ئىگىسى: qongkurqak

چوڭقۇرچاق: سالام بېيجىڭ ، يىپيېڭى دۇنيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 01:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«تەلكە تاغلىرى«»نى بېيجىڭ ئاسمىنىدا ياڭراتقان بىز ئىدۇق.




004.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 10:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ali يوللىغان ۋاقتى  2015-9-17 23:26
چوڭقۇرچاق،ساۋاغدىشىم،بۇ ئەسىرىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.نە ...

QQ截图20150918100912.png QQ截图20150918101136.png

ۋاقتى: 2015-9-18 10:24:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىدە دېڭىزغا چۆمۈلۈش

سىمىلدار ئەڭ شېرىن تىلەكلەر تىم-تىم،
چايقىلار قىرغاقنىڭ بويىدا  باغلار.
تولغىنار ئەركىلەپ دېڭىز پەرىسى،
نەقەدەر شېرىن- ھە،ئۇ گۈزەل چاغلار !؟
چايقىلار قىرغاقنىڭ بويىدا باغلار.

تۇم قارا تۇلپاردەك كىشنەر دېڭىز شاش،
ھاۋامۇ  سوۋىغان ،دىللاردا  يالقۇن.
بىلىقتەك پىلتىڭلاپ چۈشتۇق دېڭىزغا،
قىرغاققا شىددەتتە ئۇرۇلار دۇلقۇن.
ھاۋامۇ سوۋىغان،دىللاردا دۇلقۇن.

ئال دېڭىز قوينۇڭغا يىلىنجار يۈرەك،
بىر قارا ئارماندا قارايدى ئىسلار !
نېمىشقا تېنىمنى باسىدۇ تىترەك ؟
سەدەپتەك ئىچىمدە شۇ گۈزەل ھېسلار،
بىر قارا ئارماندا قارايدى ئىسلار !

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ساھىل بويلىرى،
كېلىدۇ باستۇرۇپ كېچە شاۋقۇنى.
قۇلۇلە قېپىنى تەردۇق ھەۋەستە،
قوينىغا تارتىدۇ دېڭىز ئۇپقۇنى،
كېلىدۇ باستۇرۇپ كېچە شاۋقۇنى.

ئاھ بىزنى كۈتمەكتە دېڭىز پەرىسى،
ئەجەپمۇ قىزىغان سەدەپ بازىرى.
يۇلتۇزلار يىلىنجار،شامال پىچىرلار،
ساماغا ئۆرلىدى جۈپ سۆيگۈ شارى،
ئەجەپمۇ قىزىغان سەدەپ بازىرى.

پەلەككە بوي سوزغان بىنالار رەت-رەت،
بىر شېرىن چۈشلەرنى قىلار ھەدىيە.
بىر توپ كۈك بۆرىدەك ماڭدۇق بىمالال،
دېڭىزنىڭ بويىدا مۇڭ-سىمپونىيە،
بىر شېرىن چۈشلەرنى قىلار ھەدىيە.

نەدەقەر شېرىن-ھە، ئۇ گۈزەل چاغلار !؟
چايقىلار دېڭىزغا تۇتاش ئۆي-باغلار.
قانداقمۇ ئۇنۇتاي  ئۇ گۈزەل چۈشنى!؟
باسسىمۇ قەلبىمنى ھېجرانلىق تاغلار،
چايقىلار دېڭىزغا تۇتاش ئۆي-باغلار.


2015.9.18



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 14:56  


ۋاقتى: 2015-9-18 10:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ھۆرمەتلىك ساۋاقدىشىم، دوستۇم چوڭقۇرچاق! « قەشقەر » ژۇرنىلىنىڭ 4- سانىغا بېسىلغان « سالام! بېيجىڭ » ناملىق ئەدەبىي خاتىرەڭلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. ئالدى بىلەن تېنىڭلارغا ساقلىق، پەزىلىتىڭلارغا تېخىمۇ پاكلىق، ئىجادىيىتىڭلارغا تېخىمۇ بەرىكەت يار بولغاي! ئەدەبىي خاتىرە ھەقىقىتەنمۇ ئېسىل چىقىپتۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ساياھەت خاتىرىسى دېيىشكە بولمايدۇ. ئەسىرىڭلارنى ئوقۇپ چوڭقۇر سۆيۈندۈم ھەمدە ئاستانىدىكى قۇۋناق كۈنلەرنى خىيال ئىكرانىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئەگەر چوڭقۇرچاق دوستۇم « تەڭرىتاغدىن سالام! شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەتلىك سەپىرى » ۋە « خالىدە ئىسرائىل ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى » غىمۇ ئىشتىراك قىلالىغان بولسا، مەزكور ئەدەبىي خاتىرە تېخىمۇ مەنالەرگە، جىلۋىلەرگە تولار ئىكەن دەپ ئويلىدىم. ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى تىلغا ئېلىنىپتۇ، ئالاھىدىلىگى چىن تەسۋىرلىنىپتۇ. كۆز تەگمىسۇن دوستۇم!

ۋاقتى: 2015-9-18 10:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يقىندىن بىرى ئىمتاھان ئالدىراشچىلىقىدا مۇنبەرنى ئارلىيالماي سۆيۈملۈك يازغۇچۇمنىڭ بۇ ئەسىرىنى كىچىكىپ كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم،باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم،ئۇستازبىلەن بىجىڭغا مىڭىشتىن بۇرۇنقى بىر كىچىنى قىممەتلىك سۆھبەتلەر بىلەن تاڭغا ئۇلىغانلىقىممۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى يەنە بىر خۇشاللىنارلىق دەقىقىلەر بولدى،كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ خاتىرە شۇ قەدەر سەمىمى،شۇ قەدەر كەمتەرلىك بىلەن يىزىلىپتۇ،ئۇستازنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ تىخىمۇ ھوسۇللۇق بولىشىنى ،تىخىمۇ شەرەپلىك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-9-18 11:04:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇبارەك بولسۇن!  ئەسەرنى ئ‍وقۇپ ئ‍استانىدە يازغا ئ‍ولاشقان شۇ باھارنى ئ‍ىختىيارسىز ئ‍ەسكە ئ‍الدىم! ئ‍ىجادىيەت مەنزىلىڭىزگە تېخىمۇ زور ئ‍وتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-9-18 18:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈر بىلەن سەمىمىيلىك يوغۇرۇلغان بۇ سەپەر خاتىرسىدىن ياخشى نەپ ئالدۇق. كونىلاردا «شەھەر كۆرگەن ئىشەكتىن قورق» دىگەن ھېكىمەت بار. بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ ئادىلجاننىڭ ئىجادىيىتدە يەنە بىر سىلكىنىش ھاسىل قىلدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!

ۋاقتى: 2015-9-18 20:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن يېزىلغان بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ چىقىپ شۇنداق سۆيۈندۈم. بۇ خاتىرە راست ئىشلار خاتىرىسى يېزىشنىڭ ئوبدان ئۈلگۈسى بوپتۇ. خاتىرىنى ئوقۇش جەريانىدا شاكىلى يوق مېغىزغا ئېرىشكەندەك راھەتلەندىم. گەپ-سۆزلەر شۇنچىلىك سەمىمى ھەم قايىل قىلارلىق. مۇھەببەت شۇنچىلىك يېقىشلىق ھەم يارقىن. يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلارمۇ شۇنداق مېغىزلىق. بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇخلاپ ياتقان بىر روھنىڭ ئويغىنىشىنى سەزگەندەك بولدۇم. ئەزىز ئىنىم ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاققا يېڭىدىن-يېڭى ئۇتۇقلار تىلەيمەن!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 20:07  


ۋاقتى: 2015-9-18 22:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەروزان يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 20:05
ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن يېزىلغان بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ چىق ...

     تەپەككۈرگە تويۇنغان بۇ  ‹‹ئەدەبىhatirhi  okup  kandak tugap katkenin tuymayla kaldmi. چوڭقۇرچاق يازغان بۇ خاتىرە ئادەمنى چوڭقۇر ئويلارغا سالىدىغان، كۆزلەرنى نەملەيدىغان،  ئىختىيارسىز كۈلدۈرىدىغان، ئاخىرىدا يەنە كىشىنى تەگسىز ئوي-خىياللارغا سۆرەپ كىرىدىغان ياخشى بىر سىنارىيە [كىنو] دەك چىقىپتۇ....ئاشۇ مەنىلىك دەملەرگە ئۇلىشالمىغان كۆپلىگەن قەلەم ساھىبىلىرىگە راۋرۇس بىر ‹‹ ئوقۇشلۇق›› بوپتۇ .ئاپتورنىڭ تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان ۋە كىچىك پېئىللىق بىلەن يازغان خاتىرىسى نۇرغۇنلىغان چاڭقاق قەلبلەرگە ئوزۇق بولغۇسى.
                                             چوڭقۇرچاق ئىنىمگە ئاپىرىن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.جۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 22:47  


باھا سۆز

‹‹ ئېنگلىزچە›› ھەرپلەر ئارىلىشىپ قالدا ئەجەپ ؟  ۋاقتى: 2015-9-18 10:53 PM
تەھرىرلىگىلى بولمىدا پەقەت.  ۋاقتى: 2015-9-18 10:50 PM
ۋاقتى: 2015-9-18 22:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-9-18 23:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن تۇيغۇ ، چوڭقۇر تەپەككۈر بىلەن يېزىلغان بۇ خاتىردىن شۇنچىلىك زوق ئالدىم شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ كەمتەر ، سەممىي كىشىلىك پەزىلىتىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم  . يازغۇچى ئادىلجاننىڭ تارىم ژۇرنىلىنىڭ 9-سانىدىكى ‹‹ قايتىش سەپىرى ›› نامىلىق ھېكايسىنىمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەر بىر ھىكايسىنى سۆيۈپ ئوقۇيتۇم ، بۇ خاتىرىنىمۇ تەكرار ئوقۇپ چىقتىم . يازغۇچى ئادىلجاننىڭ ئىجادىيەت ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، خەيرىلىك بولىشىنى تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2015-9-18 23:50:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبھرھك  بولسۇن ئاداش. ئۇ ژورنالنىمۇ  تېخى كۆرمىگەنتىم. مۇنبەردىن ئەسىرىڭلارنى كۆرۈپ  بەك خوش بولدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-20 00:32:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدىغان 209-ياتاق. مەن تور ئويناپ ئولتۇرغاندا خوشنا ياتاقتىكى ئادىل تۇنىياز جىمجىت ئولتۇرۇپ شىئېر يېزىش بىلەن كېچىنى تاڭغا ئۇلايتتى.
QQ截图20150918101529.png
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 00:33  


ۋاقتى: 2015-9-20 01:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-9-20 00:32
مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدىغان 209-ياتاق. مەن تور ئويناپ ئول ...

   ئ‍ادىلكا، مەن ياتىقىمنىڭ نومۇرىنى ئ‍ونتۇپ قاپتىمەن، سىز 209-نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئ‍الدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشسىڭىز مەن نېمە ئ‍ىش قىلىپ يۈرۈيسىز دېسەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىۋاتىمەن، دېگەن ئ‍ىدىڭىز، مەن ياتىقىمدا تارتىپ قويغان سۈرىتىڭىزنى بىر چىرايلىق چىقىرىپ قويۇپسىز، سىز ھەقىقەتەن بەخىتلىك ئ‍ىكەنسىز، مەن بېيجىڭدا خاتىرە قالدۇرغان رەسىملىرىمنى ھەممىنى يوقىتىپ قويدۇم، بارماق دىسكامدىكى بارلىق رەسىم ۋە ھۆججەتلىك ماتېرىياللار فورماتلىنىپ كېتىپ ئ‍ەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم!

ۋاقتى: 2015-9-20 13:29:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشلىشىش زىياپىتىدىكى گېپىڭنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئ‍ەسكە ئالىمەن بۇرادەر، تاماقلاردىن مانتىغا ئ‍امراقلىقىڭ ھە
شەيدائ‍ى مەندە بارلىرىنى بېرەي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش