ئىگىسى: qongkurqak

چوڭقۇرچاق: سالام بېيجىڭ ، يىپيېڭى دۇنيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-20 22:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەيدايى بۇرادەر، تىيەنجىن ساھىلىدىكى بۇ دەقىقىلەر ئىسىڭىزدىمۇ؟


照片+412_看图王[1].jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-20 22:46:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار دەسخانىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا كەپسىزلىك قىلىپ مېڭىپ يۈرگەنلىرىڭىزچۇ؟

照片 017.jpg

ۋاقتى: 2015-9-21 18:15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز، رەسىملەرنى كۆرۇپ مەنمۇ شۇ دەرىسخانغا بارغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىم يادىمغا كەپ قالدى، ئۇ چاغلار ھەجەپمۇ ياخشىتى ،غەمسىز، شاد خۇرام، سەممىي، پاكىزە ئىدۇق.ئىست باللىق چاغلار!

ۋاقتى: 2015-9-24 00:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەممىسى ئ‍ېسىمدە، ھاياجانلىق دەملەرنى قانداقمۇ ئ‍ۇنتۇپ قالاي!

ئ‍ايقۇت كەلدى كۆتۈرۈپ ئ‍افرات،
چوڭقۇرچاقنىڭ ئ‍ۆزى ئ‍اخبارات.
شەيدائ‍ىمۇ ئ‍ەسلى تەشۋىقات،
ھېسلار چوڭقۇر ھاياجان قات-قات!
   بىلەمسىز، بۇنى خاتىرەمگە سىز ئ‍ۆز قولىڭىز بىلەن يېزىپ، ئ‍ىمزا قويۇپ بەرگەن جۇمۇ!  




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-1 14:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۆلەت كۈتۈپخانىسىدىن ئۇزۇنغىچە چىققىم كەلمىگەنىدى.

QQ截图20150930195557.png

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-8 16:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
007.jpg

ۋاقتى: 2015-10-8 18:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈشكەندە دېگەن ئۈگۈنۈش تەسىراتلىرىڭىزدىن بەكرەك تەسىرلەندۈردى، بۇ بەلكىم سىزنىڭ يازغۇچى بولغانلىقىزدىن بولسا كېرەك. ئىشەنىچتە ئارتىلغان يۈكنى سىزنىڭ خۇشاللىق ئىلكىدە بەردەم ئورۇندىيالايدىغانلىقىڭزىغا ئىشىنىمەن. ئامان بولۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-9 16:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئا تۇغچى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-8 18:33
كۆرۈشكەندە دېگەن ئۈگۈنۈش تەسىراتلىرىڭىزدىن بەكرەك تە ...

قېرىنداشلارنىڭ شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن قارىغىنىدىن سۆيۈندىم، شۇ ئىشەنچكە لايىقلىشىشتىن باشقا ئۈمۈدىم يوق.

ۋاقتى: 2015-10-11 11:01:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېنىڭىز سالامەت بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-12 11:12:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت يولىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-10-13 16:51:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئاكامنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي، ئەدەبىيات بېغىمىزنى خۇشپۇراق گۈللەرگە تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-14 17:10:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئاكاملار  بىلەن دەل ئەتە بېيجىڭغا ماڭىدۇ ، دېگەن  كەچتە شەيدائىي ئاكامنىڭ تۇرتكىسىدە تۇنۇشۇپ ئاكا ئۇكا بۇلۇشقان،تەڭ كىچىگىچە قىلىشقان پاراڭلار،ئۇنىڭ ئىسىل سۆزلىرى مىنى شۇنداق ھاياجانلاندۇرغان ئىدى، خۇددى ئادىلجان ئاكام مۇساجان ئاكا بىلەن تۇنجى كۈرۈشكەن چاغدىكى ھىسيات بىلەن ئوخشاش،
بۇنى ئۇقۇۋېتىپ ئۈزۈمنى كىچىك ئادىل دەپ ئويلاپ قالدىم،
ئاپرىن ئاكا ، ھەقىقەتلەر يۇشۇرۇنغان سۆزلىرىڭىز بار جاينى ئۇقۇپ شۇنداق خوش بولدۇم، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىق رىشتىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولسۇن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-17 12:54:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلۇت يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 17:10
ئادىلجان ئاكاملار  بىلەن دەل ئەتە بېيجىڭغا ماڭىدۇ ، دې ...

مېنىڭمۇ شۇ چاغدىكى ھاياجانلىرىم تېخى بېسىلمىدى ئۇكام، بېيجىڭغا بېرىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆگەنگىنىم ۋاقىتنى قەدىرلەش بولدى. بىرلىكتە تىرىشايلى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-2 11:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-9-17 13:25
بۇ خاتىرە تولىمۇ كىچىك پېئىللىق بىلەن، تەپسىلى يېزىشق ...

قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىلگىرلەيلى، قەلەم تۇلپارىمىز  يېڭى مەنزىللەرگە يەتكەي.

ۋاقتى: 2015-11-2 20:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەسسالام ھۆرمەتلىك چوڭقۇرچاق قېرىندىشىم،بۇ خاتىرىڭىزنى مۇنبەرگە يېڭى يوللىغان ۋاقتىڭىزدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىققانتىم،بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ ، باشقىچە تەسىراتقا كېلىپ قالدىم،سىز قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ پايتەختتىكى پائالىيىتىنى مۇنبەر خەۋىرىدە  كۆرۈپ تۇرغانتىم،ھەم بەك تەسىرلەنگەن  ئىدىم،باشقىسىنى دېمەي ،سىزغۇ ھاياتىڭىزنىڭ 45 -باھارىنى بېيجىڭدا يازغا ئۇلاپسىز ،مەن بېيجىڭغا تالاي قېتىم بارغان بولساممۇ  داڭلىق ئۇنۋېرسىتلار ،كۆرگەزمىلەر،موزىيخانە،ساياھەت ئورۇنلىرىنى ئايلىنىپتىمەن ،ئەمما بىرەر قېتىم دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئايلىنىپ چېقىش خىيالىمغىمۇ كەلمەپتىكەن،سىلەرنىڭ  سۈرەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ،ئىچ ئىچىمدىن خىجىل بولغانتىم،بۇ يىلقى سەپىرىمدە ،مەنمۇ تۇنجى قېتىم دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنى ھايا جان ئىلىكىدە ئايلىنىپ ،ئۆزۈم ياقتۇرغان كىتابلارنى سېتىۋېلىپ،ئۆكۈنۈشلىرىم ئازراق بولسىمۇ بېسىلغاندەك بولدى، خاتىرىڭىزدە مېنى مانا مۇشۇنداق ئۆكۈندۈردىغان تەپسىلاتلار خېلى ئۇچرىدى.مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بۇيان مېنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىسىز،قوللىغانغا چۇشلۇق ئىلگىرلەشلىرىمنىڭ تايىنلىق بولۇۋاتقانلىقى مېنى يەنە خىجىل قىلىدۇ،سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك،ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ،تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش