ئەھەدى غەزەللىرى
(1)
ۋاقتى چۈش،كەلدى ئەزىز دوستۇم-قەدىرداندىن خەۋەر،
ئېڭرىغان تەنگە گۇيا كەلدى شىرىن جاندىن خەۋەر .
خەت-خەۋەر‹‹ يېرىم دىدار››دەپ ئېيتقىنى بىكار ئەمەس،
مۇنچە خوش بولماس ئىدىم ، گەر كەلسە سۇلتاندىن خەۋەر .
‹‹ئەسسەلام››دىن ئاقتى تەن - روھىمغا ئالەمچە ھۇزۇر ،
كەلسە تاپقاندەك شىپاھ بىمارغا لوقماندىن خەۋەر .
مەن ئەجەپ غېرىپسىنىپ يۈرگەندە تاغدەك غەم بېسىپ،
كەلدى رەنجىمگە داۋا، دەردىمگە دەرماندىن خەۋەر .
دوستلىرىم بولسا ئېسەن ،بولغايكى كۆڭلۇم شادىمان ،
پەسلى جۇت كەلگەن كەبى بۇلبۇلغا بوستاندىن خەۋەر .
سەن سېغىنساڭ دوستلىرىڭ ياد ئەتسە، ئارمان ئۆچمىسە...
كۈلمىسۇن قاي جان چىچەكلەپ ، كەلسە ھەرياندىن خەۋەر .
ئەي، ئەھەدى بولما غاپىل، سۆڭرى پەرياد ئەيلىمە ،
‹‹ئەلۋىدا››دەپ تاڭلا بىركۇن يەتسە نىمجاندىن خەۋەر ...
(2)
سۆيگۈ - ھىجران دەشتىدە ھېچكىم مېنىڭدەك خار ئەمەس،
ئىككى ئالەملىك جانان ۋەسلىگە مەندەك زار ئەمەس .
بولسا زار ، بولغاندۇ يار لەۋ جامىدىن مەي ئىچكىلى ،
بەلكى تەشنا ، بىقارارلىق مەن كەبى بىسيار ئەمەس .
كۈنۈ-تۈن ۋەسلى -پىراق ، رەنجى ، مالامەت ئىلكىدە ،
نالە-پەريات ئەيلىسەم ھۇش گاھى بار، گاھ بار ئەمەس.
زەپىران رەڭگىم سېرىق ، مەڭزىمدە ئاققاي قوش ئېرىق ،
تاكى پۈتمەستە تىنىق كۆز ياشلىرىم توختار ئەمەس .
تەگسە ئوق ، ھالى نىچۇك بولغاي كىيىك بىچارىنىڭ ؟
خۇددى شۇ جانۋار كەبى قىقاسلىشىم بىكار ئەمەس .
زاھىرىم تىترەيدۇ دىر- دىر ، باتىنىم ئوتتا كۆيۈپ ،
بىر ئۆمۇر ھېچكىم مېنىڭدەك كۆيگىلى خۇشتار ئەمەس .
ئەي ئەھەدى ، سەبرى قىل ، باقى ئەمەس خارلىق ساڭا ،
بىر جانان ۋەسلى ئۈچۈن كۆيمەك شەرەپتۇر ، ئار ئەمەس !
(3)
ھىجىر قىسمەت ئارا كىمنىڭ نىچۇك ھالى يامان بولماس،
بولۇر ئەمما، جۇدۇن سوققان كەبى مەندەك خازان بولماس .
خازان بولسام نېتەي ئالسا قۇچاقىغا ئەزىز تۇپراق ،
سامان بولسا بولۇر رەڭگىم،بىراق قەدرىم سامان بولماس.
سامانغا قويسا ئوت قالغاي ئۇنىڭدىن نە ھارارەت چوغ ،
كىشىكىم ياش تۆكەر، ئەمما مېنىڭدەك سەل - قىيان بولماس .
قىياندەك تاشمىسا سۆيگۈ – ۋاپانىڭ كەلكۇنى كىمدە ،
جانان تاپماق ئاسان،ئەپسۇس ۋىسال تاپماق ئاسان بولماس.
قىلۇر كىم ساختا ئاشىقلىق داۋاسى مىڭ نىقاپ بىرلە ،
بۈگۈن گەرچە ئەمەس ئاشكار، نىچۇك ئەتە ئايان بولماس .
مۇھەببەت ئەھلىگە دۇشمەن بولۇر كىم قەست- مىكىر ئەيلەپ ،
ئەگەر ئۇ بولسىمۇ سۇلتان ، ئۇنىڭدەك دۆ- چايان بولماس.
پەقىر ۋەسلى دىدار ئېزدەپ ئۆتەر قىسمەتتە لەۋ چىشلەپ ،
ئەگەر بولسا بولۇر نىمجان ،بىراق تەركى جاھان بولماس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 15:52