ئىزدە تور لۇغىتى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تېما بېزەكلىرى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
مۇھەممەتجان جېلىل
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
128
|
ئىنكاس:
0
مۇھەممەتجان جېلىل
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
eybuyaqup
eybuyaqup
توردا يوق
UID
11
ھوقۇقى
255
ھەقىقىي ئىسمى
ئەيبۇ ياقۇپ
يازما
511
نادىر
3
جۇغلانما
2634
تىزىملاتقان
2012-3-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
669 سائەت
باش مۇھەررىر
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
11
يازما سانى:
511
نادىر تېمىسى:
3
تېللا:
1544
تۆھپە :
160
توردا:
669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2013-3-11
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 18:25:26
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان جېلىل لوپنۇر ـــ5 196- يىلى 9 - ئاينىڭ 9- كۈنى لوپنۇر ناھىيە گۈلباغ يېزا گۈلباغ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغاكەلگەن .
باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى لوپنۇر ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1982- يىلى 7-ئايىدىن 1985- يىلى 7- ئايغىچە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخىكۇمىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1985- يىلى 8- ئايدا، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان، 2000- يىلى 12- ئايدا تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە، ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئەدەبىيات ئالىي لېكتور ئۇنۋانىغا ئېگە.
ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا- ئانىسىدىن لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى، چۆچەكلىرىنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن بولغاچقا، 1985- يىلىدىن باشلاپ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى، چۆچەكلىرىنى توپلاپ رەتلەش ئارقىلىق 150 كۇبلىتقا يېقىن لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى «رەھىمدىل ئۇكا بىلەن رەھىمسىز ئاكىلار»،«مىڭكى باتۇر» غا ئوخشاش خەلق چۆچەكلىرىنى ئېلان قىلدۇرغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ قىسقا ھېكايە ۋە پەلسەپىۋىلىك نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللاردا 80 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 250 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر، 100 پارچىدىن ئارتۇق مائارىپ تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قېلىنغان، 1998- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇنىڭ «تۇرمۇشتىكى كومېدىيلەر» ناملىق ھېكايە- نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلغان. 1999- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋىرسېتىتى نەشرىياتى ئۇنىڭ « ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە پايدىلىنىش كىتابلىرى ۋە يەرلىك دەرسلىكلەرنى باشقىلار بىلەن بىللە تۈزۈپ، شىنجاڭ سەھىيە نەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇنىڭ ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەت بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بولۇپمۇ «مىللىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە قاراشلىرىم» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە بولغاندىن سىرت ، خەلقئارا بويىچە مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە بولۇپ باھالىنىپ،«دۇنيا مەدەنىيەت مەشھۇر كىشىلەر قامۇسى» نىڭ 4- تومىغا كىرگۈزۈلگەن، بىر قىسىم ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
خەنزۇ ئەدەبىياتى
شىنجاڭ خەنزۇ ئەدەبىياتى
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
مىللەتلەر ئەدەبىياتى
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
غەرب ئەدەبىياتى
تۈرك تىلى ئەدەبىياتى
ئىسپان تىلى ئەدەبىياتى
ئەرەب _ پارس ئەدەبىياتى
يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش