كۆرۈش: 5377|ئىنكاس: 52

چوڭقۇرچاق: سالام بېيجىڭ ، يىپيېڭى دۇنيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سالام بېيجىڭ  ، يىپيېڭى دۇنيا


    ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاق  


_ لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 17-قارارلىق ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى كۇرسىدىن خاتىرە



     مويەن قاتارلىق دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە كاتتا يازغۇچىلارنى تەربىيەلىگەن لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدىكى بىر ئايلىق ئوقۇشۇم تاماملاندى. ئەلۋەتتە، بۇ ئازسانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان يەنە بىر غەمخورلۇق ئىدى. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە ناشتىنى بېيجىڭدا قىلىپ، چۈشلۈك تاماقنى مەكىتتە، ئۆيدە يېدىم، بۇ يېڭى خىزمەتكە چىقىپ 60-70كېلومېتىرلىق يولنى ۋېلسىپىتلىق 6-7سائەتتە بېسىپ ئاتا- ئانامنى يوقلىغان چاغلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا غايەت زور ئىلگىرلەش ئىدى. ھەر جەھەتتىكى شارائىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر قوينىدا كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلغانسىرى، تەپەككۇرۇم قاناتلىناتتى، چەكسىز مىننەتدار بولاتتىم، مىننەتدارلىقىمنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە خىزمىتىمنى ئەڭ ئەستاھىدىل ئىشلەش بىلەن بىللە ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىمنى بىزنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان، مۇشۇنداق مول تەرەقىيات نەتىجىلىرى ۋە قولاي ئىمكانىيەتلەردىن بەھرىمان قىلغان ۋەتەننىڭ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تويىغا سوۋغا قىلماقچى بولاتتىم-يۇ، بېيجىڭدىن ئايرىلغان كۈنلىرىمگە كۆنەلمىدىم. بېيجىڭغا، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىغا بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپلا باشلانغان، بارغاندىن كېيىن نەچچە ھەسسىلەنگەن ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇلىرىم ھېچ سۇسلايدىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خۇددى مۇھىم بىر نەرسەمنى بېيجىڭدا ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقللاش ئۈچۈن قانداقتۇر قاينامغا بېشىمچىلاپ شۇڭغىمىسام بولمايدىغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى.
        مەن بېيجىڭغا بېرىپ باقمىغان، كۆرگىنىم پەقەت خەرىتىدىكى ئورنى، دەرسلىك كىتاب، تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى، گېزىت-ژورناللاردىكى سۈرىتىلا ئىدى. جوڭگۇدەك قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ، ئۆزۈم ياشاۋاتقان ۋەتەننىڭ پايتەختى، دۇنياغا مەشھۇر خەلقئارالىق شەھەر بېيجىڭ مەن ھەر ۋاقىت تەلپۈنىدىغان، كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىم ئىنتايىن كۈچلۈك جاي ئىدى-يۇ، قانچىلىك ئىنتىلىشىمدىن قەتئىينەزەر بارىدىغان پۇرسەتنىڭ بار-يوقلىقىغا، بولغان تەقدىردىمۇ زادى قاچان بولىدىغانلىقىغا بىرنېمە دېيەلمەيتتىم. ئەمما كۈتۈلمىگەندە ھاياتىمنىڭ 45-باھارىنى بېيجىڭدا يازغا ئۇلىدىم.
         4-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىگە بېرىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ توختاملىق يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بۇرادەرلەر بىلەن جەم بولدۇم. مېھمانخانا ئالدىدا تۇنجى بولۇپ كۈتۈۋالغىنى، قولۇمدىكى ئېغىر سومكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگىنى شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك يازغۇچىلىرىنىڭ دىلكەش دوستى ئەيبۇ ياقۇپ ئىدى. بۇرادەرلەر بىلەن ئاران جەم بولغاندا        كۆزگە ئۇيقۇ كېلەمدىغان، ئۇزاق مەزگىللىك چارچاش-جىددىيلىكلەرنىڭ ھارغىنلىقى پاك-كىزە ئۇنتۇلدى، پارىڭىمىز تۈگىمەي تاڭ يورۇپ كەتتى.
        ھازىرقىدەك ئىسىمدە، ئەدەبىيات كوچىسىدا چۆگىلەپ يۈرگىنىمگە چارەك ئەسىردىن ئاشقىنى بىلەن، ئەدەبىياتنىڭ پارىڭى بىلەن بىردەمدىلا تاڭغا ئۇلۇشۇپ كەتكەن كېچىلەرنى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم پۈتۈپ 16 يىلدىن كېيىن 2010-يىلى 8-ئايدا خوتەندە يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈرگەنىدىم. شۇ چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كېنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگرامما تەرجىمانلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى خوتەندە ئېچىلغانىدى. كۇرس ئارقىلىق تەرجىمە جەھەتتە ئۆگەنلىرىمدىن باشقا، 70 ياشقا يېقىنلاپ قالغان مۇساجان ئەزىزى ئاكا بىلەن ياتاقداش بولۇپ قېلىشتىن ئىرىشكەن ھاسىلاتىم تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئىشلار بەزىدە شۇنداق توغرا كېلىپ قالىدىكەن، مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىككەنمەن. كەچلىرى مۇساجان ئەزىزى ئاكا جىمجىت ئولتۇرۇپ تۇرگىنېۋ شىېرلىرىنى تەرجىمە قىلاتتى. مەن يېزىۋاتقان «ئاخىرقى نىكاھ» نامىلىق رومانىمنى داۋاملاشتۇراتتىم. بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئىچەكىشىپ كەتتۇق. ياش پەرقىمىز ھىېچنېمىگە پۇتلاشمىدى. بارا-بارا تارتىنىشنى قايرىپ قويۇپ «تىرىلىش»، «ئوۋچى خاتىرىلىرى»، «جىنايەت ۋە جازا» قاتارلىق دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى جەريانىدىكى ئىشلارنى سورىدىم. مۇساجان ئەزىزى ئاكىنىڭ ئېغىزىدىن دۇنيا ئەدەبىياتى، جوڭگۇ ئەدەبىياتى، ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئاڭلىۋالدىم. مۇساجان ئەزىزى ئاكا تەرجىمە قىلىشنى، مەن يېزىشنى توختۇتۇپ كۈن ئاتلاتماي مۇڭداشتۇق. ئەسلىدە مۇساجان ئەزىزى ئاكا دەرسىنى تۈگىتىپلا مەرھۇم شائېر روزى سايىتنىڭ ئائىلىسىنى، تۇپرىقىنى يوقلاپ، يازغۇچى نۇرمەمەت توختى بىلەن كۆرۈشۈۋەتكەندىن كېيىن قايتماقچى بوپتىكەن، ئۇ ھەممە ئىشلىرىنى كېيىنگە قالدۇردى. بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقتىنى ماڭا سەرپ قىلدى. مۇساجان ئەزىزى ئاكا ئۆزى تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى، ئىددىيەسى، ئالاھىدىلىكى بىلەنلا ئەمەس ئارقا كۆرۈنۈشى، يېزىلىش جەريانى، لېۋ.تولستوي، تۇرگىنېۋ، دوستويېۋىسكىي قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت ھاياتى ۋە ئەدەبىيات قاراشلىرى بىلەنمۇ پىششىق تونۇشىدىكەن. ئۇ، ئەگەر دوستويېۋىسكىي بالدۇرراق قەلەم ھەققى ئېلىپ قەرزدارلىق بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يازغانلىرىنى ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولماي، يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتا تۈزۈتۈپ پىششىقلاش ئىمكانىيىىتى بولغان بولسا «جىنايەت ۋە جازا» تېخىمۇ قالتىس ئەسەر بولۇپ كېتەتتى دېگەنىدى. ئاڭلىسام بالزاكتىن تارتىپ زوردۇن سابىرغىچە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بوپتىكەن. ھەممىمىز پۇل ئۈچۈن يازمايمىز دەيمىز، بەرسە رەھمەت دەپ ئالىمىز، تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم يازالايدىغان يازغۇچىلار زادى قانچىلىكتۇ-ھە؟ يەنە شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس ئاچچىق-چۈچۈكلىرى ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ئۆلمەس يازغۇچىلارغا ئايلاندۇرغان بولۇشىمۇ مۇكىنغۇ. مۇساجان ئەزىزى ئاكا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە توختالغاندا خالىدە ئىسرائىلنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالدى ۋە خالىدە ئاز ھەم ساز يېزىشنىڭ ياخشى ئۈلگىسى، ئۇ توم-توم ئەسەرلەرنى يازمىدى، قارىسىڭىز ھېكايىلىرى شۇنداق ئاددىي، لېكىن تۇرمۇشقا يېقىن، كىتابخانلارغا يېقىن.چۈنكى ئۇ تۇرمۇشقا، كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ھەقىقي شۇڭغۇيالىدى، شۇڭا ھەممنىڭ ئېغىزىغا بىر كېلىدىغان خالىدە ئىسرائىل بولالىدى دېدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئۇستازنىڭ ھەربىر ئېغىز گېپىنى قايتا-قايتىلاپ ھەزىم قىلدىم ۋە پۈتەي دەپ قالغان رومانىمنى باشقىدىن يېزىپ چىقتىم. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپمۇ قايتا دىدارلىشىش نىسىپ بولمىغان ئۇ مۆھتىرەم زاتنىڭ ماتەم خەۋىرىنى ئاڭلغاندا كۆڭلىم قانچىلىك يېرىم بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەشتىن باشقىسى قولۇمدىن كەلمىدى. قانداق ئۆتكۈزۈشىمىزدىن قەتئىينەزەر، تالايلىغان قىممەتلىك بۈگۈنلەر ئەزرائىلنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ مەڭگۈ قايتىلانماس ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كېتىدىغان بۇ ھاياتتا، نۇرغۇن پۇرسەتلەر قايتا نىسىپ بولمايدىكەن، ئىسىت دەپلا قالىدىكەنمىز شۇ. ئارقىمىزغا قاراپ چالا قالغان ئىشلىرىمىزدىن ئۆكۈنمەيدىغان چاغلىرىمىز يوقكەن. ھېچنېمىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى، تولۇقلىۋالغىلى بولمايدىكەنۇ، ئۆمۈرنىڭ بىھۇدە ياكى ئۈنۈمسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىنى بايقاپ دەرھال كاللىنى سېلكىۋىتىشنىڭ ئۆزىمۇ زور ھاسىلات، ھېچ بولمىسا زور ھاسىلاتلارنىڭ مۇقەددىمىسىكەن.
        نەچچە يىل ئىلگىرى نەشىرگە بەرگەن ھېكايىلەر توپلىمىم، پوۋېستلار توپلىمىم نەشىرىياتتا ئۆچرەت ساقلاپ تۇرىۋەرگەن بولسىمۇ، كېيىن يېزىشقا باشلىغان رومانىم «ئاخىرقى نىكاھ» 2012-يىلى نەشىردىن چىقتى. بۇ ئالاھىدە نەتىجە بولمىسىمۇ، ئىجادىيەت ھاياتىمدىكى زور ھالقىش ئىدى. بىر ھەۋەسكارغا نىسبەتەن تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئارقىلىق يۈكلەنگەن غايەت زور مەسئۇلىيەت، قاتمۇ- قات ئىلھام-مەدەتلەر ئارقىلىق قىزغىنلىقىمنىڭ تېخىمۇ ئۇرغۇتۇلۇشى ئىدى. بۇنىڭ ئىلھامىنى ئاز گەپ بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىجادىيەت ھاياتىمدىكى يېڭىلىقلار بارغانسىرى ئاۋۇپ قالدى.
شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ 89-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ساق 20 يىل بولغاندا يىغىلماقچى ئىدۇق، ئەمما «باينىغۇلىن گېزىتى»دە غوللۇق مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ساۋاقدىشىمىز رۇشەنگۈل ياقۇپنىڭ ئېغىر كېسەلگە بەرداشلىق بىرەلمەي ئارىمىزدىن كېتىپ كېلىشى سەۋەبلىك تاقەت قىلالماي ئەسلى پىلاندىن بىر يىل بۇرۇن 2013-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىگە جەم بولدۇق. يەنە بىر يىلغىچە قانداق ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇنىڭسىزمۇ بىزگە دەرس بەرگەن ئۇستازلار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى- مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابلەت ئۆمەر، نۇرمۇھەممەت زامان، خالىق نىياز، ئەنەيتۇللا قۇربان، مۇھەممەت ئەيسا جامىي قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ كۆڭلىمىز يەتكۈچە يېرىم بولغانىدى. ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىجادىيەت ئەھۋالىمنى تونۇشتۇرۇشۇم پائالىيەت كۈنتەرتىبىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپتىكەن. ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمىيىتنىڭ رەئىسى ئازات رەھمىتۇللا سۇلتاندەك، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاقىللا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللا تەھوردەك، تىرىك لوغەت دەپ نام ئالغان تۇرسۇن قۇرباندەك ئالىم-پروفېسسورلار، بوغدا ئابدۇللادەك داڭلىق شائىرلار، ئابدۇللا مەتقۇرباندەك ئوبزورچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ تونۇشتۇرغۇدەك ئىجادىيەت نەتىجەمنىڭ يوقلىقىدىن خىجىل بولدۇم-يۇ، دېگىلى گەپ تاپالماي تەرلەپ پىشقانسىرى يەلكەمگە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەندەك بولدى. نەچچە كۈنلىك پائالىيەت داۋامىدا ئەدەبىيات توغرىلىق گەپ بولسىلا تېمىنىڭ ماڭا مەركەزلىشىپ قېلىشى بۇ خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇمنى تېخىمۇ ھەسسىلىۋەتتى. ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا تەھورلارنىڭ بىزگە دەرس بەرگەن چاغدىكى يېشىنىڭ ھازىرقى بىزدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەنە شۇنچىلىك نۇمۇس قىلدىم. بىز ئۇلاردىنلا ئەمەس ئۇلارمۇ بىزدىن پەخىرلەنسە، نەتىجىلىرىمىزدىن خۇش بولسا، ئەجرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن ھاردۇقى چىقسا بولاتتى ئەمەسمۇ.
2013-يىلى 11-ئايدا «ئاخىرقى نىكاھ» نامىلىق رومانىم ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ۋە يىتەرسىز تەرەپلىرى كۆرسىتىپ بىرىلدى.بۇ مەن ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق مەدەت ۋە سىلكىنىش بولغانىدى. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپلا  ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنىغا قاتناشتىم. «قەشقەر»ژورنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەنۋەر ئىبراھىم تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگەندە ھەتتا ئىشەنگىممۇ كەلمىدى-يۇ، ئاپتونۇم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى ماڭا شۇنچىلىك ئىشىنىپتۇ. يىغىن مەزگىلىدە ئۆزۈمنى قايتىدىن دەڭسەپ كۆردىم. مەندە زادى دەڭسەپ كۆرگۈدەك ھېچنېمىنىڭ يوقلىقى تېخىمۇ شۇنداق قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
تۇنجى ئەسىرىمنىڭ مەتبۇئات يۈزى كۆرگىنىگە 27 يىل بۈپتۇ.ئۇ چاغدا مەن تېخى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىدىم، دەل ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان كەسىپكە قۇبۇل قىلىنىشىم ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئادەمگە نىسىپ بولمىغان بەخىت ئىدى. شۇنچە كۈچلىك ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە بارغىنىمغا يارىشا مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جوڭگۇ ئەدەبىياتى ۋە چەتئەللەرنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتۇم. شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غوللۇقلىرى سانالغان، ھازىر تېخىمۇ ئىتراپ قىلىنغان پىشۋالارغا ئايلانغان ئوقۇتقۇچىلىرىم مەندىن ئىنتايىن زور ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن،بىراق ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە قەدەم قويغىنىمغىمۇ 20يىل بولدى. بۇ ئاز ۋاقىتمۇ؟ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا 20 يىلدىن نەچچىسى بار؟ مىخائىل شولوخوپ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسىرى «تېنچ دون»نى يېزىشقا كىرىشكەندە ئاران 20 ياشتا ئىدىغۇ؟ موپاسسان ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى «دونداق» ھېكايىسى بىلەنلا فرانسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەندە ئەمدىلا يىگىرمىدىن ئاشقانغۇ؟ ھازىرغىچە قەلب تۆرىمىزدە ياشاۋاتقان ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ 23يىللا ئۆمۈر كۆرەلىگەنغۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭغا مېنىڭ يېشىمغىچە ياشاش نىسىپ بولغان بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يەنە قانداق ئىزلارنى قالدۇرار بولغىيدى؟ ئۇنچىۋالا يىراقلاپ كەتمىگەندىمۇ يىغىنغا بىللە قاتناشقان قۇردىشىم، شائىر ئادىل تۇنىيازغا ئۆزۈمنى سېلىشتۇرالايمەنمۇ؟ بىز شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوخشاش ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ، ئوخشاش مۇھىتتا تۆت يىلىمىزنى بىللە ئۆتكۈزگەنغۇ؟
بۇرۇن ئۇنداق زور كۆلەملىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ باقمىغىنىم ئۇچۇنلا ئەمەس ھەممەيلەنگە بەرگەن ئورتاق تەسىرى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيىتىدىن ئېيتقاندىمۇ ئۇ ھەقىقەتەن ئادەتتىكىچە بىر يىغىلىش ياكى يىغىندىن كۆپ ھالقىپ كەتكەنىدى. يىغىندىن كۆرە ئۆزارا پىكىرلىشىش ئاساس قىلىنىىپ بىزنىڭ مۇھاكىمە، مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرىمىزگە ئازادە شارائىت يارىتىپ بىرىلگەچكە نۇرغۇن تېمىلاردا ئورتاقلاشتۇق. بۇ جەرياندا ئۆگەنگەن، ھېس قىلغانلىرىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايمەن.
گۈل گۈلىگە كەلگەندەك بۇ قېتىملىق ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى مەزگىلىدە يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خانتەڭرى مۇكاپاتى، قازاق-قىرغىز ئەدەبىياتى دۇلدۇل مۇكاپاتى، مۇڭغۇل ئەدەبىياتى ئالتۇن ئۈزەڭگە مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشى بىزنى كۆپ مىللەتلىك شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش ۋە يەنە بىر قېتىم بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېگە قىلدى. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا مۇكاپاتلاش دائىرىسى كېڭىيىپتۇ، ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ كۈچۈيۈپتۇ، شۇنىڭغا يارىشا مۇكاپات سوممىسى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈلۈپتۇ. شەكسىزكى،بۇ ساناق ساناشتىن ھالقىپ سۈپەت ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش ۋە يېڭىلىق ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بىرەتتى. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر ئىچىدە يازغان شىېرلىرىنىڭ سانى 200 پارچىغا يەتمەيدىغان شائېرمۇ،ئۆمرىدە رومان يېزىپ باقمىغان يازغۇچىمۇ باركەن. ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ھەرگىزمۇ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى ياكى ھەجىمى بىلەن ئۆلچەنمەيدىكەن. بۇزرۇكۋار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى 70 پارچىدىن ئاشمايدۇ، ئامما ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەقىقي بايراقدارى بولالىدىغۇ؟  بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يۈزلىنىشى، جوڭگۇ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، خەلقنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى، قەلەم ساھىبلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتارلىقلار ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىم ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدا ئۆگەنگەنلىرىمدىن ئېشىپ كەتتى.         
2014-يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىندىم. بۇ ماڭا نىسبەتەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بىرەتتى. شۇ يىلى 7-ئايدا تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىيىت باشچىلىقىدىكى 18كىشىلىك مەكىت دولان قەلەمكەشلىرى تەركىبىدە ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت بازىسىدا ئىككى ھەپتىلىك تەربىيەلەشكە قاتناشتىم. تۇنجى بولۇپ سۆزگە چىققان رەئىس ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان بىزگە مۇنداق دوردانىلەرنى يەتكۈزدى:
ۋاقىتنىڭ، دەۋرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئاجايىپ سالماقتىكى ئىددىيەلەر بار.ئۇنى يازغانلار مەيلى شائىر، مەيلى يازغۇچى بولسۇن ئالدى بىلەن يىتۈك مۇتەپەككۇر. ئۇلار ئەشۇ چوڭقۇر ئىددىيەنى ئىنتايىن مۇكەممەل، يېڭىچە ھەم خاس ئۇسلۇبتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بىرەلىگەن. شۇڭا ئەسەرلىرى ۋاقتى ئۆتمەي ھازىرغىچە قەدىرلىنىپ كەلگەن. مېنىڭچە ھەرقانداق مەسىلىگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىش، ھەر بىر ئېغىز گەپتىن سترېئولۇق مەنا چىقىپ تۇرۇشى، بىر مەسىلىنىڭ ئىككىلى تەرىپى يورۇتۇپ بىرىلىشى كېرەك. مەنانىڭ ئىچىدە يەنە مەنا بولسا، چوڭقۇرلۇقنىڭ تېگىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلۇق بولسا، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىددىيە بولسا ئاندىن ئەسەرنىڭ قىممىتى، جەلب قىلىش كۈچى بولىدۇ. ئەدەبىياتتا پەقەت شەكىل يېڭىلاش باسقۇچىدىلا توختاپ قالساق بولمايدۇ، شەكىلمۇ، مەزمۇنمۇ، ئۇسۇلمۇ، ئىددىيەمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. بىر ئادەم پېرسۇناژ سۈپىتىدە ئەسەرگە قاتناشتۇرۇلسىلا بولىۋىرىدىغان ئىش يوق، تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ياخشى- يامان تەرەپلىرىنى تولۇق يورۇتۇش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىنسانغا خاس خاراكتىر بىرىش، ئىككى ياقىلىمىلىق خاراكتىرىنى تەبىئىي گەۋدىلەندۈرۈش، ياخشىنى مۇتلەق ياخشى، ياماننى مۇتلەق يامان قىلىپ تەسۋىرلەپ سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. ھەرقانداق ئەسەرنىڭ جېنى، ھاياتىي كۈچى بەلگىلىك ئۇيغۇنلۇق ئىچىدىكى چىنلىققا خاس ھالدا تەبىئىي يورۇتۇپ بىرىلگەن ئىددىيەدىن كېلىدۇ.
مۇزاكىرە ئارلىقىدا ئازات مۇئەللىمدىن ئوزۇم ئۇزاقتىن بىرى ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتقان بىر مەسىلىنى سورىدىم. شائىرلار نېمە ئۈچۈن شىئېر يېزىۋىرىدۇ، يازغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ھېكايە-رومان يېزىۋىرىدۇ، ناخشىچىلار نېمە ئۈچۈن ناخشا ئېيتىۋىرىدۇ؟ بىز زادى ئەسلىدىلا گۈزەل بولغان تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى كۈيلەپ بولالمايۋاتىمىزمۇ ياكى تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن قانائەت قىلماي ئۆز ئىھتىياجىمىزغا يارىشا يەنە بىر يېڭى گۈزەل دۇنيا يارىتىشقا ئورۇنۇۋاتىمىزمۇ؟
ئۆزۈڭ جاۋاب بىرىپ بوپسەنغۇ دەپ قايتىدىن باشلىدى ئازات مۇئەللىم سۆزىنى:
لېكن بۇ يەنىلا ئويلۇنۇپ بېقىشقا، ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە. قانائەتسىزلىك ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ، ئەمما مۇنداق بىر نوقتا ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە، ئىددىيەسىگە، روھىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقىنى زادى قانداق ئاڭ؟ ئاڭسىز ئادەمنى ھەقىقىي ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟ئىنسانلار ياكى مەلۇم ئىنسانلار توپى نۇرغۇن كېچىكلەرنى كېچىپ، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغوقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن ئاچچىق تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا بۈگۈنگە ئۇلاشقان. ئويلاپ باقسام بىزنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتىمىز مۇنداق ئىككى مەقسەدكە يىتىش ئۈچۈنكەن. بىرى دۇنيانى بىلىش، يەنە بىرى ئۆزىمىزنى بىلىش. ھەر ئىككىلىسىگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇۋاتقىنى ئىنسانغا خاس چەكسىز قانائەتسىزلىك. ئەمەلىيەتتتە ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا دۇنيانى ۋە ئۆزىمىزنى يېڭىلاش، يېڭى دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش جەريانى. ئەدەبىيات دەل مېدىتسىنا، پىسخولوگىيە...قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەرگە ئوخشاش ئۆزىمىزنى بىلىشكە ئىنتىلىشىمىزنىڭ مەھسۇلى. ئەدەبىيات بىكاردىن بىكار ئىنسانشۇناسلىق پېنى دەپ ئاتالمىغان. بىز تېخى ئۆزىمىزنى تولۇق بىلىپ بولالمايلا قالماي ھاياتقا قانمىدۇق. ئۆزىمىزنى بىلىشىمىز ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىھتىياجلىق ھەممە نەرسىگە ئىرىشىش ئۈچۈن بولسا، دۇنيانى بىلىشمۇ دەل ئۇنى ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش، ئۆز ئىھتىياجىمىزغا تېخىمۇ لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن. شۇڭا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشسۇن، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق بىلەن بىرلەشسۇنكى، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز توختاپ قالمىسۇن.
ئاتاقلىق شائىر، تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدىنىڭ يەتكۈزگەنلىرىمۇ ئۆزگىچە بولدى:
       ئەدەبىياتچىلار دەل تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تاغقا ماڭغانلار، لېكىن بۇ مۈشكۈل سەپەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ھوزۇرى، خۇشاللىقى بار. شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، تاغنىڭ چوققىسىدا نېمە بارلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەك تەس. زورۇقماي تەبىئىي، ئازادە كەيپىياتتا يېزىلغان ئەسەرلەر ئوقۇرمەننىمۇ شۇنداق كەيپىياتقا ئىگە قىلالايدۇ، ئەسلىدىلا شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك، باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك قايىللىق تۇيغۇسىغا چۈمدۈرەلەيدۇ. نۆۋەتتە تىلىمىز بارغانسىرى بېيىۋاتىدۇ، تېما-مەزمۇن دائىرىسى كېڭىيىۋاتىدۇ، ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنى ئويغا سالىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئىپادىلەش ئىقتىدارى جەھەتتە بارغانسىرى ئاجىزلاپ گادايلىشىپ كەتتۇق. تىلىمىز شۇنچە باي بولسىمۇ ئىمكانىيەتلىرىدىن، ئوبرازچانلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايۋاتىمىز. شىئېر بىر غايىۋىي مەنزىل. ئۇ ئوقۇرمەننى چۆلگە، چوڭقۇرلۇققا تاشلىۋىتەلىشى كېرەك. ئوقۇرمەن ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ چىقالامدۇ، چىقىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە سەكرىگۈسى، شۇڭغۇغۇسى كېلەمدۇ؟ ئەگەر ئاشۇنداق ئىنتىلدۈرەلىسە ئاندىن ئۇ شىئېر، ئۇنى يازغۇچى شائېر ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تېگى-تەكتىدە ئوقۇرمەننى مەھكەم تارتىپ تۇرىدىغان بىر غايىۋى مەنزىرە بولمىسا ئۇنداق ئەسەرنىڭ ھاياتى كۈچىمۇ بولمايدۇ. ھەممە نەرسە ھاياتقا بولغان مۇھەببەتتىن، تەسىرلىنىشتىن كېلىدۇ. ئەسەر چوقۇم ئوقۇرمەننى چوڭقۇر ئويغا سالالىشى كېرەك، ئەمما ھەقىقىي ئەسەر 100 ئادەمنى 100 خىل ئويغا سالىدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەمنى بىر خىللا قېلىپقا سولاپ قويسا ئۇ ئەسەر ئەمەس بەلكى شۇئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئىددىيە چوڭقۇرلىقىنى چۈشىنىشتە ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى ئۆگىنىش، بىر مىللەتنىڭ  مەۋجۇتلۇق ئامىلى ۋە ھالىتىنى، روھىنى چۈشىنىشتە ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇش كېرەك. مىللەتنىڭ ساداسى ئالدى بىلەن شىئېر ئارقىلىق ئەكىسئىتىدۇ.ھەرقانداق ئەلدە پادىشاھلار بىلەن شائىرلارنىڭ بولۇشى ئوخشاشلا مۇھىم، چۇنكى بىرى يۇرتنىڭ، بىرى روھنىڭ ئىگىسى.                                          
        ئۇستازلاردىن ئالغىنىمىز دەرسلا ئەمەس ھاياتقا، ئەدەبىياتقا، ئىجادىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى تەلىم ئىدى. سىلكىنىشلىرىم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇراتتى.
        يىل بېشىدا يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا توختاملىق ياغۇچى بولۇش مەندىن باشقا يەنە كىملەرگە نىسىپ بولغان ئامەتكىن. يازغۇچىلار تورىدىن تىزىملىكنى كۆرۇپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. بىركىم دېمىسىمۇ يېزىپ كەلگەنغۇ، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، ئوبدان ياز، قوشۇمچە ئىجادىيەت خىراجىتى بىرىمەن دەپ قاتمۇ-قات رىغبەتلەندۈرۈۋاتسىمۇ يازماسلىققا نېمە ھەددىم؟ ئەمدى تېخىمۇ غەيرەتلەنمىسەم بولمايتتى.
          4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى كۆمۈر مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان توختاملىق يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنىدا رەئىس ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان يېڭىدىن تەكلىب قىلىنغان توختاملىق يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئىسىم-فامىلەم تەخەللۇسىم بىلەن قوشۇپ ئوقۇلغاندا ۋە سەھنىگە چىقىپ گۇۋاھنامە تاپشۇرۇپ ئالغاندا شۇنداق ھاياجانلاندىم. بىركىم مېنى چوڭقۇرچاق دەپ چاقىرسا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمدا ئوننەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن قاباھەتلىك يەر تەۋرەش ئاپىتى، ئاپەتتە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ يۈرىكىم ئېچىشىدۇ، ئەمما مېنى ئىجادىيىتىم ئارقىلىق تونۇپ شۇنچىلىك ئىتراپ قىلغانلارنىڭ ھۆرمەت-ئىشەنچىدىن پەخىرلىنىمەن، يەلكەمگە چەكسىز مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەندەك بولىدۇ.
       4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەمەت يولداش، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇتلار بىلەن ئۈرۈمچى ئايرىدىرۇمىدا ئۇچرۇشۇپ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچتۇق. تەسۋىرلەپ بىرەلمەيتتىم- يۇ، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچقان چاغدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزۈمنى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم.
        بېيجڭغا كەچ باردۇق، ئەمما مەكتەپنى قىينالمايلا تېپىپ ياتاققا ئورۇنلىشىۋالدۇق. ئىلگىرى بېرىپ كۆرۈپ بېقىش پۇرسىتى بولمىغىنى بىلەن، كىچىكىمىزدىنلا ئېڭىمىزغا شۇنداق سىڭىپ كەتكەچكىمىكىن، بېيجىڭنى تىيەنئەنمېن مەيدانىسىز تەسەۋۋۇرقىلالمايتتۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى، تىيەنئەنمېن مەيدانىغا بارمىغۇچە ئۆزىمىزنى بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ 14-چىسلادىكى بوش ۋاقتىمىزدا مېتىرو لېنىيەلىرىنى چۈشۈنىۋېلىپلا ئالدى بىلەن ۋاڭفۇجىڭ كىتابخانىسىغا باردۇق. ئۇ يەردىكى كىتابلارنىڭ تۈرلىرى، ئىسىللىكى، كىتابلارنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا قاراپ ئەقلىم لال بولدى. ھەممە قەۋەتلىرىنى ئايلاندۇق. ۋاڭفۇجىڭ كىتابخانىسىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ يوللاپ بەرسەم بىردەمدىلا ئايالىمدىن تېلېفون كەلدى. يا ئاللا، نەگە بارسىڭىز ئىزدەيدىغىنىڭىز كىتابخانا-ھە؟ شۇنچە چوڭ بېيجىڭدىمۇ تاپالماي قالماپسىز دەپ چېقىشتى ئۇ. تاپماي بولامدۇ، كىتابنىڭ كۈچى بىلەن كېلەلىگەن تۇرسام بېيجىڭغا، دېدىممەن. ئەمما دەپ بولۇپ خىجىل بولدۇم، ئويلىمايلا دەپ سالغان بىر ئېغىز گېپىم قاتمۇ-قات سوئاللار قاينىمىغا غەرق قىلىۋەتتى. كىتابنىڭ كۈچى بىلەن كەلدىم دېگۈدەك قانچىلىك يېزىۋەتتىم؟ يازغانلىرىمنىڭ قانچىلىكى باشقىلارنىڭ ئىسىدە بار؟ ئەمما بىز شۇنچە چوڭ كىتابخانىدىن «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ خەنزۇچىسىنى تاپالمىدۇق. «قۇتادغۇ بىلىك» ئىلگىرىمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، بىزنىڭ ئىزدىگىنىمىز دىلمۇرات تەلئەت تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ئىدى. كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى بىز بېيجىڭغا مېڭىشتىن سەللا ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى، مۇراسىم ئاھۋالىنى توردىن كۆرگەن ئىدۇق-يۇ، كىتاب يۇرتىمىزدىكى كىتابخانىلارغا بېرىپ ئۈلگۈرمىگەنىدى. كىتابخانا خادىمىي قايسى كىتابنىڭ قاچان قانچىلىك كىرگۈزۈلگەنلىكى، قايسى قاتاردىكى قايسى ئىشكاپنىڭ قايسى كۆزىگە تىزىلغانلىقىدىن تارتىپ، قانچىلىك ساقلىنىۋاتقانلىقىغىچە كۆرگىلى بولىدىغان كومپىيوتېر سېستىمىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، تۈگەپتۇ، ئەكىلىپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتىمىز دېدى. ھەتتا ئاۋازلىق پىلاستىنكىسىمۇ سېتىلىپ بولغانىدى. شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا-ھە؟ ئەمەت يولداش ئىككىمىز قارىشىپ تۇرۇپلا قالدۇق. چىرايىمىزدا ئىللىق كۈلكە بار ئىدى. كىتابنى تاپالماي كۆڭلىمىز  يېرىم بولدى-يۇ، يۈسۈپ بوۋىمىز مىڭ يىللار ئىلگىرى يازغان كىتابنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ، باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ شۇنچىلىك ئالقىشلىنىۋتقانلىقى ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سالاتتى. ئۆلمەس ئەجدات روھى يەنە كۈچلۈك پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بىلەن قوشۇلۇپ بىزگە مەدەت بىرەتتى، تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلايتتى، يەلكىمىز ئېغىرلاشقاندەك بولاتتى.
        دەرسلەر ئانچە زىچ ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقىمىزدا بولغاننىڭ سىرتىدا كۆپىنچە چۈشتىن كېيىنلىرى دەرس يوق ئىدى. ھەممىمىز ئېغىر چارچاشلار ئارىسىدىن ئاران سۇغۇرۇلۇپ چىققانلار ئىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭغا بېرىپ باقمىغانلار، بارسىمۇ ئۇزاق تۇرۇپ باقمىغانلار ئىدۇق. نەچچە كۈنگىچە دەرستىن چۈشسەكلا سىرتقا چاپتۇق. تىيەنئەنمېن مەيدانى،گۇگوڭ سارىيىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى، بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتى قاتارلىق داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى ئايلاندۇق. مەكتەپلەرنىڭ مۇھىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمىز ئاجايىپ چوڭقۇر بولدى. يەنە بىر بىۋاستە قاراشلىق شەھەر تىيەنجىن، ئايدا تۇرۇپ سۇرەتكە تارتسا كۆرۈنىدىغان سەددىچىن سېپىلى، ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ دۇنيانىڭ كۆزىنى چاقناتقان چاڭگا مەيدانىنى كۆردۇق. يەنە مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە دۆلەت تىياتىرخانىسىغا بېرىپ «ئاققۇ كۆلى»نامىلىق بالېت تىياتىرىدىن ھوزۇرلانغاچ دۆلەت تىياتىرخانىسىنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىن زوقلاندۇق. شىنجاڭ، شىزاڭغا ئوخشاش دېڭىزدىن ئەڭ يىراق، ھاۋاسى قۇرغاق رايونلاردىن بارغان كۇرسانتلارنى كۆزدە تۇتۇپ تەشكىللەنگەن ئۈچ كۈنلۈك شەندوڭ يېرىم ئارىلى سەپىرى ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەر ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشلارقا ئىگە بولدۇق. سائىتىگە  300كېلومېتىردىن ئارتۇق تېزلىكتە ماڭىدىغان يوقۇرى سۈرئەتلىك پويىز، پاراخوت، دېڭىز ساياھىتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن يىپ-يېڭى دۇنيا ئىدى. ۋېيخەيدىكى جىياۋۇ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى جايلاشقان لىيۇگوڭداۋ ئارىلى ئىنتايىن جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىكەن. مەملىكىتىمىزدىكى 5-بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بارغانسىرى زورۇيۇۋاتقان چىڭداۋ مەن بېيجىڭ، ئۈرۈمچىلەردىن قالسىلا ئىسمىنى ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان شەھەر ئىدى. چۈنكى شەندوڭ ئۆلكىسى، رىجاۋ، چىڭداۋ شەھەرلىرىنىڭ قەشقەر، مەكىت بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق ئىدى. مەكىتكە سالغان مەبلىغى، مەكىتتە قۇرۇۋاتقان كارخانىلىرىمۇ كۆپ ئىدى. مەكىتتىن بېرىپ چىڭداۋدىكى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان يېزا ياشلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. مەن ھەر كۈنلۈك مەكىت خەۋەرلىرى پروگىراممىسىدا شەندوڭ، چىڭداۋ دېگەن ئىسىملارنى تالاي قېتىم تىلغا ئالاتتىم. شۇڭا كەچلىرى دېڭىز بويىدىن كىرگىم كەلمىدى. باشقىلار ھېرىپ قالدۇق دەپ ياتاققا قايتسىمۇ كەنجى خۇمارجان، ئېلى ھىمىت، ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدايى، شەۋكەت رۇستەم، «ئىلى كەچلىك گېزىتى»دىن بارغان قەيسەر قېييۇملار ھەر كۈنى كەچتە دېڭىز ياقىلاپ 10نەچچە كېلومېتىر يول ماڭاتتۇق. دېڭىزنى تەسۋىرلەپ ئەسەر يازالمىساقمۇ، ھېچ بولمىسا دېڭىز تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنى چۈشىنەلەيدىغان، ئۇنىڭدىن باشقىچە زوقلىنالايدىغان بولدۇق دەپ كۈلۈشەتتۇق. چىڭداۋدىكى دېڭىز ئارمىيە مۇزىيدا كۆرگەنلىرىمىز تەسەۋۋۇرىمىزدىن تېخىمۇ ھالقىپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن پاراخوت- پاراخوتچاقلا، كۈرەشچى ئايرىپىلان ۋە توپ-زەمبىرەكلەر خالىغانچە تاماششا قىلىشىمىزغا ئېچىۋىتىلگەنىدى. توپ-زەمبىرەكلەرنى چۆرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېقىش، كۈرەش ئايرىپىلارنلىرىغا ئولتۇرۇش مەن چۈشۈمدىمۇ خىيال قىلىپ باققان ئىش ئەمەس ئىدى. ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋەتىنىمىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار قاتمۇ قات بولسىمۇ، ئىشلەتكەن قۇراللىرى يەنىلا ئىلغارئىدى. شۇنىڭغا قاراپ دەيمەن، ئارىدىن 70-80يل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرىتىگە، دۇنيادىكى ئورنىغا تېخىمۇ سەل قارىغىلى بولمايتتى. لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ نېمىشقا دەل ۋەتەنپەرۋەرلىك تېما قىلىنغان ساياھەت نوقتىلىرىنى تاللىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ قايتىدىن چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.
تىيەنجىن بېيجىڭغا قارىغاندا جىمجىتتەك كۆرۈندى، مەيلى ئوقۇۋاتقانلار ياكى بىلىم ئاشۇرغىلى بارغانلار، مەيلى تىجارەت قىلىۋاتقانلار بولسۇن ئۇيغۇرلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردى-يۇ، ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى ساق بىر يېرىم سائەت ئىزدەپ نەنكەي ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىغا يېقىن جايدىكى بىر تار كوچىدىن مىڭ تەستە تاپتۇق. نەنكەي ئۇنۋېرستىتى دەرۋازىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈش تىيەنجىندىكى دېڭىز سەيلىسىدەكلا كۆڭۈللۈك، بەلكى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تۇيۇلدى.
ئىنتايىن ئالدىراش، سەمىمىي، بىھۇدە ئىشلارغا زېھنىنى چاچمايدىغان ۋە بىركىمگە ئازار بەرمەيدىغان، ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان، ئەپۇچان-كەڭ قۇرساق بېيجىڭلىقلار ئارىسىدا قىلچە ياتسىراش ۋە جىددىيلىك ھېس قىلماي بىر ئاينى ئۆتكۈزدۇق. نۇرغۇن جايلارنى كۆردۇق، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ساياھەت ئەمەس ئىدى.
روھنى داۋالاشنىڭ تەننى داۋالاشقا قارىغاندا قانچىلىك مۇھىملىقىنى، شۇ چاغدىكى فېئۇداللىق ئىددىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئاچ-يالىڭاچ جوڭگۇلۇقلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپلا ئۆگىنىۋاتقان تىبابەت كەسپىنى تاشلاپ ئەدەبىياتقا ئاتلانغان، ئاشۇنداق كۈچلۈك ئىچكى بېسىمنىڭ تۈرتكىسىدە قولىغا قەلەم ئالغىنىغا يارىشا دۇنيادا تەسىرى بار يازغۇچىغا ئايلانغان لۇشۈننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى قالدۇرغان تەسىراتلار، ئاتا قىلغان ئىلھاملارنى ئىپادىلەشكە كېيىنكى ئەمەلىيىتىمدىن باشقىسى كار قىلمايتتى. خەلىقارالىق نى-نى كاتتا مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن، ئىسمىنىڭ ئالدىغا بىر بەت ھەتتا ئىككى بەت ئېنىقلىغۇچى قوشمىسا ۋەزىپە-ئەمەللىرى ۋە نەتىجىلىرىنى دەپ بولغىلى بولمايدىغان بىر بىرىدىن قالتىس يازغۇچى-شائىرلار، تەتقىقاتچى- پروفېسسورلار، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژورناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى، مەملىكىتىمىز ۋە خەلقارادىكى نوپۇزلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ باھالىغۇچىلىرى... راست، ئىسمىنىڭ ئالدىدىكى ئېنىقلىغۇچىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ھەيران قالىدىكەنمىز، نەتىجىرىلىنىڭ كۆپلىكىدىن، قالتىسلىقىدىن تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەنمىز. ئەمما ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى ئادەمكەن، قىلچىمۇ قورۇنۇش ھېس قىلمىدۇق. تۇرقى، كېيىنىشىنىڭ ئاددىيلىقىغا قاراپ شۇنچىۋالا نەتىجىنىڭ ئىگىسى ئىكىەنلىكىگە دەماللىققا ئىشەنگۈسى كەلمەي قالىدىكەن ئادەمنىڭ. ئۇلاردا كىبىر-تەمەننا نېمىش قىلسۇن، بىزگە قارىغاندا ئەڭ گۋدىلىك كەم تەرىپى شۇ بولسا كېرەك، ئەمما ئارتۇقچىلىقلىرىنى ساناپ تۈگەتمەك تەس ئىدى. دەرستىن چۈشكەندىمۇ گېپىمىز تۈگىمەيتتى، تەنەپپۇسلاردا ئازراقمۇ ئارامچىلىق بەرمەي ئورۇۋالاتتۇق. تەرەپ-تەرەپتىن ئاجايىپ سالماقتىكى سوئاللار توكۈلۈپ تۇراتتى. بىللە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىمىزدەكلا تارتىنىشماي پاراڭلىشالىدۇق، نۇرغۇن چىگىش مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتى. كاللامدا يېڭى-يېڭى سوئاللار شەكىللەنمەيمۇ قالمىدى. مەن زادى كىتابنىڭ كۈچى بىلەن باردىم دېيىشكە ھەقلىقمۇ؟كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان، ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشتۈرگەن ئەدەبىياتقا زادى قانداق مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك؟ بېيجىڭدىكى ھەربىر قەدىمىم، ھەربىر نەپىسىم قانچىلىق قەرزدارلىقىمنى ئىسىمگە سېلىپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىدى. بېيجىڭغا بېرىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئىرىشكەن ھاسىلاتىم ئۆزۈمنى قايتىدىن تونۇش، قانچىلىك قەرزدارلىقىمنى ھەقىقي ھېس قىلىش بولدى. ئەمما بېيجىڭغا بارماي تۇرۇپ نېمىشقا تونۇپ يىتەلمىدىم؟ قارىغاندا ئۆزۈمنى تەكشۈرتكىلى، قايتىدىن تونۇغىلى بارغان ئوخشايمەن. ئەمدى نېمىنى ساقلايمەن؟ يەنە ساقلاۋەرسەم ئەدەبىياتقا، ماڭا ئىشەنگەنلەرگە ھەتتا ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ئىدىم.
        مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتى مىليۇن يۇەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا تەشكىللىگەن جوڭگۇ ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى 17-قارالىق ئىجادىيەت كۇرسى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى دەرس باشلىدى. مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلارنىڭ ۋاقتى توغرا كەلمىگەنلىكتىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى 16-چىسلا ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى كۈنىدىكى دەرستە ۋە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ جوڭگۇدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بار قەلەم ساھىبلىرى ئارىسىدا ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلانمىساممۇ، ئۆز-ئۆزۈمدىن توختىماي سورايتتىم، مەن قانداقچە بۇ قاتاردا سانىلىپ قالدىم؟ خۇددى بۇلۇت ئۈستىدە لەيلەۋاتقاندەك ئۆزۈمنى ئاجايىپ يەڭگىل، ئەمما كۆتۈرمىسەم بولمايدىغان يۈك ئاز ئەمەستەك ھېس قىلدىم. كۇرسقا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 14 ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 56ئادەم كەلگەنىدى. شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلار 15 نەپەر ئىدۇق ھەم ئەڭ كۆپ بارغان مىللەت ئىدۇق.        
يېزىقچىلىق ھەرگىزمۇ يازغۇچى- شائېرنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەس دەپ باشلىدى تۇنجى سائەتلىك دەرسنى، مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئەدەبىيات-تارىخ بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى، پىروفېسسور، دوكتور يىتەكچىسى جوۋ شىمىڭ((周熙明ئەدەبىيات شەخسنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى جەمىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىشى، قەلەمنى مەلۇم شەخس تۇتقىنى بىلەن، ھەر بىر پارچە ئەسەرنى پۈتۈن جەمىيەتكە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بىلەن يېزىشى، ئەسەرلىرى ئارقىلىق توغرا بولغان قىممەت قارىشى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى ئىجابىي ئېنىرگىيە تاقىتىشى كېرەك. يەنە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش، تەرەققى قىلدۇرۇش،ھازىر ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك. ئەنئەنە ۋە مىللىيلىك بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن زامانىۋىيلىقنىڭ قۇدرىتى بولىدۇ، دەيتتى جوۋ مۇئەللىم. ئۇ يازغۇچىنىڭ ۋىجدانى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختۇلۇپ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: قانداق يېزىشنى ئەدەبىي دىتىڭدىن، ماھارىتىڭدىن، نېمىنى يېزىشنى ۋىجدانىڭدىن سورا.
        جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سېكىرىتارىياتىنىڭ سېكىرتارى بەي گېڭشېڭ((白庚胜نىڭ ئەدەبىي تۈس ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ھېس قىلغىلىلا بولىدىغان، ئەمما تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدىغان ئاجايىپ سالماقتىكى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق.
        جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور يې شۇشىيەن(叶舒宪)نىڭ دەرسىنى ئۆزۈمچە مەركەز تەلىماتى دەپ ئاتىۋالدىم. ئۇ نۇرغۇنلىغان كەسكىن سوئاللارنى ئالدىمىزغا تاشلىدى.بىر قىسمىغا ئۆزى جاۋاب بەردى-يۇ، كۆپ قىسىمىنى يەنىلا ئەمەلىيەت، ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەت داۋامىدا جاۋاب تېپىۋېلىشىمىزغا قالدۇردى:
        شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال دېگەن نېمە، ئۇلار زادى نېمىگە قارىتا ئېيتىلغان؟ جاۋاب شۇكى مەركەزگە قارىتا ئېيتىلغان، مەركەزنى گەۋدىكلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان. ئەمىسە مەركەز دېگەن نېمە؟ئەدەبىياتقا نىسبەتەن ئېيتقاندىچۇ؟مەركەزنى قانداق تاللاش، قانداق مۇقىملاشتۇرۇش مەركەزگە زادى نېمىنى قويۇش، ئەتراپىغا نېمىلەرنى قويۇش ئارقىلىق نېمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە قانداق گەۋدىلەندۈرۈش دەل ئىجادىيەتنىڭ سۈپىتى ۋە مۇۋەپپىقىيىتىنى بەلگىلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىجادىيەتچىنىڭ ئىتقادى ۋە ئۇنۋېرسال ساپاسى قاتارلىق كۆپخىل ئامىللارغا باغلىق.
        لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ ۋە باشقا جايلاردىكى دىكى بىرمۇنچە داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، يازغۇچى، تەتقىقاتچى بەي مىياۋ((白描يازغۇچى لۇياۋنىڭ «ئاددىي دۇنيا»((平凡的世界نامىلىق رومانى ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن چوڭقۇر تەھلىل ئارقىلىق ئەسەر بىلەن دەۋر ئارقا كۆرۈنىشنىڭ، ھايات ۋە دەۋرنىڭ يازغۇچىغا بولغان تەسىرى شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ماھارىتى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا؛ لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، يازغۇچى چېڭ زېڭيۆ((成曾樾پىروزا يېزىقچىلىقى ھەققىدە جانلىق ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن چۈشەنچە بەردى.
        ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىي ژورنىلى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى، ئوبزورچى شى يىنىڭ(石一宁)جوڭگۇ ئاسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ رەئىسى،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەرىرى يې مېي(叶梅)مەملىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى. ئەدەبىيات كۆز ئالدىمىزنى يورۇتقۇچى چىراق،ئەمما ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت تۇپرىقى، مۇھىتى، ئالاھىدىلىكى، مۇستەقىل تەپەككۇرى، خاسلىقى بولۇشى كېرەك؛ ھەر بىر قەلەم ساھىبى يىلتىزى،  پۇتى، قانىتى، ئەڭ مۇھىمى ۋىجدانى بار يازغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك دەيتتى، يې مېي. جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتى ئىجادىيەت ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، يازغۇچى پېڭ شۆمىڭ(彭学明) راست نەرسىنى قاملاشتۇرۇپ يازالماي پۇچەكلەشتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلان، يالغاننىمۇ راستتەك ياز، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياز، مانا بۇ ماھارەت، ئەمما چوقۇم ئۆزۈڭ ئەڭ تونۇش ساھەنى ياز دېسە؛ تۇرمۇشنى سۆي، تۇرمۇشنى ھۆرمەتلە، تۇرمۇشقا سادىق بول، ماھارىتىڭ سادىقلىقتىن ئايرىلىپ قالمىسۇن، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن يازغانلىرىڭنىڭ قىممىتى بولىدۇ دەيتتى، ئەدەبىي تەنقىدچى خې جېنباڭ((何镇邦
        «خەلق ئەدەبىياتى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورناللىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تۇرمۇشنى كۆزۈتۈش نوقتىسىنىڭ مۇھىملىقى، كىشىلىك تۇرمۇش دېتاللىرى، يەنى ھېكايە ئارقىلىق مەلۇم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ يەنە ئەدەبىيات يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش، ئەدەبىي تەنقىدتە ئىنكار قىلىشنى ئەمەس، ئاسراشنى ئاساس قىلىش، ياخشى تاللانغان تېمىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بىرەلمەسلىكتىن، قوللانغان ئىپادىلەش ۋاستىسى مەزمۇن چوڭقۇرلۇقىنىڭ ئىھتىياجىغا ئۇيغۇۇنلىشالمايدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش، ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشنى مىللىيلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش، پېرسۇناژلار ئوبرازى، خاراكتېر يارىتىش، ئىنسان خاراكتىرىنىڭ كۆپ ياقىلىمىلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.   
        جوڭگۇ كېنو ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سىنارىيە يازغۇچىسى ۋاڭ شىڭدوڭ((王兴东سىنارىيە ئىجادىيىتى ھەققىدە تۈۋەندىكى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلدى:
        سىنارىيە ئىجادىيىتىدە كۆرۈش سەزگۈسى ھەممىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئومۇمىيلىقى كۈچلۈك يەكۈننى تېپىپ چىقىش، پېرسۇناژلارنى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن ئۆتكەللەر، سىناقلارغا دۇچار قىلىش،  شۇ چاغدىكى ئىنكاسى، تەسىراتى، ئىككىلىنىشلىرى ۋە ئاخىرقى تاللىشى ئارقىلىق پېرسۇناژنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە ئاشكارىلاش كېرەك. كۈتۈلمىگەن نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش،تاماشىبىنلارنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقىش، ھەرگىزمۇ دېمەكچى بولغىنىنى تاماشىبىنلار پەرەز قىلىپلا بىلىۋالالايدىغان دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. بۇ جەھەتتە سىنارىيە يازغۇچى تاماشىبىنلار بىلەن ئىددىيە تالاشقۇچى، شاھمات ئوينىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
        بېيجىڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ چىڭخۇا(张清华) جوڭگۇ شىئېرىيىتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ئالاھىدىلىكى ۋە شىئېر ئىجادىيىتى تەلەپ قىلىدىغان ماھارەت، شىئېرى شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ، تىلدىكى يېڭىلىق بىلەن ئىددىيەدىكى يېڭىلىقنىڭ بىرلىكى ھەققىدە؛ جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سېكىرىتارىياتىنىڭ سېكىرىتارى، جوڭگۇ ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى،خەلقاراغا تونۇلغان شائېر، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى جى دى ماجىيا ((吉狄马加 ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تىل ئۆتكىلى مەسىلىسى توغرىسىدا ھااياجان بىلەن سۆزلىدى. ئەمما ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. نۇرغۇن شىئېرلىرىم چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار ئاز ئەمەس، ئەمما مەن پەقەت شائېرلارنىڭلا تەرجىمە قىلىشىغا ئىجازەت بەردىم، ھەرقانچە داڭلىق تەرجىمان بولسىمۇ، شائېر بولمىسا شىېرلىرىمنى تەرجىمە قىلىشىغا قەتئىي قوشۇلمىدىم. شىئېرلىرىمدىكى ئەسلى تۈسنىڭ سۇسلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلدىم، چۈنكى چەتئەللىك ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھەربىر پارچە شىئېرىم ئارقىلىق ھېسسىياتىمغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئورتاقلىشالىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، دېدى جىدى ماجىيا.
   لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، دوكتور، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىسى، نەسىرچى، ئوبزورچى لى يىمىڭ(李一鸣)نىڭ تاسادىبىيلىق بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مۇقەررەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆزگىچە ئىدى. ئادەمنى نوقسانسىز، تەلتۈكۈس، مۇكەممەل قىلىپ يېزىشنى ياقتۇرمايتتى. ئىككى ياقىلىمىلىق خاراكتىر يارىتىش جەھەتتىكى مەيدانى مۇستەھكەم ئىدى. قانداق ئىددىيەنى كىمگە يۈكلەپ يېزىش يازغۇچىنىڭ تاللىشى بولسىمۇ، تاللانغۇچى چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ھاياتنى تەشكىل قىلغۇچى بارلىق تاسادىبىيلىق ۋە مۇقەررەرلىكلەر چوقۇم ئىنسانى ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇشى كېرەك، فورمۇلاغا چۈشمەيدىغان تۇرمۇش دېتاللىرى لوگىكىسىز بولسا مەيلى، ئەمما چوقۇم ئىشەنچلىك، قايىل قىلارلىق بولسۇن دەيتتى. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقان تېمىسىلا ئەمەس چۇشەندۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايتتى. ئەمما ھەممىسىدىن ئۆزىمىزگە يارىشا نەپ ئالاتتۇق. مەن تىلغا ئالمىغان ئۇستازلارنىڭ دەپ بەرگەنلىرىدىن ئىرىشكەن ھاسىلاتلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
        ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى توغرىلىق گەپ بولۇنسىلا كۆپىنچە تىيىپچان ئېلىيۇپ تىلغا ئېلىناتتى. بىزدىن يەنە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زوردون سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، مۇھەممەت باغراشلارنى بىلىدىغانلارمۇ ئاز ئاماسكەن، غەيرەت ئاسىمنى بىلمەيدىغانلار يوقكەن، ئىسىمى ھەر سائەتلىك دەرستە تىلغا ئېلىنماي قالمىدى. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى تەسىرى زورۇيۇۋېتىپتۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چۈشىنىدىغانلار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغانلار بارغانسىرى كۆپۈيۈۋېتىپتۇ.
        «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژورنىلى تەھرىراتىدىن كەلگەن ئۇستازلار نۆۋەتتە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەر ھەققىدە توختۇلۇپ ئايىمنىسا سۇلايماننى، يەنە قەيسەر قېيۇمنىڭ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن يىللىق مۇكاپاتقا ئىرىشكەن «ئالما دەرىخى ئاستىدىكى چۈش» نامىلىق پوۋېسىتىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغاندا ھەممىمىز قەيسەر قېيۇمغا قاراپ چاۋاك چالدۇق. ئوقۇتقۇچى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئارىمىزدا بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كەيپىيات يەنىمۇ جانلاندى. بىز خەنزۇچە يازغان ياكى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىمىزدىن تاللاپ بىر ھەپتە ئىلگىرى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا بەرگەنىدۇق. ئەسەرلەر تاللاپ تەھلىل قىلىندى. شى يىنىڭ مۇئەللىم باشقا ئەسەرلەر قاتارىدا دولقۇن ھېكىم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان «زىمىن سودىسى» نامىلىق ھېكايەمنى تىلغا ئالغاندا قالتىس ئىش قىلىۋەتكەندەك ھاياجانلاندىم. تېمىنى ياخشى تاللاپسەن، ژورنالدا ئېلان قىلىش تەلىپىگە يىتىدىكەن دېگەن گەپ ماڭا ئاجايىپ تەسىرلىك، يېقىملىق ئاڭلاندى. ناۋادا بىرەر پارچە ئەسىرىم خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى ياكى تۇلپار ئادەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالىدىغان بولسا ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەرمەنمۇ دەپ سورىدىم ئۆزۈمدىم. مەمتىمىن ھوشۇر، غەيرەت ئاسىم، ياسىنجان سادىقلار ھېلىمۇ يەرگە دەسسەپ ماڭىدىكەن جۇما دېگۈم كەلدى يەنە ئۆزۈمگە.
        ئۇيغۇر كۇرسانتلار نەچچە قېتىملىق سەنئەت-كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە «تەلكە تاغلىرى»، «ئايرىلىش مىنۇتلىرى» قاتارلىق ناخشىلارنى كوللىكتىپ ئورۇنلاپ ئۇيغۇر ئاۋازىنى پايىتەخت ئاسمىنىدا ياڭراتتۇق. ئادىل تۇنىياز شىئېر، ئۇيغۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە قاراتقان بولسا، ئۆز شىئېرىنى ئىنگىلىزچە دېكلاماتسىيە قىلىپ كۇرسانتلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىنىستىتوت مەسئۇللىرىنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئىلغارجان سادىقنىڭ ئانا ھەققىدىكى شىئېرى خەنزۇچە دېكلىماتسىيە قىلىنغاندا نۇرغۇن كۆزلەر ياشلاندى.
        بوش ۋاقىتلاردا باشقا مىللەت كۇرسانتلاربىلەنمۇ پىكىرلەشتۇق، باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە بەلگىلىك تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىزدىن باشقا ئازسانلىق مىللەتلەردە نەسىر ياكى نەسىرىي شىئېر يازىدىغانلار كۆپ ئىدى، ئۇلار ئەسەرگە ھېكايە، شىئېر دەپ رامكا بىكىتىۋالماي ئەركىن يازىدىكەن، راست ئادەم، ھەقىقىي ئىشلار، بىۋاستە تەسىراتلارغا بەكرەك كۈچ سەرىپ قىلىدىكەن. بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلىرى كۆپ، بازىرىمۇ ئىتتىك بولىدىكەن.
        كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا شىنجاڭدىن بارغان 15 نەپەر كۇرسانت بىللە ئىدۇق. بەزىلىرىمىز ئىلگىرى كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق تونۇش بولغاچقا قىلچىمۇ قورۇنۇشمايتتۇق. مەكتەپتىن بىر بېكەتلا يىراقتا ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىدى. ئۆز يۇرتىمىزدا تۇرۇۋاتقاندەكلا ھېس قىلاتتۇق. مەكتەپتە ئۈچ ۋاق تامىقىمىز تەييار بولسىمۇ لەغمەن، كاۋاپ سېغىنساق ئۇزاق يول مېڭىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. جىنتەيلۇ((金台路دىكى كىرورەن رېستۇرانى قاچانلا بارساق قىزغىن قارشى ئالاتتى، ئوبدان شارائىت، ئەرزان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيتتى. تۈرلۈك كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىمىز ياشتا ھەممىدىن چوڭ بولغان ئىلغارجان سادىقنىڭ تەشكىللىشىدە بولاتتى. شەۋكەت رۇستەمنىڭ يومۇر-چاقچاقلىرى ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە. ئۇ ئېغىزىنى ئاچسىلا چاقچاق تۆكۈلەتتى، ئەمما ھايالىق ئىدى، ئادەمنى ئويلاندۇراتتى. قاچانلا قارىسا قولىدىن ئىنگىلىزچە كىتاب چۈشمەيدىغان،ۋاقىتنى ئاجايىپ قەدىرلەيدىغان، شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت تۆتكىچە يېزىپ ئاندىن تاماق ۋاقتىغىچە ئۇخلايدىغان، شىئېر بىلەن بولۇپ كەتسە تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادىل تۇنىياز، قۇرساقنى ئەجەپ چوڭ بىلىپ كېتىدىكەنسىلەر، يەنە تاماققا ماڭغان ئوخشىمامسىلەر دەپ بېشىنى چايقايتتى، بىز ھەر قېتىم سىرىتقا تاماققا ماڭغاندا. زۆرۈر ئىش بولمىسا سىرىتقا چىقمايتتى. ئەمما بىز قەيەردە تاماق يېسەك شۇ يەر ئەمەلىيەتتە ئاجايىپ قىزىغان ئەدەبىيات ئەنجۈمەنىگە ئايلىنىپ قالاتتى. ئىلغارجان سادىق ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپرەك توختۇلاتتى، نەچچە رومان يازغان ئەركىن مۇھەممەت كامالى ۋە نەچچە كىتاب تەرجىمە قىلغان ئەمەت يولداش يەنىلا شىئېر توغرىسىدا سۆزلەيتتى. ئېلى ھىمىت، ھىمىت ياسىن، ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدايى، زەيتۇنەم مەمتىمىن، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت، ماينۇر ئابدىلىملارنىڭ قاراشلىرىمۇ ھەرخىل ئىدى. ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايدىغان تۇردى لىتىپ ئىزگۈ ئوقۇش، ئىشلەش ۋە تىجارەت سەۋەبىدىن ئىچكىرى ھەم چەتئەللەردە ئۇزاق يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ پىشىپ كەتكەنلەرگە خاس ئېغىر بېسىقلىق بىلەن پات-پات « بىز زادى ئاۋامغا ئەگىشىپ ماڭامدۇق ياكى ئۇلارغا باشلامچى بولامدۇق»، « بەزى نەرسىلەر بۈگۈن بىزگە لازىم بولماسلىقى مۇمكىن، ئەتىمۇ شۇنداق، ئەمما ئۆگۈنچۇ؟» دېگەندەك ئاسان ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان سوئاللارنى ئالدىمىزغا تاشلاپ تۇراتتى. بۇنداق سۆھبەتلەر ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلارغا ئىرىشەتتۇق. ئەمەت يولداش بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى ۋە دۆلەتلىك كۈتۈبخانىغا ئىككىنجى قېتىم بىللە باردىم. ئەمەت يولداش يېقىندا نەشىر قىلىنغان «چۆككەن قىرغاقلار»نامىلىق شىئېرلار توپلىمىنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى كۈتۈبخانىسى ۋە دۆلەتلىك كۈتۈبخانىغا نەچچە پارچىدىن تەقدىم قىلدى.كىتابنى تۇتقۇزۇپ قويۇپلا قايتىپ كېتىدىغان ئىش يوقكەن، نۇرغۇن رەسمىيەت جەريانلىرى باركەن، ئەمما ئىش بىجىرگۈچىلەرنىڭ مۇئامىلىسى ئىنتايىن قىزغىن، ئىش بىجىرىىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېزكەن. ئاۋۇ تەرەپكە بار دەپ كۆرسىتىپ قويماي، قولىمىزدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ قويىدىكەن. دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا ھەرقانداق تىلدىكى كىتابلارنى تاپقىلى بولىدىكەن. بۇ يەردىكى ماتىرىيال بايلىقىنىڭ موللىقى ۋە ئىزدەشنىڭ قولايلىقلىقىدىن سۆيۈنسەم، ئۈستەلگە دۈم يېتىۋېلىپ لوپا ئەينەك بىلەن كىتاب كۆرۈۋاتقان، خاتىرە قالدۇرۇۋاتقان ئېغىزىدا چىشى يوق، ئاپئاق چاچلىق بوۋاي-مومايلارنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كەلدى. ئۇلار كۆپ بولمىسىمۇ،ياشلار ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ھېلىلا ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك جىددىي ھەم ئەستاھىدىل ئىدى.
        ئەلۋەتتە، كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولماي قالمىدى. زەيتۇنەم مەمتىمىن سالامەتلىكى يا بەرمەي، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت ئىدارىسىدىكى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن شەندوڭ سەپىرىگىمۇ قاتنىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا بالدۇر قايتىشقا مەجبۇر بولدى. شەندوڭ سەپىرىگە قاتنىشالمىغانلار يالغۇز ئۇلارلا ئەمەس. «تەڭرىتاغدىن سالام: شىنجاڭ شىئېرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» بېيجىڭ بېكىتى مۇشائىرە پائالىيىتى ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دەل لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى تەشكىللىگەن شەندوڭ سەپىرى ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىشىنى كىم بىلسۇن؟ نۇرغۇن ئىشلار ئالدىن ئورۇنلشتۇرۇپ قويۇلغاچقا ھېچقايسىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىدى. مۇشائىرە پائالىيىتىدە شىئېر ئوقۇشقا تاللانغان ئادىل تۇنىياز، ئىلغاچقان سادىق، ئەركىن مۇھەممەت كامالى، ئەمەت يولداش، شەۋكەت رۇستەم قاتارلىقلارمۇ شەندوڭ سەپىترىگە بارالمىدى، بىز بېيجىڭدىكى مۇشائىرە پالالىيىتىگە قاتنىشالمىدۇق، خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىكى كەسكىن مۇنازىرىلەرگە قاتنىشالمىدۇق. شەۋكەت رۇستەم «مېھىر بۇلىقى»نامىلىق بالىلار شىئېىنى دېكلىماتسىيە قىلغاندا ياشلانغان كۆزلەر، پائالىيەتتىن كېيىن ئۇنى ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلار، بوۋاي-مومايلارنىڭ ھاياجانلىق قىياپىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمىدۇق. ئەمما بېيجىڭدا شىئېر دېكلىماتسىيە قىلغان شائېرلارنى چېقىشىپ مەملىكەت دەرىجىلىك شائېر دەپ ئاتىۋالدۇق. شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئىجادىيەت بازىسىدا تەربىيەلىنىشكە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاتايىن بېرىپ سالاملىشىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك تازا تاللانغان غوللۇقلاردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شاڭخەيگە بارغان ۋاقتى ۋاقىت پەرقىگە كۆنۈپ بېيجىڭغا ئۆزلەشكەنسىرى لېكسىيەلەرنىڭ قەدرىگە يىتىپ چوڭقۇر چوكۈۋاتقان ماي بايرىمىدىن كېيىنكى تازا ئالدىراش مەزگىلىمىزگە توغرا كېلىپ قالغاچقا، ئۇلارنى يوقلاش ۋە شاڭخەينى كۆرۈۋېلىش ئارزۇيىمىزمۇ ئارزۇ پېتى قالدى.
ئادىل تۇنىياز كوللىكتىپ سورۇنلارغا بارمىغىنى بىلەن پات-پات پاراڭلىشىپ قالاتتۇق. ئۆزۈم شىئېر يازمىساممۇ  ئادىل تۇنىيازنىڭ نۇرغۇن مىسرالىرىنى يادا بىلەتتىم. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا رۇس تىلى ئۆگەنگەن، شۇ چاغدىمۇ خەنزۇچە شىئېرلار توپلاملىرى قولىدىن چۈشمەيتتى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشكە يۈرۈش قىپتۇ. ئۇنىڭ خەلقارادا چىقىدىغان ئىنگىلىزچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شىېرلىرى ئاز ئەمەس ئىدى، تەسىرىمۇ بارغانسىرى زورۇيىۋاتاتتى. ئىجادىيەتكە ئۆزىنىي بېغىشلاش روھى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. بىر قېتىم تاماقتىن كېيىن تىك-تاك توپ ئويناۋېتىپ مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:
جى دى ماجىيا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى بىللە ئاڭلىدۇق، تاللىشىم ھەقىقەتەن توغرا بوپتىكەن. شىئېرنى تەرجىمە قىلىش تەس دەيدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ئەينەن يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلىشىشقا تىرىشىدىغان گەپ. ئىسىڭىزدە باركەن، ئوقۇۋاتقان چاغدا خەنزۇچىغا قوشۇپ روسچە ئۆگەنگىنىم راست. ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىن جەمىيەتنى كۆردىم، بىر شائېرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ياكى روسچە بىلىشلا كۇپايە قىلمەيدىكەن. ئەينى چاغدىكى خىزمىتىم ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئىجادىيەت بىلەن ئۆگىنىشنى تاشلىمىدىم. ئۆگەنگەنسىرى بىلمەيدىغانلىرىمنىڭ، ئۆگەنمىسەم بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمما ئۆمرىم چەكلىك، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ھەممىنى بىر-بىرلەپ ئۆگىنىپ بولۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندىكىن ئەڭ ئۈنۈملۈك بىرنى تاللاپ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش نىيىتىگە كەلدىم. بۇ خۇددى ھېلى يۈرەكنى، ھېلى بۆرەكنى، ھېلى جىگەرنى، ھېلى ئاشقازاننى تەكشۈرىمەن دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ بىمارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەندىن كۆرە ئەڭ ئىلغار ئاپراتتا بىراقلا تەكشۈرۈپ ئېنىق دېئاگنۇز قويغاندەكلا ئىشكەن قاراڭ(بۇ ئىنتايىن جايىغا چۈشكەن ئوخشۇتۇشتىن خېلىغىچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق) ئوقۇش، تىجارەت قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چەتئەلدە سەككىز يىل تۇردۇم، بۇ جەرياندا ئويلىغانلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلغانسىرى تېخىمۇ قەتئىيلەشتىم. چۈنكى مېنى ئۇيغۇر جەمىتىيى ئاللاقاچان شائېر دەپ تونۇپ بولدى، ئەمما باشقا مىللەتلەرچۇ، خەلقارا جەمىيەتچۇ، دۇنيا قاچان ئىتراپ قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرنى ھېچ بولمىسا شىئېر ئارقىلىق بولسىمۇ تونۇغاچ تۇرسۇن-دە. مەن ئانا تىلىمدا باھارنى يازسام خەنزۇچىغا ياز دەپ تەرجىمە قىلىنسا، روسچىغا كۈز دەپ تەرجىمە قىلىنسا، دۇنياغا ئورتاق بولغان ئىنگىلىزچىغا قىش دەپ يەتكۈزۈلەمدا؟ئۇ چاغدا مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم نەدە قالىدۇ؟ شۇڭا خەنزۇچىمۇ يازدىم، روسچە ئەرەبچە ماتىرىياللاردىن پايدىلاندىم-يۇ، 20 يىلدىن بويان توختىماي ئۆگىنىپ ئىنگىلىزچە يازالايدىغان سەۋىيەگە يەتتىم. مەن يەنە يازىمەن، يەنە ئۆگىنىمەن.
        بىز يەنە نۇرغۇن تېمىلاردا پاراڭلاشتۇق. ئەينى چاغدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ھېچقانچە چۈشىنىشكە ۋە قوللاشقا ئىرىشەلمىگەن «ئالەم شىئېرىيەت خىتابنامىسى» توغرىسىدىكى سۆھبىتىمىز سائەتلەپ داۋاملاشتى. پەرىزىمچە بۇ ئادىل تۇنىيازنىڭ ساۋاقداشلار بىلەن ئەڭ ئۇزاق پىكىرلەشكەن ۋە ئىچ-ئىچىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ مۇڭداشقان ۋاقتى ئىدى. دېگەندەك ئۇ «ئالەم شىئېرىيەت خىتابنامىسى»نى زادى نېمىنىڭ تۈرتكىسىدە يازغانلىقى ھەققىدە ئىلگىرى ھېچكىمگە ئېغىز ئېچىپ باقماپتىكەن. ئىلھامنىڭ كېلىشنى ساقلاپ ئولتۇرماي ئۆزى قوغلاپ يۈرۈپ يازىدىغان، ھەر ۋاقىت شىئېرىيەت دۇنياسىدا ياشاپ تەييارلىق ھالىتىدىلا تۇرىدىغان شائېر ئادىل تۇنىياز سائىتىگە قاراپلا ياتىقىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن خىيالىم يەنە ئۈرۈمچىگە كەتتى:
ئۆزگىچە ھېكايە-پوۋېستلىرى بىلەن ئالقىشلىنىۋاتقان يازغۇچى بەختىيار يۈسۈپ ۋاسىل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان توختاملىق يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنىدىكى مۇزاكىرىدە: «نۇرغۇنلىغان تاختايلاردىن قۇراشتۇرۇلغان چېلەككە پاتىدىغان سۇنىڭ مىقدارى ئىھتىياجىمىزغا، ئارزۇيىمىزغا ياكى ئەڭ ئۇزۇن تاختاينىڭ ئىگىزلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئەڭ قىسقا تاختاينىڭ ئىگىزلىكىگە باغلىق. چۈنكى سۇنى ھەرقانچە جىق قاچىلىساقمۇ چېلەكتە تۇرىدىغان سۇنىڭ ئىگىزلىكى چوقۇمكى، ئەڭ قىسقا تاختاينىڭ ئىگىزلىكىدىن ئاشمايدۇ. چېلەكنىڭ تۈۋى تۈشۈك بولسا بىر تېمىممۇ سۇ تۇرمايدۇ»دېسە؛ جەنۇبىي تاغدا تەربىيەلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا دوكتور ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ« بىزدە 20مىڭغا يېقىن يازارمەن بار، بۇ ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا ئاز سان ئەمەس. نىسبەتلەشتۈرگەندە يازارمەنلەر سانى ئەڭ كۆپ مىللەت سانىلىمىز. 20 مىڭ يازارمەن بىرى بىر خىل يازسا، يەنە بىرى ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ يېزىشقا تىرىشىدىغان روھ بىلەن يىلدا، ھېچ بولمىسا ئىككى يىلدا بىر پارچىدىن ئىسىل ئەسەر يازىدىغان بولسا ئەدەبىياتىمىزدا غايەت زور يۈكسىلىش بارلىققا كېلىدۇ، كىتاب ئوقۇيدىغانلار شىدەت بىلەن كۆپۈيىدۇ. بىراق بىز ياخشى يېزىشتىن كۆرە شىددەت بىلەن يېزىشنى قوغلۇشۇپ ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويۇۋاتىمىز، كىتاب ئوقۇماس قىلىۋىتىۋاتىمىز. ئەدەبىياتقا نىسبەتەن چەكلەنگەن رايون، دېگىلى بولمايدىغان گەپ يوق، بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت ئۇنى قانداق ئىپادىلەشتە. كىتابخانلارنىڭ تاللاپ ئوقۇشىغا ئەرزىيدىغان ئەسرلەرنى يېزىش ئۈچۈن چوقۇم مەزمۇنغىمۇ، شەكىلگىمۇ، ئۇسۇلغىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك. بىز كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئەسەر قۇرۇلمىسى، تىل ئىشلىتىش ماھارىتى قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. باشقىلارنىڭ ئۇسۇللىرىدىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. مەسىلەن پولو ئىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، ئەمما ئۇ دەل بىزدە ۋايىغا يەتكەن»دېگەنىدى. بەختىيار يۈسۈپ ۋاسىلنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغىنى ئىنتايىن زىل، مۇھىم ۋە تەخىرسىز مەسىلە ئىدى. ناۋادا ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى تىلغا ئالغان 2000 دىن ئارتۇق قەلەمكەش ئادىل تۇنىيازدەك روھ بىلەن بىر تالدىن ئۇزۇن تاختايغا ئايلىنىپ مۇستەھكەم چېلەك بولۇپ ئويۇشالىساق، ئۇنىڭدا قانچىلىك سۇ ساقلىغىلى، قانچىلىغان تەشنا دىللارنى قاندۇرغىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدا قانچىلىغان خۇشپىراق گۈللەرنى ئېچىلدۇرغىلى بولار ئىدى-ھە؟ ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىنىڭ گەپلىرىگە ئۇلاپلا ئارىمىزدىن تولىمۇ بالدۇر كېتىپ قالغان مەرھۇم گېتتارچى ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ، گېتتار چەتئەللىكلەرنىڭ سازى، بىراق مەن ئۇيغۇرلارنىڭ گېتتارنى قانداق چالىدىغانلىقىنى چەتئەللىكلەرگە راۋۇرۇس كۆرسىتىپ قويىمەن دېگىنى ئىسىمگە كەلدى. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدا مۇقام ئاھاڭلىرىنى گېتتار بىلەن ئورۇنلاپ سەھنىلەرنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتكەن. بۇنى يېڭىلىق دېمەي نېمە دەيمىز؟ مۇقام ئەسلىدىلا بار ئىدى، گېتتارمۇ شۇنداق، ئەمما ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەخمەتجان مەمتىمىنلا ئىشقا ئاشۇردى ۋە ئاجايىپ يېڭىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئەمەلىيەتتە بىز باشقىلاردىن ئۆگىنىپلا قالماي باشقىلارغا ئۆگىتىپ قويالىشىمىزمۇ تامامەن مۇمكىن ئىدى. مەن ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى بىلەن دېمەتلىك، ئالىي مەكتەپكە تەڭ بارغان، تەڭ پۈتتۈرگەن. ئوقۇۋاتقاندا يۇرتداشلىرىمنى ئىزدەپ شىنجاڭ پىداگۇگىدا ئۇنۋېرستىتىغا بېرىپ نەچچە قېتىم ھەمسۆھبەتتىمۇ بولغان. شۇغىنىسى مەن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا توختاپ قالدىم، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى بولسا ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپمۇ يەنە ئوقۇشنى، ئۆگىنىشنى توختۇتۇپ قويغىنى يوق، ئۇ دوكتورلۇقنى تاماملاپمۇ بولدى قىلمىدى. شۇڭا ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە دەرس سۆزلىدى، مەن ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم، خاتىرە يازدىم. چۈنكى 20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى نەزەر دائىرىسى، پىكىر چوڭقۇرلۇقى مەندىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئابلەتتىن كۆپ ھالقىپ ھەممە ئىتراپ قىلغان ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىگە ئايلانغانىدى، يەنە ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتاتتى. خياللىرىم يىراق-يىراقلاردا پەرۋاز قىلاتتى، ۋۇجۇدۇم سىلكىنىشتىن توختىمايتتى. يىغىن-كۇرسلارغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىم سالپايغان ھالدا قەرزدارلىق تۇيغۇسىغا، مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئورۇن بوشۇتاتتى.
        5-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىدا يېيىلگەن كەچلىك تاماق پەقەت ئىسىمدىن كەتمەيدۇ. بۇ كۈنى بىر قىسىم كۇرسانتلار بېيجڭغا بىلىم ئاشۇرغىلى بارغان غەيرەت ئاسىم، خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغنىغا قاتناشقىلى بارغان ئوبزورچى ئەنۋەر ھوشۇر، ئىلى پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتىدىن دوكتور نىجات سوپى قاتارلىقلار بىلەن جەم بولغانىدۇق. غەيرەت ئاسىم پىروزا يېزىقچىلىقى بولۇپمۇ ھېكايىنى نەدىن باشلاش، قانداق باشلاش، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېڭىچە قاراشلىرىنى دەپ بەردى. ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايدىغان كەنجى خۇمارجان ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم سوئاللارنىڭ تۈرتكىسىدە ئوبزورچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ نۇرغۇن يېڭى قاراشلىرىنى ئاڭلىۋالدۇق. ئۇمۇ گەپنى نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىشتىن باشلىدى. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشقىلا تايانماي تەسۋىرلەشكە كۈچ سەرىپ قىلىشى، ئەسەردە چوقۇم كىشىنى ئويغا سالىدىغان، ھاياجانغا سالىدىغان ئىددىيە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرى جانلىق ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەچكە بىزگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە سىڭىشلىك تۇيۇلدى. سوئال-جاۋابلار، تالاش-تارتىشلار بەش سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەندىلا ئامالسىز خوشلاشتۇق. غەيرەت ئاسىم، ئەنۋەر ھوشۇرلارنىڭ دېگەنلىرىنى بىرمۇ بىر تەكرارلاپ ئولتۇرمىساممۇ، بىزگە دەرس سىرتىدىكى بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك ھەم ئۈنۈملۈك دەرس بولۇپ قالدى. توۋا، مەن ئويلاپ قالدىم، ھەممە تىجارەتچى خېرىدار چاقىرىدىكەن، خېرىدار تالىشىدىكەن، ئەمما كىتابخانىدىكىلەر لازىم بولسا ئۆزۈڭ كېلىپ ئال دەمدىكىن، بىر كىم كىرسىمۇ كارى بولمايدىكەن، قانداق كىتاب لازىملىقىنى سوراپمۇ قويمايدىكەن دەپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈۋەتتى،ئەنۋەر ھوشۇر. بۇ يەردىكى ئوقۇشتىن ئاز-تولا نەپ يۇققاندەكمۇ، ھازىر ئېغىزىڭدا دەپ بىرەلمىسەڭ مەيلى، ئەمما نېمە ئۆگەنگەنلىكىڭ چوقۇم ئەمەلىيىتىڭدە ئىسپاتلانسۇن، مەنمۇ لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغاندا بۇرۇنراق كەلمىگىنىمگە پۇشايمەن قىلغان. سەنمۇ بۇنى ھېس قىلماي قالمايسەن. قايتىپ بارغاندىن كېيىن تەسىراتىڭنى مەكىتلىكلەرگە ئوبدان سۆزلەپ بەر دېدى غەيرەت ئاسىم، خوشلىشىدىغان چاغدا .
        يازغۇچى-شائېرلارنى تەربىيەلەپ يىتىلدۈرگىلى بولامدۇ؟ راستىمنى دېسەم بۇ ھەقتە ئويلۇنۇپ باقماپتىكەنمەن، بىركىم سوراپ قالسىمۇ سەنئەت جەھەتتىكى قابىلىيەت تۇغما بولىدۇ دەپ جاۋاب بىرىشىم مۇمكىن ئىدى، چۈنكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلاردىن قانچىلىكى قەلەم تۇتالايدۇ؟ ئەمما يەنە مۇنداق ئويلاپ قالدىم، پۇرسەت، ئىشەنچ، يىتەكلەش، قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلەرمۇ قالتىس قابىلىيەتلىكلەرنى، يېڭى-يېڭى مۇۋەپپىقىيەت ئىگىلىرىنى يىتىلدۈرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئادەمدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىش ۋە جارى قىلدۇرۇشتىكى رولىنى ھەرگىز تۈۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىكەن. قوللاش، كۆيۈنۈش ۋە يىتەكلەش ئادەمدە قىزغىنلىق، مۇھەببەت ئويغۇتۇپلا قالماي يەنە مەسئۇلىيەت ئېڭى شەكىللەندۈرىدىكەن ئەمەسمۇ؟
ئېينىشتىيىن ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلەۋاتقاندا نىسبىيلىك دېگەن زادى نېمە دېگەن سوئالغا دۇچ كېلىپ، سىز سويگىنىڭىزنى ساقلاۋاتقاندا ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۆتىدۇ، سۆيگىنىڭىز بىلەن مۇڭدۇشۇۋاتقاندا ۋاقىت ئىنتايىن تېز ئۆتىدۇ، مانا بۇ نىسبىيلىك دەپ جاۋاپ بىرىپتىكەن. ئەھمىيەتلىك كۈنلەر ناھايىتى تېزلا ئاخىرلاشتى. بىر ئاي بىر ھەپتىدەكمۇ تۇيۇلمايلا تۈگىدى.
        باشقىلار 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يۇرت-يۇرتلارغا قايتقان بولسىمۇ، ئەركىن مۇھەممەت كامالىي ئىككىمىز بېيجىڭغا يەنىمۇ قېنىۋېلىش تاماسىدا بىر كۈن ئارتۇق تۇردۇق. 15-چىسلا سەھەردە بىرىمىز قەشقەرگە، بىرىمىز قارىمايغا قاراپ ئۇچتۇق، بۇ كۈنى تۇنجى قېتىم قارىمايغا بىۋاستە ئايرىپىلان ئۇچقانىدى. ئىككىمىز ئايرىلىدىغان چاغدا مەھكەم قۇچاقلاشتۇق، كۆزلىرىمىز ياشلاندى. ئايرىلغىمىز كەلمەي، تىلىمىزمۇ گەپكە كەلمەي قۇچاقلىشىپ ئۇۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتۇق. بىز بىر-بىرىمىزگىلا ئەمەس يېڭىچە تەپەككۇر، ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى ئاتا قىلغان بېيجىڭغا تېخىمۇ قىيالمايۋاتاتتۇق. ئايرىپىلان ساقلاپ ئولتۇرغاندا ۋاقىتنىڭ بالدۇرراق توشمىغىنىدىن ئىچىم پۇشقىنى بىلەن، ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ياشلىق كۆزۈم ئارقامدا قالدى. ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچقان چاغدىكىگە پەقەتلا ئوخشىماي قېلىۋاتاتتىم.         راست، ئۇ چاغدىكى ھاياجىنىم تامامەن باشقىچە ئىدى. بىر ئىككى سائەتتە بېرىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ تولا سائەتكە قاراپ ئاۋارە بولاتتىم، بېيجىڭنى بىر دەقىقە بولسىمۇ بالدۇرراق كۆرۈشكە ئالدىرايتتىم. بېيجىڭدىكى بىنالار مۇئەللەقتە لەيلەپ تۇرامدىكىن، بېيجىڭلىقلارمۇ يەرگە دەسسەپ ماڭامدىكىن، بېيجىڭنىڭ سۇلىرىمۇ ئىگىزدىن پەسكە ئاقامدىكىن، تىيەنئەنمىن مەيدانىدىن پاراڭلىشىپ ئۆتەرمىزمىكىن، پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بېيجىڭنىڭ زىيالىلىرى قانداق ئادەملەردۇ، جوڭگۇ ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقانلار قانداق ئادەملەردۇ، شۇلارنىڭمۇ ئىككى پۇتى بىر بېشى بارمىدۇ، كىملەرنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش نىسىپ بولار، ئەشۇ داڭلىق ئادەملەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆرۈشكەندە، دەرسىنى، سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلىغاندا قانداق ھېسسىياتتا بولارمەن؟... ئويلىمىغانلىرىم قالمايتتى، بېيجىڭنى ھەتتا چۆچەكلەردىكى ساماۋىي شەھەرلەردەك پەرەز قىلاتتىم، يېقىنلاشقانسىرى ھاياجىنىم كۈچىيەتتى، يۈرىكىم دۈپۈرلەيتتى، توي ئاخشىمىدىكىدەك تاقەتسىزلىنەتتىم. بىر چاغ بولغاندا ئايرىپىلان خادىمى بېيجىڭ ھاۋا بوشلىقىغا كىرگەنلىكىمىزنى ئۇقتۇردى. ئاستا-ئاستا پەسكە شۇڭغۇۋاتقان ئايرىپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ ئۇنسىز پىچىرلىدىم. سالام بېيجىڭ ــ يىپ يېڭى دۇنيا. شەكلەنمەيتتىمكى، ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭ بېيجىڭغا، ئۆزۈمگە پىچىرلاشلىرىمنىڭ، مەن دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن سوئالارنىڭ باشلىنىشى ئىدى.
مەن يىپ-يېڭى بىر دۇنياغا قەدەم بېسىۋاتاتتىم، بۇ ھاياتىمنىڭ 45-باھارىغا كەلگەندە ئۆزۈمنى يېڭىلىۋېلىش ئۈچۈن بىرىلگەن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت ئىدى. ئەمما زادى قانچىلىك يېڭىلىيالارمەنكىن. ئايرىپىلان بۇلۇتلار قاتلىمىدىن تۇۋەنلەپ قەۋەت-قەۋەت بىنالارغا يېقىنلارشقانسىرى ئاۋازىمنى قويۇۋەتتىم:  
ــ سالام بېيجىڭ، يىپ يېڭى دۇنيا!!  

                         2015-يىلى 26-ئىيۇن-جۈمە مەكىت

         (  «قەشقەر»ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-17 11:56  


باھا سۆز

يازاي.ماقالىنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەنىدىم...  ۋاقتى: 2015-9-24 03:24 PM
ئەمدىلا يېرىمىنى ئوقۇۋاتسام ئىش چىقتى،داۋامىنى كېيىن ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس  ۋاقتى: 2015-9-24 03:24 PM
ئوڭشاپ قويساڭلار . رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-9-17 11:47 AM
ماۋۇزۇدىكى «سالام بېيجىڭ - يىپ-يېڭى دۇنيا»نى سالام بېيجىڭ، يىپيېڭى دۇنيا دەپ  ۋاقتى: 2015-9-17 11:46 AM
ئەسەرنى ئوقۇمىغىنىم ئۈچۈن ھازىرچە ماقالە ھەققىدە گەپ قىلالمايمەن. ئەمما  ۋاقتى: 2015-9-17 11:45 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-17 10:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىمىزنىڭ يېرىم كۈن تىيەنئ‍ەنمېن، گۇگۇڭلارنى ئ‍ايلانغىنىمىز، سۇ بويىدا كۆكۋاش يەپ، مۇشۇ ۋاقىتلار ناھايىتى تېزلا ئەسلىمگە ئ‍ايلىنىپ كېتىدۇ، دېيىشكەنلىرىمىز يادىمغا يەتتى ، يەنە قۇش چاڭگىسىدىكى رەڭدار ئاخشام ، ماڭايلى دېسەڭلار ، پۇتۇم ئاغرىپ ئ‍ولتۇرىۋالغان قەغىشلىكلىرىم، دەرسخانىدىكى ھاياجان ، مەكتەپ ئ‍اشخانىسىدىكى چاقچاقلار … ئىشقىلىپ ھەممە ھەممىسىنى يادىغا يەتكۈزدۈڭلا ئاداش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇلھەمىد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-17 10:44  


ۋاقتى: 2015-9-17 10:50:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژورنالنىڭ مۇندەرىجىسىنى كۆرۈپلا ئوقۇغۇم كەلگەن، بۈگۈن مۇنبەردە كۆرۈش نىسىپ بوپتۇ.  مەن ئىلگىرى بۇنداق خاتىرىلەرنى كۆپ ئوقۇغان، بەزىلىرى  كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە، بەزىلىرى ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدە يازىدىكەن، ئەمما بۇ خاتىرە ھەقىقەتەن ئەدەبىيات ئىشقىدا يېنىۋاتقان بىر ئوتلۇق قەلىبنىڭ سەمىمىي ساداسى بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-9-17 12:09:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى ژۇرنالنىڭ مۇندەرىجىسىدىن كۆرۈپ بىر قىتىم ئوقۇش ئىستىكىدە بولغان ئىدىم، مانا بۈگۈن  ئوقۇش نىىسپ بوپتۇ. مەنچە بۇ خاتىرە يېزىلىش ۋە ئىپادىلەش جەھەتتىن بولسۇن ئۆزگىچە چىقىپتۇ، بىيجىڭدىكى كۈنلەرنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە يېزىلغان بۇ خاتىرە ئاجايىپ چوڭقۇر مەنالىق يېزىلىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-9-17 12:22:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر،يانفوندا كۆزۈمنىڭ ئاغرىپ كەتكىنىگە قارىماي تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.پايتەختتە سىز بىلەن بىللە يۈرۈپ بىللە كۆرۈپ بىللە ئوقۇغاندەك سەمىمىي ۋە قىزغىن ھېسىياتتا بولدۇم!قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-9-17 12:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭ خاتىرىسىدىن زوق ئالدىم! يازغۇچىغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-9-17 13:25:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرە تولىمۇ كىچىك پېئىللىق بىلەن، تەپسىلى يېزىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار قالدۇرۇلۇپ قويۇلماي ياخشى يېزىلىپتۇ. ھوزۇرلاندىم. دوستۇمنىڭ ئەدەبىيات سەيناسىدا كۈچلۈك تۇلپاردەك چېپىشىغا تېلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-9-17 22:26:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل ئاكىمىزنىڭ لىرىكا،مۇھاكىمە،ئەقىلىيلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئەسىرىگە مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-9-17 23:26:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇرچاق،ساۋاغدىشىم،بۇ ئەسىرىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.نەقەدەر كۆڭۈللۈك ئىدى ئۇ چاغلار؟!نېمىدېگەن كەڭتاشا يۇرت ھە؟ خۇددى ئۆز يۇرتىمىزدا يۈرگەندەك ئاستانە كوچىلىرىدىن تىئەنجىن سەپىرىدە  ئۇيغۇرچە ناخشا توۋلاپ،چاڭ كەلتۈرۈپ،يۇمۇر-چاقچاق بىلەن خەنزۇ يولداشلارنىمۇ  كۈلدۈرۈپ، ھەيرەتتە قالدۇرغانىدۇق.ئارىمىزدا ئەڭ ياخشى ئېيتىدىغىنى سەن ئىدىڭ.بىز بارغانلىكى جايدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۇچۇرتىپ تۇراتتۇق،ھەقىيقەتەن تەلەيلىك ئۆگىنىش كۇرىسىدا،ھەم  سەپەر -ساياھىتىدە بولغانىدۇق.يول بويىدا قىزىقارلىق ئەگرى-توقاي كەچۈرمۈشلەرنى باشتىن كەچۈردۇق.بۇ چاغلار ئاجايىپ بىر ئىلھام سۈپىتىدە ھېلىھەم مېنى قەلەم ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.مەنمۇ جىق ئەسەر يېزىۋالدىم،پات ئارىدا  رۇياپقا چىقارماقچى،ئاداش.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 00:39:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ali يوللىغان ۋاقتى  2015-9-17 23:26
چوڭقۇرچاق،ساۋاغدىشىم،بۇ ئەسىرىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.نە ...

照片 324.jpg بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 00:40  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 00:43:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
照片 078.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 00:46:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
005.jpg

ۋاقتى: 2015-9-18 00:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ، ئادىل ئەپەندى بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ بۇ تەسىراتلارنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم، قەلەم ئوخشاش بولغان بىلەن قەلەم تۇتقان قول ئوخشىمىسا ئۇنىڭدىن تۆكۈلىدىغانلىرىمۇ راستىنلا ئوخشىمايدىكەن.
قەلىمىڭىزگە قۇدرەت، جانابىڭىزغا تېخىمۇ كاتتا نۇسرەتلەر يار بولغاي ئەزىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 00:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساجىدە سۇلايمان يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 00:48
بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ، ئادىل ئەپەندى بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇ ...

ياخشى تىلەك ياخشىلىققا يول ئاچار دەپتىكەن، رەھمەت قېرىندىشىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 00:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ali يوللىغان ۋاقتى  2015-9-17 23:26
چوڭقۇرچاق،ساۋاغدىشىم،بۇ ئەسىرىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.نە ...

ئېلى بۇرادەر، تىيەنجىندە سىزنى نېمە دەپ كۈلدۈرۈۋەتكىنىم ئىسىڭىزدە بارمۇ؟


QQ截图20150918095853.png
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 10:05  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش