ئىزدە تور لۇغىتى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تېما بېزەكلىرى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
ساھىت سادىق
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
123
|
ئىنكاس:
0
ساھىت سادىق
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
eybuyaqup
eybuyaqup
توردا يوق
UID
11
ھوقۇقى
255
ھەقىقىي ئىسمى
ئەيبۇ ياقۇپ
يازما
511
نادىر
3
جۇغلانما
2634
تىزىملاتقان
2012-3-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
669 سائەت
باش مۇھەررىر
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
11
يازما سانى:
511
نادىر تېمىسى:
3
تېللا:
1544
تۆھپە :
160
توردا:
669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2013-3-11
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 16:56:09
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساھىت سادىق 1952-يىلى يوپۇغا ناھىيىسى يوپۇغا بازار ئەۋزەلقۇم كەنتى قۇم بويى مەھەللىسدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1974-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يوپۇغا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى، مۇخبىر، تەھرىر، ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم مۇئاۋىن باشلىقى، ناھىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى دائىمىي كومېتىت ئەزاسى، ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ 2007-يىلى پېنسىيىگە چىققان.
ساھىت سادىق 1973-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلغان «ۋەتىنىم» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ئەدەبىي ئاخبارات، سەھنە ئەسەرلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «سەھرالىق كۆيئوغۇل»، «تەشنالىقتا ئۆتكەن كۈنلەر» ناملىق ئىككى سەھنە ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ يازغان «سەھرالىق كۆيئوغۇل»، «بەرىكەت»، «كېيىن كەلگەن تەلەي» درامىلىرى، «ئاق ئالتۇن دىيارىدىكى ھارماس كۈيچىلەر»، «داۋا كۆل مەشرىپى»، «داۋا كۆل ناۋاسى» قاتارلىق بەدىئىي فىلىملەر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن لېنتىغا ئېلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ يازغان «ھويلا مەشرىپى» ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن 31 خەلق مەشرىپى تەركىبىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.
يوپۇغا ناھىيىسىدە ئىشلەنگەن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «يوپۇغا ناۋاسى» (ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى)، «يۈرەك ساداسى» (ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى)، «يوپۇغا تارىخ ماتىرىياللىرى» (بەش توپلام)، بولۇپ جەمئىي 10 كىتابنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. باش مۇھەررىرلىك ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىدى.
«ئۇلار نېمە ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزدى؟»، «ئەزىز يۇرتۇم»، «قەشقەر»، «بەرىكەت» … قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
2003-يىلى 4-ئاپرىل قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يوپۇغا ناھىيىسىدە «ساھىت سادىق ئەدەبىي ئىجادىيىتى (سەھنە ئەسەرلىرى) ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ باردى.
ساھىت سادىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
شىنجاڭ خەنزۇ ئەدەبىياتى
خەنزۇ ئەدەبىياتى
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
مىللەتلەر ئەدەبىياتى
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
غەرب ئەدەبىياتى
تۈرك تىلى ئەدەبىياتى
ئىسپان تىلى ئەدەبىياتى
ئەرەب _ پارس ئەدەبىياتى
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش