىس ئازات سۇلتان پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا
رەئىس تاڭ خاۋمىڭ پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا
پائالىيەتتىن خاتىرە
رەئىس ئازات سۇلتان خۇنەن يازغۇچىلار جەمئيىتىگە "قۇتادغۇ بىلىگ" نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەقدىم قىلماقتا
رەئىس ئازات سۇلتان خۇنەن ئوتتۇرا جەنۇب ئۇنۋېرسىتىتىغا "قۇتادغۇ بىلىگ" نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەقدىم قىلماقتا