غەزەللەرنىڭ بېيىت سانى چوقۇم يەتتىدىن بولىشى كېرەكمۇ؟
ئابدۇقادىر سادىر
غەزەلچىلىكتە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا مۇئەللىملىرىمىزنىڭ، ئۆزىمىزگە ئۇستاز ھېسابلىغان پېشىۋا شائىرلىرىمىزدىن ئاڭلىغان: «غەزەللەر يەتتە بېيىتتىن تۈزۈلىدۇ، ياكى، بېيىتلەر سانى تاق بولىدۇ›› دېگەندەك ئاغزاكى ئەقىيدىلەر سىڭىپ كەتكەن. ئەمما بۇ چەكلىمە ياكى قېلىپنى مەخسۇس يېزىلغان قايسىبىر رىسالىدىن كۆرگەنلىكىنى دەلىللەيدىغانلارنىڭ بار- يوقلىقىنى بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.
خۇسۇسەن، مەن بۇنداق قېلىپ ياكى ئۆلچەم توغىرىسىدا سۆزلەنگەن تارىخى، ئىلمىي ماتىرىياللارنى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇنداقلا، 15- ئەسىردىن تارتىپ يېقىنقى زامان كىلاسسىكلىرىمىزدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ غەزەللىرىنى بىرمۇ بىر (ئەلبەتتە كۆرۈش، سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىم بارلىرىنى) تەكشۈرۈش ئارقىلىق غەزەلچىلىكتە ئۇنداق مۇقىم قېلىپ ياكى ئەندىزىنىڭ بارلىقىنى بايقىمىدىم. (غەزەل شەكلىدە يېزىلغان ئايرىم شېئىرى تۈرلەردىن: قەسىيدە، تەرجىئىبەند، تەركىببەند، مۇناجات، مەدھىيەنامىلار بۇنىڭ سىرتىدا). شۇنداق قىلىپ بۇ ھادىسىدىن غەزەلچىلىكتە بېيىتلار سانىغا چەك ياكى قېلىپ يوق، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم.
كىلاسسىكلارنىڭ غەزەل ئىزىدىن كۆرگەندە، 15- ئەسىردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن شائىرلاردىن ئاتايى 17 پارچە غەزەل ئىچىدىن 15نى يەتتە بېيىتتىن، ئىككىسىنى 9 بېيىتتىن يازغان.
14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 15- ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان سەككاكى غەزەللىرىنى 5، 6، 7، 9 بېيىتلىق قىلىپ يازغان.
لۇتفى 17 پارچە غەزەلدە 10 پارچىسىنى 7 بېيىت، 7 پارچىسىنى 5 بېيىتتىن قىلىپ يازغان.
نەۋايى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۆز غەزەللىرىنى 7، 9، 10، 13 بېيىتتىن قىلىپ يېزىۋەرگەن. مەسىلەن: "دىۋان ئەمىر نەۋائى" (ھېجىرىيە 1319- يىلدىكى ئىستامبۇل "مەھمۇد بەگ مەتبەئەسى" نىڭ چاغاتايچە تاشباسما نۇسقىسى) دىكى "ئا- ئەلف" ۋە "ر-رە" ھەرپلىرى بىلەن تەركىپلەنگەن ئىككى يۈرۈش غەزەللىرىنى تەكشۈرگەندە، "ئا- ئەلف" تەركىپلىك 41 پارچە غەزىلىنىڭ 1 پارچىسى 5 بېيىتتىن، 15 پارچىسى 6 بېيىتتىن، 17 پارچىسى 7 بېيىتتىن، 4 پارچىسى 8 بېيىتتىن، 3 پارچىسى 9 بېيىتتىن، 1 پارچىسى 12 بېيىتتىن تەركىپ تاپىدۇ.
نەۋايى ئۆز غەزەللىرىنىڭ بېيىت سانى توغرىسىدا:
«نەۋايى شېئىرى توققۇز بەيتۇ، ئون ئۈچ بەيتۇ، ئونبەش بەيىت،
كى لەۋھى ئۈزرە قەلەم زىننەت بېرۇرئۇ دۇررى مەكنۇندىن.
بۇ كىم ئەلبەتتە بەيىتتىن ئۆكسۈك ئەمەس، يەئنى،
تەنەززۇل ئەيلەيالماس رۇتبە ئىچرەيەتتە گەردۇندىن.››
(«بېدايىئۇل ۋەسەت- ئوتتۇرا ياشلىق بالاغىتى›› دىن)
يەشمە: نەۋائىينىڭ شېئىرلىرى توققۇز بېيىت، ئون ئۈچ بېيىت، ئون بەش بېيىتتىن بولۇپ، قەلەم تاختا (قەغەز) بېتىگە ئەشۇ ساپ مەرۋايىتلار بىلەنزىننەت بەرگەن. بۇ ئەلبەتتە بېيىتتىن قىسىلغانلىقتىن ئەمەس، يەنى (ئۇ) مەرتىۋىسىنىيەتتە پەلەك يۈكسەكلىكىدىن تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. دەپ يازىدۇ. مانا مۇشۇ پارچىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئۆزى غەزەلچىلىكتە يەنى، «غەزەللەر بېيىتلىرىنىڭ سانىدا قېلىپ ياكى ئۆلچەم يوق›› دېگەن بېشارەتنى بېرەلەيدۇ.
ئۇندىن باشقا، گۇمنام (ھىرقەتى) ئۆز غەزەللىرىنى 5، 7، 8، 9، 10، 11، 14 بېيىتلىك قىلىپ خالىغانچە يازىدۇ. خۇسۇسەن 9 بېيىتلىق غەزەللىرى كۆپراق ئۇچىرايدۇ.
زەلىلى 5، 6، 8، 9 بېيىتلىق يېزىپ، جۇپ بېيىتلەرنى كۆپراق تۈزىدۇ. ئۇنىڭ 10 پارچە غەزىلى ئىچىدە 6 بېيىتلىقى بەش پارچە، 8 بېيىتلىقى 4 پارچە بولۇپ، «بېيىتلار تاق تۈزۈلىدۇ›› دېگەن ئاڭنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
نۆبىتى بولسا ئۆز غەزەللىرىنى 5، 6، 7، 8، 10 بېيىتلىق قىلىپ تۈزىدۇ. 13 پارچە غەزەلدە 8 بېيىتلىقى ئىككى، 6 بېيىتلىقى ئۈچ پارچىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇلاردىن باشقا، ئابدۇرېھىم نىزارى، قەلەندەر، سەبۇرى، موللا بىلال، تەجەللى قاتارلىق كىلاسسىكلارنىڭ غەزەللىرىدىمۇ 4، 6، 8، 10، 12 جۈپ بېيىتلىق غەزەللەر خېلىلا سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
پارس تىللىق شائىرلاردىن نىزامى گەنجىۋىمۇ (1141-1209) غەزەللىرىنى 4، 6، 8، 7، 9، 11 بېيىتتىن تۈزۈپ يازىدۇ.
زەلىلى، فۇزۇلى، نەۋائىلار ئۆز غەزەللىرىنى تولاراق 5 تىن 7 بېيىتقىچە يازسىمۇ، ئۇلارنىڭ غەزەللىرى ئىچىدە 9، 15، 17، ھەتتا 25 بېيىتلىكلىرىمۇ ئۇچىرايدۇ. 11بېيىتتىن ئېشىپ كەتكەن غەزەللەر مەزمۇن جەھەتتىن قەسيدە ۋە مۇناجاتقا ياتسىمۇ، بۇ خىلدىكى كۆپ بېيىتلىق شېئىرلار زەلىلىنىڭ دىۋانلىرىدا غەزەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. نەۋايىنىڭ كۆپلىگەن غەزەللىرى بەشتىن ئون ئىككى بېيىتقىچە، فۇزۇلىنىڭ يەتتىدىن ئون بىر بېيىتقىچە يېزىلغان بولۇپ، مەشرەپ، نەۋبەتى، فۇرقەتلەرنىڭ غەزەللىرىمۇ ئاساسەن مۇشۇلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئايان بولۇدۇكى، غەزەل ئىجادىيىتىدىكى ئۈسلۇپ ئىلگىرىكىلەردىن كېيىنكىلەر كەلگەندە پەيدىن پەي يېڭىلىنىش، ئىسلاھ قىلىشلار بولۇپ، بېيىتلار سانى گاھىدا شائىر ھېسىياتىنىڭ، گاھىدا شېئىرى پىكىرنىڭ، گاھىدا مەزمۇن دائىرىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەركىن بەلگىلەنگەن. بۇ ھالنى خۇددى، ھازىرقى يېڭىچە شېئىر ئېقىمىنىڭ شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئۇزۇن قىسقا تۈزۈلۈشى، كۇپلىتلاردىكى مىسىرا سانىنىڭ، قاپىيەلىنىش ھالىتىنىڭ ئەركىنلەشتۈرۈلىشىگە تەققاسلاپ چۈشۈنىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭا غەزەللەردە «بېيىتلار سانى 7 بولىدۇ، ياكى مۇقىم تاق بېيىت تۈزۈلىدۇ›› دەۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، غەزەلو بېيىتلىرىنىڭ سانىنى شائىرنىڭ ھېسىيات دولقۇنلىرى، شېئىرى پىكىرى، مەزمۇن دائىرىسىنىڭ ئېھتىياجلىرى بەلگىلىسە بولىدۇ. بۇ جەھەتتە مەن شۇنداق قىلىپ كەلدىم. غەزەللىرىمنىڭ كۆپۇنچىسى 10 بېيىت، ئازراقلىرى 9، 12، 11 بېيىتتىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇنى مېنىڭ- مۇئەييەن بىر ئىجادىيەتچىنىڭ خاھىشى، شېئىرى پىكىرنىڭ ئەمەلى ئېھتىياجى بەلگىلىگەن.
سېلىشتۇرمىدا پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى 11- ئاي 1-نەشىرى)
2. "دىۋان ئەمىر نەۋائى" (ھېجىرىيە 1319- يىلدىكى ئىستامبۇل "مەھمۇد بەگ مەتبەئەسى" نىڭ چاغاتايچە تاشباسما نۇسقىسى)
2012- يىل 1- ئىيۇن،گۇما.