كۆرۈش: 785|ئىنكاس: 0

ئادىل تۇنىياز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 34
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 23:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Adil+tuniyaz.png


   ئادىل تۇنىياز 1970–يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلدى، ئۇ تېنچ سەھرا مەنزىرىسى بىلەن دۆۋە–دۆۋە كىتابلار ئارىسىدا بالىلىقىنى ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ناھايىتى كىچىك چاغلىرىدىلا ئۇنى شېئىر يېزىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ جەنۇبنىڭ خىلۋەت، جىمجىت، چەكسىز سۈكۈت بىلەن تولغان، قەدىمىي پۇراق بىلەن رەڭلەنگەن مەھەللىلىرى، تاغدەك كۆڭلى بار، مېھماندوست ئۇيغۇلار ئارىسىدا چوڭ بولدى. خەلقنىڭ يۈرەك سوقۇشى، جىگدە چېچەكلىرىنىڭ شىۋىرلىشى، ئاق قۇشقاچلارنىڭ كەپسىزلىك بىلەن پىچىرلىشى، ئالما دەرەخلىرىنىڭ ئۈنسىز ئوقۇغان قوشاقلىرى، يېرىم كېچىدىكى توقايلىقلاردىكى جىنلارنىڭ قىزىق ھېكايىلىرى، ئاجايىپ چوڭقۇر ھېكمەتكە ئىگە خەلق ئىغىز ئەدەبىياتى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت كوچىسىغا بولغان چەكسىز قىزىقىشىنى باشلىدى.
شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھازىرغىچە «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا»، «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «دېڭىزدا كوچا» ناملىق شىئىرلار توپلىمى، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ماقالە–ئوبزورلار توپلىمى نەشىر قىلىندى.
شائىر ئادىل تۇنىياز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا ئىنسانىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمىي ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز. قۇم بىلەن ئادەملەر، بوستانلىق بىلەن شەھەرلەر ئارىسىدىكى رېتىملىق سادانى تىڭشىيالايسىز. شۇنداقلا ئۇنىڭ مىسرالىرىدىن بىر قەدىمكى مەدەنىيەت ئۇپۇقىدا كۆتۈرىلگەن ھايات ۋە ماماتنىڭ يېڭى شولىلىرىنى كۆرەلەيسىز.

   


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش