كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 1

چۈش ۋە رېئاللىق ئارىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  536
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 136
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 11:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈش ۋە رېئاللىق ئارىسىدا
  (ئەنۋەر مەتسەيدىنىڭ « تېرەك ، كۆل ۋە مەنىۋىيەت » ناملىق ماقالىسى  ھەققىدە)

                                     تاپالمايمىز يىلتىزىمىزنى
                                     زىننەتلەنگەن تاش شەھەرلەردە.
                                             _ ئادىل  تۇنىياز ( «مازار يۆتكەش» داستانىدىن)

         ئەنۋەر مەتسەيدىنىڭ بۇ ماقالىسى « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان. يۇشۇرماي ئېيتسام ، دەسلەپ بۇ تېمىنى كۆرۈپ :« يازمىغان تېرەك بىلەن كۆل قېپتىكەن ئەمدى. نىمىسىنى يازىدۇ ئۇلارنىڭ ...» دېگەندەك بىر ئوي كاللامدىن لىپ قىلىپ ئۆتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ماقالىنى ئوقۇمايلا ژورنالنى تاشلاپ قويغان ئىدىم. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ ژورنالنى قايتا قولغا ئالغىنىمدا ، كۆزۈم توساتتىن بۇ ماقالىدىكى مەن نەچچە بارغان ، يەنە نەچچە بېرىشنى ئىستەيدىغان «قەشقەر » ، «مەھمۇد كاشىغەرى مەقبەرىسى» دېگەندەك مۇبارەك ناملارغا چۈشكەندە ماقالىنى بىر ئوقۇپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
       ماقالىنى ئوقۇدۇم . يېنىشلاپ يەنە ئوقۇدۇم . ئۇنىڭدىكى تەبىئىي ، يىنىك تىل ؛ ئۆزگىچە كۆزىتىش نوقتىسى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ؛ جايىدا كەلتۈرۈلگەن مىسال ، نەقىللەر مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. باشتىكى ئوي – خىيالىمدىن خىجىللىق ھىس قىلدىم.
بۇ ماقالە ھازىر مەتبۇئاتلارنى قاپلاپ كەتكەن  ھە دېگەندە زارلاپ - قاقشايدىغان ، رىئاللىقتىن ھالقىغان ۋەز – نەسىھەتنى تولا قىلىدىغان ، لاپ ئۇرىدىغان ، باشقىلارغا ئەقىل ئۆگىتىپ ياكى بۇيرۇق قىلىپ سۆزىنىڭ ھەر جۈملىسىنى « لازىم ، كېرەك » لەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان ماقالىلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇ ئادەمنى ئۆزىگە تەبىئىي  تارتىپ تۇرىدىغان ، ئويلاندۇرىدىغان ، خىيالغا چۆمدۈرىدىغان ، پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدىغان ، قىسقىسى ، تەمى ئۇزاققىچە كىشىنىڭ تىلىنى يارىدىغان «تاتلىق» بىر ماقالە ئىدى.   
قىشنىڭ قار ياغقان بىر ئاخشىمى بۇ ماقالىنى قايتا ئوقۇدۇم. خىيالىم ئىختىيارسىز ئاپتۇرنىڭ خىيالىغا ئەگەشتى.
ماقالە تەبىئىيلا باشلىنىدۇ. يەنى ، ئاپتۇر شەھەردە مۇزلىغان، سىقىلغان روھىنى ئىللىتىش ئۈچۈن ئادىتى بويىچە ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەتراپتىكى يېزىلارنى ئايلانغىلى بارىدۇ ھەمدە تېزلا شۇنداق بىر جاينى ۋە ئورتاق پىكىرلىك سۆھبەتدېشىنى تېپىۋالىدۇ. ئەتراپتىكى مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن - ئازادە پاراڭلىشىدۇ. بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئاپتۇرنى« خېلىلا تەلەيلىككەن» دەپ ئويلىدىم . چۈنكى ، ئاپتۇر ئۇيغۇرنىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەتراپىنى باغ-ۋارانلىق يېزىلار ئوراپ تۇرغان، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە تەڭ مىنگىشىپ كېتىۋاتقان، ئادەم ئادەمنىڭ قەدرىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان بىر تەۋەرۈك شەھەردە ياشايدۇ. ئۇ مەكتىپى ئالدىدىن كوچا ئاپتۇبىسىغا ئولتۇرۇپلا ، ياكى توكلۇق موتسىكىلىتىغا مىنىپ (قەشقەر شەھىرىدە ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك توكلۇق موتسىكىلىت بولىدۇ) ، ياكى بولمىسا پىيادە ئازراق مېڭىپلا سىقىلغان روھىنى ئارام تاپقۇزىدىغان باغ –ۋارانلىق ، تېرەكلىك  يېزىلارغا بارالايدۇ. ئاسانلا دىلكەش تاپالايدۇ.
ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئاخىرلىشىدۇ. بىراق، ئاپتۇرنىڭ ئۇ ھەر كۆرسە كۆڭلى باشقىچە كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان تېرەك ۋە كۆل ھەققىدىكى ئوي - خىياللىرى تۈگىمەيدۇ.
ئاپتۇر ئاۋۋال تېرەك ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى تېرەكنىڭ بىز كىتابتىن ئۆگەنگەن: «تېرەك __ تېرەك - سۆگەت ئائىلىسى ، تېرەك كەنجى ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك . ئۇ ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ. شامال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ . تۇپراقنى تۇراقلاشتۇرىدۇ .....»دېگەندەك بوتانىكىلىق ۋە جۇغراپىيىلىك ساۋات دەرىجىسىدىن  زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ. ئۇ تېرەكنى خەلقىمىزنىڭ سىمۋولى دەيدۇ .ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆرپ –ئادىتى ، ئېتىقادى ، خارەكتېرى ، پىسخىكىسى ، ئارزۇ-ئارمىنى، سۆيگۈ - مۇھاببىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ(ئاپتۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى تارتىمىلىق بايانلىرى تەكرارلانمىدى).    ئاپتۇرنىڭ  بۇ    خىل ئۆزگىچە كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى نېرۋىمىزنى  غىدىقلاپ ، ۋۇجۇدىمىزنى  يىنىك بىر سىلكىپ ئۆتىدۇ.
كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى ، ئاپتۇر دېگەنلىرىنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن توم - توم  قامۇسلارغا ياكى ئاللىقانداق ئەجنەبىي ژورناللارغا مۇراجەت قىلمايدۇ. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، ئۇيغۇرغا قىممەتلىك مەنىۋىي ئۇزۇق بېرىپ كەلگەن خەلق قوشاقلىرىدىنلا يېتەرلىك مىسال ئېلىپ ھەر بىر ھۈجەيرىمىزنى دېگۈدەك تولۇقى بىلەن قايىل قىلىدۇ . ھەمدە  بىزگە :« ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ھەر نەرسىنىڭ ئۆزى بىر ھېكمەت . ئۇلار قالدۇرغان ھەر بىر ماقال – تەمسىل ، ھەر كۇبلىت قوشاقلاردىمۇ بىر مۇنچە تۇرمۇش ھېكمىتى يۇشۇرۇنغان .بىزدىكى كەم نەرسە... » دەپ خىتاب قىلغاندەك بولىدۇ.  
« بىراق ، قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر كوچىسى بولغان 〈سەمەن يولى〉دىكى تېرەكلەرنى بىز ئەمدى كۆرەلمەيمىز. قىشتا قاغىلار قونىدىغان جاي تاپالماي بىنالارنىڭ ئۈستىدە ئەگىپ يۈرۈيدۇ. دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى تېرەكلەرنىڭ ئورنىدا تۇرخۇنلار قەد كۆتۈردى...» دەپ يازىدۇ ئاپتۇر تېرەك ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ئاخىرىدا ھەسرەت بىلەن. ئارقىدىنلا « تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت » ناملىق كىتابتىكى دەل – دەرىخى مەجبۇرى كىسىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ كۆز – يېشى ، ئاھۇ- پەريادىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە شۇ كىشىلەرگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
شۇنداق ، تېرەكلەر ئۇ جايلاردىلا ئەمەس باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردە ، يېزىلاردا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى ۋە بولماقتا . كېسىۋېتىلگەن تېرەكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئورنىنى سىمونتتىن قوپۇرۇلغان تۇرخۇنلار ، قەۋەتلىك بىنالار ياكى ئىشلىتىمەن دېسە كەتمەنگە دەستىمۇ بولالمايدىغان ، سايىسىدە ئىككى ئادەممۇ قىستىلىپ قالىدىغان، ئېتىمۇ تەستە ئېغىزغا كېلىدىغان«ئەجنەبىي» دەرەخلەر ئىگىلىدى . بۇ تۇرخۇن ، بىنالار ئاللاكىملەرنىڭ يېنىنى تومپايتقان بولسا ، ھەر مەقسەت ، ھەر سەۋەب بىلەن يۇقىرى باھادا سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن  بۇ دەرەخلەر يۇرتىمىزنىڭ  «ئوت – سۇيى » گە كۆنەلمەي  ، يەنە نۇرغۇن پۇل يەپ بوۋاق بالىدەك پەپىلەپ بېقىلماقتا. شۇنداقتىمۇ ، كوچا- كويلاردا بۇ خىل دەرەخلەرنىڭ بالدۇرلا « رەھمەتلىك » بولۇپ كەتكىنىنى پات – پات كۆرۈپ قالىمىز .
ئۇنىڭدىن كېيىن ئاپتۇر تەبىئىي بىر رەۋىشتە ماقالىنىڭ يەنە بىر تۇتقىسى بولغان كۆل ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن كۆل ۋە ئۇنىڭ رولى توغرىسىدىكى خىرەلەشكەن چۈشەنچىمىزنى ياندۇرۇپ ئۆتىدۇ. تېرەك،كۆل ۋە مەسچىتنىڭ ئايرىلماس بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. « ئۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئېڭىدا سۇ (كۆل) ھاياتلىقتىن ، تېرەك ئۇلۇغۋارلىقتىن ، مەسچىت ئىمان – ئېتقادتىن دېرەك بېرەتتى.» دەيدۇ ئاپتۇر ئۇلارنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ. ئاپتۇر يەنە كۆل بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەۋجۇد بولۇش ، كۆپىيىش ، قۇدرەت تېپىش تارىخى ۋە ئەگرى – توقاي تەقدىرىنىڭ چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.كۆلنى ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىگە تەققاس قىلىدۇ. ئۇ دېگەنلىرىگە ئاساس سۈپىتىدە يەنىلا خەلق قوشاقلىرىدىن ،خەلق چۆچەكلىرى ۋە رىۋايەتلىرىدىن مىسال ئالىدۇ. ئاپتۇرنىڭ بۇ ئۆزگىچە قاراشلىرى ۋە ئەسكەرتىشى  مېڭىمىزنى يەنە بىر سىلكىپ ئۆتىدۇ.
«بىراق ئەمدىچۇ؟ كۆللەر بىر بەلگە سۈپىتىدە ئۇ يەر – بۇ يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرسىمۇ ، كۆپ قىسمى 〈 قۇرتلاپ كەتتى 〉 ، قۇرۇپ كەتتى ياكى يوقالدى. ئادەملەر ئۆزى پەيدا قىلغان گۇناھلارنى كۆللەرگە دۆڭگەپ ، ئۇلارنى مەينەتلىك ، قالاقلىق ، كېسەللىك ۋە مىكروب تارقىتىشتا ئەيىبلەب سوتقا تارتىشتى....» دەپ ئۇھسىنىدۇ ئاپتۇر كۆللەرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە توختىلىپ.
دېگەندەك ، كۆللەرنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر تېرەكلەرنىڭكىدىن كۆپ ھەم ئېغىر بولدى . ھازىر شەھەرلەر تۇرماق يېزىلاردىمۇ ئۇنى ئاسانلىقچە ئۇچرىتالمايمىز. ئەسىرلەردىن بىرى خەلقىمىزنى ياشنىتىپ كەلگەن كۆللەر بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يەنە ئۇنىڭغا ئارتىپ قويغان بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن خۇددى ئاپتۇر ئېيتقاندەك :« ئانچە – مۇنچە ئۆرنەك سۈپىتىدە قوغدىلىپ تۇرىۋاتقانلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، ھەقىقىي كۆل ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ناخشا – قوشاقلار، ھېكايە – چۆچەكلەر ۋە چوڭلارنىڭ خاتىرىسىدىلا ساقلىنىپ قالدى .» دېگەندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.   
« ئۇيغۇرلارنىڭ تېرەك ۋە كۆل مەدەنىيىتىنى تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيلىقنىڭ بىردەكلىكى نوقتىسىدىن ، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەخلاقتىن ، يەنى ، مەنىۋىيەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ...» ، « تېرەكلەرنىڭ كېسىلىشى ، قۇرۇشى ، كۆلنىڭ قۇرتلاپ كېتىشى ، يوقىلىشى ئۆزلىكىدىن بولغان ئەمەس ، ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ ئۆزى سەۋەبچى. يەنى ئادەملەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاينىشى ، ئەخلاق جەھەتتىكى چىركىنلىكى ئۇلارنىڭ ئاچ كۆزلۈكى ، ئېكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشى ،سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .» ئاپتۇرنىڭ  تېرەك ، كۆل ۋە مەنىۋىيەت ھەققىدىكى بۇ بىر قاتار تەلقىنلىرى تېخىمۇ چىن ۋە قىممەتلىك بولۇپ ، بىزنى ئىختىيارسىز ئويغا چۆمدۈرىدۇ .
ماقالە ئاخىرىدا ئاپتۇر ھىچقانداق ھۆكۈم ياكى خۇلاسە چىقارمايدۇ. ئۇ چۈش دېسە رېئاللىقتەك ، رېئاللىق دېسە يىراقتا قالغان ۋە قېلىۋاتقان بىر چۈشتەك بىلىنىدىغان سەمىمىي بايانلىرى بىلەن قولىمىزدىن يېتىلەپ ، رەڭ ۋە سۈنئىيلىكتىن خالىي ، قاينام – تاشقىنلىق ھەقىقىي ئۇيغۇر يۇرتىغا ، غۇۋا بالىلىقىمىزغا باشلاپ كىرىدۇ. ھازىرىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ . قالغىنىنى ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرىغا ، ئويلىنىشىغا قالدۇرىدۇ. مېنىڭچە ، مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇش، ماقالىنى تېخىمۇ زور جەلبكارلىققا ۋە ئۇتۇققا ئىگە قىلغان.
ئاپتۇر بۇ ماقالىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا مەدەنىيەتكە بولغان سەمىمىي مۇھاببىتىنى ، ئۆزگىچە كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويدى. ھەمدە بىزنىڭ قىلىدىغانلىرىمىز ، يازىدىغانلىرىمىزنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسىمىزگە سالدى.  
ئاپتۇر قەلىمنىڭ كىشنەپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

                                                                2009 - يىلى   دېكابىر

idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەسىرات ماقالىسى ياخشى چىقىپتۇ.يەنى بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتى ياخشى بايان قىلىنىپتۇ.

   بۇ ماقالىنىڭ تەسىرات ماقالىسى بولۇشتىن ھالقىيالمىغان يېرى بىرى: مۇلاھىزە چوڭقۇرلىشالمىغان.يەنە بىرى: مۇستەقىل مۇلاھىزە قىلىش،پىكىر بايان قىلىش كەم.ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىدە ئىجادى ماقالىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-5 18:39  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش