يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: چاخچاق

«چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 02:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر مۇئەللىم، زەينۇللا مۇئەللىم، ياقۇپ مۇئەللىم، ئەمەتجان قاتارلىق مۇنبەرداش ئاكا-ئىنى، دوست-بۇرادەىرلىرىمنىڭ مەن ئىشلەۋاتقان بۇ پىروگرامما ئۈچۈن، قىسقىسى ئۇيغۇرنىڭ يېڭى بىر پىروگراممىسى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەرگەنلىكلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر.
مەن مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان، بەلكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان پاختا كەسپىدە ئوقۇغان. پەقەت بىر كۈنلەردە لازىم بوپ قالار دەپ چوڭلار مائارىپنىڭ دىپلومنى ئېلىپ قويدۇم.
مەن قەلبىمدىكى ئەدەبىياتقا بولغان ئۆچمەس بىر ئوت بىلەن بۇ كوچىدا تەمتىرەپ يۈرگەن بىر ھەۋەسكارمەن. شۇڭا ھەرقايسى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلمىي يوسۇندىكى پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا ئوتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى، بۇ پىروگراممىنى خەلققە ئەڭ يېقىن بولغان شادلىق پىروگراممىسى قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر كۈچەپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن. ھەممەيلەنگە رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 02:23:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا مۇئەللىم. ئېتۇت يېزىقچىلىقىدا ئالاھىدىلىكىڭىز بولسا بۇ بەك ياخشى ئىشكەن. ئۇنداق بولسا يازغان ئېتۇتلىرىڭىز بولسا مېنىڭ چ چ   خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرسىڭىز مەن كۆرۈپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سىزگە خەۋىرىنى بېرىمەن. ياقۇپ ئىسمائىل مۇئەللىمنىڭمۇ بىر پارچە ئېتۇتى تەستىقتىن ئۆتتى. يېقىندا رەپىتىس قىلىشقا چۈشمەكچى. ئېتۇتقا لازىملىق خۇرۇچ بولسا ئۇنى بىكار قويماي ۋاقتىدا ئېتۇتقا ئايلاندۇرۋېتىڭ. مەن بىر تەرەپ قىلىشىپ بېرىمەن. بىزنىڭ پىروگراممىدا ھەپتىدە بىر يېڭى ئېتۇت لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ. مەن ھەممىنى يېزىپ بولالمايمەن. خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن ئەمىسە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 02:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا مۇئەللىم. ئېتۇت يېزىقچىلىقىدا ئالاھىدىلىكىڭىز بولسا بۇ بەك ياخشى ئىشكەن. ئۇنداق بولسا يازغان ئېتۇتلىرىڭىز بولسا مېنىڭ چ چ   خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرسىڭىز مەن كۆرۈپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سىزگە خەۋىرىنى بېرىمەن. ياقۇپ ئىسمائىل مۇئەللىمنىڭمۇ بىر پارچە ئېتۇتى تەستىقتىن ئۆتتى. يېقىندا رەپىتىس قىلىشقا چۈشمەكچى. ئېتۇتقا لازىملىق خۇرۇچ بولسا ئۇنى بىكار قويماي ۋاقتىدا ئېتۇتقا ئايلاندۇرۋېتىڭ. مەن بىر تەرەپ قىلىشىپ بېرىمەن. بىزنىڭ پىروگراممىدا ھەپتىدە بىر يېڭى ئېتۇت لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ. مەن ھەممىنى يېزىپ بولالمايمەن. خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن ئەمىسە.

ۋاقتى: 2015-10-16 10:20:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاخچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-10-10 01:03
10-ئاينىڭ 12-كۈنى (دۈشەنبە) كەچ سائەت 8:40 دە كۆرسىتىلىدىغا ...

خۇيۇ تورىدىن تېپىپ كۆرگىلى بولمدۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-16 10:26:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇيا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-13 00:04
بۇ شۇ چايخانىدىكى بىر پاراڭ بوپتۇ ئەمدى، چايخانىدىك ...

چايخانا دېگەنى سىزمۇ بىلىسىز ھەقىچان، بۇرۇن كىشىلەر چاي ئىچكەچ ئۆز-ئارا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرىدىغان، بۇ پاراڭ ھەرخىل ئىجىمائىي خەۋەرلەر، كىشىلىك مۇناسىۋەت، تۈرلۈك ئېلىم-سېتىم پائالىيەتلىرى قاتارلىقلرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەن بۇ پروگرامما بىزنىڭ ئەنە شۇ يوقىلىپ كېتىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنى خەلقىمىزنىڭ ئېسىگە سالماقچى بوپتۇ دەپ ئويلىدىم، ئەمدى ئۇ يەرگە يولدىن ئىككى بوۋاينى تېپىپ كېلىپ  ماۋۇ يەردە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بېرىڭلار دېسە قاملاشماس ھەقىچان، پاراڭ ئارىلىقىدا ئىناقلىق، ئتتىپاقلىق ھەققىدە گەپ-سۆزلەر بولۇنىۋاتىدۇ، مانا مۇشۇ پروگراممىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەمەسمۇ، ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بولۇپمۇ قالار، تەكلىپ-پىكىر بېرەيلى ھەرھالدا، بۇنداق ئۇجۇقتۇرىۋەتمەي.

ۋاقتى: 2015-10-16 10:33:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورولچى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-15 18:47
چايخانا پاراڭلىرى -ئەمەلىيەتتە ئۇنتۇلىۋاتقان چايخانا  ...

دۇرۇس ئېيتتىڭىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 11:41:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  ئابدۇۋەلى.  خۇيۈ تورىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. ش ج ت ۋ _2  نى ئېچىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-10-20 15:49:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چايخانا پاراڭلىرى يامان ئەمەس ئىشلىنىپتۇ دەپ قارىدىم ،ھەر قىسمىغا بىردىن ئېتۇت قۇشۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى دەپ ئويلۇدۇم.ئاندىن ئۇنىڭغا يەنى ھەر بىر سانىغا بىردىن شائىر تەكلىپ قىلىنىپ ئۇنىڭ شېئىرى ئوقۇسا دىگەن ئۈمۈتتە مەن.

ۋاقتى: 2015-10-20 16:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چايخانا پاراڭلىرى» نىڭ ھەر سانىدا ئۆزگۈچىلىك بار...........

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-21 01:30:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسىنىڭ 4-سانى يەنى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قويۇلغان سانىدا يالغان مېيىپ بولۇپ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان «تىلەمچى» لەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىلغان ئېتوت بىلەن ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ روھى ساغلام قېرىنداشلىرىمىزغا مەدھىيە ئوقۇلغان ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر ۋە قىزىقارلىق يۇمۇر-چاقچاقلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-21 01:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسىنىڭ 5-سانى يەنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قويۇلىدىغان يېڭى سانىدا ئۇيغۇر كىنو-تىياتىرچىلىقىنىڭ بايراقدارى، ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق ئاكتىيور ئاپرېل سەمەت خانىمنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلىرىنى يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىيالايسىز ھەمدە ئۆزى ئورۇنلىغان مەزمۇنلۇق ئېتوتلاردىن ھوزۇرلىنالايسىز.
ئۇنداق بولسا 26-ئۆكتەبىر (دۈشەنبە) كۈنى كەچ سائەت 8:40 ئۆتكەندە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىنى ئېچىشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەسكەرتىش: تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىزگە چىقىرىپ بەرگەن پىروگرامما ئۇقتۇرىشىدا 8:40 دا بېرىلىدۇ دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇۋاتقان بولغاچقا ۋاقتى 9:20 گە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇ فىلىمنىڭ يەنە قاچانغىچە قويۇلۇشىنى بىز بىلمىگەچكە ئەسلىدىكى ۋاقىتنى يېزىۋەردىم. شۇڭا ۋاقتىنچە قانالنى بۇرۇنراق ئېچىپ تۇرارسىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-21 01:41  


ۋاقتى: 2015-10-21 16:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چايخانا پاراڭلىرىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە تىلەكداشمەن! مۇمكىن بولسا مۇنبەردىكى سەبداشلارنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بولسا تەمنىلىسە، ئۆز-ئارا قوللىسا بەك ياخشى بولىدۇ، بىر ئىشنى قىلىپ روياپقا چىقىرىش بەك تەس، تېلۋۇزۇر دىگەنگە بىر نەرسە توشىمايدۇ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ تۇرمىسا تېخى، ئۇنى كۆرۈرمەنلەرگە يارىغۇدەك قىلمىسا تېخى، سىزگە يارىغىنى ماڭا يارىمىغان، ماڭا يارىغىنى ئۇنىڭغا يارىمىغان، ئىشقىلىپ ھەرقانداق پىروگىرامما باشتا داغىدۇغلۇق باشلىنىپ ئاخىرغا كەلگەندە ئىجادىيەت خىرزىسىغا دۈچ كىلىدىغان گەپ........

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 00:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چايخانا پاراڭلىرى» نىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئاتاقلىق سەنئەتكار ئاپرېل سەمەتنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇر ۋە ئېتوتلىرى بېرىلدى. بۈگۈن كۆرەلمىگەنلەر ئەتىدىن باشلاپ 2-5-9-قاناللاردا تەكرار قويۇلىدۇ. تەكرار قويۇلۇش ۋاقتى:
دۈشەنبە: 2-قانال. كەچ سائەت 8:40.
سەيشەنبە : 5-قانال. كەچ سائەت 8:30.
پەيشەنبە: 2-قانال. چۈش سائەت 12:53، 9-قانال. كەچ سائەت 8:30.
جۈمە: 5-قانال.كەچ سائەت 10:35.
يەكشەنبە: 2-قانال.چۈش سائەت 2:05، 9-قانال. كەچ سائەت 9:45 دە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-10-27 10:42:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ-پاھ، قارا قورساق ئادەملەر يەنىلا كۆپكەن-دە! ئاۋۇ ‹‹رۇيا›› بىلەن ‹‹شوتا›› قەيەرلەردە ياشاپ يۈرگەندۇ؟ ‹‹چايخانا پاراڭلىرى›› دېگەن سۆزنىڭ ئارقىسىدىكى ‹‹پىروگرامما›› دېگەن سۆزنى كۆرمىگەنمىدۇ.  بۇ تېلېۋىزىيەلەشكەن چايخانا، ھەرگىزمۇ قەشقەرنىڭ كوزىچى يابېشى، ئۆستەڭ بويىدىكى جامائەتلەشكەن چاياخانا ئەمەس. ئۆزىمىزنى كۆكسىمىزگە چېكەلەيدىغان ئوغۇل بالا دەپ قارىساق بولمىغان يېرىنى سەمىمىيلەچە كۆرسىتىپ بېرىش كېرەكقۇ؟ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇشتىن، جەمئىيەتتىن ئېلىنىدىغىنى ئېنىق، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ تۇرمۇش بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. تېلېۋىزىيەلىشىشنىڭ پەرقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇنى ئاۋۇ ئەپەندىملەر مەندىن ياخشى بىلسە كېرەك. مەشرەپ پىروگراممىسىدا باشتىن-ئاخىر ناخشا ئېيتىلىدۇ، ئۇ ئارىمىزدا ئەنئەنىۋىلەشكەن مەشرەپنىڭ نەق ئۆزى ئەمەس. ئۆزىمىدە بار بولغا مەشرەپكە ئوخشاش مەشرەپ ئىشلەيمىز دەپ سەھنىدە توڭگۇز توپىقى ئويناپ يۈرگىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن ئەنئەنىۋى مەشرەپتە سەھۋەنگە تارتىلغانلارغا ‹‹سامسا يېقىش››، ‹‹رەسىمگە تارتىش››، ‹‹ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش››، ‹‹تۈگمەندە ئۇن تارتىش››، ‹‹گىرىم قىلىش››... دېگەنگە ئوخشاش جازالار بېرىلىدۇ. ئۇلارنى قانداقمۇ تېلېۋىزىيە سەھنىسىگە ئېپچىققىلى بولىدۇ؟ ئەنئەنىۋى چايخانىلارنى ئېلىپ چىقىمىز دەپ بىر نەچچىدىن غۇژمەك بولۇپ گۇڭۇرلىشىپ ئولتۇرساق بولامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوغۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-27 10:51  


ۋاقتى: 2015-10-27 10:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: «چايخانا پاراڭلىرى» پىروگراممىسى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش