سازدا پەدە، شېئىردا ۋەزىن،
(بەزى غەزەللەر ۋەزىنىدىكى «پەدە چېقىش›› ھادىسىسىنىڭ سەۋەپلىرى توغرىسىدا)
ئابدۇقادىر سادىر
سازدا پەدە، شېئىردا ۋەزىن،
ئۇرغۇتىدۇ كۈيلەر جېنىنى.
تەڭشىكىدىن كەتسە قىيىق قىل،
شالغۇتلايدۇ قېنى گىنىنى.
ھەممىگە مۇلۇمكى، پەدىلىرى ئۆلچەم بويىچە ئۆز جايىغا باغلانغان دۇتتاردىن ياڭرىغان كۈي باشقىچە يېقىشلىق ئاڭلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان ناخشا- كۈيلەرنىڭ ئەڭ ئىنچىكە، گۈزەل مىلودىيەلىرى ئۆزىنىڭ مەپتۇنكار ئاھاڭى بىلەن ئاڭلىغۇچىلار كۆڭلىنى لەرزىگە سالىدۇ. تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ ئۆتكەن- كەچكەن شېرىن- شېرىن ئەستلىكلەر قوينىغا شۇڭغىتىۋىتىدۇ.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئارۇز ئېلمنتلىرىغا تولۇق تويۇنۇپ يېزىلغان بىر پارچە غەزەلمۇ مەيلى ئوقۇغۇچى بولسۇن، مەيلى ئاڭلىغۇچى بولسۇن ئۆزىنىڭ راۋان، جوشقۇن، جاراڭلىق ساداسى، لىرىك مەپتۇنكارلىقى بىلەن شېئىرىيەت دۇنياسىنىڭ ئىستىتىك ھۇزۇرىنىڭ پەيزىگە كۆمىۋىتىدۇ. ئەكسىچە، پەدىسى ئۆلچەمسىز دۇتتارنىڭ ساداسى بىلەن، ۋەزىن بۆكلەكلىرى تەرتىپسىز شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى، گۇيا ئەگرى قۇمۇشقا يىپ تۈرۇلگەندە چىققان يېقىمسىز ئاۋازغا ئوخشاش، كىشىنى بىزار قىلىدۇ.
ھېچ بولمىغاندا دېققەت- ئېتىبارىنى تارتالمايدۇ، ئوقۇغۇسى، ئاڭلىغۇسى كەلمەيدۇ. بۇنداق كۈي ۋە شېئىرلارنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سېلىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، سازدا پەدە، شېئىردا بولۇپمۇ غەزەللەردە مىسىرالار ئاھاڭدارلىقىنى ئۇرغۇتقۇچى ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭ تەرتىپلىك جايلىشىشىنىڭ جايىدا بولىشى كۈي گۈزەللىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتى دېيىشكە ھەقلىقمىز.
بىز مۇنۇ غەزەلنى ئوقۇپ كۆرەيلى:
شىركەيىپ مەن، تەلۋە ھالىم مۇپتىلاسى مەي ئەمەس،
چاڭقىدىم، چاڭقاقلىقىمنىڭ مۇددىئاسى مەي ئەمەس.
يارنى سىغدۇردۇم پەۋەس دىل جامىغا، نۇش ئەتكىلى،
مەن پەرىشاننىڭ پەقەت شۇدۇر داۋاسى، مەي ئەمەس.
سىلكىنىپ تۇردۇم ئۆزۈمدىن قىلغىلى جەھلى ناۋا،
قالدى مەنسىز مۇڭلىنىپ كۆڭلۈم تالاسى، مەي ئەمەس.
قېقىنۇستەك تاشلىنىپ ئەپسانىگە، قىلدىم داۋام،
بوغدى نەپسىم سۆيگۈنىڭ تىنجىق ھاۋاسى، مەي ئەمەس.
مەست قىلۇر مەستلىكنى ھالىم تۇرسىمۇ مەيدىن نېرى،
تا قەدىم ھۇش ئەھلىنىڭ كۆرگەن راۋاسى مەي ئەمەس.
(نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن)
بۇ غەزەل مىسرالىرىدىكى بۆلەكلەرنى تەشكىللىگەن ئىچكى «تەڭشەك›› مىزانلىرىغا قارايدىغان بولساق، بۇ غەزەلنىڭ ھېچ شۆبھىسىز «رەمەل بەھرى›› نىڭ «رەمەلى مۇسەددەسى مەھزۇف›› تارماق ۋەزىن تۈرىدە يېزىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداقلا بېيىتلار مىسىرالىرىدىكى روكىن (ۋەزىن بۆلەكلىرى) نىڭ:
شىركەيىپ مەن،/ تەلۋە ھالىم /مۇپتىلاسى /مەي ئەمەس،/
فائېلاتۇن/ فائېلاتۇن/ فائېلاتۇن/ فائېلۇن/
- v - /- - v - / - - v - / - - v - /
چاڭقىدىم، چاڭ/ قاقلىقىمنىڭ /مۇددىئاسى /مەي ئەمەس.
فائېلاتۇن / فائېلاتۇن / فائېلاتۇن / فائېلۇن/
- v - /- - v - / - - v - / - - v - /
يارنى سىغدۇر/ دۇم پەۋەس دىل /جامىغا، نۇش/ ئەتكىلى،
فائېلاتۇن / فائېلاتۇن / فائېلاتۇن / فائېلۇن/
- v - /- - v - / - - v - / - - v - /
مەن پەرىشان/ نىڭ پەقەت شۇ/ دۇر داۋاسى،/ مەي ئەمەس.
فائېلاتۇن / فائېلاتۇن / فائېلاتۇن / فائېلۇن/
- v - /- - v - / - - v - / - - v - /
بۇ غەزەل مىسىرالىرىنى تەشكىللىگۈچى بارلىق ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۇزۇن، قىسقا تاۋۇش (بوغوم) لارنىڭ جايلىشىشى باشتىن- ئاياغ ئۆز ئورنىنى تېپېپ چۈشكەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا شائىر غەزەل مىسىرالىرىنى تۈزگۈچى سۆزلەرنى ھەر بىر بۆلەكتىكى ۋەزىننىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا تاللىغان ۋە تاۋلىغان.
بىزنىڭ لۇغەت تەركىپىمىز ناھايىتى مول. ھەر قانداق مەزمۇن، مۇددىئانى ئىپادىلەشتە دەل كېلىدىغان سۆزدىن قىسىنچىلىقىمىز يوق. بىر تۈردىكى سۆزنىڭ نەچچە خىل تۈردىكى تەڭدىشى- مەنادېشى بار. بىز غەزەل مىسىرالىرىدىكى سۆزلەرنى تەشكىللىگەندە بىر سۆزدە پەدە چاقسا، دەرھال ئۇنىڭ باشقىچىرەك شەكلىنى، مەناسى ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر سۆزنى ئالماشتۇرساقلا «كېسەل›› ساقىيىدۇ.
پەدە چېقىشتا ئىككى خىل ئەھۋال ئۇچىرايدۇ. بىرى مەلۇم بىر سۆزنىڭ بوغۇمى ئېشىپ يا كەملەپ قالىدۇ. يەنە بىرى، ئۇزۇن بوغۇم بىلەن قىسقا بوغۇملۇق تاۋۇشلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالىدۇ ياكى كەلسە- كەلمەس پەلپەتىش ئىشلىتىلىپ قالىدۇ. مانا شۇنداق چاغدا غەزەل ۋەزىنىدە چوقۇم پەدە چاقىدۇ. ئوقۇغاندا دىكلىماتسىيەنىڭ ئاھاڭ رىتىمى بۇزۇلىدۇ. ئەگرى قۇمۇشقا يىپ تۈرگەندەك«غورۇ- غورۇڭ›› چىقىدۇ.
بىز تور يۈزى شېئىرىيەت سەھىپىسىدىكى ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارغا (خۇسۇسەن غەزەللەرگە) يېزىلغان ئىنكاسلاردىن دائىم دېگۈدەك: «ۋەزىن چېقىپ قاپتۇ››، «پەدە چاقىدۇ››دېگەندەك گەپلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلار دەۋاتقان ۋەزىندىكى «پەدە چېقىش›› شۇ مىسىرانى ئوقۇغان ياكى دىكلىماتسىيە قىلغاندا ئېغىزغا ھىملىشىپ، مەلۇم ئېنتوناتسىيەلىك ئاھاڭدا چىقماستىن، ئوقۇغۇچى تىلىنىڭ «گاچىلىشىپ›› قېلىش، نەپەسنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىش، مەلۇم تاۋۇشنىڭ ئارتىپ كېتىش ياكى كەم قېلىش ھادىسىسىگە قارىتىلىپ ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ خىل «پەدە چېقىش›› ئەمەلىيەتتە غەزەل مىسىرالىرىنى تەشكىللىگۈچى ئىچكى بۆلەكلەر تۈزۈلىشىنىڭ قائىيدە بويىچە تۈزۈلمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان تېخنىكىۋىي خاملىقنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن، تۆۋەندىكى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى:
ئەجەپ يالغۇز ياڭاق چاقتىڭ يارانلار يوق
بىر چاغلاردا بىللە پادا باققانلار يوق.
چىقىۋالدىڭ مەيدە كېرىپ قىرغاققا تېز،
يېرىپ دولقۇن سۇدا بىللە ئاققانلار يوق.
بولۇپ چولپان سەھنىلەردە چاقناپ ئۆزۈڭ،
مەدەت بېرىپ ناخشاڭغا ساز چالغانلار يوق.
يۇۋاشلارنىڭ يەلكىسىنى قىلدىڭ شوتا،
يولۇڭغا ھەم تۈندە مەشئەل ياققانلار يوق.
ئەمەس باقى ئالەم ئامەت ئىنسانغا ھەم،
سۈرۈپ دەۋران باقىيلىقتا قالغانلار يوق.
ياشالمىدى نى غالىپلار قورغانغا تەڭ،
قېلىپ قورغان شۇ قورغاننى ئالغانلار يوق.
قالاركەنغۇ چوققىلارمۇ ئىز ئاستىدا،
ئەلگە چۆكمەي ئەلدە ئابروي تاپقانلار يوق.
(ياسىنجان ئېبراھىم غەزەللىرىدىن)
بۇنى بەھىر ۋە بەھرنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىگە ئايرىساق:
ئەجەپ يالغۇز/ ياڭاق چاقتىڭ /يارانلار يوق،/
مەفائىلۇن / مەفائىلۇن / مەفائىلۇن/
/-v - v v /- v- v-/ -v
بىر چاغلاردا بىللە پادا باققانلار يوق.
بۇ غەزەلنىڭ تۇنجى مىسىراسى رەجەزى مۇسەددەسى مەخبۇن(رەجەر بەھرى ئالتىلىك شەكلىنىڭ مەخبۇن تارماق ۋەزنىدە يېزىلىپ (ئاپتۇرنىڭ ئۆزى «مۇزارىئ›› دەپ ئاتىغان بولسىمۇ)، قەلەم كېيىنكى مىسىرالارغا كەلگەندە گەرچە بوغۇم سانىنى 12 دىن قىلىپ تۈزگەن بولسىمۇ، كېيىنكى بارلىق مىسىرالارنىڭ ھەممە بۆلىكىدە ۋەزىن جەھەتتە يۇقىرىقى رەجەزى مۇسەددەسى مەخبۇن ۋەزىندىن ئازغان. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى مىسىرالار تۇنجى مىسىراغا ماسلاشمىغان. نەتىجىدە، دىكلىماتسىيەدە (ياكى ئوقۇغاندا) «پەدە چېقىپ››، ئوقۇغۇچى تىلىنى كېكەچىلەشتۇرۇپ قويىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان.
يەنە مەسىلەن:
(كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ، سۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ )،
يا تۇتۇپ قەلبىمنى ئوققا ، ئۆلتۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ ؟
(مىرەخمەت مامۇت غەزىلىدىن)
بۇ غەزەل ئەسلىدە، «كۆيگىلى كەلدىڭلىمۇ، كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ؟
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلىنى ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ›› دېگەن خەلق قوشىقىنىڭ ئىزىدىن يېزىلغان بولۇپ، «رەجەزى مۇسەممەنى مەتۋىيى›› تارماق ۋەزىنىگە تەۋە بولىدۇ. يەنى:
(كۆيدۈرگىلى/ كەلدىڭلىمۇ،/ سۆيدۈرگىلى/ كەلدىڭلىمۇ/ )،
مۇفتەئېلۇن/ مۇفتەئېلۇن/ مۇفتەئېلۇن/ مۇفتەئېلۇن/
- v v - /- v v - /- v v - / - v v - /
يا تۇتۇپ قەلبىمنى ئوققا ، ئۆلتۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ ؟
ئەمما، بۇ غەزەلنىڭ ئىككىنچى مىسىراسىغا كەلگەندە، مىسىرا بۆلەكلىرىنى تۈزگۈچى ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملۇق سۆزلەر بىرىنچى بۆلەكتىلا ئېزىپ كېتىپ جايىنى تاپالمىغانلىقتىن، تىلدە گاچىلىشىش، پەدە چېقىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەگەر شائىر ئىككىنچى مىسىرانىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بۆلەكلىرىدىكى ئۇرغۇلۇق، ئۇرغۇسىز سۆزلەرنىڭ ئورنىنى تۆۋەندىكىچە ئالماشتۇرۇپ تۈزگەن بولسا، بۇ مىسىرا تەركىپلىرى دەل جايىنى تاپقان بولار ئىدى. مەسىلەن:
ئوققا تۇتۇپ قەلبىمنى يا، ئۆلتۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ؟
يا چېچىپ دىللارغا سۆيگۈ ، ياڭرىتىپ شاتلىق كۈيى ،
ياكى چېچىپ دىللاغا ئىشق، يا ياڭرىتىپ شادلىق كۈيى،
ئەسلىتىپ ئۆتمۈشنى ياكى كۈلدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ ؟
كۆك بوياقتىكى قۇرلارنى ئەمدى ئوقۇپ باقساق، تىلىمىزدىكى چېقىلغان پەدىلەرنىڭ جايىغا باغلانغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
يەنە كۆرەيلى:
مۇز بولۇپ قاتتى بۇ تەن پەسلى باھارىم كەلمىدى،
دىل سۇنۇق، سايرارغا ئەسلا لەيلۇ ناھارىم كەلمىدى.
(سەرداھى غەزەللىرىدىن)
يۇقىرىقى غەزەل «رەمەل بەھرى›› نىڭ «رەمەلى مۇسەددەسى مەھزۇف›› تارماق ۋەزىن تۈرىدە يېزىلغان بولۇپ، ئىچكى بۆلەكلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇنداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
مۇز بولۇپ قات/تى بۇ تەن پەس/لى باھارىم /كەلمىدى،
فائېلاتۇن/ فائېلاتۇن/ فائېلاتۇن/ فائېلۇن/
/- v -/- - v -/- - v - /- - v -
دىل سۇنۇق، ساي/ رارغا ئەسلا/ لەيلۇ ناھا/ رىم كەلمىدى.
ئىككىنچى مىسىرادا بىر بوغۇم ئارتىپ كەتكەنلىكتىن ۋەزىن بۇزۇلغان
قاشلىرى خۇددى كامان، چاچلىرى قات-قات كىشەن،
(بۇ مىسىرادا بىر بوغۇمى كەم قالغان)
ئوق ئېتىپ كىرپىگىدە جاننى ئالارىم كەلمىدى.
كۆزلىرى چەشمە بۇلاق، سۆزلىرى شىرىن-سۇخەن،
(بىر بوغۇم كەم)
باغرىمە تاشلاپ ئۆزىنى ئۇخلاپ ياتارىم كەلمىدى.
( بىر بوغۇم ئارتۇق)
ۋەجىدىن يار ئىشقىنىڭ چۆللەر ئارا دىۋانىمەن،
مەي سۇنۇپ لەئىل لېۋىدە كۆڭۈل ئارامىم كەلمىدى.
( بۇ مىسىرادا بۆلەكلەر تەركىپىدىكى ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ جايلىشىشى جايىنى تاپالمىغان)
بۇ يەردە شۇنى بىلىش زۆرۈركى، بىر غەزەلدە ياكى ئۇنىڭ ھەر بىر بېيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى مىسىرالىرىدا بوغۇملارنىڭ تەڭ، قاپىيە، رادىفلىرنىڭ بىردەك، توق- تولۇق چىقىشى بىلەنلا «غەزەل›› دەۋەرگىلى بولمايدۇ. ئۇنى غەزەل دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن غەزەل مىسىرالىرىنى تۈزگۈچى- تەشكىللىگۈچى سۆزلەر شۇ غەزەل بەھرىنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە (شۇ بۆلەكتىكى ئۇزۇن، قىسقا تاۋۇشلارنىڭ جايلىشىش تەرتىپىگە ماس كېلىش بويىچە) تۈزۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن مۇئەييەن بىر بەھردىن دالالەت بېرەلىگەن بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇ غەزەلدە ۋەزىن تەكشىسىزلىكى، ياكى «پەدە چېقىش›› ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن: بىرىنچىدىن، غەزەلنىڭ تۇنجى مىسىراسى قايسى بەھىرنىڭ قايسى ۋەزىن تۈرىدە تۈزۈلگەن بولسا، كېيىنكى بېيىتلارنىڭ مىسىرالىرىدىمۇ تېيىپ كەتمەي ئىزچىل شۇ بەھىرنىڭ شۇ ۋەزىنىدە مېڭىش لازىم. ئىككىنچىدىن، تۈزگەن ياكى قۇراشتۇرغان مىسىرالىرىمىزدا ئىشلىتىۋاتقان سۆزلەر ئۇزۇن، قىسقا تاۋۇشلارنىڭ شۇ بۆلەكتىكى جايلىشىش تەرتىپىگە ماس ھالدىكى سۆزلەردىن قۇرۇلىشى كېرەك. ئانا تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىپى، سۆز بايلىقىنىڭ ناھايىتى موللىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. سىز ئىشلەتمەكچى بولغان مەلۇم بىر سۆزنىڭ دەل، بىز دەۋاتقان «ئۇزۇن، قىسقا بوغۇم تەرتىپى››نىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان باشقا بىر خىل ۋاريانتى يەنى، شۇ مەنىنى بېرەلەيدىغان يەنە بىر مەنادىشى، يەنە بىر شەكلى چىقماي قالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، غەزەل- ئەركىن شېئىرلار جۈملىسىدىن ئەمەس! بەلكى، بىز بىلىدىغان، بىلگەن، تېخى بىلىپ بولالمىغان ناھايىتى ئىنچىگە قائىيدە- قانۇنىيەت ۋە مۇنتىزىم مىزانغا ئىگە لىرىك تۈر. شۇنداق مىسىرالاردىكى بوغۇم غانى قىرقىپ قويغاندەك تەكشى چىقىشى لازىم. (ئەلبەتتە بوغۇملار سانىنى ھەر قايسى بەھىرلەرنىڭ ۋەزىن تۈر- تارماقلىرى بەلگىلەپ بېرىدۇ) بىز بوغۇملارنى ئارتۇق- كەم قىلىپ سالساقلا، شۇ بەھىرگە خاس ۋەزىن تېپىپ تاشلايدۇ. بۇنى بىلەلىگەنلەر شۇ ھامان ئوڭشىۋالىدۇ. بىلەلمىگەن، بىلمىگەنلەر «غەزىلىم بەلەن چىقتى›› دەپ پەىرى تۇيغىسى ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ- دە، باشقىلار: «پالان يەردە پەدە چاقكامدۇ- قانداق؟›› دەپ، خېجىل قىلىپ قويىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 19:31