زەينىدىن سالىيۇپ ۋە لوتپۇللا مۇتەللىپ
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگسى مەۋجۇتلۇقلىقى ھەققىدە ھەربىر قېتىم ئويغا پىتپ، بۈگۈنگە ئىنچىكېلىك بىلەن نەزەرتاشلىغىنىمىزدا ئەدەبىياتىمىزدىكى نورغۇنلىغان ئىسىل ئەنئەنە، ئۇسلۇپ، ئىددىيە ۋە ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىدىيەلىرىنى ئۆزىگە خاس رەۋىشتە ئىپادە قىلغۇچى شائىر-ئەدەبىلىرىمىزنىڭ بارا بارا ئۇنتۇلۇپ، دەۋرىمىزدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز رەۋىشتە تىكلەۋاتقان ئۆلگىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇت روھىيتىمىزگە ئۈن تۈنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئجادىيتىمىزدە ئۆزلۈكسىز ئۆزگۈرۈش ياساۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ھەمدە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ماھىيتىگە يىتەلمەي تىڭارقايدىدىغانلارمۇ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكرار تەكرار قايتىلايدىغانلارمۇ، دەۋىر تەلقىنلىرىدە تەۋرەنمەستىن مۇكەممەل بىر ئىتىقات ۋە ئەقىدە يولىدا ئاشىقلارچە ئىتائەت بىلەن ئۆز ھاياتىنى پاك پاكىز تاماملايدىغانلارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. شۈبىھسىزكى مەلۇم بىر دەۋىردىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆلگىلىرى سۈپىتدە غىپ پال چاقناپ ئۆتكەن، ئۆمرى ئۆز دەۋىرداشلىرىدىن سەل ئۇزۇنراق، قىسمەتلىرى ئۆزگىچىراق بولغان بىرقىسىم قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارغا نەزەر تاشلاش ئارقىلىق ئۆزىمىز دائىم تەرىپلەپ كىلىۋاتقان ئۆمرى قىسقا،قسمەتلىرى تىراگىدىيەلەرگە تولغان ۋە بىزگە چەكسىز مەۋھۇم غەلىبىلەرنى ھىس قىلدۇرىدىغان ئاقار يۇلتۇزلرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يىتەلەيمىز. ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئاسمىنىڭ شېئىرىيەت كۆكىدە چاقناپ ئۆتكەن سانسىز يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى يىقىنقى دەۋىرىمىزگە تەۋە بولغان ئەنە شۇنداق قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ بىرسى دەل زەينىدىن سالىيۇفدۇر.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا تەۋە ئوت يۈرەك شائىر، ژۇرنالىست، نەسرىي ئەسەر ئىجادىيەتچىسى زەينىدىن سالىيۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغان ل. مۇتەللىپنىڭ تەڭتۈش، خىزمەت دىشى جۈملىدىن يېقىن سىرداشلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ 1922-يىلى 3-ئايدا شىخۇ ناھىيىسى چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1933-يىلىدىن 1940-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىخۇدا ۋە ئۆرۈمچى سىفەن مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1943-يىلىغىچە ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرگە شىنجاڭ گېزىتىدە تەھرىر بولغان ۋە ئۆرۈمچى 7-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە مۇئەللىم، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1945-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە شىخۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە باش كاتىپ بولغان. بۇ دەۋرلەردە «تارىخ-قەھرىمان»، «مۇسىبەت» قاتارلىق بارماق ۋە ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىر غەزەللىرىنى يازغان. 1947-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كۇرپۇسىدا (سابىق مىللى ئارمىيىدە) 1-ئاتلىق پولكىنىڭ سىياسى يېتەكچىسى، 13-دىۋىزىيە تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن ئاساسەن شىخۇ، غولجا، ئۆرۈمى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا خىزمەت ۋە زىيارەتتە بولغان. شائىر بۇ دەۋرلەردە «شاۋكەت» ناملىق باللادىسىنى، «بىيجىڭنى كۆرگەندە»، «ئەل سۆيگەننى سايلايمەن»، «ئۇستازىم لۈشۈنگە»، «نورلۇق يول»، «يېڭى قۇرۇلۇش»، «ھەپىرەڭ بىلەن يانتاق» قاتارلىق شېئىر ۋە مەسەللەرنى يازغان. ئاساسلىق ئىجادىيىتىنى غۇلجىدا ئىلىپ بارغان. 1955-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە شىنجاڭ گېزىتى ۋە شىنجاڭ نېفىت گېزىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. «نىفىتچىلارغا»، «ۋەتەن سۆيگۈسى»، «غۇلاچ تاشلا»، ئەمگەكتە تاۋلان»، «ۋەتەن ئىشقى» قاتارلىق شېئىر ۋە غەزەللىرىنى يازغان. ئاپتور بۇ جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ 46 يىل داۋاملاشتۇرۇپ 1968-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.
زەينىدىن سالىيۇپنىڭ ئىجادى 1943-يىلىدىن باشلانغان. شائىر ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بۇ دەۋر دۆلەت ۋە خەلقكە بالايى ئاپەت كەلتۈرگۈچى جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئەسكىلىكلىرى چېكىگە يەتكەن، مىللەت ئىچىدىكى ئىلغار پىكىرلىك ياشلار، چەتئە كۆرگەن زىيالىيلار ۋە ئەقلى ئويغاق يازغۇچى-شائىرلار ناھەق قارلىنىپ دەرد ئەلەم ئىچىدە ئىڭراۋاتقان ئەمما قەتئىي نىيەت بىلەن ئوت يۈرەك ئاۋانگارتلارغا ئەگىشىپ خىلمۇ-خىل ئەدەبىيات سەنئەت كۇرۇژۇكلىرى، ئىجادىيەت گۇرۇپپىلىرى، سانايى نەفىسلەر ۋە گېزىت ژۇرناللارنى تەسسى قىلىپ خەلق ئەركىنلىكى دىموگىراتىيسى ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاپتۇرمۇ ئۆز دەۋىردىكى سەپداشلىرىدىن لوتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرغان. شۇڭا 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ل. مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گىزىتخانىدىن چەتلەشتۈرۈلۈپ ئاۋال 7-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئاندىن قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكەلگەن. 1945-يىلىغا كەلگەندە شىخۇغا يۆتكەلگەن. «بىزنىڭ تىلەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا شائىرنىڭ 1943-يىلىدىن باشلاپ يازغان شېئىرلىرىدىن تاللانغانلىقى تىلغا ئىلىنغان بولسىمۇ بۇ توپلامغا بىرىلگەن تۇنجى شېئىرى 1946-يىلى ئاۋغۇستتا شىخۇدا يېزىلغان. شائىر ل. مۇتەللىپ ۋاپاتىغا بىشىلاپ يېزىلغان «مۇسىبەت» نامىسىمۇ 1946-يىلى ئاۋغۇست دېگەن چېسلانى قوشۇمچە قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئاپتور دوستى ل.مۇتەللىپنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كىيىن خەۋەر تاپقان. ھىچ بولمىغاندىمۇ بۇ شېئىرىنى دوستىنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە مۇراسىمى ئۈچۈن ئاتاپ يازغان بولىشى مۇمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئاپتورنىڭ ھەقىقى ئىجادىيىتى 1943-يىللار دىن باشلانغان بولۇپ، 1946-يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئىدىيىسىدە ئازراق بۇرۇلۇش ياساپ، شئىرلىرنىڭ سۈپىتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. جۈملىدىن ئۆز غەزەللىرىدە قەيت قىلغىنىدەك لوتپۇللا ئىشلىرىنى داۋام قىلىپ «قەلەمكەش دوستلىرىڭ ‹قاينام›، ئۇ دۈشمەننى قىلۇر بەربات.» دېگەندەك مىسرالىرىنىڭ مەنىسى بويىچە ئورتاق دۈشمەننى بەربات قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشقان. ئەپسۇسكى بۇ ياش شائىرىمىزنىڭ ئۆمرى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆمرىدىن قىسقا بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا 2 قىسمىلىق رومان «چاياننىڭ تەقدىرى» نى يېزىشقا كىرىشكەن. لېكىن كېسەللىك ۋە لىن بياۋ، «4 كىشىلىك گوروھ» نىڭ روھى ئازابلىرى تۈپەيلى روماننىڭ ئاخىرقى قىسىمىنى يېزىپ چىقىشقا مۇۋاپىق بولالمىغان. پەقەت 1981-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «4 كىشىلىك گوروھ» نىڭ بالا قازالىرى سەۋەبىدىن ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن ۋە قارلانغان شائىرلارنى خاتىرىلەش سەۋەبىدىن چىقارغان «بىزنىڭ تىلەك» ناملىق شېئىرلار توپلامىغا شائىرنىڭ 1943-يىلىدىن بۇيان يازغان 15 پارچە شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلار ئاساسەن نەيىم يۈسۈپ تەرىپىدىن تەييارلىنىپ نەشىرياتقا تاپشۇرۇلغان. توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاخىرىدىكى يېزىلغان ۋاقىتقا ئاساسلانغاندا شائىرھاياتىنىڭ بىرقىسمى غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە شىخۇدا ئۆتكەن. بېيجىڭدا ساياھەتتە بولغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ل. مۇتەللىپنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ بۇ ھەقتە شائىر ئۆزىنىڭ «غۇلاچ تاشلاپ» ناملىق شېئىرىدا:
ئۆگەن دوستۇم ياشلىقتا ئۆگەن،
دېگەنتى شائىر «قاينام ئۆركىشى».
بىلىمسىز ئادەم قەلبى، كۆڭلىدە،
ساقلىنار دائىم تۇمانلىق قىشى.
دەپ يازسا، ئۆزىنىڭ مەخسۇس لوتپۇللا مۇتەللىپكە ئاتاپ يازغان «مۇسىبەت» ناملىق مەرسىيەسىدە ئىنىق قىلىپ:
« سىنىڭ يازغان چىكىت-نوقتەڭ، سەتىرەڭ ئەل ئۈچۈن شەمشات،
قەلەمكەش دوستلىرىڭ «قاينام»، ئۇ دۈشمەننى قىلۇر بەربات.
بۈگۈن يازدىم ساڭا دوستۇم مۇسىبەت نەقىلزارىمنى،
ئۇنۇتماس مەڭگۈ «بىخ» دوستۇڭ ئەبەد ساقلار ئىجادىڭنى.»
دەپ ئۆز ئۆزىگە خىتاب قىلىدۇ. ھەتتا بۇ تەسىر ئىلىش ھادىسىسىنى مەرسىيەسىنىڭ بىرىنچى مىسىراسىدىكى جۇدالىق ھارپىسىدا شائىر بىلەن قىلىشقا قىسقا دىئالوگىنى؛
«كېتەردە قول قىسىپ شائىر دىگەنتىڭسەن «ئامان بولغىن!
شۇ چاغ نورلۇق چىرايىڭدا ئەكىس ئەتكەن ئىدى يالقۇن.»
دېگەن بىيىتلىرىغا يىغىدۇ.
شائىرنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسەن بارماق ۋە ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەر ئىكككى شەكلىدە تەڭ ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن ۋەتەن، كومپارتىيە ۋە ئەمگەك ۋە يېڭى قۇرۇلۇش ۋە بېيجىڭ تەسىراتلىرى تەسۋىرلەنگەن شئىرلاردىن ئىبارەت بولۇپ بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە «ھەپىرەڭ بىلەن يانتاق» ناملىق مەسەل، «كومۇنېسىت» ناملىق قەسىدىسى شېئىرى قاپىيە، شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىققا ئىگە. شىخۇ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان شاۋكەتكە بىشىغلاپ يازغان «شاۋكەت» ناملىق باللادېسىمۇ مىللى مەزمۇن دىكى ناھايىتى ياخشى چىققان ئەسەربولۇپ مىللى ئارمىيىنىڭ جەڭ ئەھۋالى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. شائىر يەنە لۈشۈننى ئۇستازىم دەپ ئاتاپ «ئۇستازىم لۈشۈنگە» ناملىق ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرىنى يازغان. بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ مەنا ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئەڭ مۇكەممەل چىققان ئەسىرى شائىر لوتپۇللا مۇتەللىپ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان «مۇسىبەت» ناملىق غەزەل بىلەن «تارىخ -قەھرىمان» ناملىق شئىرىدۇر.
شائىر «مۇسىبەت» ناملىق شېئىرىدا دوستى، خىزمەت دىشى ۋە دەۋر ئەركىسى لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ۋاپاتىدىن تۇيۇقسىز خەۋەر تېپىپ قاتتىق قايغۇرغانلىقنى، ئايرىلغان ۋاقىتتا دېيىشكەن «ئامان بولغىن» دېگەن ئاددىيغىنە يۈرەك سۆزنىڭ مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش نۇتىقى بولۇپ قالغانلىقى، ياش شائىرنىڭ قەپقالغان ئارزۇ ئارمانلرىغا ئاپتور ۋارىسلىق قىلىپ «دۈشمەنلەر» بىلەن ئاداققىچە جەڭ قىلىدىغانلىقى ئوتلۇق مىسرالار ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان .
«تارىخ- قەھرىمان» ناملىق شېئىرىدا بولسا تارىخنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، بەلگىسى ۋە يېڭىنىڭ كونىنى يېڭىدىغانلىغىقدىن ئىبارەت مۇقەرەرلىكى، ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە مەقسىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، خەلقنى «تەقدىر» چىلىكتىن قۇتۇلۇپ، جەڭ قىلىشقا، ئۆز دەۋرىنى جەڭ ئارقىلىق تىخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىغان. شۇنداقلا ئۆز مىسىرالىرىغا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن«بۇ زامان قايناق كۆرەش قاينىمى» دېگەن مىسرالىرىدا «قاينام ئۆركىشى» نى ئىما قىلسا، «بىخ ئۆسەر، شاخلار ۋەتەن قوينىدا» دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق «بىخ» نى ئىما قىلىپ، لوتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۆزىنىڭ تەخەللۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق تارىخنىڭ بىر جەڭگىۋار دەۋرنى ياراتقانلىقى، ئۆزىنىڭ لوتپۇللا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئەشۇ زاماننى كۆيلەيدىغانلىقى، يىغا زار بىلەن ئىڭراپ ياتماسىتىن ئەتە ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. (قوشۇمچە: شائىرنىڭ ئەڭ ياخشى چىققان ئىككى پارچە شئىرى)
مۇسىبەت
(شائىر ل. مۇتەللىپ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن)
تۇيۇقسىزلا خەۋەر ئالدىم مۇتەللىپنىڭ ۋاپاتىدىن،
مەزگىلسىز خازان بولغان ئۇ مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىن.
بۇ يەڭلىغ شۇم خەۋەر ئاڭلاپ مۇسىبەت ھالىدا قالدىم،
چىراغىم پىل پىل ئۆچكەندەك ئەقىل ھۇشتىن تامام قالدىم.
كېتەردە قول قىسىپ شائىر دىگەنتىڭسەن «ئامان بولغىن!»،
شۇ چاغ نورلۇق چىرايىڭدا ئەكىس ئەتكەن ئىدى يالقۇن.
كېتىپ ئاخىر يىراقلارغا ۋاقىتسىز سەندىن ئايرىلدىم،
كۆرەلمەستىن ئۇ قەددىڭنى ئەلەم بىرلە پىغان قىلدىم.
ئايا شائىر، تىلىم ئوتتۇر، يۇرەگىم قان بىلەن زەرداب،
ئۇ مەقسەت ئالى غايەڭدىن ئېچىلغاي نەقىشلىق زەرباپ.
ئايا شائىر ئەزىز نامىڭ كۆڭۈلدە مەڭگۈ ئۆچمەس نور،
ئىجدىڭ خۇددى يۇلتۇزدەك يانار دىلدا ھامان مەغرۇر.
ئىجادىڭ ھەممە شائىرنىڭ تىلىدا بولغۇسى داستان،
ئىجادىڭ مېۋە بەرگۈسى ئەدىب گۈلزارىدا بوستان.
سىنىڭ يازغان چىكىت-نوقتەڭ، سەتىرەڭ ئەل ئۈچۈن شەمشات،
قەلەمكەش دوستلىرىڭ «قاينام»، ئۇ دۈشمەننى قىلۇر بەربات.
بۈگۈن يازدىم ساڭا دوستۇم مۇسىبەت نەقىلزارىمنى،
ئۇنۇتماس مەڭگۈ «بىخ» دوستۇڭ ئەبەد ساقلار ئىجادىڭنى.
1946-يىلى ئاۋغۇست، شىخۇ
تارىخ-قەھرىمان
تارىخ ياراتتى سانسىز قەھرىمان،
بۇمۇ تارىخنىڭ مەۋجۇت بەلگىسى.
ھايات مەنىسى- كۆرەش دېمەكتۇر،
كونىنى يېڭەر ھەردەم يېڭىسى.
ئېخ! بىلسەڭ ئىدى تارىخ پايانسىز،
مەنزىلى ئۇزاق كۆرەش دۇنياسى.
تىرەن بايقىساڭ يەكۈنگە سەن،
سائادەت كۈنىنىڭ باردۇر باقىسى.
ياق، بۇ دۇنيا «ۋاپاسىز» دېمە،
دۇنيا ۋاپاسى ئىلكىڭدە -سەندە.
ۋاپا ئاھىنى ئىشىتمەس دېمە،
ۋاپا خوجىسى مېھنەتكەش بەندە.
قوي ئەمدى دىلبەر، ئۆكسۈپ يىغلىما،
يىغا -زارىدىن نە نىجات كەلسۇن؟!
ۋاقتى كەلگەندە ئىڭراپ ياتمىغىن،
«سەۋرى» چىنىسى مىڭ پارە بولسۇن!
سەۋەبنى ئاختۇر ئالەم سەۋەپلىك،
سەۋەپ چىرمىشىپ بولمىسۇن «تەقدىر».
كۆرسەتمەي ئەمەل قىلساڭ نالە - زار،
ھاياتىڭ ئۈچۈن تېپىلماس تەدبىر.
زامانىم مىنىڭ جەڭگىۋار زامان،
بۇ زامان قايناق كۆرەش قاينىمى.
دېڭىز ھەرقاچان شاۋقۇنسىز تۇرماس،
ھايات دېمەكتۇر چىلىش ئىلھامى.
مەنمۇ كۈيلەيمەن مەغرۇر، كەڭتاشا،
تارىخ جەڭگىۋار دەۋر ياراتتى.
«بىخ» ئۆسەر، شاخلار ۋەتەن قوينىدا،
قەھرىمان تارىخ مىنى ئويغاتتى.
1946-يىلى ئاۋغۇست، شىخۇ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. نۇرمۇھەممەت زامان: «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى
2. جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تۈزگەن: «ئۇيغۇرئەدەبىياتى توغرىسىدا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى
3. ھاجى ئەخمەت: «ئۇيغۇر شئېرىيتى توغرىسىدا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى
4. «بىزنىڭ تىلەك» (شېئىرلار توپلىمى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تۈزۈپ، نەشىر قىلىپ تارقاتقان، 1981-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
5. ئەلقەم ئەختەم: «ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1981-يىلى 2-ئاي 1-نەشرى
6. ئىمىنجان ئەخمىدى: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-2 15:59