ئاخىرقى بېكەت
نەسىر
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
تۇغۇلغان يەردە ئۆلگەنلەرمۇ بار، ماڭغان يەردە توختاش دېگەندەك. چېچەك پەسلى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى بېكەت بولالمايدۇ. ئەمما ئۇمۇ ئاخىرقى بېكەتتىن ئۆتىدۇ. خۇددى ئادەم بۆشۈكتىن - تۆشۈككە قەدەر ھايات ئالىمىدە بېكەتسىز ياشىيالمىغاندەك. ئۆتكەن ۋاقىت ئۆلدى. ئەمما ئارمانلىرىم نارەسدە قىزدەك كۈندىن - كۈنگە بوي تارتماقتا. ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە پاقىلار ئۆمىلىمەكتە، قۇدۇق ئىچىدە كۇركىرىماقتا. ساداسىز قالغان تاشلاندۇق يىغا. يىغا ئىچىدە مۇڭ، ھەسرەت، ئازاب گۈللىرى تۈكۈچ ئىزىدەك قەلبتىن - قەلب ئارا پارلىماقتا. لالما ئىتنىڭ غىڭشىشىدىن مىسكىنلىك توپا توزىتماقتا. قۇلاقلىرى سالپايغان ئېشەك ئېغىر خۇرجۇنىنى يۆتكىنىچە بېكەتسىز بېكەتكە قەدەم تاشلىماقتا. ئۇنىڭ ئىزىدىن ئۈنگىنى ناخۇشلۇق.
- خىتە ئاناڭنى ئۆلۈمتۈك ئەبگاھ. تاياقنىڭ پۇلاڭلىشىدىن غىلپال تىترىگەن تەن، سالۋا تەلپەك كىيگەن سەپرا ئادەم نېمىگىدۇ ئالدىرىغاندەك ئېشىكىنى نۇقىماقتا. ئەمما ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى يەنىلا مىس - مىسلىق....
ئۇنىڭ كۇسا ساقىلىغا ئاق سانجىغان، چىرايى تەقدىرىدەك پۇرلەشكەن، يۈرىكى سەۋزىدەك قىرىلغان، ئالدىدا چەكسىز يول. ئۇ نەگە بېرىشىنى ۋە نېمە قىلىشىنى بىلمەيدۇ. بىلىدىغىنى پەقەت ئاچ قالماسلىق. شۇڭا ئۇ «شۈكرى»لىقنى يانچۇقىغا تولدۇرۇۋالغان.
ئېشەك كۆزلىرىدىن يېشىنى قەدىمىدەك تېمىم − تېمىم تامچىلىتىپ ماڭماقتا.
ئۇنىڭ ھارغىن تۇرقىدا بېكەتنىڭ ياپراقلىرى كۆيمەكتە. چۈش ئويغاندى ۋە دېدى: بۇغداي بەك پىشىپ كەتسە تۆكۈلىدۇ، ئادەممۇ شۇ، ئەمما ئاخىرقى بېكەت رېئاللىققا يالىڭاچ تاشلانمايدۇ.
ئاخىرقى بېكەتتە ئۆلۈممۇ، ۋەھىمىمۇ، بەختمۇ بار، ـــ دېدىم مەن. يولۇچىA : ــــ ئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى، كۈن ئۆتسە، قورساق ئاچ قالمىسا بولدى، ــــ دېدى پەرۋاسىز ھالدا. يولۇچى B: ــــ ئاخىرقى بېكەت ئېھتىمال ئۇ دۇنيادا، ئۇ يەردە دوزاقمۇ بار، بۇ ۋەھىمە. جەننەتمۇ بار، بۇ بەخت. راست گەپ، ئاخىرقى بېكەت ئۆلۈم، ــــ دېدى نېمىنىدۇ ئويلاپ. يولۇچى C: ـــ ئاخىرقى بېكەت قان - ياش بەدىلىگە قۇرۇلغان. بۇ جايغا ھەممە كىشى بارىدۇ، ئەمما بەزىلەر ۋىجدان، ئىنساپ، دىيانەت، ئىمان، ئېتىقاد، تۆھپىسى بىلەن بارسا، بەزىلەر ھورۇن، تۇزكور، ساتقىن ھالەتتە بارىدۇ،ـــــ دېدى ھەسرەتلىك تىنىپ. يولۇچى D: ــــ ئاخىرقى بېكەت ئالدى ۋە ئارقىمىزدا، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كەتتى، تىرىكلەر ئۈچۈن ھايات، ئەمما قانداق بېرىش، قاچان بېرىش بىزگە بۇ سوئال بەلگىسى،ــــ دېدى جىددىي قىلىپ.
راست ئاخىرقى بېكەت بىزنى كۈتمەكتە، ــــ دېدىم ئۆزۈمگە ئىچىمدە ئاستاغىنە.
مەنبە:تۇرپان ژورنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 15:44