كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 2

قۇملۇقنىڭ ھىكايىسى--ئاندېرسېن(دانىيە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1049
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 80
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 11:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇملۇقنىڭ ھىكايىسى

ھانىس كىرىستىئان ئاندېرسېن(دانىيە)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئوغۇزخان

بۇ جۇتلاند ئارىلىدىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ  ھىكايىسى. ئەمما بۇ ھىكايە جۇتلاندتىن باشلانمايدۇ. بەلكى جەنوپتىكى ناھايىتى يىراق ئىسپانىيىدىن باشلىنىدۇ. دېڭىز دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يولدىن ئىبارەت. ئۆزەڭنى ئىسپانىيىگە كىلىپ قالدىم، دەپ پەرەز قىل! بۇ يەر ئىللىق ھەم گۈزەل. ئۇ يەردىكى قىپقىزىل ئېچىلىپ كەتكەن ئانار گۈللىرى باراقسان لائۇر دەرەخلىرى ئارسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تاغ تەرەپتىن ئۇرۇلۋاتقان سالقىن شامال ئاپېلىسىنزارلىقنى سىيپاپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ. مۇرلارنىڭ تۆرسى يۇمۇلاق، تاملىرى رەڭدار ھەشەمەتلىك سارايلىرىنى(1) يەلپۈپ تۇرىدۇ. بالىلار شام ۋە لەپىلدەپ تۇرغان بايراقلارنى كۆتۈرگىنىچە كوچىلاردا يۈگرەپ ئوينايدۇ. بالىلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆپكۈك ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرىدۇ. ھەممە يەردە ناخشا-ساز ئاۋازلىرى ياڭراپ، ياش قىز-ئوغۇللار تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۇسولغا چۈشىدۇ. يان تەرەپتىكى نەقش ئۇيۇلغان مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىدە بىر تىلەمچى شالتىقىنى ئېقىتىپ تاۋۇز يېمەكتە. ئۇ تاۋۇزنى يەپ بولۇپ بەخىرامان ئۇيقىغا كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر شېرىن چۈشكە ئوخشايدۇ! كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتىدۇ... شۇنداق، بىر جۈپ يىڭى توي قىلغان قىز-يىگىت مانا مۇشۇنداق. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار كىشلىك دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەردىن—سالامەتلىك، خوشال كەيپىيات، بايلىق ھەم شان-شەرەپتىن بەھرىمان بولىدۇ.
«بىز ناھايىتى بەختلىك، بۇ بىزگە يىتەرلىك!» دەيدۇ ئۇلار ئىچدە. بىراق، ئۇلار تېخىمۇ بەختلىك بولۇشقا مۇناسىپ ھەم مۇمكىن. پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر پەرزەنت ئاتا قىلسىلا—تەقى-تۇرقى ھەم روھىيىتى ئۇلارغا ئوخشاش پەرزەنت بولسا ئۇلار تېخىمۇ بەختلىك بۇلالايدۇ.
ئۇلار ئەڭ چوڭ خوشاللىق بىلەن بۇ بەختىيار بالىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم ئۇنى ئەركىلىتىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ بۇ بالا ناھايىتى تەلەيلىك. ئۇ دۆلەتمەن ئائىلە ئۇنىڭغا قىلىپ بېرەلەيدىغان ھەممە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ.
كۈنلەر كەينى-كەينىدىن ئۆتمەكتە. ھەر بىر كۈن بىر بايرامغا ئوخشايتتى.
- تۇرمۇش سۆيگىگە تولغان، چوڭلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان سوۋغا! - دىدى ياش ئايال،- مۇكەممەل بەخت پەقەت ئۇ دۇنيادىلا بولىدۇ. مەن بۇ ھىسىياتنى چۈشەنمەيمەن.
- شۈبھىسىزكى، بۇ ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىردىكى بىمەنىلىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، - دىدى ئېرى، - بەزىلەر ئادەملەرنى تەڭرىگە ئوخشاش مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەخمىقانىلىك. بۇمۇ ھىلقى يىلان(2)—ئالدامچى ئەجداتلار—ئېيتقان گەپ.
- سىزنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى ھاياتقا گۇمانىڭىز يوقتۇ؟- دىدى ھىلىقى ياش ئايال. قارىماققا ئۇنىڭ ئوچۇق كاللىسىدا قانداقتۇر بىر قارا كۈلەڭگە پەيدا بولغاندەك قىلاتتى.
- باستىرلار ئۆلگەندىن كىيىنكى ھاياتقا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشەنچىسى بارلىقىنى ئېيتقان،-دىدى ياش ئەر جاۋاپ بېرىپ، - مېنىڭ بەخت قارىشىمدا، ناۋادا بىز ئۈلگەندىن كىيىنكى ھاياتلىقنى—مەڭگۈلۈك بەختنى تەلەپ قىلساق، بۇ بەك ھەددىدىن ئاشقانلىق، ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، مەن شۇنداق چۈشەنچىگە كەلدىم. بىز بۇ دۇنيادا ئېرىشكەن نەرسىلەر ئازمۇ؟ بۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلىشىمىز، رازى بولىشىمىز كېرەك.
- شۇنداق، بىز كۆپلىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشتۇق، - دىدى ياش ئايال، - بىراق تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە نىسبەتەن بۇ تۇرمۇش تۇلىمۇ جاپالىق سىناق ئەمەسمۇ؟ مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن كىشىنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشى نامراتلىق، خارلىق، كېسەل ۋە بەختسىزلىكلەر ئۈچۈن ئەمەسقۇ؟ ياق، ناۋادا بۇ دۇنيادىن باشقا يەردە ھاياتلىق مەۋجۈت بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ تەقسىملىنىشى تۇلىمۇ ئادالەتسىز بولغان بولىدۇ. پەرۋەردىگارمۇ ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.
- كوچىدىكى دىۋانىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خۇشاللىقى بار. بۇ خۇشاللىق ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەشەمەتلىك خان سارايدا تۇرۋاتقاندىن كەم ئەمەس، - دىدى ياش ئەر، - ئەجەبا، سىزنىڭچە ھايۋاننىڭ تۇرمۇشى جاپالىق ئەمەسمۇ؟ تاكى ئۆلگىچە كۈن بۇيى ئاچارچىلىق، تاياق دەستىدىن ئۆتۋاتقان بىر ھايۋان ئۆز ھاياتىنىڭ ئازاپلىرىنى ھېس قىلالامدۇ؟ ئەجەبا ئۇمۇ كەلگۈسىدىكى بىر تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىپ، تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئادىل ئەمەس، ئۆزىنى ئالىي دەرىجىلىك جانلىقلار قاتارىغا گىرگۈزمىدى، دەپ ئاغرىنسۇنمۇ؟
- خىرىستوس جەننەتتە نۇرغۇن ئۆيلەر بار، جەننەتنىڭ چىكى يوق، تەڭرىنىڭ شاپائىتىمۇ چەكسىز، دىگەن. - دىدى ياش ئايال، - ھايۋانلار گەپ قىلالمىسىمۇ ئەمما ئۇمۇ بىر جانلىق-تە! مەن ھىچقانداق ھاياتلىقنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەر بىر ھاياتلىق ئۆزىگە لايىق، بەھرىمان بۇلۇشقا تىگىشلىك بەختكە ئېرىشىدۇ.
- بىراق، مەن بۇ دۇنيادىن رازى!- دىدى ئەر. ئارقىدىن ئۇ قولىنى سوزۇپ چىرايلىق، يىقىملىق ئايالىنى باغرىغا باستى! ئاندىن ئازادە بالكونغا چىقىپ بىر تال تاماكا چەكتى. كوچىدا ناخشا-مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىماقتا، ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلىماقتا. بىر جۈپ مۇھەببەتكە تولغان كۆز—ھىلقى ياش ئايالنىڭ كۆزى—ئۈچمەس مۇھەببەت نۇرىغا ئايلىنىپ ئەرنىڭ چىھرىدە قىتىپ قالغان ئىدى.  
- شۇنداق بولغاندا، - دىدى ئەر، - ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كىلىشى، تەرەققى قىلىشى ھەم ھالاكىتى ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.
ئۇ كۈلۈمسىرىدى. ئايال قولىنى كۆتۈرۈپ سىيلىق رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىلقى قاراڭغۇ كۈلەڭگە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. ئۇلار ناھايىتى بەختىلىك ئىدى.
ھەممە نەرسە ئۇلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك ئۇلارنى شان-شەرەپ، بەخت ۋە خوشاللىقتىن بەھرىمان قىلماقتا. كىيىنچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئانچىكى ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. ئەمما بۇلار پەقەت كىچىككىنە تەۋرىنىش، خالاس. ئۇلارنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، ئاسايىشلىق تۇرمۇشىغا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسەتمىدى. پادىشاھ ياش ئەرنى روسىيە خانىدانلىقىدا باش ئەلچى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇ ناھايىتى شەرەپلىك ۋەزىپە. بۇ ۋەزىپە ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەم بىلىمىگە تامامەن مۇۋاپىق كىلىدۇ. ئۇنىڭ غايەت زور بايلىقى بار، ئايالىمۇ بۇ بايلىققا باراۋەر بايلىق ئىلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي، مەرتىۋىلىك سودىگەرنىڭ قىزى ئىدى. بۇ سودىگەر دەل شۇ يىلى ئەڭ چىرايلىق ھەم ئەڭ چوڭ كېمىنى ھەيدەپ سان پېتىرىبۇرگقا بارماقچى، بىر جۈپ ئامراق ئەر-خوتۇن—قىزى بىلەن كۈيئوغولنى سان پېتىرىبۇرگقا ئاپىرىپ قويماقچى بولغانىدى. كېمە ناھايىتى ھەشەمەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پولغا يۇمشاق گىلەم سېلىنغانىدى. ئەتراپنىڭ ھەممىسىدە يىپەك بۇيۇملار بىلەن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى كۆزگە چىلىقاتتى.
دانىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى قەدىمكى بىر ئۇرۇش ناخشىسىنى ئېيتالايدۇ. بۇ ناخشىنىڭ ئىسمى «ئەنگىلىيە شاھزادىسى». بۇ شاھزادىمۇ چىرايلىق بىر كېمىگە ئولتۇرىدىكەن. بۇ كېمىنىڭ لەڭگىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، ھەر بىر تال ئارقانىڭ ئىچىگە مەشۇت ئىلىنغان ئىكەن. سودىگەرنىڭ كېمىسىنىڭ ئىسپانىيىدىن يولغا چىققانلىقىنى كۆرگەن چىغىڭىزدا تەبئىلا شاھزادىنىڭ كېمىسىنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز. چۈنكى بۇ كېمىمۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك. كېمىنى ئايرىلىش كەيپىياتى چىرمىۋالغان ئىدى:

تەڭرى، بىزنى شادلىق ئىچىدە جەم قىلغايسەن.

ئۇزاققا قالمايلا ئىسپانىيە دېڭىز ساھىلىدىن ئوڭ شامال چىقىشقا باشلىدى. ئايرىلىش پەقەت ۋاقتلىق ئىش. چۈنكى نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ئۇلار مەنزىلگە يىتىپ بارىدۇ. ئەمما، ئۇلار دېڭىزغا چىققان چاغدا شامال توختاپ قالدى. ئەينەكتەك دېڭىز يۈزى ناھايىتى تېنچ ئىدى. دېڭىز يۈزى جىمىرلايتتى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ كۆز قىسىشاتتى. كېمىنىڭ ئېسىل بۆلۈمچىلىرىدە ھەر ئاخشىمى بايرام شادلىقى ياڭرايتتى.
يولۇچىلار بارا-بارا شامال چىقىشىنى، سەپەرگە ئوڭ سالقىن شامال چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىشتى. ئەپسوس، شامال چىقمىدى. چىقسىمۇ تەتۈر شامال چىقاتتى. قانچىلىغان ھەپتىلەر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. كېمىنىڭ دېڭىزغا چىققىنىغا ئىككى ئايمۇ بولدى. ھەرنىمە بولسا شامال چىقتى. شۇنىسى غەربىي-جەنوپ تەرەپتىن چىقىۋاتاتتى. بۇ شوتلاندىيە بىلەن جۇتلاند ئارىلى ئوتتۇرسىدىكى دېڭىز يولى تەرەپ ئىدى. «ئەنگىلىيە شاھزادىسى» نەملىق ناخشىدا ئېيتىلغاندەك، شامال بارغانسىرى ئەۋجەپ كەتتى:

ئاسماننى قاپلىغان قاپقارا بۇلۇت،
ھوۋلايتتى بورانغا ئايلىنىپ شامال،
كۆرۈنمەيدۇ كۆزلەرگە دېڭىز ساھىلى،
لەڭگەرنى تاشلىماق بىردىنبىر ئامال،
شامال ئۇچاتتى غەرپكە يەنە،
ئۇنىڭمۇ نىشانى خۇددى دانىيە.

شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ۋاقت ئۆتۈپ كەتتى. كىرىستىئان يەتتىنچى دانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. شۇ چاغلاردا ئۇ ناھايىتى ياش ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى، ياكى نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. دېڭىز بىلەن سازلىق قۇيۇق ئوتلاققا ئايلاندى. چۆل-جەزىرىلەردە بوزيەر ئېچىلدى. غەربىي جۇتلاندتىكى كەپىنىڭ كەينىدە ئالما دەرىخى بىلەن ئەتىرگۈل ئۈنۈپ چىقتى. ئەلۋەتتە، ئىنچىكە كۆزەتكەندىلا ئاندىن ئۇلارنى بايقايسىز. چۈنكى بۇ ئۆسۈملۈكلەر كۈچلۈك غەرپ شامىلىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن سۇقۇنۋالغان ئىدى.
كىشىلەر بۇ يەردە كىرىستىئان يەتتىنچى ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان مەزگىللەردىنمۇ بۇرۇنقى قەدىمكى دەۋرگە كىلىپ قالغاندەك تۇيغىغا كىلىپ قالىدۇ. ھازىرقى جۇتلاند بۇرۇنقى دەۋرلەردىكىگە ئوخشاشلا بولۇپ، سارغۇچ تۇپرىقى، كونا مازىرى يەنىلا شۇ پىتى. غايىبانە مەنزىرىسى، گىرەلىشىپ كەتكەن قۇمساڭغۇ ئىگىز-پەس يوللىرى ئۇپۇققا قاراپ سوزۇلغان. غەرپكە قاراپ ماڭغاندا دېڭىز قولتۇقىغا قاراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن دەريا-ئېقىنلارنى، ئوغۇل-دوڭغۇل يەرلەرنى ھەم ئوتلاقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلارنى بىر پارچە قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ. قۇملۇق چوققۇلىرى ئىگىز-پەس ئالپىس تېغىغا ئوخشاش دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تاكى سېغىز تۇپراقتىن شەكىللەنگەن ئىگىز دېڭىز قىرغىقىغىچە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. دېڭىز دولقۇنلىرى ھەر يىلى بۇ يەرنى يالاپ، تىك قىيالارنى غولۇتۇپ چۈشۈرىدۇ. بۇ ھالەت قارىماققا يەر تەۋرىگەندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەر ھازىرمۇ شۇنداق. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ھىلقى بەختلىك بىرجۈپلەر ھەشەمەتلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەندىمۇ شۇنداق ئىدى.
شۇ چاغ سىنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، قۇياش پارلاپ تۇراتتى. چىركاۋدىكى سائەت قوڭغۇرىقى چاتما مۇزىكىغا ئوخشاش نىسسۇم قولتۇقىغىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ يەردىكى بارلىق چىركاۋلارنىڭ ھەممىسى رەتلىك تېزىلىپ تۇرغان غايەت زور تاشقا ئوخشايدۇ. ھەر بىر چىركاۋ بىر پارچە تاشنىڭ ئۆزى. غەربىي دېڭىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن دۇمۇلاپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ شۇ پىتى تىك تۇرىدۇ. بۇ چىركاۋلارنىڭ ھىچقايسىدا ئۇچلۇق مۇنار يوق. سائەت ھىمىشە بوشلۇقتىكى ئىككى توغرا ياغاچقا ئېسىپ قۇيۇلىدۇ. ئىبادەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مۇرتلار تەڭرىنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىقىپ، چىركاۋنىڭ قەبرىستانلىقىغا كىلىدۇ. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىغا ئوخشاش بىر تۈپ دەرەخ ياكى چاتقالمۇ يوق ئىدى. بۇ يەرگە ھىچكىم بىر تۈپ گۈلمۇ تېرىمىغان. قەبرىلەرگە ھىچكىممۇ گۈل چەمبىرەك قويۇپ باقمىغان. ئاددى تۇپا دۆڭلىرى بۇ يەرگە ئادەم كۆمۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. پۈتۈن قەبرىستانلىق شامالدا جانسىز يەلپۈنۈپ تۇرغان ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان. ئۇيەر-بۇيەردە بىرەر-يېرىم خاتىرە بۇيۇمى قەبرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ: بۇ يېرىم چىرىگەن ياغاچ پارچىسى بولۇپ، ئىلگىرى مىيىت ساندۇقىغا ئوخشاش بىرنىمە قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ ياغاچ غەربىي قىسىمدىكى ئورمانلىق—دېڭىزدىن ئىلىپ كىلىنگەن. دېڭىز قىرغاق بويلاپ ئولتۇراقلاشقان بۇ ئاھالىلەرنى لىم ۋە تاختاي بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇلارنى ئوتۇنغا ئوخشاش لەيلىتىپ دېڭىز قىرغىقىغا چىقىرىپ قۇيىدۇ. بۇ ياغاچلار دېڭىز سۈيى ۋە شامالدا ناھايىتى تېزلا چىرىشكە باشلايدۇ. بىر كىچىك بالىنىڭ قەبرىسىدە مۇشۇنداق ياغاچتىن بىر پارچە بار. چىركاۋدىن چىققان ئاياللارنىڭ ئىچىدە بىرى مۇشۇ قەبرىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئورنىدا قىمىرمۇ قىلماي تۇرغىنىچە خاتىرە بۇيۇمغا تىكىلدى. ھايال بولمايلا ئۇنىڭ ئېرىمۇ يىتىپ كەلدى. ئۇلار گەپ قىلىشمىدى. ئەر ئايالنىڭ قولىدىن تارتىپ قەبرە بىشىدىن ئايرىلدى ھەم قارامتۇل سارغۇچ قاقاسلىققا قاراپ ماڭدى. سازلىقتىن، ھىلقى قۇملۇقلاردىن ئۆتتى. ئۇلار ئۈن-تۈنسىز خېلى ئۇزۇن ماڭدى.
- باستىر بۈگۈن يامان ئەمەس سۆزلىدى،- دىدى ئەر، - ناۋادا تەڭرى بولمىسا ھىچنەرسىمىز بولمايدۇ.
- شۇنداق، - دىدى ئايال جاۋاپ بېرىپ، - ئۇ بىزگە خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئازاپ ئىلىپ كىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ھوقوقى بار! ناۋادا تەڭرى ئۇنى ساقلاپ قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلغان بولسا ئەتە سۈيۈملۈك ئوغلىمىز بەش ياشقا كىرەتتى.
- بۇنداق ئازاپلانماڭ، بۇنىڭ پايدىسى يوق،- دىدى ئەر، - ھازىر ئوغلىمىزنىڭ ھەممە ئىشى ياخشى كىتۋاتىدۇ! ئۇ تۇرۋاتقان يەر دەل بىز بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان يەر.
ئۇلار قايتا گەپلەشمىدى. داۋاملىق كىتىۋەردى. قۇملۇقلار ئارسىغا جايلاشقان ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. تۇيۇقسىز، قۇم دۆڭنىڭ يېنىدىكى دېڭىز سۈيى قۇمنى ئېقىتىپ تۇرىدىغان جايدا قۇيۇق چاڭ-تۇزان كۆتۈرۈلدى. بۇ، قۇم بارخانىلىرىغا قاراپ ھۆرپەيگەن قارا بوران بولۇپ، بوشلۇقتا قۇيۇن پەيدا قىلىپ قۇملارنى ئۇچىراتتى. ئارقىدىنلا يەنە بىر پەس قاتتىق شامال چىقتى. شامال تانىغا ئىلىپ قۇيۇلغان بىلىقنى ئۆينىڭ تېمىغا ئۇراتتى. ئارقىدىنلا ھەممە تېنجىپ، پارلاپ تۇرغان قۇياش كۆرۈندى.
ئەر-ئايال ئۆيگە كىردى ھەم ھايال بولمايلا يەكشەنبە كۈنى كىيىدىغان يېڭى كىيىملىرىنى كون كىيىملىرىگە ئالماشتۇردى. ئارقىدىن قۇملۇققا قاراپ ئالدىراش يولغا چىقتى. قۇمبارخانلىرى تۇيۇقسىز قىتىپ قالغان دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايتتى. سۇس كۆك رەڭ دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ شاخلىرى بىلەن قىياقلار قۇملۇقنى خىلمۇ-خىل رەڭدە كۆرسۈتۈپ تۇراتتى. خوشنىلار بىرلىشىپ خېلى كۆپ كېمىلەرنى سۆرەپ ئىگىز قۇم دوڭلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ چىقتى. شامال تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كەتتى. سوغاق بارغانسىرى ئەدەپ سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك بوپ كەتتى. ئۇلار قۇملۇققا قايتىپ كەلگەندە قۇم ۋە شېغىللار ئۇچۇپ كىلىپ ئۇلارغا زەرپ بىلەن ئۇرۇلدى. دېڭىز دولقۇنى ئاق رەڭلىق بۇژغۇنلارنى چاچرىتاتتى، بوران دولقۇننىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، كۈۋۈكچىلىرىنى نەلەرگىدۇ ئاپىرىۋىتەتتى.
قاراڭغۇ چۈشتى. ئاسماننى توختاۋسىز زورۇيۋاتقان شاۋقۇن-سۆرەن قاپلىدى. ئۇنىڭ ھۆكۈرىشى، داد-پەريادى بەئەينى بىر توپ ئۈمۈدسىز جىن-شاياتوننىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىنى يۈتۈپ كەتمەكچى—گەرچە بېلىقچىلارنىڭ كەپىسى يىقىنلا يەردە بولسىمۇ—بولغىنىدەك ئاڭلىناتتى. قۇملار دىرىزىگە ئۇرۇلاتتى. بەزىدە ئەۋجەيگەن بوران پۈتۈن ئۆينى سىلكىيتتى. ئاسمان قاپقاراڭغۇ. يېرىم كېچىگە بارغاندىلا ئاندىن ئاسماندا ئاي پەيدا بولدى.
ئاسمان ناھايىتى سۈزۈك بولسىمۇ بوران توختىماي ئۇشقۇرتماقتا، چەكسىز سوزۇلغان دېڭىزغا قاراپ ھۆكۈرمەكتە. بېلىقلچىلار ئاللىقاچان يوتقان ئىچىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ھاۋادا قانداقمۇ ئۇخلىغىلى بولسۇن. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار بىرىنىڭ دىرىزە چېكىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئىشىك ئېچىلىپ بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
- چوڭ بىر كېمە ئەڭ يىراقتىكى قۇم ساھىلدا پېتىپ قاپتۇ!
بېلىقچىلار دەرھال كارۋاتلىرىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كىيىملىرىنى كىيىشتى.
ئاي چىقىپ ئەتراپتىكىنى نەرسىلەرنى ئىلغا قىلالىغۇدەك، قۇم بوراندا ماڭالىغۇدەك دەرىجىدە يورۇتتى. بوران ئادەملەرنى يۆگەپ ئۇچۇرۇپ ئەكەتمەكچى بولغاندەكلا ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك ئىدى. كىشىلەر خېلى كۈچ سەرپ قىلىپ بوراننىڭ پەسەيگەن پەيتىدە قۇمبارخانلىرىدىن ھالقىيتتى. تۇزلۇق دېڭىز بۇژغۇنلىرى قۇش پىيىگە ئوخشاش دېڭىز يۈزىدىن بوشلۇققا ئۇچاتتى. دېڭىز دولقۇنلىرى ئۆركەشلەپ بەئەينى شاقىراتمىغا ئوخشاش دېڭىز ساھىلىغا زەرپ بىلەن ئۇرۇلاتتى. بۇنداق ھاۋادا مول تەجىربىگە ئىگە كىشىلا دېڭىز يۈزىدىكى كېمىنى پەرقلەندۈرەلەيتتى. بۇ، چىرايلىق ئىككى ماچتىلىق كېمە ئىدى. غايەت زور دېڭىز دۇلقۇنلىرى ئۇنى دائىم ماڭىدىغان دېڭىز يولىدىن يېرىم مىلدەك چەتكە سۈرۋەتكەن، ئۇنى قۇم ساھىلىغا ئەكىلىپ تاشلىغانىدى. كېمە قۇرۇقلۇققا قاراپ يۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىككىنچى قۇمغا تاقىشىپ، مىدىرلىيالمايدىغان بوپ پىتىپ قالغان ئىدى. كېمىنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمايتتى. قۇترىغان دېڭىز كېمە بىقىنىغا ئۇرۇلاتتى، پالوبىغا يامىشاتتى. قىرغاقتىكى كىشىلەر دات-پەرياتلارنى، ئۈلۈم ئالدىدىكى چىقىراشنى ئاڭلىغاندەك بولدى. پالوبىدا ماتروسلارنىڭ نىمە قىلارنىنى بىلمەي ئالدىراشچىلىك ئىچىدە يۈگرەپ يۈرگەنلىكى كۆزگە چىلىقاتتى. بۇ چاغدا كۈچلۈك بىر دولقۇن يۇپۇرلۇپ كەلدى. ئۇ خوددى ھەممىنى ۋەيران قىلىدىغان تاشتەك كېمىگە قاراپ ئۇرۇلدى. ئارقىدىنلا كېمە قاپ ئوتتۇرىدىن سۇندى. كېمە قۇيرۇقى سۇ ئۈستىدە ئىگىز كۆتۈرلدى. ئىككى ئادەم سۇ ئىچىگە سەكرىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىككىسى كۆرۈنمەي قالدى. كۈچلۈك دولقۇن قۇملۇققا يۇپۇرلۇپ كەلدى ھەم قىرغاققا بىر جەسەتنى تاشلاپ قۇيۇپ كەتتى. بۇ ئايال كىشى بولۇپ، ئاللىقاچان ئۆلگەندەك قىلاتتى. بىر نەچچە ئايال كىلىپ ئۇنى تۇتۇپ نۇقۇپ كۆردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭدا ھاياتلىق ئىزنالىرى بايقالدى. ئۇلار ئايالنى قۇملۇقتىن كۆتۈرۈپ بىلىقچىنىڭ ئۆيىگە ئىلىپ كىردى. ئايال ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، قارىماققا ئېسىلزادە خانىملاردەك كۆرۈنەتتى.
ئۇلار ئايالنى ئاددى ياسالغان كارىۋات ئۈستىگە ياتقۇزدى، كارۋات ئۈستىگە بىرەر پارچە كىرلىكمۇ يوق بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ بەدىنىنى ئوراشقىلا يىتىدىغان بىر پارچە يۇڭ ئەدىيال بار ئىدى. بۇمۇ ئۇنى خېلى ئىللىتتى.
ئايال ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى. ئەمما ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەنىدى. ئۇ نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالالمىدى، ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇرۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. بۇمۇ ياخشى بولغىنى، چۈنكى ئۇ ئامراق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېڭىز يۇتۇپ كەتتى. بۇ كېمىنىڭ ئەھۋالى خوددى «ئەنگىلىيە شاھزادىسى»دىگەن ناخشىدا ئېيتىلغاندەك ئىدى:

كۈكۈم-تالقان بولغاچقا كېمە،
ئازاپلاندىن قەلبىدىن ھەممە.

كېمىنىڭ بىر قىسىم قالدۇقلىرى قىرغاققا لەيلەپ چىقتى. ئايال كېمىدىكىلەرگە قارىغاندا تەلەيلىك ھىساپلىناتتى. بوران داۋاملىق ئۇشقۇرتماقتا. ھىلقى ئايال بىرنەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئازاپلىق توۋلاشقا باشلىدى. ئۇ چىرايلىق كۆزلىرىنى ئېچىپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى. ئەمما، ھىچكىم ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيتتى.
ئۇ باشتىن كەچۈرگەن ئازاپلارنىڭ جاۋابى ھىسابىغا ئۇنىڭ قۇچىقىدا بىر بۇۋاق تۇراتتى. بۇۋاق ئەسلى ئېسىل مەخمەل كۆرپىلەر سېلىنغان كارىۋات ئۈستىدە يىتىشى، خوشال-خورام ياشىشى، دۇنيادىكى بارلىق ياخشىلىقلاردىن بەھرىمان بولىدىغان تۇرمۇش قاينىمىدا ئۆتىشى كېرەك ئىدى. بىراق، تەڭرى ئۇنى مۇشۇنداق نامرات بىر جايغا ئەكىلىپ تاشلىدى. ئۇ ھەتتا ئانىسىنىڭ بىرەر قىتىملىق سۈيۈشىگىمۇ نائىل بۇلالمىدى.
بېلىقچىنىڭ ئايالى بالىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا قويدى. بالا سوقۇشتىن توختىغان يۈرەكنىڭ يىنىدا ياتاتتى. چۈنكى ئانا جان ئۈزگەن ئىدى. بۇ بالا ئەسلى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشى، ئەزىزلىنىپ چوڭ بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، مانا مۇشۇنداق دېڭىز سۈيى يۇيۇپ تۇرىدىغان، قۇملۇققا جايلاشقان كىشىلىك دۇنياغا كىلىپ، نامرات كىشىلەرنىڭ تەغدىرى بىلەن جاپالىق تۇرمۇشتىن ئورتاقلاشماقتا.
بۇ چاغدا بىز ئىختىيارسىز ھىلقى كونا ناخشىنى يادىمىزغا ئالىمىز:

شاھزادە ياش تۆكۈپ تىلەيتتى شۇنى،  
ئاھ تەڭرىم ساقلىغاي، دەپ بوۋبېرگنى،
بۇگ بىگىم يۇرتىغا كەپ قالغان بولسام،
ياق، بوزەك ئېتەلمەس ھىچكىممۇ مېنى.

كېمە پىتىپ قالغان يەر نىسسۇم قولتۇقىنىڭ جەنوپ تەرپىدىكى ئىلگىرى بۇگ بەگ ئۆزىگە تەۋە، دەپ جاكارلىغان ساھىلدا ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، دېڭىز ياققىدىكى ئاھالىلەر ھىمىشە ئاپەتكە ئۇچرىغان كېمىدىكى ئادەملەرگە يامانلىق قىلىدىكەن. ئەمما بۇنداق مۇدھىش كۈنلەر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى.  ئاپەتكە ئۇچرىغانلار بۇ يەردە ھازىر ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشىدۇ. كىشىلەر ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ، ھىسداشلىق قىلىدۇ، ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە مۇشۇنداق ئالىيجاناپ ئىش-ھەركەتلەر بولىشى كېرەك. سەكراتتىكى ئانا بىلەن بەختسىز بۇۋاقنى «بوران قانداقلا يەرگە ئۇچۇرۇپ ئاپىرۋىتىشىدىن» قەتئىنەزەر ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق، باشقا ھەرقانداق يەردە ئۇلار بۇ يەردىكى بېلىقچىلارنىڭ ئۆيىدىكىدەك قىزغىن مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدۇ. بېلىقچى ئايال تېخى تۈنۈگۈنلا قاتتىق قايغۇ ئىچىدە بالىسى دەپنە قىلىنغان قەبرىنىڭ يىنىدا تۇرغان ئىدى. ناۋادا تەڭرى بالىنى ئۇنىڭغا قالدۇرغان بولسا ئۇ بەش ياشقا كىرەتتى.
قازا قىلغان ياش ئايالنىڭ كىملىكىنى ياكى قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. بۇزۇلغان كېمە قالدۇقلىرى ھىچقانداق مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى.
ئىسپانىيىدىكى ھىلقى باي جەمەت تاكى ھازىرغىچە قىز ھەم كۈيئوغلى توغۇرلۇق ھىچقانداق خەت تاپشۇرۋالمىدى. بۇ ئىككىسى تېخى مەنزىلگە يىتىپ بارمىغان بولۇپ، بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان دەھشەتلىك بوران چىقىۋاتاتتى. كۆپچىلىك نەچچە ئاي ساقلىدى. ئۇلار پەقەت «دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى»نىلا بىلەتتى.
بىراق، خانسىبىيدىكى قۇمبارخانلىرىنىڭ يېنىدا، بېلىقچىلارنىڭ ئۆيىدە بىر كىچىك ئوغۇل بالا پەيدا بولۇپ قالدى.
تەڭرى ئىككى ئادەمنىڭ رىسقىنى بەرگەن چاغدا ئۈچۈنچى كىشىمۇ ئازراق يىسە بولىدۇ. دېڭىز ئۇلارنى تەمىنلەيدىغان بېلىق بىرلا قاچا ئەمەس. بالىغا جورگىن دەپ ئىسىم قويۇلدى.
- ئۇ چوقۇم يەھۇدىلارنىڭ بالىسى،- دىدى كىشىلەر، - ئۇنىڭ تېرىسى نىمە دىگەن قارا!
- ئۇ بەلكىم ئىتالىيىلىك ياكى ئىسپانىيىلىك بولىشى مۇمكىن!(3)- دىدى باستېر.
بىراق، ھىلىقى بىلىقچىنىڭ ئايالىغا نىسبەتەن بالا يۇقارقى ئۈچ مىللەتنىڭ قايسىسىغا تەۋە بولسا ئوخشاش. بۇ بالا ئۈچۈن خىرىستىيان دىنىي چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىسىلا ئانا ئۈچۈن يىتىپ ئاشاتتى. بالا ناھايىتى ياخشى يىتىلدى. ئۇنىڭ ئاقسۈڭەك قان سېستىمىسى رايىش بولۇپ، ئۆي تامىقى ئۇنى ساغلام بەدەن قىلىپ ئۆستۈردى. غۇربەت كۈلبىدە بالا ناھايىتى ياخشى چوڭ بولدى. غەربىي قىرغاقتىكى كىشىلەرنىڭ دانىيە تىلى ئۇنىڭ ئانا تىلى بولۇپ قالدى. ئىسپانىيە تۇپرىقىدىكى بىر تال ئانار ئۇرۇقى ئەمدىلىكتە غەربىي جۇتلاند دېڭىز قىرغىقىنىڭ سوغاققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆسۈملىكىگە ئايلاندى. بىر ئادەمنىڭ تەغدىرى بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن! ئۇنىڭ ھاياتى مۇشۇ ئائىلىگە چوڭقۇر باغلاندى. ئەمدى ئۇ ئاچارچىلىق ۋە ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ھىلىقى غۇرگىل كىشىلەرنىڭ بەختسىزلىك ھەم ئازاپ-ئوقىبەتلىرىنى تەڭ تارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەمبەغەل ئادەملەرنىڭ خوشاللىقىدىنمۇ بەھرىمان بولىدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ خوشال ئويناپ-كۈلۈپ يۈرىيدىغان بالىلىق چاغلىرى بولغان. بۇ مەزگىلدىكى ئەسلىمىلەر ئۇنىڭ ھاياتىدا مەڭگۈ يارقىن نۇرلارنى چاقنىتىدۇ. جورگىننىڭ بالىلىق چاغلىرى نەقەدەر شاد-خوراملىق ھەم ئۇيۇن-تاماشىغا تولغان-ھە! ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقىنىڭ ھەممىسىدە ئوينىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شېغىل تاشلار بىرىكىپ مارجانغان ئوخشاش قىزىل، كەھرىۋاغا ئوخشاش سېرىق، قۇش تۇخۇمىغا ئوخشاش ئاق رەڭدار كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دېڭىز سۈيى ئۇلارنى يالاپ پاقىرتىۋىتىدۇ. يەنە ئاپئاق بېلىق سۆڭەكلىرى، بوران سوقۇپ قۇرتىۋەتكەن ئۆسۈملۈكلەر، تاشلار ئارسىدا پىلتىڭلاپ تۇرغان نۇر چىقىرىدىغان ئاق رەڭلىك لاتا پۇرۇچقا ئوخشاش دېڭىز ئوتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنىدۇ، كىشىگە خوشال كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ. بالىنىڭ جىسمىغا يۇشۇرۇنغان ئادەتتىن تاشقىرى پەم-پاراسەت بارغانسىرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ بىلىدىغان چۆچەك، ناخشا-شېئىرلار بەك كۆپ! ئۇنىڭ پۇت-قولى ناھايىتى چىۋەر ھەم چەبدەس. ئۇ شېغىل بىلەن قۇلۇلە قېپىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەرخىل شەكىللەرنى، كېمىلەرنى ياسىيالايدۇ. ئاندىن بۇ نەرسىلەرنى تىزىپ ئۆينى بېزەيدۇ. بالىنىڭ بېقىۋالغان ئانىسى گەرچە جورگىن تىخى كىچىك بولسىمۇ ئۆز تەسەۋۇرىنى ياغاچ توخماققا ئەپچىللىك بىلەن ئۇيۇپ چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان! ئۇنىڭ ئاۋازى يىقىملىق. ئۇ ھەرخىل ئوخشىمايدىغان ناخشىلارنى ئېيتالايدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە ھەرخىل نوتىلار پەيدا بولىدۇ. ناۋادا ئۇ شىمالىي دېڭىزدىكى بىلىقچى ئائىلىسىدە ئەمەس، باشقا يەردە توغۇلۇپ قالغان بولسا بۇ ناخشا نوتىلىرى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان بۇلاتتى.
بىر كۈنى يەنە بىر كېمە بۇ يەردە تالاپەتكە ئۇچرىدى. لىپمۇ-لىق گۈل يىلتىزى قاچىلانغان بىر ساندۇق لەيلەپ قىرغاققا چىقىپ قالدى. بۇلار ناھايىتى ئەتىۋارلىق، كەم ئۇچرايدىغان گۈللەرنىڭ يىلتىزى ئىدى. كىشىلەر بىر نەچچە تال يىلتىزىنى ئىلىپ سەي تەلەڭگىسىگە سالدى. چۈنكى ئۇلار بۇنى يەيدىغان سەي دەپ قالغانىدى. بەزىلىرى يىلتىزنى قۇمغا تاشلىۋەتتى. يىلتىز قۇرۇپ كەتتى. يىلتىزلار ئۆز بۇرچىنى ئورۇنلاشقا، ۋۇجودىدىكى چىرايلىق گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇپ بېرىشكە ئۈلگۈرمىدى. جورگىننىڭ تەغدىرى بۇنىڭدىن ياخشى ھىساپمۇ؟ گۈل يىلتىزلىرى ناھايىتى تېزلا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئەمما، جورگىننىڭ ھاياتى تىخى ئەمدى باشلىدى.
جورگىن ۋە ئۇنىڭ بەزى دوستلىرى ئەزەلدىن كۈنلەرنىڭ زېركىشلىك ھەم مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. چۈنكى ئۇلار كۆرىدىغان، ئوينايدىغان، ئاڭلايدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ. دېڭىز بىر قامۇسقا ئوخشاش ھەر كۈنى يىڭى بەتلەرنى ئېچىپ تۇرىدۇ. بىردەم تېنچلانسا، بىردەم ئۆركەشلەيدۇ، بىردەم يۇۋاش بولسا بىردەم غالجىرلىشىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ يوقىرى چېكى كېمىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرۇتۇش. ئىبادەت قىلىش شادلىق مۇجەسسەم بولغان سورۇن. بىراق، بۇ بېلىقچىنىڭ ئائىلىسىدە مەلۇم بىر خىل مۇراسىم ھەممىدىن بەك قارىشى ئېلىنىدۇ. بۇ مۇراسىم ھەر يىلى ئىككى قىتىملا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بۇ ئۆيگە جورگىننىڭ تاغىسى كىلەتتى. ئۇ جورگىننى بېقىۋالغان ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئىنىسى بولۇپ، بوۋبېرگنىڭ يىنىدىكى فىيالتېرىندا تۇراتتى. يىلانبېلىق بېقىش بىلەن شوغۇللىناتتى. ئۇ كەلگەندە ھىمىشە لىپمۇ-لىق يىلانبېلىق قاچىلانغان قىزىل سىرلاق ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ كىلەتتى. ئات ھارۋىسى بەئەينى ساندۇققا ئوخشاش ھىم سۇلىناتتى. ھارۋىنىڭ ھەممە يېرىگە كۆك ۋە ئاق رەڭدىكى كۈركۈمگۈلى سىزىلغان ئىدى. ھارۋىنى جىگەررەڭ ئىككى ئات سۆرەيتتى. جورگىننىڭ ئاتلارنى ھەيدەش ھوقوقى بۇلاتتى.
يىلانبېلىق باقىدىغان بۇ كىشى قىزىقچى، خۇشچاقچاق ئادەم ئىدى. ئۇ دائىم ئازاراق ئاق ھاراق ئالغاچ كىلەتتى. ھەر بىر ئادەم بىر رومكىدىن ھاراق ئىچەلەيتتى. ناۋادا رومكا يەتمەي قالسا چاي پىيالىسىدە ئىچەتتى. جورگىننىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ سىمىز يىلانبېلىقنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئازاراق ھاراق ئىچەتتى. يىلانبېلىق باقىدىغان كىشى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ھاراق ئىچىش توغرىسىدا گەپ قىلىشقا ئامراقتى. ئۇ كۆپچىلىكنى كۈلدۈرگەندىن كىيىن يەنە دەرھال ئۇلارغا ئوخشاش بىر گەپنى تەكرارلاپ بېرەتتى—گەپدان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. جورگىن چوڭ بولغاندىن كىيىن ھەم ياشلىق مەزگىللىرىدە دائىم بۇ ئادەمنىڭ گەپلىرىنى سۆزلەشنى ياخشى كۆرەتتى. قېنى، بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى:

كۆل ئىچىدىكى يىلان بېلىقلار ئىشىكتىن چىقتى. يىلان بېلىقنىڭ قىزى قىرغاقتىن ئانچە يىراق بولمىغان يەرگە بېرىپ ئويناشنى تەلەپ قىلدى. ئانىسى ئۇلارغا:
-يىراققا كەتمەڭلار! بەتبەشىرە يىلان بېلىق تۇتقۇچىلار كىلىپ قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار ھەممىڭلارنى تۇتۇپ كىتىدۇ!- دىدى.
ئەمما ئۇلار يىراققا كەتتى. سەككىز قىزنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۈچىلا ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كىلەلىدى. ئۇلار يىغلىغان پىتى:
- بىز ئىشىكتىن چىقىپ تېخى يىراققا بارمايلا ھىلقى قورقۇنۇچلۇق يىلان بېلىق تۇتقۇچىلار يىتىپ كەلدى. ئۇلار بەش قېرىندىشىمىزنى سانجىپ ئۆلتۈرۋەتتى!-...دىدى.
-ئۇلار چوقۇم قايتىپ كىلىدۇ،- دىدى يىلان بېلىق ئانا.
-كىلەلمەيدۇ!- دىيىشتى قىزلىرى، - بېلىق تۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ تېرسىنى سۇيۋەتتى،يەنە ئىككى پارچە قىلىپ كاۋاپ قىلدى.
- ئۇلار قايتىپ كىلىدۇ! - دىدى يىلان بېلىق ئانا.
- كەلمەيدۇ، ئۇلارنى يەۋەتتى!...
- ئۇلار قايتىپ كىلىدۇ! - دىدى يىلان بېلىق ئانا يەنە.
- بىراق، ئۇلار قېرىنداشلىرىمىزنى يىگەندىن كىيىن يەنە ئاق ھاراق ئىچتى، - دىيىشتى قىزلار.
- ھۆ! ھۆ! ئۇنداقتا ئۇلار مەڭگۈ قايتىپ كىلەلمىگۈدەك! – دەپ توۋلىدى يىلان بېلىق ئانا، - ئاق ھاراق ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قۇيىدۇ!
شۇڭا يىلان بېلىق باققۇچى «يىلان بېلىق يىگەندىن كىيىن ئاق ھاراق ئىچىش كېرەك» دەيتتى.

بۇ ھىكايە بىر نۇرلۇق يىپقا ئوخشاش جورگىننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى چىتىپ تۇراتتى. ئۇمۇ ئىشىكتىن چىقىشنى خىيال قىلاتتى. «دېڭىزغا چىقىپ باقسام بۇلاتتى» دەپ ئويلايتتى. بۇ، كېمىگە ئولتۇرۇپ دۇنيانى كۆرۈپ كىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى يىلان بېلىق ئانىغا ئوخشاش «يامان ئادەملەر كۆپ» دەيتتى. بىراق جورگىن قۇملۇقتىن ئايرىلىپ ئىچكىرلەپ مىڭىپ بىقىشنى ئويلايتتى ھەم شۇنداق قىلدى. تۆت كۈن خوشال ئۆتتى. بۇ، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋردىكى ئەڭ خوشال چاغلار ئىدى. پۈتۈن جۇتلاندتىكى گۈزەللىك، ئىچكى جايلاردىكى خوشاللىق ھەم قۇياش نۇرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نەچچە كۈنگە مۇجەسسەملەشكەن ئىدى. ئۇ بىر زىياپەتكە قاتناشماقچى—گەرچە بۇ بىر دەپنە مۇراسىمى بولسىمۇ.
بىر باي بېلىقچىنىڭ تۇققۇنى قازالىغان ئىدى. قازالىغان كىشى ئىچكى جايدىكى «سەل شەر*قتە، ئازاراق شىمالغا قىيپاش» دەپ يىرىك ئېيتىلغاندەك بىر جايدا تۇراتتى. ئانىسى قەيەرگە بارسا جورگىنمۇ ئەگىشىپ شۇ يەرگە باراتتى. ئۇلار قۇملۇقتىن چىقىپ قاقاسلىقلاردىن، سازلىقلاردىن ئۆتۈپ ياپيېشىل ئوتلاققا كەلدى. بۇ يەردە سېكجارۇم دەرياسى ئېقىپ تۇراتتى. دەريادا نۇرغۇن يىلان بېلىقلار—يىلان  بېلىق ئانا ھەم ئۇنىڭ ئىككى پارچە قىلۋىتىلگەن قىزلىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن-نۇرغۇن يىلان بېلىقلار  ياشايتتى. ئىنسانلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى يىلان بېلىقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن كۆپ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھىلقى قەدىمىي ناخشىدا تىلغا ئېلىنغان چەۋەنداز كېنەز بۇگمۇ يامان ئادەملەرنىڭ قەستىگە ئۇچرىمىدىمۇ؟ ئۇنداقتا ئۆزىچۇ؟ گەرچە كىشىلەر ھىمىشە ئۇنى ياخشى دىسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ ئۆزى ئۈچۈن تاملىرى قېلىن، ئۇچلۇق مۇنارلىرى بار ئىمارەت سىلىپ بەرگەن بىناكارلىق ئۇستىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدىغۇ؟ جورگىن بىلەن ئانىسى ھازىر دەل مۇشۇ يەردە. سېكجارۇم دەرياسى بۇ يەردىن ئېقىپ نىسسۇم قولتىقىغا قۇيۇلىدۇ.
قورشاۋ تام ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بۇزۇلغان قىزىل خىش پارچىلىرى ئەتراپقا چېچىلىپ ياتاتتى. چەۋەنداز بۇگ دەل مۇشۇ يەردە بىناكارلىق ئۇستىسى كەتكەندىن كىيىن قول ئاستىدىكى بىرىگە:
- ئۇنى قوغلا، ئۇنىڭغا ‹ئۇستام، ھىلقى مۇنار سەل قىڭغىر بولۇپ قاپتۇ› دىگىن. ناۋادا ئۇ كەينىگە ئۆرۈلسە ئۇنى ئۆلتۈرۋەت. ئۇنىڭغا بەرگەن پۇلنى ياندۇرۇپ كەل. بىراق، ئۇ ئۆرۈلمىسە ئۇنى قويۋەت،- دىگەن ئىدى.
بۇ ئادەم خۇجايىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە قىلدى. بىناكارلىق ئۇستىسى:
- مۇنار يانتو ئەمەس. ئەمما ھامان بىر كۈنى كۆك تون كىيگەن بىر كىشى غەرپتىن يىتىپ كىلىدۇ. ئۇ مۇنارنى يانتو دەيدۇ! – دىدى.
دەرۋەقە يۈز يىلدىن كىيىن مۇشۇنداق ئىش يۈز بەردى! غەربىي دېڭىز باستۇرۇپ كىلىپ مۇنارنى ئۆرۋەتتى. ئۇ چاغلاردا قورۇل ئىگىسى پېردىجون گىلدېسجان ئىسىملىك بىر كىشى ئىدى. ئۇ ئوتلاقنىڭ ئىچكىرسىدە تېخىمۇ ئىگىز يېڭى قورۇل بىنا قىلدى. بۇ قۇرلۇش ھازىرمۇ بار، ئۇ شىمالىي ۋوسبورېگ دەپ ئاتىلىدۇ.
جورگىن بىلەن ئانىسى قورۇلنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇزۇن قىش كېچىلىرى بۇ ھىكايىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى. بۈگۈن ئۇ بۇ قورۇلنى، ئۇنىڭ قوش لىنىيىلىك خەندەكلىرىنى،  دەرەخلىرىنى ھەم چاتقاللىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. مۇخلار ئۆسۈپ كەتكەن سىپىل خەندەك ئىچىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ تۇراتتى. بىراق، يەنىلا فىكۇس دەرىخى كۆزگە يىقىشلىق كۆرىنەتتى. بۇ دەرەخلەر ئۆيدەك ئىگىز ئۆسەتتى. ئۇلاردىن بىر خىل خۇشپۇراق تارقىلىپ تۇراتتى. گۈللۈكنىڭ غەربى-شىمال بۇرجىكىدە بۈككىدە چېچەكلەپ كەتكەن چوڭ بۇزۇن دەرىخى بار ئىدى. بۇ چاتقاللىق ياز پەسلىدىكى يىشىللىقلار ئىچىدىكى بىر پارچە قارغا ئوخشايدۇ. بۇنداق بۇزۇن دەرىخىنى جورگىن تۇنجى قىتىم كۆردى. ئۇ بۇ دەرەخنى ھەم فىكۇس دەرىخىنى، يەنە دانىيىنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ گۈدەك قەلبىدە «تاكى قېرىغىچە» ساقلىنىپ قالىدۇ.  
يەنىمۇ ئالدىغا ماڭغاندا ھىلقى چېچەكلەپ كەتكەن بۇزۇن دەرىخىنىڭ يىنىدىكى ۋوسبورېگقا بارغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە يول ماڭماق ئاسانراق. ئۇلار كالا ھارۋىسى بىلەن دەپنە مۇراسىمىغا كىتۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇچراتتى. ئۇلارمۇ كالا ھارۋىسىغا چىقتى. شۇنداق، ئۇلار كەينىدە كىتىۋاتقان قاڭالتىر قاپلانغان كىچىك ھارۋىغا چىقتى. بۇ پىيادە يول ماڭغاندىن كۆپ ياخشى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئوڭغۇل-دۇڭغۇل قاقاسلىقتا كىتىۋەردى. بەزىدە ھارۋىغا قىتىلغان كالىلار يول ئۈستىدىكى ئوت-چۆپلۈكنى كۆرسە يول بۇيىدا توختىۋالاتتى. ئەتراپ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن. يىراقتا تۈتۈن كۆتۈرلۈپ، بوشلۇقتا ئايلىنىپ يۈرمەكتە. بىراق بۇ تۈتۈن ھاۋادىنمۇ سۈزۈك ھەم ساپ بولۇپ، قارىماققا قاقاسلىقتا دۇمۇلاپ ئويناۋاتقان نۇردەك كۆرۈنەتتى.
- ئۇ قوي پادىسىنى ھەيدەپ كىتۋاتقان لوك(4)، - دىدى كىشىلەر.
بۇ گەپ جورگىننىڭ خىيال سۈرۈشىگە سەۋەپ بولدى. گەرچە ئۇ رىئاللىقتا تۇرۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنى رىۋايەتلەردىكى غايىپ مەملىكەتتە كىتۋاتقاندەك ھىس قىلدى. بۇ يەر نىمە دىگەن زېركىشلىك-ھە!
قاقاسلىق ھەممە تەرەپكە سوزۇلغان بولۇپ، چوڭ گىلەمگە ئوخشايتتى. بۇزۇن دەرەخلىرى چېچەكلىگەن ئىدى. قارامتۇل يىشىل چاتقالسىمان قارىغاي بىلەن يۇمران دۇپ دەرىخىنىڭ نوتىلىرى يەردە ئۈنۈپ چىققان گۈل بىخلىرىغا ئوخشايتتى. زەھەرلىك يىلان بولمىغان بولسا بۇ يەر ئادەملەر سەيلە قىلىپ كىتىدىغان يەرگە ئايلانغان بولاتتى. يولۇچىلار دائىم زەھەرلىك يىلانلارنى تىلغا ئالغاندا ئوخشاشلا خەتەرلىك بۆرە توپىنى سۆزلەيتتى. چۈنكى بۇ يەر ھازىرغىچە «بۆرە كۆپ رايون» دەپ ئاتىلاتتى. كالا ھەيدەپ كىتۋاتقان ياشانغان كىشى دادىسى ھايات چاغدا ئاتنىڭ دائىم يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىدىغانلىقىنى، ھازىر بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئاتنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر بۆرىنى چەيلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، ئاتنىڭ پۇتىدىكى گۆشلەرنىڭمۇ تىتىلىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
ئوڭغۇل-دوڭغۇل قاقاسلىق ھەم قۇملۇقتىكى سەپەر ئاياغلىشىپ قالدى. ئۇلار جەسەت ساقلاش ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئۆينىڭ ئىچى-سىرتى ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى. ھارۋىلار كەينى-كەينىدىن قاتار بولۇپ تېزىلدى. ئات-كالىلار ئويمانلىقتىكى ئوتلاققا قويۋىتىلدى. غايەت زور قۇم دۆڭلىرى جورگىننىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلدىكى يۇرتىدىكىگە ئوخشاش ئۆينىڭ كەينىدە تۆت ئەتراپقا يىيىلىپ ياتاتتى. بۇ قۇملۇقلار قانداق قىلىپ دېڭىزغا ئوخشاش ھەم كەڭ ھەم يىراق ئىچكى جايلارغا نەچچە ئون مىلغىچە سوزۇلۇپ كەلگەندۇ؟ بۇ قۇملارنى ئەسلى بوران ئۇچۇرۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كىلىش تارىخى بار.
كۆپچىلىك تەڭرىگە مەدھىيە ناخشىسىنى ئوقىماقتا. ياشانغان نەچچە قېرىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقماقتا. جورگىننىڭ ھىس قىلىشىچە، ياش ئاققۇزغان كىشىلەردىن باشقا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خوشال-خورام ئىدى، ھاراق، قورمىلارمۇ ئىنتايىن مول تەييارلانغانىدى. يىلان بېلىق يېڭى ھەم سىمىز بولۇپ، ئۇنى يىگەندىن كىيىن ھىلقى يىلان بېلىق باققۇچىغا ئوخشاش بىر نەچچە رومكا ئاق ھاراق ئىچىپ، يىلان بېلىقنى «دەپنە قىلۋىتىش» كېرەك. يىلان بېلىق باققۇچىنىڭ مەشھۇر سۆزى بۇ يەردە ئەمىلىيەتكە ئايلاندى.
جورگىن بىردەم ئۆيگە كىرسە بىردەم سىرتقا يۈگرەيتتى. ئۈچۈنچى كۈنىگە بارغاندا بۇ يەرگە كۈنۈپ كەتتى. بۇ يەر ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن قۇملۇقنىڭ ئۈستىدىكى ھىلقى بېلىقچىنىڭ كەپىسىگە ئوخشايتتى. بۇ قاقاسلىقتا يەنە بىر خىل نەرسە مول ئىدى: بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە فوتىنىيە گۈلى، قارا بۆلجۈرگەن، مالىنا ئۈنۈپ كەتكەنىدى. بۇلار ھەم چوڭ ھەم تاتلىق بولۇپ، كىتۋاتقان ئادەم دەسسەپ سالسا قىزىل رەڭلىك شىرنىسى بەئەينى يامغۇر تامچىسىدەك چاچرايتتى.
قەدىمىي قەبرىلەر ئاندا-ساندا كۆزگە چىلىقىپ قالاتتى. تال-تال تۈتۈن تۈۋرىكى پايانسىز ئاسمانغا ئۆرلىدى. كىشىلەر بۇنى قاقاسلىقتىكى ياۋا گۈل دەپ چۈشەندۈردى. بۇ ياۋا گۈللەر كېچىدە چىرايلىق نۇر چىقىراتتى.
بۈگۈن تۆتۈنچى كۈنى. دەپنە مۇراسىمى ئاخىرلاشتى. ئەمدى ئۇلار بۇ توپا دۆڭلۈكتىن قۇم دۆڭلۈككە قايتىپ كىتىدۇ.
- بىزنىڭ جايىمىز ئەڭ ياخشى، - دىدى جورگىن، - بۇ توپا دۆڭلىرى بىرخىل جانسىز كۆرۈنىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇمبارخانلىرىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىپ كەتتى. بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەك ئاسان. دېڭىز قىرغىقىدا بىر جەسەت پەيدا بولۇپ قاپتۇ. دىھقانلار ئۇنى چىركاۋدىكى قەبرىستانلىققا كۆمۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوران چىقىپ قۇملار ئۇچۇشقا باشلاپتۇ. قۇتۇرغان دېڭىز قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىپ، يۇپۇرلۇپ كەپتۇ. دىننىي جەمىيەتتىكى بىر دانا كىشى كۆپچىلىككە دەرھال قەبرىنى ئېچىپ، ئۆلگۈچىنىڭ باشمالتىقىنى شۈمەپ ياتقان-ياتمىغانلىقىغا قاراپ بىقىشىنى ئېيتىپتۇ. ناۋادا شۈمەپ ياتقان بولسا ئۇلارنىڭ دەپنە قىلغىنى «دېڭىز ئادىمى» بولۇپ چىقىدىكەن. دېڭىز ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ھەرگىز تېنچلانمايدىكەن. كىشىلەر دەرھال قەبرىنى ئېچىپ قارىسا «دېڭىز ئادىمى» باشمالتىقىنى شۈمەپ ياتقۇدەك. كىشىلەر ئۇنى دەرھال بىر كالا ھارۋىسىغا ساپتۇ. ھارۋىنى سۆرەۋاتقان كالىلار بەئەينى كۆكۈيۈن چېقىۋاتقاندەك بىئارام بولۇپ، «دېڭىز ئادىمى»نى سۆرەپ، قاقاسلىق، سازلىقلاردىن ئۆتۈپ دېڭىزغا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ چاغدا قۇملار ئۇچۇشتىن توختاپتۇ، ئەمما قۇم بارخانلىرى ئەسلى جايىدا تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ، جورگىن خوشال ئويناپ يۈرگەن بالىلىق چاغىدىكى دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشۋاتقان مەزگىلدە ئاڭلىغان ھىكايە. جورگىن بۇلارنىڭ ھەممىنى ئېسىدە ساقلىۋالدى.
ئىشىكتىن چىقىپ ئايلىنىش، يېڭى ئادەملەر، يېڭى شەيئىلەر بىلەن تۇنۇشۇش ئادەمنى خوشال قىلىدىغان ئىش! ئۇ تېخىمۇ يىراققا مېڭىشى كېرەك. جورگىن ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بالا. ئۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ دۇنيادا نىمە ئىشلار بارلىقىنى كۆرمەكچى بولدى. بۇ كېمە يامان ھاۋارايىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، دېڭىزغا چۆكۈپ كىتىش خەۋىپىنى، ئادەملەرنىڭ شۇملۇقلىرىنى، زەھەرخەندىلىكىنى كۆرگەن. ئۇ كېمىدىكى مالايغا ئايلاندى. ئەمدى ئاددى تاماق، سوغۇق كېچە، تىل-دەشنەم ۋە تېپىكلەرگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. بۇ چاغدا ئۇنىڭ جىسمىدىكى ئېسېل ئىسپانىيە قان سېستىمىسىغا يۇشۇرۇنغان مەلۇم بىرنەرسە ئۇرغۇشقا باشلىدى. غەزەپكە تولغان نەپرەتلىك گەپلەر تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ توختاپ قالدى. ئەڭ دانا ئۇسول يەنىلا بۇلارنى ئىچىگە يۈتۋىتىش ھىساپلىناتتى. بۇ خىل ھىسىيات يېلان بېلىقنىڭ تېرسىنى سۇيۇپ ئىككى پارچە قىلۋەتكەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىدى.
- مەن قايتىپ كىتىمەن! – دەيتتى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاۋاز.
ئۇ ئۆز ۋەتىنى—ئىسپانىيە دېڭىز قىرغىقىنى كۆردى. ئۇ يەنە ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى خۇشال-خۇرام ھەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن ھىلقى شەھەرنى كۆردى. ئەمما ئۇ ئۆز يۇرتى ھەم بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى توغۇرلۇق ھىچنىمە بىلمەيدۇ. ئۇلارمۇ جورگىن توغۇرلۇق ھىچنىمە ئۇقمايدۇ.
بىچارە كىچىك مالاي قىرغاققا چىقىشقا ئىجازەت ئالالمىدى. ئۇلار قىرغاقتىن ئايرىلىشقا بىر كۈن قالغاندا بىر قىتىم قىرغاققا چىققاندەك ئىش بولدى. چۈنكى بىرەيلەن نۇرغۇن نەرسە سېتۋالغان بولۇپ، جورگىن قىرغاققا چىقىپ نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى.
جورگىن جۇل-جۇل كىيىنگەن ئىدى. بۇ كىيىملەر ئېرىقتا يۇيۇلۇپ تۇرخۇنغا يېيىپ قۇرۇتۇلغاندەك قىلاتتى. جورگىن—قۇملۇقتا ياشايدىغان بىر ئادەم—تۇنجى قىتىم بىر چوڭ شەھەرنى كۆردى. ئۆيلەر ناھايىتى ئىگىز بولۇپ، تار كوچىلاردا ئادەملەر مىغىلداپ مىڭىپ يۈرەتتى! بەزى ئادەملەر بۇ ياققا قىستالسا بەزىلىرى يەنە بىر تەرەپكە قىستىلاتتى. قارىماققا شەھەر ئاھالىلىرى، دىھقانلار، راھىپلار ھەم ئەسكەرلەر توپىدىن تۈزۈلگەن ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ۋاقىراش-توۋلاشلار، ئوتۇن كېسۋاتقان، ئۇرۇلغان ئاۋازلار ئارلىشىپ كەتكەنىدى. ھەر كەسىپتىكى ھۇنەرۋەنلەرنىڭ ئىش ئورنى ئىشىكى ئالدىدا ياكى پەلەمپىيى ئالدىدا ئىدى. قۇياش ئەتراپنى قىزىتىپ تۇراتتى، ھاۋا ناھايىتى دېمىقتا بولۇپ، كىشىلەر خوددى قۇرت-قوڭغۇز، ماي قوڭغۇز، ھەسەل ھەرىسى ھەم چىۋىنلەر سىغدىشىپ ۋىڭىلداپ تۇرغان ئوچاق ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. جورگىن ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۋاتقانلىقىنى، قايسى يولدا كىتۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. بۇ چاغدا ئۇ چوڭ بىر چىركاۋنىڭ  ناھايىتى ھەيۋەت دەرۋازىسىنى كۆردى. چېركاۋنىڭ خىرە كارىدورىدا چىراقلار يورۇپ تۇراتتى. ئۇ خۇشپۇراق بىر ھىدنى پۇرىدى. ھەتتا ئەڭ نامرات، ئۇچىسى جۇل-جۇل قەلەندەرمۇ تاش پەشتاقلارغا يامىشىپ چىركاۋغا كىرىپ كۆرۈپ بىقىشنى ئويلايتتى. جورگىن بىر ماتروسقا ئەگىشىپ بۇ مۇقەددەس جايغا قەدەم باستى. سەرخىل رەسىملەر ئالتۇن رەڭ تەگلىكلەر ئاستىدىن نۇر چېچىپ تۇراتتى. مۇقەددەس ئانا بۇۋاق ئەيسانى قۇچاغلاپ نەزىر-چىراغ مېھرابىدا تىك تۇراتتى. ئەتراپنىڭ ھەممىسى چىراق نۇرى ھەم گۈللەرگە پۈركەنگەنىدى. باستىر مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ مۇناجات ئوقۇماقتا. خور ئەترىتىدىكى بالىلار چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكەن بولۇپ، قولىدا كۈمۈش رەڭلىك شامدانلارنى كۆتۈرۋالغان ئىدى. بۇ مەنزىرە ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم تەنتەنىلىك بولۇپ، جورگىننىڭ قەلبىگە سىڭىپ، ئۇنى مەھلىيا قىلۋالدى. ئۇنى بېقىۋالغان ئائىلە بار يەردىكى دىننىي جەمىيەت بىلەن ئىتىقاد ئۇنىڭ قەلبىنى، روھىنى تەسىرلەندۈردى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش سىرغىدى.
كۆپچىلىك چىركاۋدىن چىقىپ بازارغا كەلدى. ئۇلار ئاشخانىغا كېرەكلىك سايمان ۋە يىمەكلىكلەرنى سېتۋىلىپ جورگىننى كېمىگە ئاپىرۋىتىشىگە بۇيرىدى. كېمىگىچە خېلى ئارلىق بار ئىدى. ئۇ ناھايىتى چارچىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەشەمەتلىك، مەرمەر تاش تۆۋرۈكلەر تىرەپ تۇرغان، ھەيكەل ۋە كەڭ پەشتاقلىق بىر ئۆينىڭ ئالدىدا ئازراق ئارام ئالدى. دۆمبىسىگە يۈدىۋالغان نەرسىلەرنى تامغا يۈلەپ قويدى. بۇ چاغدا فورمىلىق كىيىم كىيگەن خىزمەتكار چىقىپ كەلدى. ئۇ قولىدىكى چۇماقلىق كالتەكنى شىلتىپ جورگىننى قوغلىۋەتتى. جورگىن ئەسلى مۇشۇ ئائىلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئەمما بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ھەتتا ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان تۇرسا.
ئۇ كېمىگە قايتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇنى تىل-دەشنەم بىلەن قامچا كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇيقىسىزلىق، ئېغىر ئەمگەك—جورگىن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بەردى! كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ئازراق جاپا تارتقاننىڭ پايدىسى بار، دەيدۇ. شۇنداق، پەقەت قېرىغاندا ئانچە-مۇنچە ئارامخۇدا ياشىيالىسىلا بۇلاتتى.
جورگىننىڭ ئەمگەك توختام مۇددىتى توشتى. كېمە دېڭىز قولتىغىدا توختىدى. ئۇ قىرغاققا چىقىپ خانسىبىي قۇملۇقىغا جايلاشقان ئۆيىگە قايتتى. بىراق، ئۇ دېڭىزدىكى چاغدا ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
ئارقىدىنلا قاتتىق سوغۇق يىتىپ كەلدى. دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا قار-شىۋىرغانلىق بوران چىقىشقا باشلىدى. ئىشىكتىن چىقماقمۇ قېيىن. دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى نېمە دىگەن تەكشىسىز-ھە! بۇ يەردە سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك قاتتىق سوغۇق ھەم قار-شىۋىرغان بۇلۋاتقان چاغدا، ئىسپانىيە ئاسمىنىدا ئوتتەك قۇياش پارلاپ تۇرماقتا. شۇنداق، بۇ يەر ناھايىتى ئىسسىق. ئەپسوس، بۇ يەردىكى يۇرتتا قىرو چۈشۈش كۈنى يىتىپ كىلىشى بىلەن جورگىن دېڭىز ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن تۇرنا توپىنىڭ نىسسۇم قولتىقىدىن ئۆتۈپ شىمالىي ۋوسبورېگقا قاراپ ئۇچقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭچە بۇ يەردە ئەڭ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگىلى بولىدۇ. بۇ يەرگە ئىللىق ياز يىتىپ كىلىدۇ. ئۇ فوتىنىيە ئۈسۈملۈكلىرىنىڭ چېچەكلىگىنىنى، مىۋە بەرگەنلىكىنى، مەي باغلاپ پىشقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. شىمالىي ۋوسبورېگتىكى بۇزۇن دەرىخى بىلەن فىكۇس دەرىخىنىڭ بۆككۈدە ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇ شىمالىي ۋوسبورېگقا يەنە بىر قېتىم بېرىشنى قارار قىلدى.
باھار كەلدى. بېلىق تۇتىدىغان مەزگىل يەنە باشلاندى. جورگىنمۇ بېلىق تۇتۇشقا قاتناشتى. ئۇ ئەمدى بالاغەتكە يەتكەن بولۇپ، چاققانلىق بىلەن ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تۇلۇپ-تاشقان بولۇپ، سۇ ئۈزەلەيتتى، سۇغا شۇڭغىيالايتتى، سۇنىڭ ئىچىدە بېلىقتەك ئەركىن ئويناپ يۈرەتتى. كىشىلەر ئۇنى پىنتادۇدىن ئېھتىيات قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئەڭ ياخشى سۇ ئۆزۈش ماھىرىمۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. پىنتادۇ ئادەملەرنى سۇ ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ يەۋىتەتتى. ھاياتلىق مۇشۇنداق ئاخىرلىشاتتى. بىراق، جورگىننىڭ تەغدىرى ئۇنداق بولمىدى.
قۇملۇقتىكى خوشنىلارنىڭ ئىچىدە مورتېن ئىسىملىك بىر يىگىت بار ئىدى. جورگىن ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتەتتى. ئىككىسى نورۋېگىيىگە بارىدىغان كېمىدە خىزمەت قىلاتتى. ئۇلار بىرلىكتە گولاندىيىگە باردى. ئۇلار ئەزەلدىن جىدەللىشىپ باقمىغان بولسىمۇ بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس. ناۋادا بىر ئادەمنىڭ مىجەزى چۇس بولسا ئۇنىڭ ھەركىتى دەرھاللا ئىتتىكلىشىپ كىتىدۇ. بىر كۈنى جورگىن مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتى: ئىككىسى كېمىدە سەۋەپسىزلا جىدەللىشىپ قالدى. ئۇلار ئامبارنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ ئوتتۇرسىغا قويۇلغان بىر تەخسە يىمەكلىكنى ياۋاتاتتى. جورگىن بىر قەلەمتۇراچنى ئىلىپ مورتېننىڭ ئالدىدا شىلىتكىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كۆزىدە بىر خىل سوغۇق نۇر ئەكىس ئەتتى. مورتېن پەقەت:
- سەنمۇ ئاسمانغا پىچاق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمكەنسەن-ھە! – دەپ قويدى.
ئۇنىڭ گىپى تۈگۈمەيلا جورگىن قولىنى چۈشۈرۈپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تامىقىنى يەۋەردى. ئاندىن بېرىپ ئىشىنى قىلدى. ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپ، مورتېننىڭ يېنىغا قايتىپ كىلىپ:
- مېنىڭ كاچىتىمغا ئۇرە! مەن مۇشۇنداق جازاغا لايىق. ھازىر ئىچىمدە بىر نىمە قۇتراۋاتىدۇ،- دىدى.
- بۇ ئىشنى تىلغا ئالمايلى، - دىدى مورتېن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى تېخىمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەتتى. ئۇلار جۇتلاندتىكى قۇملۇققا قايتقاندىن كىيىن دېڭىزدا بولغان ئىشلارنى سۆزلەشكىنىدە بۇ ئىشمۇ تىلغا ئېلىندى. جورگىن يەنە قاينىماقچى بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى تۇتىۋالدى.
- ئۇ ھەرگىز جۇتلاندلىق ئەمەس! كىشىلەر ئۇنى جۇتلاندلىق دەپ قارىماسلىقى كېرەك!
مورتېننىڭ بۇ گىپى ناھايىتى يۇمىرستىك ئىدى.
ئۇلار ئىككىسىلا قاۋۇل، بەستلىك ئىدى. بىراق جورگىن جانلىق كۆرىنەتتى.
نورۋېگىيىدە دېھقانلار تاققا يامىشىپ چىقىپ ئىگىزلىكلەردىن چارۋا باقىدىغان يەر ئىزلەيتتى. جۇتلاندتىكى غەربىي قىرغاق رايونىدا كىشىلەر قۇملۇقلار ئارسىدا كەپىلەرنى ياسايتتى. بۇ كەپىلەر كونىراپ كەتكەن كېمە ماتىرياللىرىدىن ياسىلاتتى. كەپىنىڭ ئۈستىگە چىم بىلەن فوتىنىيە ئوت-چۆپلىرى يېپىلاتتى. ئۆينىڭ تۆت تېمىنىڭ يېنى ئۇخلايدىغان يەر ھىساپلىناتتى. ئەتىياز مەزگىلىدە بېلىقچىلار بۇ ئۆيلەردە ياشايتتى ھەم ئۇخلايتتى. ھەربىر بېلىقچىنىڭ ئاتالمىش بىر «ئايال ياردەمچىسى» بۇلاتتى. بۇ ئايال بېلىقچىلارغا ياردەملىشىپ قارماققا يەمچۈك سالاتتى، بېلىقچىلار قىرغاققا قايتىپ چىققان چاغدا ئىللىتىلغان پىۋا بىلەن ئۇلارنى قارىشى ئالاتتى. بېلىقچىلار كەپىسىگە قايتىپ كىرگەندە ئۇلارغا تاماق بېرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئاياللار بېلىقلارنى قىرغاققا توشۇپ كىلەتتى. بېلىقلارنى يېرىپ تازىلايتتى. يەنە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلاتتى.
جورگىن بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي ئاتا-ئانىسى ھەم باشقا بىرنەچچە بېلىقچى، شۇنداقلا «ئايال ياردەمچىلەر»نىڭ ھەممىسى بىر ئېغىز كەپىدە تۇراتتى. مورتېن بولسا ياندىكى بىر ئېغىز كەپىدە تۇراتتى.
«ئايال ياردەمچىلەر»نىڭ ئىچىدە ئېلىسا ئىسىملىك بىر قىز بار ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا جورگىننى تۇنۇيتتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مجەز-خاراكتىرىمۇ ئوخشىشىپ قالاتتى. ئەمما سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئۆزئارا ماسلاشمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى: جورگىننىڭ تېرىسى قۇڭۇررەڭ، قىزنىڭ بولسا قاردەك ئاق. قىزنىڭ چېچى چېگە رەڭگىدە، كۆزلىرى كۆپكۈك بولۇپ، قۇياش نۇرى چۈشۈپ  تۇرغان دېڭىز سۈيىگە ئوخشايتتى.
بىر كۈنى ئۇلار بىللە سەيلە قىلدى. جورگىن قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، يىقىن ماڭدى. قىز جورگىنغا:
- جورگىن، كۆڭلۈمدە بىر ئىش بار! سىزنىڭ «ئايال ياردەمچى»ڭىز بولۇشۇمغا رۇخسەت قىلىڭ. چۈنكى سىز مېنىڭ بىر ئۇكامغا ئوخشايسىز. مورتېن مەن بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن—ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز پەقەت ئەر خوتۇن، خالاس. بۇ گەپنى باشقىلارغا دىيىشكە ئەرزىمەيدۇ!- دىدى.
جورگىن تاپىنى ئاستىدىكى تۇپراق ئولتۇرلۇشۇپ كىتۋاتقاندەك ھىس قىلدى. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. پەقەت بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بۇنىڭ مەنىسى «ماقۇل» دىگەنلىك ئىدى. باشقا گەپمۇ قىلالمىدى. بىراق، ئىچىدە مورتېنغا قارىتا ھەسەت قوزغالدى. ئۇ بۇ ئىشنى ئويلىغانسىرى—چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ئېلىسانىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى—بىر نەرسىنى شۇنچە چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ، مورتېن بىردىنبىر ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمنى تارتىپ كەتتى،دەپ قارايتتى. ئەمدى چۈشەندى، ئېلىسا مورتېننىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ئىدى.
دېڭىزدا ئوتتۇرھال دولقۇن كۆتۈرۈلدى. بېلىقچىلار قېيىقلىرىنى ھەيدەپ قايتىپ كىلىشتى. ئۇلارنىڭ خادا تاشلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۋاتقان ماھارىتىنى بىر قىتىم كۆرۈپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ: بىر ئادەم قىيىق بېشىدا تىك تۇرىدۇ، قالغانلار پالاقنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇرىدۇ. ئۇلار خادا تاشنىڭ سىرتىدا ماڭىدۇ. قېيىق بىشىدىكى ئادەم تاكى قولى بىلەن غايەت زور دولقۇننىڭ كىلۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرگۈچە قېيىقچىلار دېڭىزغا يۈزلەنگەن ھالدا تەتۈرسىگە پالاق ئۇرىدۇ. دولقۇن قېيىقنى يوقىرىغا كۆتۈرۈپ خادا تاشتىن ھالقىتىپ ئۆتكۈزىدۇ. قىيىق ئىگىز كۆتۈرلۈپ كەتكەچكە قىرغاقتىكى كىشىلەر قېيىقنىڭ گەۋدىسىنى كۆرەلەيدۇ. ئارقىدىنلا قېيىق غايەت زور دېڭىز دولقۇنىنىڭ كەينىدە كۆرۈنمەي قالىدۇ. بەئەينى دېڭىز دولقۇنلىرى ئۇلارنى يۈتۋەتكەندەك ماچتا، قېيىق گەۋدىسى، ئادەملەرنىڭ ھىچقايسىسى كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما بىردەمدىن كىيىنلا ئۇلار كېلەڭسىز دېڭىز مەخلۇقىدەك دولقۇننىڭ ئۇچىغا لەيلەپ چىقىدۇ. پالاق توختىماي ئۇرۇلىدۇ. بۇ ھالەت دېڭىز مەخلۇقىنىڭ تىپىرلاۋاتقان گەۋدىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىرىنچى قىتىمقىغا ئوخشاش ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى خادا تاشلاردىن ئۆتىدۇ. بۇ چاغدا بېلىقچىلار سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ قېيىقنى تارتىپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىدۇ. كەينى-كەينىدىن ئۇرۇلۋاتقان دولقۇن قېيىقنى تاكى قىرغاققا سۆرەپ چىققۇچە ياردەم قىلىدۇ.
ناۋادا خادا تاشلار ئالدىدا بىشارەت سەللا خاتا كەتسە ياكى كېچىكسسە قېيىق شۇ ھامان تاشقا سوقۇلۇپ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كىتىدۇ.
- ئۇنداق بولسا مورتېن ئىككىمىزمۇ تۆگۈشىمىز!
جورگىن دېڭىزغا چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كاللىسىدا مۇشۇنداق بىر يامان يامان غەرەز پەيدا بولدى. بۇ چاغدا قېيىق بېشىدا تۇرغان دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ قالغان، پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك باسقان ئىدى. ئۇلار خادا تاشتىن پەقەت نەچچە پالاقلا يىراقلىقتا تۇرۋاتاتتى. جورگىن بىر سەكرەپلا قىيىقنىڭ بىشىغا ئۆتتى.
- دادا، مەن قىلاي! – دىدى ئۇ.
ئۇ مورتېنغا ھەم دېڭىز بۇژغۇنلىرىغا يالت قىلىپ قاراپ قويدى. ھەر بىر پالاق ئۇرۇشقا خېلى كۈچ كېتەتتى. ئەڭ چوڭ دېڭىز دولقۇنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە جورگىن دادىسىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى دۇنياسىدىكى ھىلقى يامان غەرەز ئۇنى كونترول قىلىشتىن قالدى. قېيىق خادا تاشلاردىن بىخەتەر ئۆتۈپ قىرغاق يېنىغا يىتىپ باردى. ئەمما، ھىلقى يامان نىيەت ئۇنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتتى. جورگىننىڭ خاتىرسىدە مورتېن بىلەن دوست بولغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىچدە بىر ئاچچىق غۇم ساقلىنىپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ يامان نىيەت ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تارىنىمۇ چېكىۋەتتى. ئەمما، ئۇ بۇ تارىنى بىر قىلىپ چاتسا بولمايدۇ. شۇڭا ياخشىسى كۆڭلىدىكى غەرەزنى قوغلىۋىتىشى كېرەك. مورتېن ئۇنى ۋەيران قىلدى. جورگىنمۇ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلدى. بۇ ئۇنىڭ قەلبىدە نەپرەت پەيدا قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ. بىر نەچچە بېلىقچى بۇنى سېزۋالدى. بىراق، مورتېن دىققەت قىلمىدى. ئۇ ئىلگىركىگە ئوخشاشلا باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى، پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى. راست، جورگىنمۇ پاراڭلىشىشقا ئامراق.
جورگىننىڭ دادىسى كارىۋاتتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. بۇ كارىۋاتمۇ ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويىدىغان كارىۋاتقا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى ئۇ كىيىنكى ھەپتىسى كۆز يۇمدى. ئەمدى جورگىن قۇم بارخانلىرىنىڭ كەينىدىكى بۇ كىچىك ئۆينىڭ مىراسخورىغا ئايلاندى. شۇنداق، بۇ پەقەت ئاددى بىر كۈلبە. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ئازاراق قىممىتى بار. مورتېننىڭ بولسا مۇشۇنچىلىك نەرسىمۇ يوق.
- جورگىن، ئەمدى سەن دېڭىزدىن خىزمەت ئىزدىمىسەڭمۇ بۇلار؟ ئەمدى سەن مەڭگۈ بىز بىلەن بىللە تۇرىسەن، - دىدى ياشانغان بىر بېلىقچى.
جورگىن ئۇنداق ئويلىمايتتى. ئۇ يەنە دۇنيا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. فىيالتېرىندىكى ھىلقى ياشانغان يىلان بېلىق باققۇچىنىڭ كونا سىكاگېندا بىر تاغىسى بار، ئۇمۇ بېلىقچى. بىراق ئۇ يەنە كىلىپ باي سودىگەر، بىر كېمىسىمۇ بار. ئۇ ناھايىتى يىقىملىق قېرى. ئۇنىڭغا ياردەملەشكەننىڭ يامىنى يوق. كونا  سىكاگېن جۇتلاندنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، خانسىبىيدىكى قۇمبارخانلىرىدىن ناھايىتى يىراق ئىدى. بىراق، بۇ دەل جورگىننىڭ خىيالى. چۈنكى ئۇنىڭ مورتېن بىلەن ئېلىسانىڭ تويىنى كۆرگىسى يوق. ئۇلار بىر نەچچە ھەپتىگىچە توي قىلماقچى بولغان ئىدى.
ھىلقى قېرى بېلىقچى ھازىر كىتىشنىڭ ئەخمەقلىك ئىكەنلىكىنى، چۈنكى جورگىننىڭ ئۆيى بارلىقىنى، شۇنداقلا ئېلىسانىڭ شۇبھىسىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جورگىن بېلىقچىغا بىر نەچچە ئېغىز غۇدىراپ قويدى. ئۇنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. قېرى بېلىقچى ئېلىسانى باشلاپ كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئېلىسا ئارتۇق گەپ قىلمىدى، پەقەت بىر جۈملىلا گەپ قىلدى:
- ھازىر ئۆيىڭىز بار بولدى. ياخشى ئويلىنىشىڭ كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن جورگىن خېلى ئۇزاق ئويلاندى.
دېڭىزدا ئۆركەشلەۋاتقان دولقۇنلار ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئەمما ئادەمنىڭ قەلبىدىكى دولقۇن ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك. نۇرغۇنلىغان ئىرادە—كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىشىدىن قەتئىنەزەر—ھەممىسى جورگىننىڭ كاللىسىغا يىغىلدى. ئۇ ئېلىسادىن سورىدى:
- ناۋادا مورتېننىڭمۇ مېنىڭكىدەك بىر ئۆيى بولسا سەن كىمنى تاللايسەن؟
- ئەمما مورتېننىڭ ئۆيى يوق ھەم بولمايدۇ.
- بىز مورتېنىڭمۇ بىر ئۆيى بار دەپ قىياس قىلىپ باقايلى.
- ھىم، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە مورتېن بىلەن توي قىلاتتىم. چۈنكى مېنىڭ ھازىرقى خىيالىم مۇشۇنداق! بىراق، ئادەم پەقەت بۇنىڭغىلا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ-دە.
جورگىن بۇ ئىشنى توپتوغرا بىر كېچە ئويلاندى. يۈرۈكىنى ئېغىر نەرسە بېسۋالغاندەك بىلىندى. ئۇ ئۆزىمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى. ئەمما، ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر خىيال بار. بۇ خىيال ئېلىساغا بولغان ئامراقلىقتىنمۇ كۈچلۈك. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مورتېننى ئىزلەپ باردى. ئۇ دەيدىغان گەپ ھەم قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنچىكە ئويلاپ قويغانىدى. ئۇ ئەڭ ياخشى شەرت بىلەن ئۆينى مورتېنغا ئىجارىگە بەردى. ئۆزى دېڭىزدىن خىزمەت تاپماقچى بولدى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئېلىسا بۇ ئىشنى ئاڭلاپ مورتېننىڭ لىۋىگە سۈيۈپ قويدى. چۈنكى ئۇ مورتېننى ئەڭ سۆيەتتى.
جورگىن تاڭ سەھەردىلا يولغا چىقتى. ئۇ يولغا چىققان كۈننىڭ ئالدىنقى كەچلىكى يېرىم كېچىدە يەنە بىر قېتىم مورتېننى كۆرگىلى بارماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدى. قۇمبارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ھىلقى قېرى بېلىقچىغا يولۇقتى: بېلىقچى ئۇنىڭ يىراققا سەپەر قىلماقچى بولغىنىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلمىدى. ئۇ مۇنداق دىدى:
- مورتېننىڭ ئىشتىنىنىڭ ئىچىگە چوقۇم بىر ئۆردەكتۇمشۇق(5) تىكىلگەن. چۈنكى ھەممە قىزلار ئۇنىڭغا ئامراق.
جورگىن بۇ گەپلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى. پەقەت خوش دەپلا قويدى. ئاندىن ئۇدۇل مورتېن تۇرغان ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئۆي ئىچىدە بىرىنىڭ يوقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. مورتېن ئۆيدە يالغۇز ئەمەس ئىدى. جورگىن بىردەم ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى، ئۇ ئېلىسانى يەنە ئۇچرۇتۇپ قىلىشنى خالىمايتتى. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن مورتېننى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قۇيۇشنى خالىماي ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدى.
جورگىن ئىككىنچى كۈنى تاڭ يورىمايلا سومكىسىنى تىڭىپ، تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ، قۇمبارخانلىرىنى بويلاپ قېرغاققا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ يول قىسقىلا بولۇپ، قۇملۇق يولغا قارىغاندا مىڭىش ئاسانراق ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن بوۋبېرگنىڭ يېنىدىكى فىيالتېرىنغا بىر قىتىم بېرشنى ئويلىدى. چۈنكى، ھىلقى يېلان بېلىق باقىدىغان كىشى شۇ يەردە تۇراتتى. ئىلگىرى جورگىن ئۇنى بىر قىتىم يوقلاپ بېرىشقا ۋەدە قىلغانىدى.
دېڭىز تىنىق ھەم كۆپكۈك ئىدى. ھەممىلا يەردە قارا قۇلۇلە قېپى بىلەن شېغىل تاشلار يېيىلىپ ياتاتتى. بالىلىق ۋاقتلىرىدا بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ تاپىنى ئاستىدا شىرىقلاپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئۇ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىز بۇرنىدىن قان ئاقتى: بۇ پەقەت ئانچىكى بىر كىلىشمەسلىك. ھالبوكى، كىچىك ئىشقا چوڭ مەنا يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. بىر نەچچە تامچە قان ئۇنىڭ يېڭىغا تامچىلىدى. ئۇ قانلارنى سۈرتىۋەتتى ھەم قاننى توختاتتى. بۇ قان چىقىپ كەتكەندىن كىيىن جورگىن مىڭىسىنى ئۆتكۈرلىشىپ، سەگەكلىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلدى. قۇمنىڭ ئىچىدە قوڭغۇراقباش ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر تال گۈل ئۈزۈپ بۆكىگە قىستۇردى. چۈنكى ئۇ كەڭ دۇنياغا قەدەم باسماقچى. ھىلىقى يىلان بېلىق باققۇچى «ئىشىكتىن چىقىپ دېڭىزغا سەپەر قىلىپ كۆر» دەيتتى. «يامان ئادەمدىن ھەزەر ئەيلە. ئۇلار سېنى تۇتۋىلىپ، تېرەڭنى سويىدۇ، ئاندىن پارچىلاپ تاشلايدۇ. قازانغا سېلىپ قورىدۇ!» جورگىن كۆڭلىدە بۇ گەپلەرنى ئويلاپ كۈلۈپ قويدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى بۇ دۇنيادا زىيان تارتمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى—كۈچلۈك ئىرادە ئاجايىپ قۇدرەتلىك قۇرال-دە.
جورگىن غەربىي دېڭىزدىن يولغا چىقىپ نىسسۇم قۇلتىقىنىڭ ھىلقى تار كىرىش ئېغىزىغا يىتىپ كەلگەندە قۇياش ئاسمان پەلەك ئۆرلىگەن ئىدى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ يىراقتىكى ئىككى ئاتلىقنى، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئالدىراش ئەگىشىپ كىلۋاتقان ئادەملەرنى كۆردى. بىراق بۇلار ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
كېچىكتىن ئۆتىدىغان قولۋاق دېڭىزنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە توختاقلىق تۇراتتى. جورگىن قولۋاقنى توۋلاپ يۈرۈپ چاقىرىپ ئەكەلدى. ئەمما، ئۇلار تېخى كېچىكنىڭ يېرىمىغىمۇ كەلمەي تۇرۇپ ھىلقى ئالدىراش كىتۋاتقان ئادەملەر ۋاقىراشقا باشلىدى. ئۇلار قانوننىڭ نامى بىلەن قېيىقچىغا تەھدىت سېلۋاتاتتى. جورگىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنمىدى، ئەمما يەنىلا قېيىقنى كەينىگە قايتۇرۇپ كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قولىغا پالاقنى ئېلىپ كەينىگە قاراپ ھەيدەشكە باشلىدى. قېيىق قىرغاققا كېلىشىگە ئادەملەر قېيىققا سەكرەپلا چىقىشتى. جورگىن ئۆزىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئۇلار ئارغامچا بىلەن ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم باغلاپ تاشلىدى.
- سەن جىنايىتىڭنى جان بىلەن يۇيىسەن،- دىيىشتى ئۇلار، - ھىلىمۇ ياخشى سېنى تۇتۋالدۇق.
ئۇ بىر سۈيقەستچى. مانا بۇ ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەت. كىشىلەر مورتېننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ بوينىغا پىچاق سانجىلغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى كەچلىكى يېرىم كېچىدە بىر بېلىقچى جورگىننىڭ مورتېننىڭ ئۆيىگە بارغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. جورگىننىڭ مورتېننىڭ ئالدىدا پىچاق شىلتىگەنلىكىنىڭ بىر قىتىملىقلا ئىش ئەمەسلىكىنى كىشىلەر بىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ چوقۇم قاتىل. ئۇنى سۇلاپ قۇيۇش كېرەك. سۇلايدىغان يەر رىنكوبىن. ئەمما، يول يىراق، يەنە كېلىپ شامال تەتۈر چىقىۋاتىدۇ. دېڭىز قولتىقىدىن ئۆتۈپ سېكجارۇمغا بېرىشقا پەقەت يېرىم سائەتلا ۋاقت كىتىدۇ. ئۇ يەردىن شىمالىي ۋوسبورېگقا بېرىشقا نەچچە مىللا ئارلىق بار. بۇ يەردە چوڭ بىر قۇرلۇش بار. قۇرلۇشنىڭ ئەتراپىدا خەندەك ھەم قورشاۋ تام بار. قېيىقتىكىلەرنىڭ بىرى دەل مۇشۇ قۇرلۇشقا قارايدىغان ئادەمنىڭ ئىنىسى. ئۇلار جورگىننى مۇشۇ قۇرلۇشنىڭ ئىچىدىكى يەر ئاستى ئۆيىگە ۋاقتلىق قاماپ قويسا بولىدۇ. سېگان لوڭ مارگىرىت ئىلگىرى تاكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغىچە مۇشۇ يەرگە قامالغان.
جورگىننىڭ چۈشەندۈرىشىگە ھىچكىم قولاق سالمىدى. ئۇنىڭ يېڭىدىكى بىر نەچچە تامچە قان ئېزى ئۇنىڭغا پايدىسىز پاكىتقا ئايلىنىپ قالدى. بىراق، جورگىن ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلىدۇ. ئۆزىنى ئاقلاشقا پۇرسەت بولمىغاچقا ئەمدى تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنماي ئامال يوق.
ئۇلار قىرغاققا چىقىدىغان يەر دەل چەۋەنداز بۇگنىڭ قورۇلى جايلاشقان ئورۇن ئىدى. جورگىن بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ خوشال بولغان ھىلقى تۆت كۈندە، ئۆگەي ئاتا-ئانىسى بىلەن دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يول ئۈستىدە بۇ يەردىن ئۆتكەن. ئۇ ھازىر شىمالىي ۋوسبورېگقا بارىدىغان چۆپلىكتىكى ھىلىقى كونا يولدا سۆرەپ ئېلىپ مېڭىلماقتا. بۇ يەردىكى بۇزۇن دەرەخلىرى يەنە چېچەكلەپ كەتكەن، ئىگىز ئۆسكەن فىكۇس دەرىخى خۇشپۇراق چېچىپ تۇراتتى. جورگىن ئۆزىنى بۇ يەردىن تېخى تۈنۈگۈنلا ئايرىلغاندەك ھىس قىلدى.
بۇ مۇستەھكەم قۇرلۇشنىڭ غەربى قوروسىدىكى ئىگىز پەلەمپەينىڭ ئاستىدىكى بىر يەر ئاستى يولى پاكار، تورسى يۇمۇلاق گەمىگە تۇتىشاتتى. لوڭ مارگىرىت مۇشۇ يەردىن جازا مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئايال ئىلگىرى بەش بالىنىڭ يۈرىكىنى يىگەن. ئۇنىڭدا بىر خاتا تۇيغۇ بار ئىدى. ناۋادا يەنە ئىككى يۈرەكنى ئارتۇق يىگەن بولسا ئۇ يۇشۇرۇن ئۇچالايتتى، ئۇنى ھىچكىم كۆرەلمەيتتى. گەمىنىڭ تېمىدا تار ھاۋا ئۆتۈشۈش تۆشىكى بار بولۇپ، ئەينەك سېلىنمىغان ئىدى. بۆككىدە ئېچىلىپ كەتكەن فىكۇس دەرىخىنىڭ خۇش پۇرىقى بۇ تۆشۈكتىن كىرىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەلمەيتتى. بۇ يەر قاراڭغۇ، زەيكەش بولۇپ، بەدبۇي پۇرايتتى. تۈرمە ئىچىگە بىر ياغاچ كارىۋات قويۇلغان ئىدى. «ساپ ۋىجداننىڭ ئۆزى مامۇق ياستۇق»، شۇڭا جورگىن ناھايىتى ياخشى ئۇخلىدى.
قېلىن ياغاچ ئىشىك سۇلاپ قويۇلدى. يەنە تېخى تۆمۈر چۈلۈك تىقىپ قۇيۇلدى. ئەپسانىلەردىكى جىنلار كىچىك ئاچقۇچ تۆشىكىدىن چوڭ ئىمارەت ئىچىگىمۇ، بېلىقچىلارنىڭ كەپىسىگىمۇ كىرىپ كىتىۋېرىدۇ. بۇيەرگە كىرىشكە گەپ كەتمەيدۇ. جورگىن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ لوڭ مارگىرىتنى ھەم ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئويلىماقتا. لوڭ مارگىرىت ئۆلتۈرۈلدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئۇنىڭ ئەجەل ئالدىدىكى ئوي-خىياللىرى بۇ ئۆيگە لىق تولغان. جورگىنىڭ خىيالىغا ھىلىقى سىھىرگەرلىك كەلدى—قەدىمدە سېۋانۋېدېر بىگىم بۇ يەردە تۇرۋاتقان چاغدا بەزىلەر بۇ سىھىرنى ئىشلەتكەن. ئاسما كۆۋرۈك ئۈستىدىكى ئىشىك باقار ئىتنىڭ ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە بوينىدىكى زەنجىر بىلەن كۆۋرۈك رېشاتكىسىنىڭ سىرتىغا ئېسىپ قۇيۇلغانلىقى كۆپچىلىككە ئايان. جورگىن بۇ ئىشنى ئويلىسىلا يۈرىكى ئۈشۈپ كىتەتتى. ئەمما، بۇ يەردە بىر دەستە قۇياش نۇرى ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتتى. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ خاتىرىسىدىكى بۆككىدە ئېچىلىپ كەتكەن بۇزۇن ۋە فىكۇس دەرەخلىرى توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر ئىدى.
جورگىن بۇيەرگە ئۇزۇن سۇلانمىدى. كىشىلەرنى ئۇنى رىنكوبىنغا ئاپىرۋەتتى. بۇ يەردە تۈرمىدىكى تۇرمۇش ئوخشاشلا جاپالىق ئىدى.
ئۇ دەۋرلەر بىزنىڭ دەۋر بىلەن ئوخشىمايدۇ. پۇقرالارنىڭ كۈن ئالمىقى ناھايىتى تەس. دىھقانلارنىڭ ئۆيى بىلەن قىشلاقلىرى ئاقسۈڭەكلەر تەرىپىدىن تارتىۋىلىنىپ، يېڭى ئېكىنزارلىق قىلىناتتى. ئەينى چاغدا بۇ قىلمىشنى تۇسايدىغان چارە يوق ئىدى. بۇ خىل تۈزۈم ئاستىدا، ئاقسۈڭەكلەرنىڭ ھارۋىكەشلىرى بىلەن چاكارلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئايلىناتتى. ئۇلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىك بىلەن بىر نامراتقا جىنايەت بىكىتىش، مال-مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىش، قامچا بىلەن ئۇرۇش ھوقوقى بار ئىدى. ھازىر بۇ خىلدىكى سودىيەلەردىن يەنە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پايتەختتىن چەتتە، ئەركىن ھەم مۇكەممەل ھۆكۈمەتتىن يىراق جۇتلاندتا قانون يەنىلا كىشىلەر ئۇيۇن ئورنىدا كۆرىدىغان نەرسە. جورگىننىڭ دىلوسى سوزۇلۇپ كىتىۋەردى. نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ ئەسكى ئىش ئەمەس.
ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ھالىتى تۇلىمۇ ئېچىنىشلىق. بۇ قاچانمۇ ئاخىرلىشار؟ ئۇنىڭ جىنايىتى بولمىسىمۇ قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولماقتا. مانا بۇ ئۇنىڭ تەغدىرى! بۇ دۇنيادا ئۇ نىمىشكە مۇشۇنداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىشى كېرەك؟ بۇلارنى ئويلاشقا ئۇنىڭ ۋاقتى يىتەرلىك. نېمە ئۈچۈن ئۇ مۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ؟ «بۇنى پەقەت ھىلقى ‹ئاخىرەت›لىكىمدىنلا جاۋاپ تاپالايمەن». جورگىن ھىلقى غېرىپ كۈلبىدە تۇرۋاتقان چاغلاردىلا ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ خىل ئېتىقاد بىخلىنىشقا باشلىغانىدى. ئىسپانىيىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش بىلەن قۇياش نۇرىدا ئۇنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ قەلبىدە ئەزەلدىن بۇنداق ئېتىقاد شەكىللىنىپ باققان ئەمەس. ئەمما، سوغۇق ھەم قاراڭغۇلۇقتا بۇ ئىتىقاد ئۇنىڭ بىردىنبىر تەسەللىي تاپىدىغان نۇرغا، تەڭرى شەپقىتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ، مەڭگۈ ئادەمنى ئالدىمايدۇ.
باھاردىكى بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋا باشلاندى. بوران ئازاراقلا تىنجىسا غەربىي دېڭىزنىڭ شاۋقۇنىنى نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ ئاڭلىغىلى بۇلاتتى. بۇ شاۋقۇن خوددى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا ئېغىر يۈك بىلەن كىتۋاتقان نەچچە يۈز ھارۋىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كىتەتتى. جورگىن تۈرمىدە بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇردى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنىسىز ئۆتۋاتقان ھاياتىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىش ھىساپلىناتتى. ھەرقانداق قەدىمكى مۇزىكا بۇ ئاۋازغا ئوخشاش ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالمايتتى. دېڭىز نىمە دىگەن ئەركىن! سەن ئۇنىڭغا چىقىپ دۇنيانىڭ ھەمما يېرىگە بارالايسەن، شامالدا قانات قاقالايسەن. خوددى قۇلۇلە ئۆزىنىڭ قېپىنى يۈدۈپ ماڭغاندەك سەنمۇ ئۆيۈڭنى يۈدۈپ دېڭىزغا چىقالايسەن. يات ئەلدە بولسىمۇ ئادەم مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى.
ئۇ شاۋقۇن ئاۋازىنى زەن سىلىپ ئاڭلىماقتا. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئەسلىمىلەر ئۆتتى. «ئەركىنلىك! ئەركىنلىك! پۇتۇڭدا ئايىقىڭ بولمىسىمۇ، كىيىملىرىڭ جۈل-جۈل بولسىمۇ، ئەركىنلىكىڭ بولسىلا بەختلىكسەن!» بەزىدە بۇ خىل خىيال ئۇنىڭ قەلبىدە يالت قىلىپ چاقناپ ئۆتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشتىنى تۈگۈپ تامغا ئۇردى.
نەچچە ھەپتە، نەچچە ئاي، ھەتتا پۈتۈن يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىر قولاقكەستى—ئوغرى نېلىسمۇ تۇتۇپ كىلىندى. ئۇنىڭ لەقىمى ‹ئات ھايانكىشى› ئىدى. بۇ چاغدا ئەھۋال سەل ياخشىلىنىشقا باشلىدى. كىشىلەر جورگىننىڭ قانچىلىك چوڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى.
ھىلقى قاتىللىق دىلوسى جورگىن يۇرتىدىن كەتكەندىن كىيىن يۈز بەرگەن ئىدى. ئالدىنقى كۈنى كەچلىكى ئوغرى نېلىس رىنكوبىن قولتىقىغا يىقىن يەردىكى پىۋىخانىدا مورتېننى ئۇچراتقان. ئۇلار بىرنەچچە رومكا پىۋا ئىچكەن—بۇ ئۇلارنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۇپ قويغىدەك دەرىجىدە بولمىسىمۇ، مورتېننىڭ ئاغزىنى ئېچىشقا تامامەن يىتەتتى. ئۇ ئاغزىغا كەلگىنىچە بىجىرلاشقا باشلىغان. بىر يۈرۈش ئۆيگە ئىگە بولغانلىقىنى، توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. نېلىس ئۇنىڭدىن نەگە بېرىپ پۇل تاپماقچى ئىكەنلىكىنى سورىغاندا مورتېن مەغرورلۇق بىلەن يانچۇقىنى ئۇرۇپ:
- پۇل تۇرۇشقا تىگىشلىك جايىدا، مانا بۇ يەردە،- دىگەن ئىدى.
بۇنداق يوغانچىلىق ئۇنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئۇ ئۆيگە قايتقان چاغدا نېلىس كەينىدىن ئەگشىپ كېلىپ پىچاقنى ئۇنىڭ گىلىغا تىقىۋەتكەن. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەممە پۇلنى ئىلىپ كەتكەن ئىدى.
بۇ ئىشنىڭ ئىنچىكە جەريانلىرى كىيىن ئايدىڭلاشتى. بىزگە نىسبەتەن، جورگىننىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكىنىدىن خەۋەردار بولۇشلا كۇپايە. بىراق ئۇ سوغۇق ۋە قاراڭغۇ كامىرىدا بىر يىل ئازاپ چەكتى. بارلىق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. ئۇنىڭ تارتقان زىيانلىرىنى نىمە بىلەن تولدۇرۇش مۇمكىن؟ شۇنداق، كىشىلەر ئۇنىڭغا گۇناھسىز دەپ جاكارلانغانلىقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئامەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئەمدى كىتىشى كېرەك. شەھەر باشلىقى سەپەر خىراجىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئون مارك بەردى. نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىسى ئۇنىڭغا يىمەكلىك ۋە پىۋا بەردى—نىمىلا دىگەن بىلەن دۇنيادا يەنىلا ياخشى ئادەملەر بار! ھەممە ئادەمنىڭ «سېنى قىستىشى، تېرەڭنى سويىشى، قازانغا سېلىپ قورىشى» مۇمكىن ئەمەس! بىراق، ئەڭ تەلەيلىكى سىكاگېندىكى سودىگەر براننى. جورگىن بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئىشلەشنى ئويلاپ كەلگەن ئىدى. ھىلقى سودىگەر تىجارەت ئىشى بىلەن رىنكوبىنغا كىلىپ يوقۇرقى دىلونىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئاڭلىدى. بۇ ناھايىتى ياخشى نىيەتلىك كىشى بولۇپ، جورگىننىڭ قانچىلىك جەبرى-جاپا تارتقانلىقىنى بىلدى. شۇڭا جورگىنغا ئاز-تۇلا ياردەم بەرمەكچى، ئۇنىڭغا دۇنيادا يەنىلا ياخشى ئادەملەر بارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولدى.
تۈرمىدىن ئەركىنلىككە چىقىش بەئەينى جەننەتكە كىرگەندەك، ھىسداشلىققا، مۇھەببەتكە ئېرىشكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. جورگىن ئەمدى بۇ خىل ھىسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتتى. ھاياتلىق شارابى ھىمىشە ئاچچىق ئەمەس. بىر ياخشى كىشى ھەرگىز ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمگە بۇنداق ئاچچىق شارابنى سۇنمايدۇ. بۇنداق بولسا «مۇھەببەت»كە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەڭرى قانداق بولىدۇ؟
- ئۆتمۈشتىكى ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكىن! – دىدى سودىگەر براننى، - ئۆتكەن بىر يىلنى ئۈچۈرۋەت. بىز كالىندارنى كۆيدۈرۋەتسەكمۇ بولىدۇ. ئىككى كۈندىن كىيىن دوستانە، ئىللىق، تېنچ سىكاگېنغا يىتىپ بارىمىز. كىشىلەر ئۇنى چەت-ياقىدىكى بۇلۇڭ-پۇچقاق دەپ ئاتىشىدۇ. ھالبوكى، ئۇ ئىللىق ئوچىقى بار يۇرت. ئۇنىڭ دىرىزىسى پۈتۈن دۇنياغا كەڭ ئېچىلغان.
مانا، بۇ ئەمدى بىر سەپەرگە ئوخشىدى! بۇ، ھىلقى زەيكەش تۈرمىدىن ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۈمگەن دۇنياغا يۈزلەنگەنلىك، يىڭى ھاۋادىن نەپەسلەنگەنلىك بىلەن باراۋەر. قاقاسلىقلار چېچەكلەپ تۇرغان سانساناقسىز فوتىنىيە ۋە ياۋا گۈللەر بىلەن پۈركەلگەن ئىدى. پادىچى بالىلار دۆڭلۈكتە ئولتۇرۇپ قوي پاچىقىدىن ياسىۋالغان قىسقا نەيلەرنى چالماقتا. ئېزىتقۇ، قۇملۇقتا كىتۋىتىپ ئاسمانغا قاراپ شېرىن خىيال—بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرغان گۈللۈك، تەۋرىنىپ تۇرغان ئورمانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا نامايەن بولماقتا. بوشلۇقتىكى غەيرى ھاۋا ئېقىمى يەنە كۆرۈندى—كىشىلەر ئۇنى «قوي پادىسىنى ھەيدەپ كىتۋاتقان لۇك» دەپ ئاتايتتى.
ئۇلار ۋېندىس(6) ئادەملىرىنىڭ زېمىنىدىن، لىم قولتىقىدىن ئۆتۈپ، سىكاگېنغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇزۇن ساقاللىق ئادەم(7)—لومباردلىقلار—دەل مۇشۇ يەردىن كۆچۈپ چىققان. ئۇ قەھەتچىلىك يىللاردا پادىشاھ سىنىئۇ بارلىق كىچىك بالىلار بىلەن قېرىلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بىراق، كەڭ زىمىنلارغا ئىگە ھىلقى ئاقسۆڭەك ئايال گامبارۇك ياشلارغا بۇ دۆلەتتىن كىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. جورگىننىڭ بىلىدىغانلىرى كۆپ، بۇ ھىكايىلەرنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ. ئۇ ئالپىس تېغىنىڭ كەينىدىكى لومباردلارنىڭ مەملىكىتىگە(8) بېرىپ باقمىغان بولسىمۇ ھىچ بولمىغاندا ئۇلارنى قانداقلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ بالىلىق چاغلاردا ئىسپانىيىنىڭ جەنوپ تەرىپىگە بارغان. ئۇ تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن مىۋىلەرنى، قىپقىزىل ئانارنى، ھەرە كۆنىكىدەك شەھەر ئىچىدىكى غۇڭۇلدىغان، تاراڭلىغان ئاۋازلارنى، سائەت قوڭغۇرۇقىنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازىنى ئەسلىدى. ھالبوكى، بۇ يەرلەر ھەرقانچە ياخشى بولىشىدىن قەتئىنەزەر، جورگىننىڭ يۇرتى دانىيە.
ئاخىرى ئۇلار «ۋىندېل-سىكاگا»غا يىتىپ كەلدى. بۇ سىكاگېننىڭ نورۋېگىيە بىلەن ئىسلاندىيە يېزىقىدىكى ئاتىلىشى ئىدى. ئۇ چاغلاردا كونا سىكاگېن، ۋېستېرتو ھەم ئوستېرتودىكى قۇملۇقلار بىلەن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئوتتۇرلىقىدىكى يول نەچچە مىلغىچە سوزۇلۇپ، تاكى سىكاگېن قولتۇقىدىكى ماياككىچە يىتىپ باراتتى. ئۇ چاغلاردا ئۆي بىلەن ئېتىزلىقلار ھازىرقىغا ئوخشاش بوران ئۇچۇرۇپ دوملاپ قويغان قۇملۇقلار ئارسىدا چېچىلىپ ياتاتتى. قۇملۇق بۇران ھەم قۇم دانچىلىرى ئۇچۇپ تۇرىدىغان، چايكا، بورانقۇش ھەم ياۋا تۇرنا سايراپ تۇرىدىغان جاي. غەربىي جەنوپتىكى ئوتتۇز نەچچە چاقىرىملىق يەر دەل «ئېگىزلىك» ياكى سىكاگېندىن ئىبارەت. سودىگەر براننى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. جورگىنمۇ مۇشۇ يەرگە ماكانلىشىدۇ. چوڭ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىماي قەغەز چاپلانغان بولۇپ، كىچىك ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى قېيىقنى دۈم كۆمتۈرۈپ يېپىلغان ئىدى. چوشقا قوتىنى كېمە پارچىلىرىدىن ياسالغانىدى. بۇ يەردە چىتلاق يوق، چۈنكى قورشاپ قويغىدەك نەرسىمۇ يوق. بىراق، تانىلارغا بېلىق پارچىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ،  بىر-بىرىدىن ئىگىز ئېسىلغانىدى. مۇشۇنداق ئېسىپ شامالدا قۇرتۇلاتتى. پۈتكۈل دېڭىز ساھىلىغا چىرىگەن سېلىد بېلىقى دۈۋلەپ قويۇلغانىدى. بۇ يەردە سېلىد بېلىقى ناھايىتى جىق بولۇپ، تورنى تاشلىسىلا دۆۋە-دۆۋە تۇتۋالغىلى بۇلاتتى. شۇڭا كىشىلەر بۇ بېلىقنى دېڭىزغا تاشلىۋىتەتتى ياكى دۆۋلەپ قۇياتتى.
سودىگەرنىڭ ئايالى، قىزى، ھەتتا مالىيى دادىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن كۈتىۋالدى. كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ، پاراڭلىشاتتى. كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەيتتى. ھىلقى قىز ناھايىتى گۈزەل ھەم يىقىملىق، كۆزلىرى ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى.
ئۆي ئىچى كەڭ ھەم راھەت بولۇپ، شىرەگە نەچچە خىل بېلىق قورمىسى تىزىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا پادىشاھ ئامراق كامبالا بېلىقىمۇ بار ئىدى. يەنە سىكاگېن ئۈزۈمزارلىقىدىن چىقىدىغان ھاراق قويۇلغان ئىدى. بۇ دېڭىزدىن چىققان ھاراق. چۈنكى ئۈزۈم دېڭىزدىن توشۇپ كىلىنگىچە ئېچىتىلىپ ھاراققا ئايلىناتتى. باك ۋە پوتولكىلارغا قاچىلاپ تەييارلىناتتى.
قىز بىلەن ئانا جورگىننىڭ سەرگۈزەشتىسىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ تارتقان ئازاپ-ئوقىبەتلىرىنى بىلدى. ئۇلار جورگىنغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلىلەرنى قىلدى. ھىلىقى ساھىپجامال قىز كېلارانىڭ بىر جۈپ كۆزى ھەممىدىن يېقىملىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. جورگىن سىكاگېندا ھەرنىمە بولسا بەختلىك بىر ئائىلىنى تاپتى. روھىغا ئارامبەخش ئەتتى. ئۇ جاپالىق سىناقلاردىن ئۆتتى، ئادەمنى ھەم شادلاندۇرىدىغان ھەم نەپرەتكە باشلايدىغان ئاچچىق مۇھەببەت شارابىنى ئىچتى. جورگىننىڭ يۈرىكى يەنىلا يۇمشاق. بۇ يۈرەك تېخى ياش ھەم بوش. ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن كېلارا كېمىگە ئولتۇرۇپ نورۋېگىيىدىكى كىرىستىئانساندقا بېرىپ ھاممىسىنى يوقلاپ كەلمەكچى ھەم ئۇ يەردە قىشنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ.
قىز يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى يەكشەنبە كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىركاۋغا بېرىپ مۇقەددەس زىياپەتكە قاتناشتى. بۇ چىركاۋ ناھايىتى ھەشەمەتلىك، ئازادە بولۇپ، نۇرغۇن ئەسىرلەر ئىلگىرى شوتلاندىيە ۋە گوللاندىيىلىكلار تەرىپىدىن بىنا قىلغان، شەھەرگىمۇ يېقىن ئىدى. ئەلۋەتتە، چىركاۋ ئازراق كونىرىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇتۇشىدىغان قوملۇقتىكى يولدىمۇ ماڭماق قىيىنغا توختايتتى. لېكىن، كىشىلەر بۇنڭغا رازى. ئۇلار مۇقەددەس جايغا كىرىپ مۇناجات ئېيتىدۇ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدۇ. چىركاۋنىڭ ئەتراپىنى قۇم دۆۋىلىرى ئوراپ تۇراتتى. ئەمما، كىشىلەر قۇمنىڭ چىركاۋ قەبرىستانلىقىنى كۆمىۋىتىشىگە قاراپ تۇرمىدى.
بۇ، لىم قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ چىركاۋ. نەزىر-چىراق مىھرابىنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن نۇر ھالقىسىنى تاقىغان، قولىدا بۇۋاق ئەيسانى كۆتۈرگەن مەريەم ئانا بار. قارىماققا ئۇ جىنى باردەك كۆرۈنىدۇ. خور ئۆمىكى تۇرغان ئىگىز پەشتاققا ئەۋلىيانىڭ ئون ئىككى مۇخلىسىنىڭ ھەيكىلى ئۇيۇلغان. تامغا سىكاگېننىڭ ئىلگىركى كونا شەھەر باشلىقلىرى ھەم شەھەر مەمورىيەت ئەزالىرىنىڭ رەسىمى بىلەن تامغىسى ئېسىلغان. مۇنبەرگىمۇ گۈللەر ئۇيۇلغان. قۇياش نۇرى چىركاۋ ئىچىگە چۈشۈپ، پارقىراق مىس شامدان بىلەن تورۇسقا ئېسىقلىق كېمىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ.
جورگىننىڭ جىسمىدىكى مۇقەددەس، ساپ تۇيغۇ بەئەينى بالىلىقىدا كىرگەن ھىلىقى ئىسپانىيە چىركاۋىدىكى تۇيغۇغا ئوخشاش پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قاپلىماقتا. ئۇ ھازىر ئىخلاسمەن مۇرتلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.
ۋەز-نەسىھەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كەينىگە ئۇلۇنۇپلا مۇقەددەس تاماق زىياپىتى بېرىلدى. ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بېرىپ بولكا ۋە ھاراق ئالدى. ئۇ كېلارا خىنىمنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئىشلار شۇنداق ئۇدۇل كىلىپ قالدى. لېكىن ھازىر ئۇنىڭ كۆڭلىدە تەڭرى بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتتىن باشقا ئوي يوق. ئۇ ئورنىدىن تۇرغان چاغدىلا يېنىدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئاندىن ئاڭقىرالىدى. ئۇ قىزنىڭ كۆزىدىن دۇمۇلاپ چۈشكەن ياشنى كۆردى.
ئىككى كۈندىن كىيىن كېلارا نورۋېگىيىگە قاراپ يولغا چىقتى. جورگىن ئۆيدە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن مەشۇل بولدى، بېلىق تۇتتى. ئۇ چاغلاردا بېلىق ھازىرقىدىن جىق ئىدى. كېچىدە بېلىقتىن نۇر چاقناپ تۇراتتى، شۇنىڭغا قاراپ بېلىقنىڭ نەگە ئۈزۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بۇلاتتى. قارا بېلىق تۇتۇلغان چاغدا چوڭ پالاقچىسىنى پاقىلدىتىپ نالە قىلاتتى. بېلىق جورگىنغا ئوخشاش جىمغور ئەمەس. جورگىن باشقىلاردىنمۇ جىمغۇر بولۇپ، ھەممە ئىشنى ئىچىگە يۈتۋىتەتتى. ئەمما، بىر كۈنى پارتلايدىغاندەك قىلاتتى.
ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇ چىركاۋدا ئولتۇرۇپ نەزىر-چىراق مىھرابىنىڭ ئۈستىدىكى مەريەم ئانىنىڭ ھەيكىلىگە تىكىلگەن چاغدا، ئۇنىڭ نەزىرى كېلارا تېزلانغان ھىلقى يەردە توختاپ ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېلارانىڭ ئىلگىرى ئۆزىگە قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئويلايدۇ.
قار-مۇزلۇق قىش پەسلى يىتىپ كەلدى. سىكاگېننىڭ كوچىلىرى ھۆلچىلىك بولۇپ كەتتى. چۈنكى قۇم ھەممە سۇنى سۈمۈرۈپ بۇلالمايتتى. كىشىلەر سۇ ئىچىدە مېڭىشقا، ھەتتا قولۋاق بىلەن يول يۈرۈشكە مەجبور بولدى. بوران قېيىقلارنى خەتەرلىك خادا تاشلارغا ئاپىرىپ ئۇرۇپ-سوقاتتى. قۇم بوران ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆيلەرنى كۆمۈۋەتتى. ئادەملەر تۇرخۇنلاردىن ئۆمۈلەپ چىقتى. بۇنداق ئىش دائىم بوپتۇردى. ئۆي ئىچى راھەت ھەم ئارامبەخش ئىدى. پاتقاقلىق قىرغاقتىكى بۇزۇلغان كېمىلەرنىڭ ياغاچ پارچىلىرى پاراسلاپ كۈيەتتى. سودىگەر براننى كونا بىر يىلنامىنى ئۈنلۈك ئوقىماقتا. ئۇ دانىيە شاھزادىسى  خاملېتنىڭ قانداق قىلىپ ئەنگىلىيىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى، قانداق قىلىپ بوۋبېرگتا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ئۇقىماقتا. ئۇنىڭ قەبرىسى رامدا بولۇپ، ھىلىقى يېلان بېلىق باقىدىغان ئادەمنىڭ يۇرتىدىن نەچچە ئون مىل يىراقلىقتا ئىدى. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى جەڭچىلەرنىڭ قەبرىسى قاقاسلىقتا چىركاۋ قەبرىستانلىقىغا ئوخشاش يېيىلىپ ياتماقتا. سودىگەر براننى شەخسەن ئۆزى خاملېتنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ بۇلارنى كۆرۈپ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يىراق ئۆتمۈش، خوشنىلار، ئېنگىلاند، شوتلاندىيە توغرسىدىكى ئىشلارنى سۆزلىشەتتى. جورگىنمۇ ھىلقى «ئەنگىلىيە شاھزادىسى» ناملىق ناخشى ئېيتىپ قۇياتتى. بۇ ناخشىدا ھىلقى ھەشەمەتلىك كېمە ھەم ئۇنىڭ جابدۇقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن:


كېمىنىڭ ئالدى-كەينى، يان-يېنىدا،
چاقنايتتى نۇرلار چېچىپ تەڭرى سۆزى،
كېمىنىڭ بېشىدا بار يار سۆرىتى،
قادالغان ئۇنىڭغا شازادە كۆزى.

جورگىن بۇ ناخشىنى ئېيتقاندا ئاجايىپ ھاياجانغا چۈمەتتى، كۆزلىرى چاقنايتتى. ئۇنىڭ كۆزى تۇغۇلىشىدىنلا قاپقارا بولغاچقا تېخىمۇ پاقىرايتتى.
ئۆيدە بەزىلەر كىتاپ ئوقىماقتا، بەزىلەر ناخشا ئېيتماقتا. تۇرمۇش ناھايىتى باياشات. ئۆيدىكى ھايۋانلارمۇ بۇ تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى سۈرمەكتە. قاڭالتىر جاھازا ئۈستىدىكى ئاق تەخسىدىن نۇر چاقنىماقتا. تورۇسقا كولباسا، سۈرلەنگەن گۆش ۋە مول قىشلىق يىمەكلىكلەر ئېسىغلىق. بۇ خىل ئەھۋال جۇتلاندنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى كۆپلىگەن باي قورۇقلاردا ھازىرمۇ ئۇچرايدۇ: مول يىمەكلىك، چىرايلىق ئۆي، پاراسەت ھەم يۇمىرىستىك تۇيغۇ قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ دەۋردە بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىگە كەلدى. ھەممە كىشى ئەرەپلەرنىڭ چىدىرىدىكىگە ئوخشاش مىھماندوست.
جورگىن كىچىك ۋاقتىدا قاتناشقان ھىلقى تۆت كۈنلۈك دەپنە مۇراسىمىدىن كىيىن تا ھازىرغىچە مۇنداق خوشال تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقمىغان. ئەپسوس، كېلارا بۇ يەردە يوق. ئۇنى پەقەت خىيالىدا كۆرىدۇ، مۇڭدىشىدۇ.
تۆتىنچى ئايدا بىر كېمە نورۋېگىيىگە بارماقچى بولدى. جورگىنمۇ ئەگىشىپ باردى. ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. شۇڭا براننى خانىم ئۇنىڭغا قارىسىمۇ ئادەمگە ئارامبەخش ئېتىدۇ، دىگەنىدى.
- ساڭا قاراپ قويغان ئادەممۇ ئوخشاشلا خوشال بولىدۇ، - دىدى ھىلقى ياشانغان سودىگەر، - جورگىن قىش كېچىلىرىنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلدى، ئۆزەڭمۇ تىتىكلىشىپ كېتىپسەن! ياشىرىپ، ساغلام، چىرايلىق بولۇپ قاپسەن. سەن ئەسلىدىلا ۋىبورگنىڭ ساھىپجامال قىزى-دە—بۇ ناھايىتى يوقۇرى باھا ئىدى. چۈنكى مەن ۋىبورگ قىزلىرىنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلەتتى.
بۇ گەپ جورگىنغا ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئۇ ھازىر كۆڭلىدە بىر سىكاگېنلىق قىزنى ئويلىماقتا. ئۇ ئەمدى كېمىگە ئولتۇرۇپ قىزنى كۆرگىلى بارىدۇ. كېمە كىرىستىئانساند پورتىدا لەڭگەر تاشلىدى. ئوڭ شامال يېرىم كۈندىلا ئۇنى پۇۋلەپ بۇ يەرگە ئىلىپ كەلدى.
بىر كۈنى ئەتىگەن سودىگەر براننى كونا سىكاگېنندىن ناھايىتى يىراق دەريا شاخابچىسى ئەتراپىدىكى ماياكنىڭ يېنىغا باردى. سىگنال ئوتى ئۈچۈپ قالغىلى خېلى بولغان ئىدى. ئۇ ماياكقا چىقۋاتقان چاغدا قۇياشمۇ ئاسمانپەلەك ئۆرلىگەن ئىدى. قۇملۇق دېڭىزغا قاراپ نەچچە ئون مىل سوزۇلغان. قۇم ساھىلنىڭ سىرتىدا نۇرغۇن كېمىلەر كۆرۈندى. ئۇ دۇربۇن بىلەن كېمىلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ «كارېن براننى» ناملىق كېمىسىنى ئىلغا قىلدى. شۇنداق، كېمە كەلمەكتە. جورگىن بىلەن كېلارا مۇشۇ كېمىدە. سودىگەرنىڭ قارىشىچە سىكاگېندىكى چىركاۋ مۇنارى بىلەن ماياك كۆپكۈك سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان كۆك قوتان بىلەن ئاققۇغا ئوخشايتتى. كېلارا پالوبىغا چىقىپ يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان قۇرۇقلۇقنى كۆردى. ناۋادا شامال يۈلۈنىشى ئۆزگەرمىسە ئۇ بىر سائەتتىن كىيىن ئۆيىگە يىتىپ كىلەتتى. ئۇلار ئۆي ۋە خوشاللىققا مانا مۇشۇنداق يېقىن—شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەجەل ھەم ئۆلۈم ۋەھىمىسىگە ئوخشاشلا يېقىن.
كېمىدىكى بىر پارچە تاختاي بۇشاپ، كېمە ئىچىگە سۇ كىرىشكە باشلىدى. ئۇلار تۆشۈكنى ئېتىش ۋە سۇنى چىقىرۋىتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتى. يەلكەننى چۈشۈرۈپ قۇتقۇزۇش سىگنالىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراقنى چىقاردى. كېمە تېخى قىرغاقتىن ئون نەچچە مىل يىراقلىقتا ئىدى. ئۇلار بىر نەچچە بېلىقچىلىق كېمىسىنى كۆردى. ئەمما ئارلىقى خېلى بار ئىدى. شامال قىرغاققا قاراپ ئۇرۋاتاتتى. تاشقېن سۈيىمۇ ئۇلارغا پايدىلىق. شۇنداقتىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى، كېمە چۆكۈپ كەتتى. جورگىن ئوڭ قولىنى سوزۇپ كېلارانى قۇچاقلىۋالدى.
ئۇ تەڭرىنىڭ نامىنى ئاتاپ كېلارا بىلەن سۇغا سەكرىگەن چاغدا، كېلارا نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟ قىز قاتتىق چىقىرىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلدى. چۈنكى جورگىن ئۇنىڭ چۈكۈپ كىتىشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايتتى.
بۇ ھايات-ماماتلىق پەيتتە، جورگىن ھىلقى كونا ناخشىدىكى مىسرالارنى ئەسلەپ ئۈلگۈردى:

كېمىنىڭ بىشىدىكى رەسىمدە:
شاھزادە مەھبۇبىنى باغاشلىغان.

جورگىن سۇ ئۈزۈش ماھىرى. بۇ بەك ئەسقاتتى. ئۇ بىر قولى ھەم ئىككى پۇتىغا تايىنىپ سۇ ئۈزدى. يەنە بىر قولى بىلەن ياش قىزنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇلار دولقۇنلار ئارا لەيلىمەكتە. جورگىن بىلىدىغان بارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ قىرغاققا يىتىپ بارغۇچە كۈچىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرشماقتا. ئۇ كېلارانىڭ خۇرسىنغانلىقىنى ئاڭلىدى، تىترەۋاتقانلىقىنى سەزدى. شۇنىڭ بىلەن قىزنى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلىدى. دېڭىز سۈيى ئۇلارغا ئۇرۇلماقتا، بۇژغۇنلار ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالماقتا. سۇ چوڭقۇر ھەم تىنىق ئىدى. بەزىدە كۆز ئالدىدىن پارقىراق پىنتادۇ بىلىق توپى ئۈزۈپ ئۆتەتتى—بۇ بەلكىم لىۋىئاتان(زور دېڭىز مەخلۇقى) بولىشى مۇمكىن. بېلىقلار ئۇلارنى يىيىشكە تەييارلانغاندەك قىلاتتى. بۇلۇتلارنىڭ سايىسى دېڭىز يۈزىگە چۈشەتتى، ئارقىدىنلا چاقناپ تۇرغان قۇياش كۆرۈنەتتى. ئۆركۈپ كەتكەن قۇشلار ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرمەكتە. سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يېرىم ئۇيقىغا كەتكەن سېمىز ياۋا ئۆردەك تۇيۇقسىز سۇ ئۈزۋاتقانلارنىڭ ئالدىدىن ئۇچۇپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. جورگىن ماغدۇرسىزلىنۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. قىرغاق نەچچە لەڭگەر زەنجىرى ئۇزۇنلۇقتا كەلگۈدەك ئارلىقتا تۇراتتى. بۇ چاغدا، كېمىگە ئوخشاش بىر نەرسە ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلگەندەك قىلدى. بىراق، سۇ ئاستىدا ئۇنى ئىنىق كۆرگىلى بولدى—ئاق رەڭلىك بىر سۇ ھايۋىنى ئۇلارغا تىكىلگەن ئىدى. دېڭىز بۇژغۇنلىرى ئۇلارنى ئورىۋالغان چاغدا بۇ ھايۋان ئۇلارغا قاراپ يىقىنلاپ كەلدى.  جورگىننىڭ يۈرىكى «قارت» قىلىپ قالدى، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.
قۇم ساھىلدا دېڭىز دولقۇنلىرى بۇزۋەتكەن بىر كېمە تۇراتتى. ھىلقى ئاق رەڭلىك «دولقۇن يارار مەبۇد»(10) كېمە لەڭگىرىدە تەتۈرسىگە تۇراتتى. لەڭگەرنىڭ تۆمۈر ئىلمىكى سۇ يۈزىگە ئازراق چىقىپ قالغانىدى. جورگىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى، دولقۇن ئۇنى لەڭگەرگە قارىتىپ ئىتىردى. ئۇ ئايلىنىپ كەتتى ھەم قۇچۇقىدىكى قىز بىلەن چۆكۈپ سۇغا چۆكتى. كەينىدىن كەلگەن دولقۇن ئىككىسىنى يەنە قاڭقىتىۋەتتى.
بېلىقچىلار ئۇلارنى سۈزۋىلىپ قېيىق ئىچىگە ياتقۇزدى. جورگىننىڭ بېشىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. قارىماققا ئۆلگەندەك قىلاتتى. بىراق ئۇ قىزنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغانىدى. كۆپچىلىك خېلى كۈچ سەرىپ قىلىپ ئاندىن ئۇلارنى ئاجراتتى. كېلارانىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھاياتلىق ئىزنالىرى كۆرۈنمەيتتى. قېيىق قىرغاققا قاراپ ئۈزدى.
ئۇلار بارلىق ئامال-چارىلەرنى قىلىپ كېلارانى قۇتقۇزماقچى بولدى. بىراق ئۇ جان ئۈزگەن ئىدى! جورگىن جەسەتنى قۇچاقلاپ سۇدا ئۈزگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھالىدىن كەتكەنتى.
جورگىننىڭ تىنىقى بار بولۇپ، بېلىقچىلار ئۇنى كۆتۈرۈپ قۇملۇقنىڭ يېنىدىكى ئۆيگە ئەكىردى. بۇ يەردە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا ئوخشايدىغان تۆمۈرچى ھەم مىلىچمال سودىسى قىلىدىغان بىر ئادەم بار. ئۇ جورگىننىڭ يارىسىنى تاڭدى. جورگىننى تاڭ ئاتقاندا ھوررىن بازىرىدىكى دوختۇرغا كۆرسىتىشنى ئېيتتى.
بىمارنىڭ مېڭىسى ئېغىر زەخمىلەنگەن بولۇپ، خۇددىنى يوقاتقان ھالەتتە جۆيلىيتتى. ئۈچۈنچى كۈنى ئۇ ھۇشسىز ئادەمدەك يېقىلدى. ئۇنىڭ ھاياتى بىر تال يىپقا چېتىلغاندەك قىلاتتى. دۇختۇرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىپنى ساقلاپ قېلىش ئۆزۋەتكەنگە يەتمەيدىكەن. بۇ، كىشىلەرنىڭ جورگىنگە بىلدۈرگەن ئەڭ ياخشى تىلىكى ھىساپلىناتتى.
- بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى بالدۇرراق ئىلىپ كىتىشىنى تىلەيمىز. ئۇ ئەمدى نورمال ئادەم ئەمەس!
ئەمما، ھاياتلىق جورگىندىن ئايرىلمىدى. يىپمۇ ئۈزۈلمىدى. پەقەت ئۇنىڭ خاتىرىسى، بارلىق ئەقىل-پاراسىتى ئۈزۈلۈپ قالدى. تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى ئۇنىڭ جىسمى—يەنى، سالامەتلىكى ئەسلىگە قايتۋاتقان تېنى ئىدى.
جورگىن سودىگەر براننىنىڭ ئۆيىدە تۇردى.
- ئۇ بالىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بولۇپ قالغان،- دەيتتى ياشانغان كىشى، - ھازىر ئۇ بىزنىڭ ئوغلىمىزغا ئوخشاش.
كىشىلەر جورگىننى گومۇش، دەپ چاقىراتتى. ھالبوكى، بۇنداق چاقىرىش نامۇۋاپىق. جورگىن تارى بوشاپ قالغان سازدەك ئاۋاز چىقىرالمايدۇ. بۇ تارىلار بەزىدە چىڭىپ ئاۋاز چىقىرىپ قۇيىدۇ: كونا مۇقامغا، كونا رىتىمغا توۋلاپ قۇيىدۇ. كۆرۈنۈش ئېچىلىپ يەنە ناھايىتى تېزلا تۇمان ئىچىدە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىغا قارىغىنىچە جايىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ قالىدۇ، كاللىسى قۇپقۇرۇق. ئىشىنىشكە بولىدىكى، ئۇ ئەمدى ئازاپنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرى نۇرىنى يوقاتتى. قارىماققا قاپقارا ئەينەك شارچىغا ئوخشايدۇ.
- جورگىن، بىچارە گومۇش!- دەيتتى كىشىلەر.
ئۇ ئانىسىنىڭ باغرىدىن توغۇلغاندىن كىيىن ئەسلى باياشات، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە جورگىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇبادا ئۇ يەنىلا توغۇلۇش تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن دەپ ئويلىسا، ئارزۇ قىلسا، ئىشەنسە، ئىنىقكى ئۇ بىر «ئاتىكاچى، قورقۇنۇچلۇق تەلۋە»دىن ئىبارەت. ئەجەبا، ئۇنىڭ روھىدىكى بارلىق كۈچ يوقالغاندىمۇ؟ ئۇنىڭ تەغدىرى ئەمدى ئاخىرى چىقماس جەبرى-جاپا، ئازاپ-ئوقىبەت، ئۈمۈدسىزلىك بولۇپقالامدۇ؟ جورگىن كىشىلەر تۇپراقتىن يولۇپ ئىلىپ قۇملۇققا تاشلاپ قۇرىتىۋەتكەن ئەتىۋارلىق گۈل يىلتىزىغا ئوخشايدۇ. ئەجەبا، تەڭرىنىڭ سىماسى بۇيىچە يارىتىلغان ئادەمنىڭ قىممىتى مۇشۇنچىلىكمۇ؟ ئەجەبا، ھەممە نەرسە تەغدىر تەرىپىدىن ئازدۇرلامدۇ؟ ئۇ ئۇچرىغان دىشۋارچىلىقلار، يوقاتقان نەرسىلەرنى شەپقەتلىك تەڭرى ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا تولۇقلاپ بېرىدۇ. «تەڭرى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ياخشى، تەڭرىنىڭ ئىشى مىھرىبانلىق بىلەن تولغان». بۇ، «داۋىدنىڭ مۇناجات توپلىمى»دىكى سۆزلەر. سودىگەرنىڭ ياشانغان سادىق ئايالى سەۋرىچانلىق ھەم ئۈمۈدۋارلىق بىلەن بۇ سۆلەرنى ئوقىدى. ئۇ كۆڭلىدە پەقەت تەڭرىنىڭ جورگىننى بالدۇراق ئېلىپ كىتىشىنى، ئۇنى «مىھرى-شەپقەتلىك دۇنيا»غا كىرگۈزۈشنى، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىشنى تىلەيتتى.
قۇم چىركاۋنىڭ تېمىنى كۆمىۋىتەيلا دەپ قالدى. كېلارا مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئىدى. جورگىن بۇ ئىشنى ئازاراقمۇ بىلمەيتتى—بۇ ئۇنىڭ تەپەككۈر دائىرىسىدە ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ خىيالىدا پەقەت ئۆتمۈشتىكى قىسمەن كارتىنىلارنىڭ ئۈزۈندىلىرىلا مەۋجۈت. ھەر قىتىملىق يەكشەنبە كۈنى ئۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئىبادەتكە باراتتى. ئەمما، چىركاۋ ئىچىدە قىتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى. بىر كۈنى مۇناجات ئوقۇلۋاتقان چاغدا ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى. كۆزلىرى چاقناپ، نەزىر-چىراق مىھرابىغا، قىز دوستى بىلەن بىللە تالاي قىتىم تېزلانغان ھىلقى يەرگە تىكىلدى. ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى چاقىردى. چىرايى تاتىرىپ، كۆز يېشى يۈزىنى بويلاپ ئاقتى.
كىشىلەر ئۇنى يۆلەپ چىركاۋدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇ كۆپچىلىككە كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، ئۆزىدە چاتاق يوقلىنى ئېيتتى. ئۇ تەڭرىنىڭ سىنىقى، تاشلىۋىتىلىش دىگەنلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنتىغان ئىدى. تەڭرى—بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز ئەڭ ئەقىللىق ھەم شەپقەتلىك، كىممۇ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ؟ بىزنىڭ قەلبىمىز، ئەقلىمىز بۇ نۇقتىنى ئېتراپ قىلىدۇ. «ئىنجىل»دىمۇ بۇ نۇقتا مۇنداق دەپ دەلىللەنگەن: ئۇنىڭ ئىشى مىھرى-شەپقەت بىلەن تۇيۇنغان.
ئىسپانىيىدە ئىللىق شامال مور كىشىلىرىنىڭ مەسچىتى ئۈستىدىكى يۇمۇلاق تورۇسنى، ئاپلىسىن، لاۋر دەرەخلىرىنى يەلپۈپ ئۆتىدۇ. ھەممىلا يەردە ناخشا-ساز ئاۋازى ياڭرايدۇ. دەل مۇشۇ يەردە، پەرزەنتى يوق ياشانغان بىر كىشى، ئەڭ باي سودىگەر بىر ھەشەمەتلىك ئىمارەتنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان بالىلار مەشئەل ۋە لەپىلدەپ تۇرغان بايراقچىلارنى كۆتۈرۈپ كوچىدىن ئۆتتى. بۇ چاغدا ھىلىقى قېرى ھەدى-ھېساپسىز بايلىقىنى سەرىپ قىلىپ قىزىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلدى. قىزىنىڭ بالىسى—بۇ بالا بەلكىم بۇ دۇنيادىكى قوياش نۇرىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، بۇ دۇنياغا تۆرەلمىگەن بولىشى مۇمكىن. شۇڭا مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. «بىچارە بالا!»
شۇنداق، بىچارە بالا! ئۇ ھەقىقەتەن بىر بالا، گەرچە ئۇ 30 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ بىر بالا ھىساپ—بۇ دەل كونا سىكاگېندىكى جورگىننىڭ يېشى.
ئاقار قۇم چىركاۋ قەبرىستانلىقىنى پۈتۈنلەي يۈتۈپ كەتتى. قۇمنىڭ ئىگىزلىكى چىركاۋ تېمىدەك كىلەتتى. شۇنداق بولسىمۇ قازا قىلغۇچىلار ئۇلاردىن بۇرۇن كەتكەن ئۇرۇق-تۇققانلىرى ياكى سۈيۈملۈك كىشىلىرى بىلەن بىرگە دەپنە قىلىندى. سودىگەر براننى ھەم ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئەمدىلىكتە بالىسى بىلەن بىر قاتاردا بۇ قۇملۇقنىڭ ئاستىدا ئۇيقۇغا كەتتى.
باھار—بوران-چاپقۇنلۇق مەزگىل يىتىپ كەلدى. قۇم دانچىلىرى بوشلۇققا كۆتۈرلۈپ، چاڭ-تۇزان پەيدا قىلدى. دېڭىزدا دولقۇنلار قۇتراپ كەتتى. قۇشلار بوران-چاپقۇندىكى بۇلۇت پارچىلىرىغا ئوخشاش توپ-توپ بولۇشۇپ قۇمبارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ ئۇچاتتى، ۋىچىرلايتتى. سىكاگېن پورتىدىن باشلاپ خانسىبىيدىكى قۇم دۆڭلىرىگىچە بولغان دېڭىز قىرغىقىدا كېمىلەر خادا تاشلارغا ئۇرلۇپ ۋەقەلەر كەينى-كەينىدىن كۆرۈلۈپ تۇردى.
بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن جورگىن ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز مېڭىسى سەگەكلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭدا خاتىرجەمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى—بۇ خىل تۇيغۇ كىچىك ۋاقتىدا ئۇنى دائىم قاقاسلىق بىلەن قۇمبارخانلىرى ئارسىغا بېرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى.
- ئۆيگە قايتىمەن! ئۆيگە قايتىمەن! – دىدى ئۇ. ھىچكىم ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىدى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ قۇمبارخانلىرىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ يۈزىگە شېغىل، قۇم دانچىلىرى ئۇرۇلۇپ، ئەتراپىنى پىقىراپ بىر ئالدى. ئۇ چىركاۋ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قۇم تامغا دۆۋلىنىپ دېرىزىنى كۈمۋىتىشكە ئاز قالغانىدى. ئىشىك ئالدىدىكى قۇملار گۈرجەك بىلەن ئىلۋىتىلگەن ئىدى. شۇڭا، ئىشىك كەڭ ئوچۇق تۇراتتى. جورگىن چىركاۋ ئىچىگە كىردى.
بوران سىكاگېن بازىرىدا ئۇشقۇرتماقتا. بۇنداق بوران، قورقۇنۇچلۇق ھاۋا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. كىشىلەر بۇنداق بورانغا ئۇچرىغىنى ئەسلىيەلمىدى. جورگىن ھازىر تەڭرىنىڭ ئۆيىدە تۇرماقتا. تۈن پەردىسى يېيىلغان چاغدا ئۇنىڭ روھىدا بىر نۇر—مەڭگۈ ئۈچمەيدىغان بىر يورۇقلۇق پەيدا بولدى. ئۇ بېشىدىكى ئېغىر تاش كۈكۈم-تالقان بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدى. ئورگاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدى—بۇلار پەقەت قارا بوران بىلەن دېڭىز شاۋقۇنلىرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. جورگىن ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. قارا، شاملار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېنىپ، ئىسپانىيىدە كۆرگەندەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل بولدى. شەھەر مەمورىيىتىنىڭ كونا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن شەھەر باشلىقىنىڭ رەسىمىگە جان كىردى. ئۇلار نەچچە ئەسىرلەر ئېسىلغان تامدىن چۈشۈپ، ھۆكمەتچىلەر ئەترىتىدىكى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى. چىركاۋنىڭ چوڭ-كىچىك دەرۋازىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىكىدىن ئېچىلدى. بارلىق ئۈلۈكلەر ھايات ۋاقتىدا كىيگەن بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ يىقىملىق مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە كىرىپ كەلدى ھەم ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مۇناجات ئاۋازى بەئەينى غەزەپ بىلەن داۋالغۇۋاتقان دېڭىزنىڭ شاۋقۇنىدەك ياڭراق ئاۋازدا ئېيتىلىشقا باشلىدى. جورگىننىڭ خانسىبىيدىكى قۇملۇقلارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۆگەي ئاتا-ئانىسىمۇ يىتىپ كەلدى. سودىگەر براننى ھەم ئۇنىڭ ئايالىمۇ كەلدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا مۇلايىم، ساھىپجامال قىزى كېلارا جورگىنغا ناھايىتى يېقىن تۇرماقتا. قىز جورگىنغا قولىنى سۇندى، ئىككىسى بىرلىكتە نەزىر-چىراق مىھرابىغا قاراپ ماڭدى: ئىلگىرى ئۇلار بۇ يەردە كۆپ قىتىم بىللە تېزلانغان ئىدى. باستېر ئۇلارنى ئۆزئارا قول تۇتقۇزۇپ، مۇھەببەت ئۈچۈن بىرلەشكەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاناي جاراڭلىدى. كاناي ئاۋازى شاد-خوراملىققا تولغان كىچىك بالىنىڭ ئالتۇن قوڭغۇراقتەك يىقىملىق ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋاز بارا-بارا ئورگان ئاۋازىغا ئايلاندى. ئەڭ ئاخىرىدا ياڭراق، ھەيۋەتلىك ئاۋازلارنىڭ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن بوران-چاپقۇنغا ئايلاندى. بۇ ئاۋاز زېمىننى تىترىتىپ، تاشلارنى ئىزۋەتكۈدەك دەرىجىدە دەھشەتلىك بولسىمۇ ئادەمنى روھلاندۇراتتى.
ھۆكمەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان ھېلقى كىچىك كېمە ئىككىسىنىڭ ئالدىغا چۈشتى. قېيىق ناھايىتى چوڭ ھەم چىرايلىق بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدا يىپەكتىن توقۇلغان يەلكەن بىلەن ئالتۇن يالىتىلغان يەلكەن تىرىكى بار ئىدى. ئۇنىڭ لەڭگىرى ساپ ئالتۇندىن، ئۇنىڭغا باغلانغان ئارقاننىڭ ھەر بىر تالاسى ھىلقى قەدىمكى ناخشىدا «ئۇنىڭ ئارسىغا مەشۇت ئارلاشقان» دەپ ئېيتىلغاندەك ئىدى. يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ قىز-يىگىت كېمىگە چىقتى. مۇراسىمغا قاتنىشۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېمىگە چىقتى. چۈنكى بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ ئورنى ۋە خوشاللىقى بار. چېركاۋنىڭ تاملىرى، ئەگمە ئىشىكىنىڭ ھەممىسىدە خۇددى بۇزۇن ۋە فىكۇس دەرىخىدەك گۈللەر ئېچىلدى. ئۇلارنىڭ شاخ-يۇپۇرماقلىرى ئاستا تەۋرىنەتتى، ئارامبەخش خۇشپۇراق تارقىتاتتى. شاخلار ئىگىلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈندى. بۇ چاغدا كېمە لەڭگەر كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىدىن ئۆتۈپ دېڭىزغا، ئاسمان بوشلۇقىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. چىركاۋدىكى ھەربىرتال شام بىر يۇلتۇزغا ئايلانغان ئىدى. شامال مۇناجاتنىڭ ئاھاڭىنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شامالغا ئەگىشىپ ئېيتىشقا باشلىدى:
«مىھرى-مۇھەببەت بىلەن خوشال ياشايلى!—ھەرقانداق ھاياتلىق مەڭگۈ يوقالمايدۇ! بىزگە مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغىن! ئاللېلۇيا!»
بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە جورگىننىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى ئىدى. ئۆلمەس روھنى باغلاپ تۇرغان ھىلقى يىپ ئاخىرى ئۈزۈلدى. چىركاۋادا ئەمدى پەقەت بىر جەسەتلا قالدى. بوران-چاپقۇن ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇشقۇرتماقتا، قۇملار ئۇنى كۆممەكتە.
ئەتىسى ئىبادەت كۈنى ئىدى. مۇرتلار بىلەن باستىرنىڭ ھەممىسى ئىبادەت قىلغىلى كەلدى. چىركاۋغا بارىدىغان يولدا ماڭماق ناھايىتى قېيىن، قۇملاردىن ھالقىماق تەس. ئۇلار يىتىپ كەلگەندە چىركاۋنىڭ كىرىش ئېغىزى ئاللىقاچان ئىگىز قۇم دۆۋىسىگە ئايلانغان ئىدى. باستېر قىسقىلا دۇئا قىلىپ، «تەڭرى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى پېچەتلەپتۇ. كۆپچىلىك كەتسەڭلار بولىدۇ. باشقا يەرگە بېرىپ يىڭى بىر چېركاۋ سالايلى» دىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇناجات ئوقۇپ ئارقىدىن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
سىكاگېن بازىرىدا جورگىن قايتا كۆرۈنمىدى. قۇملۇقتىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى تاپالمىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا قۇم ساھىلىنى چايقاپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرى ئۇنى ئېلىپ كەتكەنمىش.
جورگىننىڭ جەسىدى ئەڭ چوڭ تاش جەسەت ساندۇقى—چىركاۋنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىندى. پەرۋەردىگار بوران-چاپقۇندا ئۆز قولى بىلەن توپا تاشلاپ ئۇنىڭ جەسەت ساندۇقىنى كۈمىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن قۇم دۆۋلەندى. بۇ قۇملار ھازىرمۇ شۇ يەرنى بېسىپ ياتماقتا.
ئۇچار قۇملار ئەگمە ئىشىكلەرنىمۇ قاپلىۋالدى. چىركاۋ ئۈستىدە دۇلانا، قىزىلگۈللەر ئۈنۈپ كەتتى. پىيادىلەر ئۇ يەردە سەيلە قىلىدۇ. چىركاۋدىكى مۇنارىنىڭ ئۇچى قۇملار ئارسىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇنار غايەت زور قەبرە تېشىغا ئوخشاش بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئون نەچچە مېل دائىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھىچقانداق بىر پادىشاھنىڭ مۇنداق ھەيۋەتلىك قەبرە تېشى بولمىغان! ھىچكىممۇ بۇ يەردە ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ ئارامىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھىچكىممۇ بۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ ھىكايىنى قۇملۇقلار ئارسىدىكى بوران ماڭا ناخشا قىلىپ ئېيتىپ بەرگەن.


ئىزھاتلار:
(1). مۇسۇلمانلار مەسچىتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئافىرىقىدىكى مۇسۇلمان مورلار سەككىزىنچى ئەسىردە ئىسپانىيىنى بويسۇندۇرغان.
(2). ئىبرايلارنىڭ رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، ئادەملەرنىڭ ئاتىسى ئادەم بىلەن ھاۋا جەننەتتە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشايدىكەن. يىلاننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئادەم ئەقىل-پاراسەت مىۋىسىنى يىگەن. بۇنى يىگەندە تەڭرىگە ئوخشاش ئەقىللىق بولغىلى بۇلاتتى. نەتىجىدە ئادەم بىلەن ھاۋا جەننەتتىن قوغلانغان.
(3). ئىتالىيىلىكلەر بىلەن ئىسپانىيىلىكلەر بىرقەدەر ئىللىق جەنوبى ياۋرۇپادا ياشايدۇ. شۇڭا تېرىسى باشقا ياۋرۇپا كىشىلىرىدىن سەل قار.
(4). بۇ شىمالىي ياۋرۇپا رىۋايەتلىرى ئىچىدىكى بىر ئەۋلىيا.
(5). بۇ گەپنىڭ كىلىش مەنبىيى ئىنىقسىز. بەلكىم دانىيە ئەل ئىچى رىۋايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.  
(6). بۇ ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ شەر*قى قىسمىغا جايلاشقان سىپرى (Spree) ئېقىنىدىكى سىلاف سېستىمىسىغا تەۋە مىللەت. ئاھالىسى تەخمىنەن 150 مىڭ ئەتراپىدا. 16-ئەسىردە ئۇلار كۈچلۈك مىللەت بولۇپ، گېرمانىيە ۋە شىمالىي ياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئىگەنلىۋالغان.
(7). لومبارد دىگەن مىللەتنى كۆرسىتىدۇ، ئىتالىيان تىلىدا Longobardi دەپ يېزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «ئۇزۇن ساقاللىق ئادەم» دىگەنلىكتىن ئىبارەت. ئۇلار ئەسلى گېرمانىيە بىلەن شىمالىي ياۋرۇپادا ياشىغان. 16-ئەسىردە ئىتالىيىگە كۆچۈپ بارغان. ھازىرقى ئىتالىيىدىكى لومباردىيە(lombardia) ئۆلكىسى ئۇلارنىڭ كونا ئولتۇراقلاش جايى ئىدى.
(8). ئىتالىيىنى كۆرسىتىدۇ.
(9). ئەسلى يېزىق «Leviathan» بولۇپ، دېڭىزدىكى بىر غەلىتە مەخلۇق.  «ئىنجىل»دا بۇ ھەقتە بايانلار بار.
(10). بۇ ياغاچتىن ئۇيۇلغان ئادەم ھەيكىلى. ئادەتتە كېمىنىڭ بېشىغا  ئورنىتىلىدۇ. قەدىمدە ماتروسلار ئۇنىڭ «دولقۇن يېرىپ»، كېمىنى ئاسان ماڭغۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.


idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 13:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئەسەركەن ھەمبەھرلىۋھلدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1202
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 47
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 10:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادندىرسون دېگەن بۇئادەم راستىنلا چۆچەك پادىشاسى ئىكەن. ئۇنىڭ « پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى، قۇرۇق تەشتەك كۆتۈرگەن بالا » قاتارلىق ئىسىل ئەسەرلېرى چوڭلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن بالىلارغىمۇ تونۇشلۇق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش