تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1696 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 21|ئىنكاس: 0

بەخت ناخشىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  832
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[بەخت ناخشىسى
قۇربانجان ئىبراھىم

قارلاردا دومىلاپ ئوينار بەختىمىز،
يەتتە قات ئاسماننى ھەيران قالدۇرۇپ.
ئوينايلى ئامرىقىم بىزمۇ بۇلۇتتا،
ھېيىتگاھ ئالدىدا ساما سالدۇرۇپ.

يالاڭ ئاياغ ياشىدۇق تىكەنگە دەسسەپ،
يامغۇردا قالدۇق ھەم يالىڭاچ بەزى.
شۇندىمۇ جاپانى ئات قىلىپ مىندۇق،
غەم-قايغۇ كۆزىگە تىقىپ خەنجەرنى.

ئۆتتى تۆت قىش-باھار، كۈلدى بەختىمىز،
مىڭ شۈكرى بار بولدى يېڭى ئۆيىمىز.
شۇ ئۆيدە ئوينايدۇ قەدىرلىك بوۋاق،
ئامرىقىم ئېيىت يەنە نېمە كۈتىمىز؟

تىلىنى يارسىمۇ يەنىلا شىرىن-
يېڭى تۇتقاندا ئاچچىق-چۈچۈك تەم.
بەختىنى تاپقاندا ئىناق ئەر-ئايال،
ئۆيىدىن چىقىدۇ جۈپ قوياش ھەردەم.


‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش