كۆرۈش: 143|ئىنكاس: 1

ئىككى پارچە رىۋايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 956
تۆھپە : 4
توردا: 525
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 03:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى پارچە رىۋايەت

تۇز چىقىرالايدىغان يارغۇنچاق



بۇرۇن بىر كەنتتە نامرات بىر ئەر  بار ئىكەن. بىر كۈنى كەچتە بۇ ئەرنىڭ ئۆيىگە ساقاللىرى  قاردەك ئاقارغان بىر بوۋاي كېلىپ:    -مەن يولدىن ئېزىپ قالدىم، ئۆيىڭىزدە بىر ئاخشام قوندۇرۋالسىڭىز،- دەپتۇ.

-شۇنداقمۇ، سىزنى بەكلا نەس بېسىپتۇ-ھە؟ چاتاق يوق، قېنى، ئۆيگە كىرىڭ. ھېلىقى ئەر شۇنداق دېگىنىچە بوۋاينى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە باشلاپتۇ.

ئەتىسى بوۋاي بۇ ئەرگە كىچىك بىر يارغۇنچاقنى بېرىپ شۇنداق دەپتۇ:

-كېچىدىن مېنى قوندۇرۋالغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بۇنى سىزگە بېرەي، بۇ بىر سېھىرلىك يارغۇنچاق، ئۇنى ئوڭ تەرەپكە چۆرىسىڭىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە چىقىدۇ. سول تەرەپكە چۆرىسىڭىز توختايدۇ. بىراق سىز ئۇنى توختاتمىسىڭىز نەرسە توختىماي چىقىۋېرىدۇ،- دەپتۇ-دە، سۆزىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قاپتۇ. ئەر يارغۇنچاقنى سىناپ چۆرۈپ بېقىپ:

-  چىق، چىق! دەپتىكەن، ئاپئاق گۈرۈچلەر شىرىلداپ چىقىپتۇ. ئەر قورقۇپ كېتىپ، يارغۇنچاقنى سول تەرەپكە چۆرۈپتىكەن، گۈرۈچ توختاپتۇ.

-پاھ، بۇ نەرسە بولىدىكەن، جۇمۇ! ئەر  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن گۈرۈچ ۋە بېلىق قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، قوشنىلىرىغا تارقىتىپ بېرىپتۇ.

بۇ ئەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئۇنىڭ ئاچكۆز ئاكىسى تۇرىدىكەن. ئاكسى ئىنىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا بېيىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھەيران  قاپتۇ-دە، ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى ماراپتۇ. «ئەسلىدە، مۇنداق ئىش ئىكەن-دە، ھەممە نەرسە مۇشۇ يارغۇنچاقتىن چىقىپتىكەن، بەك ياخشى بولدى».

ئاكىسى كېچىدە ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يارغۇنچاقنى ئوغرىلاپ چىقىپتۇ. ئاندىن كېمىگە ئولتۇرۇپ دېڭىزغا بېرىپتۇ. «بەك ياخشى بولدى، بۇ يەردە ھېچكىم يوق». ئاكىسى  ئەنە شۇنداق نۇرغۇن شېرىن خىياللارنى سۈرگىنىچە كۈچەپ كېمە ھەيدىگەچكە، قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدىن ئېلىۋالغان يېمەكلىكىنى يېمەكچى بوپتۇ. «ھەي، ئازراق تۇز بولسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولاتتى، ھە، راست، تۇز چىق!». ئاكىسى شۇنداق دېگىنىچە يارغۇنچاقنى ئوڭغا چۆرۈپتىكەن، يارغۇنچاقتىن توختىماي تۇز چىقىپ، بىردەمدىلا كېمە تۇز بىلەن لىق تولۇپ كېتىپتۇ. «ۋاي بولدى، توختا، توختا، تېز توختا!» ئاچكۆز ئاكىسى يارغۇنچاقتىن نەرسە چىقىرىش ئۇسۇلىنىلا كۆرۈپ، توختىتىش ئۇسۇلىنى كۆرمىگەن ئىكەن. نەتىجىدە، كېمە تۇزنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چۆكۈپ كېتىپتۇ.

ھېلىقى يارغۇنچاق ھازىرمۇ توختىماي چۆرگىلەپ تۇز چىقىرۋاتقانمىش. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇڭا دېڭىز سۈيى ھازىرمۇ تۇزلۇق ئىكەن.





12 مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى



بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تەڭرى پۈتۈن ئالەمدىكى ھايۋاناتلارغا: -مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن 12 ھايۋاننى تاللاپ، ھەر يىلى نۆۋەت بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى قوغداشقا قويماقچى، سىلەر يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى بۇ يەرگە يىغىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېتىپ كېلىش تەرتىپىڭلارغا ئاساسەن، رەتكە تىزىمەن،- دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھايۋانلار بەس-بەستە بۇ كۈننىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ يېتىپ بېرىپ، بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشىنى ئۈمىد قىلىپتۇ.

بىراق مۈشۈك ئۇنۇتقاق بولغاچقا، يىغىلىدىغان كۈننى ئۇنتۇپ قېلىپ، قانداق قىلىشىنى بىلمەي غەم قىلىپ تۇرسا، يولدا چاشقان ئۇچراپ قاپتۇ. مۈشۈك ئالدىراپ چاشقاندىن:

-چاشقان، چاشقان، بىزگە ئۇقتۇرغان يىغىلىدىغان كۈن زادى قايسى كۈنى ئىدى؟،- دەپ سوراپتۇ. چاشقاننىڭ بەكمۇ بىرىنچى بولغۇسى بولغاچقا، قەستەن ۋاقىتىنى كەينىگە بىر كۈن سۈرۈپ:

1- ئاينىڭ 2- كۈنى، دەپتۇ. چاشقان « ھېچ بولمىغاندا مۈشۈكنىڭ ئالدىدا بارىمەن»دەپ ئويلاپ، خوشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ.

چاشقاننىڭ ئۆيى كالا قوتىنىنىڭ تورۇسى ئىكەن. چاشقان ئۆيگە بېرىپ قارىسا، كالا يولغا چىقىشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىكەن.

-كالا، كالا، ھازىرلا يولغا چىقامسەن؟،- دەپ سوراپتۇ چاشقان. كالا:

-ھەئە، مەن ئاستا ماڭىمەن، شۇڭا بۈگۈن كېچىدە يولغا چىقمىسام ئۈلگۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن،- دەپتۇ. كالىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، چاشقان نىيىتىنى بۇزۇپ، ئاستاغىنە كالىنىڭ يۈك -تاقىسىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ. كالا بۇنى ئازراقمۇ سەزمەي، كېچىچە توختىماي مېڭىپ ئاخىرى تەڭرى ئوردىسىغا كەپتۇ. قارىسا  ئۆزىدىن باشقا ھېچقايسىسى يوق. «بەك ياخشى بولدى، مەن بىرىنچى بولدۇم» دەپ خاتىرجەم ھالدا چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ، تەڭرىنىڭ ئالدىغا باراي دەپ تۇرسا، تۇيۇقسىز چاشقان يۈك-تاقىلارنىڭ ئارىسىدىن سەكرەپ چىقىپ، تەڭرىگە «مەن ئالدىدا كەلدىم»دەپتۇ. كالىنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ تىتىلداپ كېتىپتۇ.

بىراق ھەممدىن بەك ئاچچىقى كەلگىنى مۈشۈك بوپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مۈشۈك ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە تەڭرى ئوردىسىغا بېرىپ ھېچكىم يوقلۇقىنى كۆرۈپ:

- بەك ياخشى بولدى، مەن بىرىنچى بولدۇم،- دەپ ئىچىگە كىرمەكچى بولغاندا، تەڭرىنىڭ ئىشىك باققۇچىسى ئۇنى توسۇۋېلىپ: -تەرتىپ تۈنۈگۈن بېكىتىلىپ بولدى، چاشقان بىرىنچى بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى كالا، يولۋاس، توشقان، ئەجدىرھا، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت، توڭگوز بولدى.سەن تولا ئۇخلاپ يۈرمەي، يۈزۈڭنى ياخشىراق يۇيىۋەتكىن،- دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۈشۈك چاشقاننىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىنى بىلىپ، شۇ زامان ھىڭگاڭ چىشلىرى ۋە تىرنىقىنى غۇچۇرلىتىپ: «قاراپ تۇر، ئۆلمىگۈر چاشقان» دەپ تىللاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۈشۈك چاشقاننى كۆرسىلا ئۇنىڭغا ئېتىلىدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەمىشە شۆلگىيى بىلەن يۈزىنى يۇيۇشى، تەڭرى ئىشىك باققۇچىسىنىڭ «ئۇخلاپ يۈرمەي، يۈزۈڭنى پاكىزە يۇيۋەت»دېگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىش.





(بۇ ئىككى پارچە رىۋايەت-《日本传说故事阅读》 «ياپون رىۋايەتلىرى  ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ياسىنجان ئوسمان ئەركزات




mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 524
تۆھپە : 3
توردا: 177
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيە ئەھمىيىت كۈچلۈك رىۋايەتكەن،ئسىل تەرجىمە بوپتۇ بۇ~

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش