يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: چاخچاق

«چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-6 12:47:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر مۇئەللىم،  بۇ ھەپتىدىكى خاسىيەت قۇرباننىڭ سانى تازا ياخشى چىقمىدى. بىز تۆت رېژىسسور بپلغاچقا ھەر خىل چىقىدىكەن. بۇ ساننىڭ ئېتوتى مېنىڭ، پىروگرامما سېنارىيەسى باشقىلارنىڭ، رېىژىسسورىمۇ باشقا.
ئالدىمىزدىكى ھەپتە قويۇلىدىغان سان خېلى ياخشى چىقتى دەپ ئويلىدىم. قېنى كۆرۈپ باھا بېرەرسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-6 12:47:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان مۇئەللىم، دۇنيانىڭ پارىڭىنى قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ ئەمەسمۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-11 01:06:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، «چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممسىنىڭ 7-سانىدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتناش-سەنئەت رادىيوسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم بىلەن زۆھرە كېرەمنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇر-چاخچاقلىرى ۋە سەۋىردىن ئىمام بىلەن ئىمىنجان ئېلى ئالماس ئورۇنلىغان ھەجۋىي ئېتوت بېرىلىدۇ.
ئەسلى بۇ سان پىروگرامما 11-ئاينىڭ 9-كۈنى (دۈشەنبە) قويۇلىدىغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان دىراما ھەپتىلىكىدە ئوينالغان دىرامىلارنىڭ قويۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ھەپتە يەنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە پىروگراممىمىز قويۇلمايدۇ. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى (دۈشەنبە) كەچ سائەت 8:40 دە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسسىنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىدا، ئەتىسىدىن باشلاپ باشقا قاناللاردىمۇ تەكرار قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-17 02:11:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، «چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممسىنىڭ 7-سانىدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتناش-سەنئەت رادىيوسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم بىلەن زۆھرە كېرەمنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇر-چاخچاقلىرى ۋە سەۋىردىن ئىمام بىلەن ئىمىنجان ئېلى ئالماس ئورۇنلىغان ھەجۋىي ئېتوت بېرىلىدۇ.
كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلە.

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پروگراممىنىڭ توردىكى كۆرۈش ئادرىسى:
http://www.xjtvs.com.cn/uyghurwy/zblm/2t/ymcb/index_2.shtml

تولۇق كۆرەلمەي قالغانلار پايدىلىنارسىلەر. مەنمۇ كۆرەلمەي قالغان قىسىملىرىنى تولۇقلاپ كۆرىۋاتىمەن. بۇ پروگراممىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىۋاتقىنىدىن ھەم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىغا ئاپرىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 05:27 AM | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزدىل ئىنىم، رەھمەت سىزگە. قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەر بولسا ئايىمىغايسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش