يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: چاخچاق

«چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-5 13:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ پىروگرامما بارمىكەن ، ھازىر ئاڭلىشىم ؟

ۋاقتى: 2015-10-5 13:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ پىروگرامما بارمىكەن ، ھازىر ئاڭلىشىم ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-6 00:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەپسۇس مۇنبەر ئەھلى. ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكىنى قويۇش سەۋەبىدىن بۈگۈن بېرىلىدىغان «چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسى ئەتە كەچ سائەت 9:20 گە ئۆزگەردى. پىروگرامما گۇرۇپپىمىزدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر نامىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى بېرىلىۋېرىدۇ. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 00:05  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-6 23:48:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ھازىر بېرىۋاتىدۇ  پىروگراممىنى. مۇنبەرداشلار كۆرۈپ باقارسىلەر

ۋاقتى: 2015-10-7 11:59:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز؟ئىككى ئاخشام ساقلاپ ،بۇ پىراگىرامىنى ئاخشام 8.40 ئەمەس،خېلى ۋاقىتىتىن كېيىن قويدى.كۆپ ئەجىر قىپسىزلەر.ساقلاپ كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك پىراگىرامىكەن.تۆگمەس ئىشلاردىن چارچىغانلارغا،تۇتۇلغان قىزىق بىر پىيالە چايكەن.بۇنچىلىك كۆرۈرمەنلەرگە سۇنغۇچە،خېلى جاپا چەككەنسىزلەر.سىزلەرگە كۆپ رەھمەت!ھارمىغايسىزلەر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-7 12:17:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىشتە،  رەھمەت  سىزگە. سىلەرنى  رازى  قىلالىساق  تارتقان  جاپايىمىز  كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ. دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلارغا  كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ  قويارسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-7 12:18  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-10 01:03:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10-ئاينىڭ 12-كۈنى (دۈشەنبە) كەچ سائەت 8:40 دە كۆرسىتىلىدىغان «چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسىنىڭ 3-سانىدا ئەل سۆيگەن سەنئەتكار، كۈلكە چولپىنى ئادىل مىجىتنىڭ قىزىقارلىق ئېتۇتلىرى ۋە باشقا چاجچاقچىلارنىڭ كۈلكىلىك يۇمۇر-چاقچاقلىرى بېرىلىشتىن سىرت، ئەھمىيەتلىك سۆھبەتكە داخىل بولالايسىز! چايخانا_ سىزنىڭ، مېنىڭ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ چايخانىسى!

ۋاقتى: 2015-10-13 00:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    راستىنى ئېيىتسام بۇ پىرىگىراممىنى كۈرۈپ سەل ئۈمۈتسىزلەندىم  داڭلىق ئارتىسلار چىقىپ ئۈزى ۋاقىرسشىپ ئۈزى كۈلۈپ ئادەمگە بىرتوپ ساراڭلارنى بىر ئۆيگە سۇلاپ كويەھندەك تەسىر بىرىدىكەن.  يىڭى پىرىگىرامما دىگەن باشتىلا ياخشى چىقمامدۇ؟ ئەتتىگەندە مازلاشقىلى تۇرسا... نىمە بوپ كەتتى بۇ...

ۋاقتى: 2015-10-13 00:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ شۇ چايخانىدىكى بىر پاراڭ بوپتۇ ئەمدى، چايخانىدىكى پاراڭ ۋاييەي.... قىلغىلى ئىش يوقتەك...  نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىنى بىلگىلىمۇ بولمىغان... 1- ئىيون كۈنىدىكى بالىلارنىڭ نۇمۇرىمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق.... كىم مەئۇل بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان پىرىگىرامما بۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-13 03:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەرجان، بۇنداق قارا  قورساقلارچە پىكىر بەرگىنىڭىزگە قاراپ سىزنى ئوقۇتقۇچى دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
كۆرگىڭىز بولمىسا كۆرمەڭ. پىروگرامما دېگەن جىققۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-13 03:25:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېزىپ ئىشلەۋاتىمەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى نۇرغۇن قەلەمكەش ئۇستازلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن چىقىدىغان نەرسە پىروگرامما دېگەن.
سىزنىڭچە بولسا گەپ-سۆز قىلماي كەچكىچە چاي ئىچىپلا ئولتۇرىدىغان بولسا ياخشى بولامتى؟ بولۇۋاتقان پاراڭ، كۈلكە-چاخچاقلارنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز بالىلارغا دەرس ئۆتىمەن دېمەي دەرۋازا باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
پىكىر بەرسىڭىز ئىلمىي يوسۇندا بېرىڭ، بولمىسا كۆرمىسىڭىز بولاۋېرىدۇ. نېمە گەپ ئۇ ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ؟ بولمىغان بولسا نەرى بولماپتۇ، نىمىشقا بولماپتۇ؟ قانداق قىلسا ياخشى بولىدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاپ بېرەممىگەن ھالىڭىزغا ئوقۇتقۇچىكەنسىز تېخى. ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىنى ئېگىپ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-13 03:29  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-13 03:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلار، كەچۈرۈڭلار ھە. ئەزھەر مۇئەللىمنىڭ ئىنكاسىغا بېرىلگەن جاۋابىم سەل قوپال بولۇپ قالدى. باشقىلارنىڭ خاتا چۈشەنمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-13 03:28:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا مىللەتلەرنىڭ تەييار پىروگراممىسىنى تەرجىمە قىلىپلا ئىشلىسە ھېچكىم گەپ قىممايدۇ. يوق نەرسىنى پەيدا قىلىپ، ئەمدى بىر باشلىنا-باشلانمايلا بۇنداق گەپ قىلغاندىكىن گېپىگە يارىشا گەپ قىلىپ قويدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-13 03:30  


ۋاقتى: 2015-10-13 10:07:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك قىزىقىپ كۆرىۋاتىمەن. داڭلىق سەنئەتكارلاردىن باشلىنىپ، ئەل ئىچىگە تېخىمۇ كېڭەيسە دېگەن ئۈمىدىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-13 11:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كەچۈرۈڭ ئەپەندى، سەل چېچىلىپ قالغاندەك تۇرۇسىز، بۇ پىرىگىرممىنى مەيلى سىز يېزىڭ ياكى باشقا بىرسى يازسۇن بۇنداق چېچىلسىڭىز بولمايدۇ. «چايخانا پاراڭلىرى»رىدەك چوڭ بىر پىرىگىراممىدا ئەجرىڭىزنىڭ رۇراپقا چىققىنىنى تەبرىكلەيمەن. بىرەر ئىشنى قىلماق ئاسان ئەمەس، نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. بىز ياخشى قىلدۇق دىسەك بىر يەرلىرى بىرىگە ياقمايدۇ، سىزنى قۇرۇق ماختىغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەمما  كۈرۈرمەنلەر سىز نىڭ ئەينىكىڭىز، ئۇلار سىزدىكى نوخسانلارنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. ئاندىن سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلاللايسىز، ئەگەر سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز قۇرسىغىمىزغا ياقمىسىمۇ سىزنى قارا- قۇيۇق ماختاۋەرسەك سىز ئالغا باسالامسىز؟ منى دەرىسىڭىزنى ئۈتۈۋېرىڭ دەپسىز، توغرا مىنىڭ كەسپىم ئۇقۇتقۇچى دەرىسىمنى ئۈتۈۋېرىمەن، ئەمما تىلۋىزىيە ئىستانسى ئاممنىڭ بولغاندىكىن پىرىگۇراممىنىمۇ كۈرۈمەن. سالماقراق بۇلامسىز ئەپەندى؟ سەكرەپلا بىر ئىشنى رۇياپقا چىقارغىلى بولمايدۇ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش