كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 0

مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 34
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 10:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

m.ubulkasim-2.png



مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم 1970-يىلى4-ئاينىڭ 8-كۈنى  كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كە لگەن .1989-يىلى خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ ئۇمۇمى پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز يېزىسىغا تەخسىم قىلىنىپ، ئۇقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .1997-يىلى خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن كەسپ ئالماشتۇرۇپ ، سىياسى كېڭەش ئىشخانىسى، تارىخى ماتارىياللار كومىتىتى، قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .ھازىر كېرىيە ناھىلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1988-يىلى باشلانغان بۇلۇپ ، ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقاتسى مەتبۇباتلاردا 60 پارچىدىن  ئارتۇق ھىكايە، نەسىرلىرى ،14 پاچە ئەدەبىي ئاخپاراتى، بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى،«خالتا كۇچا»، «زىمىن گۇۋاھ»،«دەريا بويىدىكى سۆيگۈ »،»بەختلىك بول،لالە»، «ئەركە كلىك قىسمىتى»،«مۇزداۋاندىكى ئاتەش»قاتارلىق پوۋىستلىرى،«بۇ شۇنداق جاھان»،«ئوتلۇق تىنىقلار»قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.يازغان،يېزىشقا قاتناشقان، تۈزگەن، تۈزۈشكە قاتناشقان كىتاپلاردىن«كېرىيە تارىغ ماتىر ىياللىرى» (تۆت قىسىم)،«كۆرگەزمە قىلىنغان ئادەم»،«كېرىيە قەسىدىسى»،« كېرىيىنىڭ شانلىق 60 يىلى»،«كېرىيە دەرياسى»،«كېرىيە ناھىيىسىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى»، «كۆڭۈل پۈتۈكلىرى» ، ‹‹قارا قۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىت- كېرىيە››،‹‹ئانا يۇرت سۆيگۈسى›› قاتارلىقلار نەشر قىلىنغان.ئۇ 2003-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزابولغان،ئۇ ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇ چىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.‹‹يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش