تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1696 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2

ئىنسانىي: كونا يېڭى شېئىرلىرىمدىن بەش پارچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  942
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇچچىدە شاخلىغان دەرەختۇر قىزلار

قارىساڭ قىزلارغا زەن سېلىپ تازا،
غۇچچىدە شاخلىغان دەرەختۇر قىزلار...

تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان شاخلار
قىزلارنىڭ سۇمبۇلە چېچىدىن باشلاپ
بېلىگىچە تا
چىقىرىپ نوتا،
كۆككە قاراپ ئالتۇن بوي تاشلاپ
ئادەم ۋە دەرەخ بىرىكىپ كەتكەن
بىر گۈزەل كۆرۈنۈشنى قىلىدۇ پەيدا!...

ئۇنى شۇ چاغدا،
نېمىدەپ ئاتاشنى قالىسەن بىلمەي
قىز دېسەڭ قىز ئەمەس، دەرەخ دېسەڭ يا.

چۆكۈپ باقساق روھىغا تازا
ئېھتىمال،«ئىلاھىي دەرەخ» تۇر قىزلار؛
يېرىم ئادەم، يېرىم ئىلاھلىق،
مېۋىلەردەك تەملىك ۋە ئەتلىك!
گۈل-چېچەكتەك خۇشبۇي پۇراقلىق!!

غۇچچىدە شاخلىغان ئۆزىنى قىزلار ــ
كۆتۈرۈپ يۈرمەكتە يۇمران تېنىدە.
شىۋىرلاپ تۇرىشار يۇپۇرماقلىرى
مەيىن بىر شامالدا، سۆيگۈ ھەققىدە...
                       _ تەڭرىتاغ ژورنىلى

پىشانەم              
ــ بىر قىزغا نەزىرە

كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ دېدى ئۇ:
ـ ياقتۇرىمەن شېئىرلارنى سىز يازغان!...
شۇئان مېنى باستى چەكسىز جۇدالىق
ۋە ئۆرلىدى ئىچ-تېشىمدىن مۇڭ-پىغان!

شادلىقىمدىن قول ئۈزۈپ مەن شۇندىلا
كىردىم قايتا كۈلپەتلەرنىڭ ئىچىگە.
ھەسرىتىمنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭدىم ئان
قاراپ، يىراق نالىزارلىق كېچىگە...

تەن مۇزىكىسى

تېنىڭدۇر مۇزىكا مۇڭلۇق چېلىنغان،
مەن ئۇنى ئاڭلايمەن پىغانلار ئارا.
ئۇ مەيىن شامالدا يەلپۈنگەن گۈلدەك
تېنىمنى توختاۋسىز سالار ئۇسسۇلغا.

تېنىڭدۇر مۇزىكا مۇڭلۇق چېلىنغان،
مەن ئۇنى ئاڭلايمەن كۈيگە چۆمۈلۈپ.
كۈي ئارا، سەزگۈم قان لەشكىرىن باشلاپ
تەن-تومۇرلىرىمغا كېتىدۇ يۈرۈپ.

مانا ئۆي، مانا يول، مانا ئىشخانا...
ئاھ، ئەنە توختاۋسىز تېنىم ئۇسسۇلى.
ئۆي ۋە يول، ئىشخانا، قان-تومۇر ئىلە
ئاڭلىنار تېنىڭنىڭ مۇزىكىلىرى...
                          _ تەڭرىتاغ ژورنىلى

ئاۋازىم ئەسلىدىن ساڭا تەئەللۇق

بۇ يەردە تۇرۇپ مەن توۋلاۋاتىمەن،
ئاۋازىم يىراقتا، ئۇ يەردە مەن يوق.
ئېغىزىم مەن بىلەن بۇ يەردە قالغان
بىر ماڭا مەڭگۈلۈك بولۇپ تەئەللۇق.

لېكىن سەن ئاڭلايسەن ئاۋازىمنى دەل،
ئاۋازىم ئەسلىدىن ساڭا تەئەللۇق.
ئېغىزىم سېنىڭ شۇ پۈتمەس سۆزۈڭنى
قايتۇرۇپ بېرىدۇ ئۆزۈڭگە تولۇق.
                            _ تەڭرىتاغ ژورنىلى


2012-يىلى4-فېۋرال

ۋاقىت دېگەن رەھىمسىز ئەبلەخ
سېلىۋېلىپ مېنى ئالدىغا؛
ئەتىدىن ئاخشامغا بىكار قويماي،
بىرمۇ پارچە شېئىر يازدۇرمىدى.
مېنى، سەن جاۋاھىراتلارغا كۆمۈلۈپ كەتتىڭ دەپ
قارىمامسىلەر، دۇر، سەدەپ... قازدۇرمىدى!
2012-يىلى4-فېۋرال يېزىلمىغان
شۇ نەچچە ياكى بىر پارچە شېئىر ئۈچۈن،
يۇم-يۇم يىغلارمەن ئەمدى قانچە كۈن؟!



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 117
تۆھپە : 1
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىمنىڭ تۇيغۇ خاتىرلىرىنى ئوقۇدۇم. يەڭگىل تىل گارمونىيىسى ۋە سۆزلەردىكى ئىزتىراپ تەبىئىيلىككە شۇنچە يېقىنلاشقان. تاتلىق لېرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن! مۇمكىن بولسا «ئوي چوققا»نىمۇ يوللاپ قويسىڭىز.

سۇغا قارا!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 278
تۆھپە : 1
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 15 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار ، مىنىڭ ئىجادىيتىمدە سىزنىڭ يېتەكلىشىڭىز چوڭ بولغان ...ھەر يەردە بولسىڭىز ئىشلىرىڭىز ياخشى بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش