مەتتۇرسۇن سۇلايمان 1946- يىلى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1958- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە سىيەك باشلانغۇچ ۋە شەنبەبازار ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1968- يىلى كېرىيە ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، يېزىغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەن. 1972- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاتچان يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە كېرىيە ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان. ھازىر دەم ئېلىشتا. يازغۇچى مەتتۇرسۇن سۇلايمان 1981- يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، « ئۇ كىم»، « سەمەندەر»، « زەمزەم بۇلاق خاتىرىسى» قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان. ھازىرغا قەدەر 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى، « ئىككى تەقۋادار»، « شاۋقۇنلۇق گۇگۇم» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى نەشر قىلىندى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ، « جوڭگۇ ئالىملىرى قامۇسى»، « مەشھۇر ھازىرقى زامان مائارىپچىلىرى قامۇسى» قاتارلىق قامۇسلاردىن ئورۇن ئالدى. ئۇ جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جوڭگۇ مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ھازىر ئۇ « شاۋقۇنلۇق گۇگۇم» ناملىق رومانىنى نەشرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
|