يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئا.باھايدىن

تۇرپان ئەدىبلىرى جەنۇبىي تاغدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-24 16:08:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي تاغدىكى ئۆگىنىش ، ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىڭلارنىڭ مول نەتىجىلىك ، ھەربىر كۈنۈڭلارنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن ! ھارمىغايسىلەر ئەزىمەتلەر !

ۋاقتى: 2015-8-24 19:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپانلىق ئەدىبلەرنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ كۈڭۈللۈك بۇلىشىنى، كەلگۈسىدىكى ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. ئۆمەرجان سىدىق، ئۆمەر ئابدۇللا قاتارلىق بارلىق كۇرسانىت دوستلارغا ۋە ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىق تەشكۈللۈگۈچى دوستلارغا ئوتلۇق سالام يوللايمەن.
  
(بۇلتۇر 7- ئايدا مەكىتتىن 18 نەپەر قەلەمكەش جەنۇبىي تاغقا بىرىپ 7 كۈن ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئىدۇق. دوستىمىز ئەيبۇ ياقۇپنىڭ بارلىق ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئىدىتلىق  ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىشلىرىمىز ناھايىتى نەتىجىلىك ۋە كۆڭۈللىك بولغان ئىدى.  شۇ تاپتا شۇ چاغدىكى شىرىن دەقىقىلەر خىيال ئىكرانىمدا تۇرۇپتۇ. ئەيبۇكامنىڭ  «ھەممىنى قىلغان شۇ ... » دېگەن شېئىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىماقتا. )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-31 17:38  


ۋاقتى: 2015-8-24 20:32:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،دوستلار!
جەنۇبى تاغ بىلەن قېنىپ مۇڭدىشىپ ،قەلىمىڭلاردىن دۇردانىلەر تۆكۈلگەي!

ۋاقتى: 2015-8-24 23:31:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي تاغدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجادىيەت بازىسىدا ئۆگىنىش ۋە تەربىيلىنىشتا بولۇۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرگە ئۇتلۇق سالام . پائالىيەتلىرىڭلار مەنىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك بولسۇن . قەلىمىڭلار مول ھوسۇللۇق بولسۇن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-25 09:32:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: تۇرپان ئەدىبلىرى جەنۇبىي تاغدا

   8- ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن داڭلىق  ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەت پۇلات تۇرپان ئەدىبلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىلىرى، ئىجادىيەت قاراشلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق سۆزلەپ بەردى ھەم ئەدىبلەر  بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. بۈگۈن يەنە « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » ژۇرنىلىنىڭ سابىق  باش مۇھەررىرى ، داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان  غۇپۇر قادىر ئەدىبلەرگە ئەدەبىي ئەسەر تەرجىمە قىلىش تەجرىبىلىرى ، ئەدەبىي ئەسەر تەرجىمە قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەردە ئەتراپلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلەپ بەردى  ھەم كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى .

r (15).JPG
r (13).JPG

r (10).JPG

r (7).JPG

r (6).JPG

r (5).JPG

r (4).JPG

r (3).JPG

r (1).JPG

IMG_6323.jpg



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-25 09:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتۈش پەسلى

توختى زىياۋدۇن


بار پەقەت بىر تاللا شىرىن خىيالىم ،
سۈزۈپ ئالىمەن كېچە باغرىدىن .
رۇجەكتە يۇلتۇزنىڭ زەررەڭ كۆڭلىكى،

مەن ئاڭا چىرماشقان ئۇزۇن  زاماندىن .

دەرەخنىڭ ئۇسۇلى كۆيگەن قىرغاقتا ،
ئوتلۇق بىر سايىگە چۈشمەكتە شەبنەم .
بىر سائەت ئۇزۇندۇر ئەسىردىن تىمتاس ،
ۋاقىتنىڭ كۆزىدىن يۈتمەكتە ئەلەم .

بۇلاقنىڭ كۈيىنى سورىغان شامال ،
چەكمەكتە بىر تەننىڭ تارىنى ئاستا .
كىرگەن شۇ يۈرەك كۈتۈش پەسلىگە ،
ئۈنگەيمۇ ئۈمۈدنىڭ كەڭ دالاسىدا .

     2015- يىل 24 - ئاۋغۇست  جەنۇبىي تاغ ئىجادىيەت بازىسىىدا يېزىلدى .




ۋاقتى: 2015-8-25 10:12:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي تاغ


جەنۇبى تاغ
ئاتەش يۇرتىدىن كەلگەن ئۇن سەككىز ئوتقا،
ئويلاپ باقمىغان
ئىللىق باغرىنى بەردى ئۇلارغا .
ئون سەككىز ئوت،

ئون سەككىز قېپقىزىل يالقۇن ،

قول تۇتۇشتى ئەتىدىكى سەھەرگە .
غۇنچە

ياشلار سەۋداسى
يۈرۈكىگە سانجىپ ،
قىزىل كۆز تۇرمۇش ،
ئۆلتۈرىۋەتكەن ئوتلارنى
يېشىل باھارغا باغلىدى.

ئون سەككىز ئوتنىڭ
يالقۇنى ئوخشاش
سەۋداسى ئوخشاش
چۈشلىرى ئوخشاش .

ئون سەككىز ئوت

ئون سەككىز قېپقىزىل يالقۇن ،
سىلكىنمەكتە
سىلكىنمەكتە
جەنۇبىي تاغقا
ئوت كېتىدۇ چوقۇم بۇ قېتىم.




  __ 25- ئاۋغۇست  جەنۇبىي تاغ ئىجادىيەت بازىسىدا يېزىلدى .







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىننەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-25 20:45  


ۋاقتى: 2015-8-25 10:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان سىدىق، تۇرغۇن جالالىدىن قاتارلىق دوستلارنىڭ تەشكىلاتچانلىقىغا ئاپىرىن! جەنۇبىي تاغ ئىلھاملىرى ئۈزۈلمەي دولقۇنلىنىپ تۇرسۇن. ھەممە ئەزىزلەرگە سالامىم يەتكەي.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-25 10:45  


ۋاقتى: 2015-8-25 11:32:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  8- ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن كېيىن << شىنجاڭ ياشلىرى >> ژۇرنىلىدىن جۈرئەت سەيپۇل، ئەسقەر ياسىن، روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجادىيەت مەركىزىگە كېلىپ تۇرپان ئەدىبلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى ھەم  ژۇرنالچىلىق، ژۇرنالغا كېلىۋاتقان ئەسەرلەر ۋە ئۇلارغا قويۇلىۋاتقان تەلەپلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. تۇرپان ئەدىبلىرىنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

IMG_6399.JPG

IMG_6402.JPG

IMG_6418.JPG

IMG_6426.JPG

IMG_6448.JPG

IMG_6454.JPG

IMG_6465.JPG

ۋاقتى: 2015-8-25 12:12:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_6013.JPG
جەنۇبى تاغدا ئارپىلار ئەمدى پىشتى
IMG_6255.JPG
رەسسام ۋە شائىرە گۈلچېھرە باھاۋۇدۇن ئىجادىيەت مەركىزىمىزدە رەسىم سىزماقتا

QQ图片20150825120455.jpg
ئەدەبىي تەرجىمان ئابلەت باھايىدىن خىزمەت ئۈستىدە

IMG_6014.JPG
جەنۇبىي تاغ __ كۈزگە كىرىش



ۋاقتى: 2015-8-25 12:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبى تاغدا ئارپىلار ئەمدى پىشقان بولسا، تۇرپان ئەدىبلىرى تازا ياخشى چاغدا بېرىپتۇ، ئاشۇ ئارپىلارنى ئورۇپ، دانلارنى يىغىۋېتىپ قايتىسا تېخىمۇ ئوبدان بولاتتىكەن.

ۋاقتى: 2015-8-25 18:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تۇرپان قەلەمكەشلىرىنىڭ جەنۇبىي تاغ ئېتىگىدىكى ھەربىر پائالىيىتى ئاسايىشلىق بولغاي! قابىل تەشكىللىگۈچى ئۆمەرجان سىدىق، تۇرپان ئەدىبەلىرىنى بايقاپ، ئىلھام ۋە مەدەتلەرنى بېرىپ، پورەكلەپ ئېچىلغان بىر دەستە گۈللەرنى  قېزىپ چىقىپسىز. ئەجرىڭىز ئىزلار سالغۇسى!
    دىلكەش دوستلۇرۇمدىن رابىيە، ئامىنە، پەرىدە(گۈلبەدەن)قاتارلىق سەككىز گۈللەر، بوش كەلمەڭلار، جۇمۇ. سىلەرگە خوشاللىق يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-8-25 22:22:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان ئەدىبلىرىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى كۈنلىرى كۆڭۈللۈك ئۆتكەي،ئىجادىيەتلىرى مول ھوسۇللۇق بولغاي، دوستۇم رابىيگۈل ئىبراھىم ئاسىم قاتارلىق سەككىز گۈلنىڭمۇ قەدىمى قۇتلۇق بولغاي

ۋاقتى: 2015-8-25 23:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى بىر كۈن قالغاندا كۆڭلۈم بەك يېرىم ،  پەقەتلا كەتكۈم يوق. نىمە دىگەن ئىسىل دوستلار، نىمە دىگەن ئىسىل ئۇستازلار...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-26 01:10:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  8- ئاينىڭ 25 – كۈنى « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن پولات ھېۋىزۇللا، ئەركىن نۇر، ئىمىر ھەسەن ماخمۇت، مۇسا ئەھەت قاتارلىق دىلكەش دوستلار تۇرپان ئەدىبلىرىنى يوقلاپ چىقىپ، كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلدى ھەم تاغتۇرادىكى شائىرلار «مۇشائىرە»سى پائالىيىتىگە قاتناشتى. مۇشائىرە پائالىيىتىدە شائىرلىرىمىزدىن مۇسا ئەھەت ،پەرىدە ياقۇپ ( گۈلبەدەن ) ، ئۆمەرجان ئولمايىت ، ئابدىسىم ئىسمايىل ( ئۈمىدى)، گۈلچېھرە باھاۋۇدۇن، توختى زىياۋۇدۇن ، ئەنۋەرجان باقىنىياز ، سەۋەيدۇللا شەيدۇللا ، رەيھانگۈل غەنىي ، تۇردىگۈل ئېلى  قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ شىئېرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ، ئىجادىيەت تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى.
بۈگۈن    « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەرىرى  پولات ھېۋىزۇللا تۇرپان ئەدىبلىرىگە نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە شئېىرىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ، بۇندىن كېيىنكى يۈزلىنىشى ، ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە ئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلەپ بەردى . « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى
ئەركىن نۇر، ئىمىر ھەسەن ماخمۇت،مۇسا ئەھەت قاتارلىقلار « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى  ھەم ئەدىبلەر بىلەن قىزغىن
سۆھبەت ئېلىپ باردى.
پولات ھېۋزۇللا لېكسىيە سۆزلىمەكتە
001.jpg
ئەدىبلەر لېكسىيە ئاڭلىماقتا
002.jpg
ئەدىبلەر پولات ھېۋزۇللا بىلەن خاتىرە سۆرەتكە چۈشمەكتە
003.jpg
ئەركىن نۇر لېكسىيە سۆزلىمەكتە
012.jpg
گۈلبەدەن مۇشائىرە پائالىيىتىدە شئىر دېكلىماتسىيە قىلماقتا .
008.jpg

پولات ھېۋزۇللا ( ئوتتۇرىدا ) ئوڭ 1- رەت رەيھانگۈل غەنىي ،سول 3- رەت گۈلچېھرە باۋۇدۇن بىلەن بىرگە
10.jpg
پولات  ھېۋزۇللا بىلەن سەۋەيدۇللا شەيدۇللا
11.jpg
گۈلچېھرە باۋۇدۇن شىئېىر دېكلىماتسىيە قىلماقتا
005.jpg








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-26 09:18  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش