دەي مىسال:ئۆكتەم مۇشى-پەشپاھى بول، ياكى تۆھمەت بويىقى-سىياھى بول، خاھىشىڭ،گۈل سەرخىلى بەرناھى بول ، مەيلى سەن تەسپايى بول ،كۆك ماھى بول، مەيلى يۇرتنىڭ شاھى بولغىن ،داھىي بول.
بولما ساپ (نەسلىڭ دەرەخقۇ؟ )پالتىغا، سېپىلار ئىككى پۇتۇڭ بىر خالتىغا ، سەن ئالالمايسەن ئۆزۈڭنى دالدىغا، كېتىسەن «دەرگايى ھەق»نىڭ ئالدىغا ، كەتكىچە پۇرسەتنى تۇت ،ئاگاھى بول.
ئول يامانغا يانتاياق بولساڭ،ھامان، ئەل ئاتارقەھىر ئوقىنى سەن تامان، كىم دېدى :«دەرتمەننى كۆرسەڭ چالتاپان؟» گەر غەنى بولساڭ غېرىپقا ياپ چاپان، گەر ھوقۇقدار،سەن ئاۋام ھەمراھى بول.
قالدى ئەجدادتىن بۇ ھېكمەت باشتىلا: «ياخشىلاردىن ئات ،ياماندىن داد قالار» بى كېرەك نەپسىز –قۇرۇق سۈلھى –سالا ، دەردى بارنىڭ دەردىگە يەت ، باش سىلا، قالسا«ئاپتاپ»تا «شامال»بول ،سايى بول.
كىمكى ئۆزگە قەلبنى گەر تىلغىسا، نەپسىگە ھەم قويمىسا چەك – يىغمىسا، بەك خەتەر ئايرىلسا سەپتىن –سىغمىسا ئەل بىلەن كۈل، سەنمۇ يىغلا يىغلىسا، ھەم گۇۋاھلىق پەيتىنىڭ لىللاھى بول.
ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەر مەست –ئەلەس، يازسىمۇ شېئىر،ئۇنى شائىر دېمەس- بولسا كىمكى ئەل ئىشىدىن غەم يىمەس، روزى سەن يا باي ئەمەس يا شاھ ئەمەس، ئال قەلەمنى ،ياز، خەلقنىڭ ئاھى بول .
مەيلى تۆھمەت كوزىسىدا ئوغا ئىچ، ئويلا بوي –بەستىڭنى ، ئاندىن توننى پىچ ، غۇلىچىڭ بولسۇن غۇلاچ،غېرچىڭ غېرىچ، ئۇر خاتالار يىلتىزىغا تىغ-قىلىچ ، ھەق ئادالەت جارچىسى-مەدداھى بول.
قالسىمۇ ئاددى ماتا بوپ تويلۇقۇڭ، كەچسىمۇ سەندىن شۇ ئالتۇن بويلۇقۇڭ، ئۆكسىمەي تۇرسۇن سېنىڭ خۇشخۇيلۇقۇڭ، قالسا بەس، ئەل قەلبىدە راستگويلۇقۇڭ، باشقىسى ھىچگەپكى،بولما گاھى بول!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-3 21:50
|