شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پرافېسسور ، دوكتور يېتەكچىسى ، پىشقەدەم مائارىپچى ،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئازات سۇلتان مۇئەللىم جەنۇبىي تاغدا تەربىيىلىنىۋاتقان تۇرپان ئەدىبلىرىنى يوقلاپ ، كۇرسانتلارغا « ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى ، تۇرپان تارىخى ، تۇرپان مەدەنىيىتى، تۇرپان روھى» قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلەپ بەردى .