تۇرپان ئەدىبلىرى جەنۇبىي تاغدا
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، تۇرپان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمانلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسى 2015-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى جەنوبى تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى» دە باشلاندى. كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ، تۇرپان شەھەرلىك ئەدىبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ئۆمەرجان سىدىق،شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى تۇردى لېتىپ ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىككى ناھىيە ، بىر رايونىدىن كەلگەن شائىرلار،يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن 20 كىشى قاتناشتى.بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت كۇرسى 8- ئاينىڭ 21- كۈىنىدىن 27- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئۆمەرجان سىدىق رىياسەتچىلىك قىلدى، كۇرسنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋالىنى ۋە كۇرسقا كەلگەن شائىر،يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى . كۇرسانتلاردىن بۇ قېتىمقى كۇرسنى پۇرسەت بىلىپ ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئاندىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ بۇ قېتىمقى كۇرسنى تەشكىللەش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە كۇرسۇنتلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى . ئاخىرىدا ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر كۇرسۇناتلارغا ئەدەبىي ئىجادىيەت توغرىسىدا ئۆز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ،« قانداق قىلغاندا نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ ؟ » دېگەن تېمىدا ئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلەپ بەردى ۋە كۇرسانتلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى كۇرسۇناتلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يوللۇققان مەسىلىلىرى ۋە مەمتىمىن ھۇشۇر ئەسەرلىرى توغرىسىدا سورىغان سۇئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاپ بەردى
كۇرسانتلار ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە :
1. ئۆمەرجان سىدىق، تۇرپان شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى، (شېئىر، ھىكايە، ئەدىبىي ئاخبارات، يىتەكچى)؛
2. سەۋەيدۇللا شەيدۇللا، توقسۇن ناھىيەلىك پىشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، تۇرپان يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان خەلق ئېغىز ئەدىبىياتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، (خەلق ئېغىز ئەدىبىياتچىسى، شېئىر، تەربىيلەش گۇرۇپپىسى باشلىقى ؛
3. ئابلەت باھايدىن ، توقسۇن ناھىيە غولبۇيى مەركىزى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (ئەدىبىي تەرجىمان، نەسىر)؛
4. زەينۇللا ھەققۇللا ، توقسۇن ناھىيە ئىلانلىق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى(ھىكايە، ئەدىبىي ئوبزور ) ؛
5. توختى زىياۋدۇن، توقسۇنن ناھىيە غولبۇيى يېزىسىدىن ، دېھقان، سودىگەر، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( شېئىر)؛
6. ئەنۋەر باقىنىياز، توقسۇن ناھىيە شاھ يېزا قارسۇ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( ھىكايە، شېئىر ، نەسىر)؛
7. باھارگۈل زىياۋدۇن، توقسۇن ناھىيە غولبۇيى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتى كادىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، توقسۇن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى( رومان، ھىكايە)؛
8. ئاينۇر ئابدۇرېيىم، توقسۇن ناھىيە غولبۇيى مەركىزىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، توقسۇن يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى( ھىكايە، شېئىر)؛
9. تۇردىگۈل ئەلى ، توقسۇن ناھىيە شاھ يېزا گۇڭشاڭ كەنت كادىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ( شېئىر )؛
10. ئابدىسىم ئىسمايىل ئۈمىدى، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنى چاتقال ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( شېئىر، ئەدىبىي ئوبزور)؛
11. ئۆمەرجان ئولمايىت، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنى يار بازىرى جاي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ( شېئىر)؛
12. ۋەلى ئوسمان، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنى ئاستانە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( شېئىر)؛
13. رەيھانگۈل غېنى، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنى ئۈزۈمچىلىك يېزىلىق دوختۇرخانا ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ( شېئىر)؛
14. گۈلچېھرە باھاۋۇدۇن، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنى يار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( شېئىر ، رەسسام)؛
15. ئۆمەرجان رىشىت، پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق ھۆكۈمەت كادىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( شېئىر، تەربىيلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)؛
16. ئامىنە ئۆمەر، پىچان ناھىيە بازارلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتى كادىرى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى(ھىكايە، شېئىر)؛
17. رابىگۈل ئىبرايىم، پىچان ناھىيە لۈكچۈن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( ھىكايە، نەسىر)؛
18. پەرىدە ياقۇپ، پىچان ناھىيە دالانكارىز يېزا گۇمبازا كەنتىدىن، دېھقان ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى( ھىكايە ، شېئىر)
8- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن كۇرسۇناتلار جەنۇبىي تاغقا چىقىپ ، ئەمىلىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ئېلىپ باردى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-27 18:58