كۆرۈش: 2320|ئىنكاس: 30

شاڭجاڭ دەرياسى بويىدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-24 14:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شاڭجاڭ دەرياسى بويىدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى


    __ "تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى" چاڭشا دىكلاماتسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

IMG_7677.JPG


    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى، خۇنەن ئۆلكىلىك شىئېرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات پائالىيىتى «تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» چاڭشا دىكلاماتسىيە پائالىيىتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن ئاۋال چاڭشا __ ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
     بۇ يىل بېيجىڭ، شەڭخەي، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان «تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتى ــ شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى غەيەت زور نەتىنجىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ناماييەن قىلىش، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى تەشۋىق قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە جەلبكارلىقىنى شىئېردىن ئىبارەت يۇقۇرى سەنئەت شەكلى بىلەن ئىپادىلەش، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسپداش ئەدىبلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۈگۈنىش ۋە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلدى.
    تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىدىكى نەق مەيدان دېكلاماتسىيە پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋاڭ يۈۋېن، شۈي يۈنشەن، يەن جېن قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر،  ماۋ زېدوڭ ئەدەبىيەت ئىنىستىتۇتىدا تەربىيەلىنىۋاتقان شىنجاڭ ۋە خۇنەنلىك كۇرسانتلار، ئوتتۇرا جەنۇپ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى،خۇنەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
    پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ سۆز قىلدى.پائالىيەتتە شىنجاڭ ۋە خۇنەن شائىرلىرىدىن  جوۇ تاۋ، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا،يۈئەن رېن، شېن ۋېي، پەن ۋېي، يى چىڭخۇا، گۈلنار قۇۋانبېك (قازاق)، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، چى لۇن، رۇقىيە ئابدۇللا، جى لۇ ، چېن شاۋلىڭ، مەمتىمىن ئابلىز، شى جو، پەرىدە ياقۇپ، لاۋ دىئەن قاتارلىقلارنىڭ شىئېرلىرى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا دېكلاماتسىيە قىلدى. مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ،سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ شىئېرلىرى دېكلاماتسىيەگە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
     
قوشۇمچە:


باش پىلانلىغۇچى:    ئازات سۇلتان  (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
باش نازارەتچى:        تاڭ خاۋمىڭ      (خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
ماسلاشتۇرغۇچى:      ئەيبۇ ياقۇپ   (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
ئورۇنلاشتۇرغۇچى:    زېڭ شىيەنجۈن     (خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
IMG_7497.JPG
رەئىس ئازات سۇلتان پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا
IMG_7468.JPG
رەئىس تاڭ خاۋمىڭ پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا
IMG_7725.JPG
پائالىيەتتىن خاتىرە
湖南 240.JPG
رەئىس ئازات سۇلتان خۇنەن يازغۇچىلار جەمئيىتىگە "قۇتادغۇ بىلىگ" نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەقدىم قىلماقتا
IMG_7668.JPG
رەئىس ئازات سۇلتان خۇنەن ئوتتۇرا جەنۇب ئۇنۋېرسىتىتىغا "قۇتادغۇ بىلىگ" نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەقدىم قىلماقتا



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
uygurya + 100

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-24 14:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭجاڭ دەرياسى بويىدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى



ۋاقتى: 2015-10-24 14:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا پائالىيەت بوپتۇ ، پەرىدە سىڭلىمىزغا ئوتلۇق سالاملار بولسۇن ، پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى تىلەيمىز .  سۇرەتلەرنى يوللاپ قۇيسىڭىز بوپتىكەن .

ۋاقتى: 2015-10-24 15:16:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەدىب، ئەدىبەلەرنىڭ  شېئىرىيەت سەپىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولغاي.

ۋاقتى: 2015-10-24 18:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىدە سىڭلىمىز تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۈرۈپتۇ  مانا.
مەن پەرىدە قاتارلىق بارلىق شائىر، شائىرەلەرنى  تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-10-24 19:41:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەكلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-24 21:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭدەك كاتتا پائالىيەتلەر ئۈزۈلمىگەي.

ۋاقتى: 2015-10-24 21:18:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-10-25 00:15:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئ‍ىزگۈ ئ‍ىشلار داۋاملاشقاي!  مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنىڭ ئ‍ېلىپ بېرىلىشى ئ‍ۈچۈن ئ‍ەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق بارلىق ئ‍ەزىزلەرنىڭ باسقان ئ‍ىزىدىن خۇشپۇراق گۈللەر پورەك ئ‍اچقۇسى !

ۋاقتى: 2015-10-25 20:22:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-10-25 20:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-10-25 22:47:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-10-26 10:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇش  چىرايلارنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم .يارىشىملىق كىيىملەر  ئىچىدىكى جەلىپكار خانىملار ،مىھرىبان ئۇستاز ئازات مۇئەللىم ،ھارماس تۆھپىكار ئەيبو ئاكا  ۋە بارلىق پائالىيات قاتناشچىلىرىنىڭ تېنى سالامەت بولغاي.

ۋاقتى: 2015-10-26 23:30:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!....


خۇنەندىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقانمىدۇ مۇشائىرە سورۇنىغا؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-28 11:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت قوللانمىسى

折页反.jpg

折页正.jpg

QQ图片20151021104517.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش