ياش يازغۇچىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىننىڭ "مۇھەببەتنىڭ تىنىقى" ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. ئابدۇلھەمىد ياسىن1974- يىلى 12- يانۋار قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1994- يىلى خوتەن مائارىپ ئىنىستۇتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتكۈزۈپ ئۇرچى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر قاراقاش ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى. ئۇ 1992- يىلى ئېلان قىلىنغان «مەن تېخى بۇلارنى...» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر قايسى گېزىت - ژورناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر ۋە شېئىر، 50 پارچىگە يېقىن ھېكايە -پوۋېست، فىليەتونلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ تۈزگەن «ئۈمىدنىڭ تېگى ئالتۇن»، «كىشىگە ئەدەپ ۋە ھايا شەرەپتۇر» ناملىق ئىككى پارچە كىتاب، يەنە «يولۋاسقا ئايلانغان بالا»، «بىتەلەي توشقان» ناملىق ئىجادىي بالىلار كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. «رۇدىپاي»،«جىن ھەققىدە ھېكايە» ناملىق ئىككى پارچە ھېكايىسى ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئابدۇلھەمىد ياسىننىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «مۇھەببەتنىڭ تىنىقى» ناملىق بۇ كىتابى ئاپتۇرنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن نەشىر قىلىنغان كىتاب. كىتاب نەشىر قىلدۇرۇپ باققانلارغا سىر ئەمەسكى، بىر كىتابنى ئۆز خىراجىتى بىلەن نەشىر قىلدۇرۇش ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرادىرىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىننىڭ بۇ ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىن ئەڭ سەرخىللىرى تاللانغان، ئاپتونۇم رايونىمىز ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ھېكايە – پوۋستلىرى ھېسابلىنىدۇ. قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، ناۋادا ئۇشبۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە ھېكايە - پوۋستلاردىن ھوزۇرلىنىشى، ئاپتۇرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئويلىساڭلار ئاپتۇرنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساڭلارمۇ ياكى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار ئىگىدارچىلىقىدىكى «قۇتياركىتابخانىسى»، ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان ئىگىدارچىلىقىدىكى «يېڭى ئېقىم كىتابخانىسى» بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ. توپ ئېلىپ ساتىدىغانلارغا باھادا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئاپتورنىڭ تېلفۇننومۇرى 13070072100، كوت – كوت نومۇرى593798860
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-2 20:36
|