كۆرۈش: 203|ئىنكاس: 0

مۇھەممەتئەيسا قۇربان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 34
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 11:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

m_aysa+kurban-1.png

    مۇھەممەتئەيسا قۇربان 1943- يىلى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1962- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ يىلى 9- ئايدا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1966- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى، « خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى، « شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. 1981- يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن كېرىيە ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومېتىت ئىشخانىسى، مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە سىياسى كېڭەش تارىخىي ماتېرىياللار كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا مەمۇرى ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇ 1962- يىلى « شىنجاڭ پىئونېرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان « ياشا دەيمەن» دىگەن تېمىدىكى شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇندىن كېيىن « شىنجاڭ ئەدەبىياتى» ( ھازىرقى «تارىم» ژورنىلى)، « شىنجاڭ ياشلىرى»، « شىنجاڭ گېزىتى»، « قەشقەر گېزىتى»، « خوتەن گېزىتى»، « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان. « توي سوۋغىسى» قاتارلىق يەتتە توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.  1991- يىلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش خىزمىتىدە مۇنەۋۋەر شەخس بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن.

      مۇھەممەتئەيسا قۇربان جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش