يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: چاخچاق

«چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-13 13:16:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« چايخانا پاراڭلىرى›› چايخانىدىكى گۈڭۈر -مۈڭۈر پاراڭلارنى قىلىشىدىغان ، تىنىچ ئولتۇرۇپ ئۆزارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ، شۇڭا تېما بىلەن ھەرىكەت ماس كەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ماۋزۇنى ‹‹ قاۋاقخانا پاراڭلىرى ›› دەپ قويسا توغرا بولغۇدەك چۈنكى ئۇنداق ئورۇنلاردا ۋاقىراش ، قىقاس چىقىرىپ كۈلۈش كۆپرەك بولىدۇ ، چايخانىدا چايخانا ئىگىسى ئەدەپ بىلەن چاي قۇيىدۇ ، چاي دەملەيدۇ ، ھەممە ئادەم بىر ئىككى ۋاقىرىغۇچنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ ، ئۇ يەردە ئىلمىي سۆھبەتلەر ، مۇڭدۇشۇشلار ، دوسلۇشىشلار بولىدۇ ، شۇڭا ماۋزۇنى كۆرۈنىش تەلىپى بويىچە « چايخانىدىكى چاقچاقلار ›› دىسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ ئويلۇدۇم ، ئەمما ھازىرقى يۆنىلىشىڭىزدىمۇ مەسىلە يوق ، بىراق شەكىل بىلەن ماھىيەت جىپسىلاشماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن .

ۋاقتى: 2015-10-13 13:46:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى پىروگىراممىلار يىتەرلىك بولغاندى،بىلىم بېرىدىغان  پىروگىراممىلار كۆپرەك تەسىس قىلىنسا بولاتتى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-13 23:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چايخانا دېگەن گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىدىغان ئورۇن» دېگەنلەرگە رەھمەت. ئۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. پىروگراممىنى قايسى مەزمۇندا ئىشلەش، قانداق شەكىلدە ئىشلەش شەخسنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشمۇ؟ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېگەن بىرەر شەخسنىڭ ئەمەس، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۇت تېرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
مېنىڭچە بولسىغۇ قەشقەرنىڭ چايخانىلىرىدەك قەدىمقى ئۇسلۇبتا بېزەپ،  ئىلىم-مەرىپەت سورۇنى، مۇشائىرە سورۇنى قىلىپ ئىشلىگۈم بار.
شۇڭا مەن سىلىگە پىكىر بېرىڭلار دېگىنىم پىروگراممىنىڭ شەكلىنى بېشىمىزنى تاشقا ئۇرساقمۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئىچىدىكى مەزمۇن، سەھىپىلەرگە يەنە نېمىلەرنى قوشۇش، نېمىلەرنى ئېلىۋېتىش توغرىسىدا پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ دېگەن گەپ. باشقا مۇنبەرلەردىكىدەك غەيۋەت سورۇنى بولمىغاندىكىن ئىلمىي پىكىر بەرسەڭلار.
ئەزھەر مۇئەللىم، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ پېشانىسىنى سىيلاپ بېقىپ گەپ قىلىڭ. ئۆزىڭىز باشتا گەپنى خاتا قىلدىڭىز. مەنمۇ گېپىڭىزگە بېقىپ جاۋاپ بەردىم. رەنجىمىگەيسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-13 23:28  


ۋاقتى: 2015-10-14 01:33:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاخچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-10-13 23:27
«چايخانا دېگەن گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىدىغان ئورۇن» دېگە ...

           چاخچاق ئىنىم سىز ۋە كەسپداشلىرىڭىزنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت. [كۆڭلىڭىز تېگىلدۇر ]. بىر پرۇگراممىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بەسى مۈشكۈل.  ئەلمىساقتىن بېرى، يەتتە ئىقلىمدا ‹‹ چايخانا ›› باردۇر،
ئەمما، چايخانىدىن ئالىدىغان ھۇزۇر  شۇ كىشلەرگە ياردۇر، لېكىن،  قارىسام، بىر پىيالە چاي ئوتلىماي ،
ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان ‹‹ ھاجىم سۈپەت››  ئاخۇنۇملارغا تاردۇر. ئەگەر ‹‹ چايخانا›› دىكى  ‹‹ ئوتتۇز ئوغۇل››
دىن تەگمىسە بىر نەپ، ئاشۇ سورۇن - ئاۋام ئۈچۈن بەكمۇ ‹‹ خاردۇر ›› ...
   
   

ۋاقتى: 2015-10-14 02:01:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 01:33
چاخچاق ئىنىم سىز ۋە كەسپداشلىرىڭىزنىڭ ئەجىرىگە ...

       سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي :
‹‹ لەتىپە››- [ ھېكايىلىك ] خوجا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ‹‹ پاتېنىتى›› ، يۇمۇر -[ ھازىر جاۋاپلىق ]
ھېسامكامنىڭ پاتېنىتى [بىزدە ] . [يۇمۇر دۇنياۋىي  تىلكەن ئەسلى ] ، ھەممىسىنى ئەبجەش قىلىۋەتسەك بولماس. بىز  ۋە سىزدىن كېيىنكىلەرمۇ ئىشلەر بۇ ئىشلارنى . مەي- شاراپ سورىنىدىمۇ ئەستە قالغېدەك گەپ-سۆزلەر بولىدىغۇ :‹‹ دوست ئۆلمىسۇن، بالا كۆرمىسۇن››- دېگەندەك.。。。

ۋاقتى: 2015-10-14 02:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 02:01
سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي :
‹‹ لەتىپە››- [ ھېكايىلىك ]  ...

     مېنىڭچە، بىر پيالە چاي ئوتلىغاچ ، ئاساسى پېرسۇناژلارنىڭ لەۋزىدىن ئاۋام ‹‹ سۇ ئىچكىدەك پاراڭ-چاخچاق››   ...لارنى  ئاڭلىساق، ئاندىن ،كۈلۈمسىرەپ يېتىپ ،تاتلىق چۈشلەرنى كۆ رۈپ، تاڭلا ئەتە
كۆرمىگەن-ئاڭلىمىغانلارغا دەپ بەرسەك، مانا بۇ - ‹‹ چايخانا ا›› نىڭ مەرىدۇر [مېھرىدۇر ].
      ‹‹ ناي-ناي، ۋاي-ۋاي ›› نەدە يوق مۇشۇ كۈنلەردە، شۇنىڭدىن قېچىپ ماشىنا ئېلىپ [ قەرزگە بولسىمۇ ]
چېپىپ چىقىپ كېتىۋاتمامدۇ بالىلار ،  باغلارغا،  تاغلارغا،  دەشتى - چۆللەرگە...........................

ۋاقتى: 2015-10-14 02:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 02:25
مېنىڭچە، بىر پيالە چاي ئوتلىغاچ ، ئاساسى پېرسۇناژل ...

    ‹‹ كۆڭۈلدىكى سۆزلەر ›› نى دېيىشمىسەك ، ‹‹ پوق ›› بارمۇ  بۇ  توردا.  قەلەم تۇتۇپ......

ۋاقتى: 2015-10-14 11:08:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئىنىم تۇرادىن، رەنجىمىگەيسىز،  ئا. جۇدۇن ئەپەندىنىڭ دىگىنىمۇ توغرا، بۇ پىرىگىراممىنى ئاخشام يەنە زورۇقۇپ بولسىمۇ بىر كۈرۈپ چىقتىم، «ئەششاپتۇلنىڭ تايىقى ئاتام ئېيىتقان بايىقى» دىگەندەك يەنىلا شۇ گەپ، مەنمۇ پىكىرىمدە قالىمەن. بۇنى سىزدىن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ، سىزنىڭمۇ ئۈستىڭىزدە ئادەم بار، ئۇلار نىمە قىل دىسە شۇنى قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەمما «قورۇققان ئىت تامغا سەكرەپتۇ» دىگەندەك تەنقىدى پىكىرگە سەكرەپ، ماختاپ قويسا ئۈزىڭىزنى يۇقۇتۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ، سۇغۇققان سالماق بۇلۇڭ، دىققەت قىلماپتىكەنمەن ئاخشام قارىسام سىز راستىنلا بۇ پىرىگىراممىنىڭ ئاپتۇرى ئىكەنسىز.  كۆپ ئەجىر قىپسىز، تەر ئاققۇزغان ئەجرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن. مەن سىزگە سەمىمىلىك بىلەن بىر تەكلىپ بىرىپ قوياي، خالىسىڭىز تىرىشىپ باقارسىز:
    مىنىڭچە بۇ سەھنىگە بىرمۇنچە ئادەمنى يىغىۋېلىشنىڭ زۇرۇريىتىمۇ يوقكەن، ئەمەليەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىدىغان ياخشىراق ئىتوتتىن ئېلىپ چىقسا قانداق بۇلا؟ بەك كۆپ ئادەم سەھنىگە چىقىۋالسا كىمنىڭ نىمە دىگەنلىگىنى بىلگىلى بولمايدىغان چاۋالچاق بىر نىمە بۇلۇپ قالىدىكەن. يەنە بىرى ھەممىنى سەھنىگە يىغىۋالماي بىرەر ئىتوتنى سەھنىدە يۇمۇر ۋە باشقىسىنى باشقا جايدا ئېلىپلا كىرىشتۈرۋەتكىلى بولماسمۇ؟ قاراپ باقسامغۇ داڭلىقلارنىڭ ھەممىنى يىغىپسىز بۇ سەھنىگە، ئەممازە يەنە دىسەم يەنە شۇ «شىپاڭ يۇغان ئايۋان يوق، سەللە يۇغان ئىمان يوق» دىگەندەكرەك بىر ئىش بۇلۇپ قاپتۇ.

ۋاقتى: 2015-10-14 11:51:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    « چايخانا پاراڭلىرى›› نىڭ ئۈچ قىسمىنى تولۇق كۆردۈم. ئىش بېشىدا مۇشۇنچىلىك ئىش قىلماق زادى ئاسان ئەمەس. بۇ پىروگراممىنىڭ رۇياپقا چىققانلىقىنى ئالدى بىلەن قىزغىن  مۇبارەكلەيمەن. ئۆز تىلىمىزدا قويۇلىۋاتقان پىروگراممىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا چەكسىز قىممەتلىك. يول ماڭغانچە قېنىقلىشىدۇ، گۈل ئېچىلغانچە خۇشپۇراقلىشىدۇ.  
   بۇندىن كېيىنكى سانلىرىدا « چايخانا پاراڭلىرى›› غا دېھقانمۇ، ئەسكەرمۇ، شائىر-يازغۇچىمۇ، سودىگەر، باققال ...... مۇ (ئادىل مىجىتنىڭ ئورنىدا) ساھىپخانلىق قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا بۇ پىروگرامما تېخىمۇ ئىسىللىشىدۇ. چايخانىچى (سەۋىردىن) دىن باشقىلار كېيىنكى سانلاردا بارا - بارا ئالمىشىپ تۇرۇشى مۇمكىن. ئىلگىركى ئۈچ ساندا بىر قىسىم رىياسەتچى، ئارتىسلار ئۇدا ئالماشمىغاچقا، مەزمۇنلار ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، بىر قىسىم كۆرۈرمەنلەرگە سەل زېرىكىشلىك تۇيغۇ بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئىشلار كېيىنچە چوقۇم ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئادەم شۇ ئىشنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدۇ ئەمەسمۇ.
   « چايخانا پاراڭلىرى›› نىڭ كېيىنكى سانلىرىنىڭ كۆرۈرمەنلىرىمىز ياقتۇرىدىغان، ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدىغان پىروگراممىغا ئايلىنىپ كېتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 00:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر مۇئەللىم، سەمىمىي پىكىرلىرىگە رەھمەت. ئادەم سانى جەھەتتە 30 كىشىلىك ئورۇن تولمىسا بولمايدىكەن. بۇ ساندا چاقچاق سەل جىق بوپ كەتتى. بۇنداق بولۇشى بۇ سان ئادىل مىجىتقا ئاتاپ ئىشلەنگەن سان بولغاچقا، ئادىلكام سەھنىدە تازا ئېچىلغىلى ئۇنىمىدى. ھەم باش تېما «ئاتا» توغىرلىق بولغاچقا كۆڭلى بۇزۇلۇپ قالدى. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەلىپى: چوقۇم كۈلكە-چاقچاق بولۇش، يىغلايدىغان تەسىرلىك گەپ-سۆز بولماسلىق، دېگەن بولغاچقا، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە چاقچاق قىلىشتى. كېيىنكى سانلاردا ئوخشىمىغان مەزمۇنلار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 00:29:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۇزان ئاكا، پىكىر-تەكلىپ بەرگەنلىرىگە رەھمەت. بۇ پىروگراممىنىڭ بىرىنچى سانى مىللەتلەر ئ.ىتىپاقلىقىنى باش تېما قىلغان. بۇنىڭدا ھەر مىللەت كىشىلىرى يىغىلغان چايخانا.
ئىككىنچى سان: يۈسۈپ سالى ئاكىمىزغا ئاتالغان سان.
ئۈچىنچى سان: ئادىل مىجىتقا ئاتالغان سان.
ئەسلى ئادىل مىجىتنىڭ سانىنى بىرىنچى سان قىلماقچىتۇق. بايرام كېلىپ قالغاچقا ئىلگىرى-كېيىن بوپ قالدى.
ئادىل مىجىت _ چايخانىنىڭ مۆتىۋەرى.
سەۋىردىن - چايخانىنىڭ ئىگىسى، يەنى چايچى.
ئەخمەتجان - رىياسەتچى.
ئابدۇغېنى سەمەر - چايخانا قىزىقچىسى.
بۇ تۆت ئادەم ھەممە ساندا مۇقىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئالماشمايدۇ. ئالمىشىدىغىنى پەقەت ھەر ساندا كېلىدىغان ئالاھىدە مېھمانلار ۋە باشقا تاماشىبىنلار.
سىلە دېگەن ئىشلارنىمۇ قىلدۇق. بەزى ئېتوتلار سەھنە سىرتىدا ئىشلەندى.
ئەل ئىچىدىكى قىزىقچىلارنىمۇ ئىشلىدۇق. نۆۋەت بويىچە بېرىلىدۇ.
رەھمەت، قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىمىغايلا.

ۋاقتى: 2015-10-15 11:09:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىنىم تۇرادىن  سەمىمىيىتىڭىزگە رەخمەت.

ۋاقتى: 2015-10-15 14:20:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاخچاق بۇرادەر بۇ پروگراممىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن ئىلمىي،قاراتمىلىقى بار بولغان تەكلىپ-پىكىر ئىزدەپ،شۇنداقلا،يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ئۇقۇمۇشلۇقلار ۋە باشقا تورداشلارنىڭ «چايخانا پاراڭلىرى»غا نىسبەتەن قاراشلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللاپتۇ. ھەممىمىز  بارلىق ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ(ئومۇملۇقنى نەزەرگە ئېلىپ) پىكىر-تەكلىپلىرىمىزنى بەرسەك ،دەيمەن.
بۇ پروگراممىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياىشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-15 18:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چايخانا پاراڭلىرى -ئەمەلىيەتتە ئۇنتۇلىۋاتقان چايخانا مەدەنىيىتىمىزنى خېمىرتۇرۇچ قىلغان ھالدا روياپقا چىققان بولۇپ، ئۇ يېقىن  كەلگۈسىدە ئەۋلادلىرىمىزغا بىلىم، مەدەنىيەت ئۈگىتىدىغان پروگراممىغا ئايلانغۇسى!

ۋاقتى: 2015-10-15 19:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پروگراممىنى تېخىچە كۆرمەپتىمەن. يېقىندىن بۇيان تېلېۋىزور كۆرگۈدەكمۇ چولا يوق. نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «شادلىق ئاچقۇچى» (مۇشۇنداقراق نامغۇ دەيمەن) دېگەن قىزىقچىلىق پروگراممىسىنى كۆرۈپ كۈلۈش ئورنىغا چېۋىن يەۋالغاندەك بولغان ئىدىم. سىزلەرنىڭ پروگراممىڭىزلارنىڭمۇ شۇلاردەك ماز بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ بۇرۇن ئىتوت يازاتتىم. ئىككى يىل بۇرۇن سەنئەت يۇرتىدىكى نازۇكئاي دېگەن ئايال «ئىتوتىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، ئادىلكاملار ئوينايدۇ» دەپ ئېلىپ ئىككى يىلغىچە خەۋىرىنى بەرمىدى. شۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا ئىرەن قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئىتوتمۇ يازماس بولدۇم. قارىغاندا سىز ئىشلىتىپ قالارسىزمىكىن...........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش