2012-يىلى جۇڭگو ئەدەبىياتىدا «ئېرۇسالىم» ناملىق بىر كاتتا رومان بارلىققا كېلىپ، 1967-يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانى بارلىققا كېلىپ، پۈتكۈل لاتىن ئامىرىكىسىنى زېلزىلىگە سالغاندەكلا تەسىر قوزغاپ، پۈتكۈل جۇڭگونىڭ كۆزى بۇ يازغۇچىغا تىكىلدى. مانا بۇ 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلۇپ، ھازىرقى جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي قۇۋۋېتى، تەسەۋۋۇر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك يازغۇچى دەپ تەرىپلەنگەن شۈ زىچىن ئەپەندىدۇر.
تالانىتلىق يازغۇچى شۈ زىچىن ئەپەندى 1978-يىلى تۇغۇلغان. يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.يېڭى كۈچلەرنى بايقاش، ئۇلارنى قوللاشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى قىلغان يادرولۇق يازغۇچى يەن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ بايقىشى ۋە قوللىشى بىلەن 2005-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزىقچىلىق ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئۈچ يىل سېستىمىلىق تەربىيە ئالغان. بۇ جەرياندا ئىجادىيەتتە تېز ئېلگىرىلەپ بىر تۈركۈم تەسىرى چوڭ ئەسەرلەرنى يازغان. مۇشۇ مەزگىللەردە يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «كېچىدىكى ئىشىك»، «كەچلىك پويىز» قاتارلىق رومانلىرى، «جوڭگۇەن كەنتىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈش»،«ئاھ، بېيجىڭ»، «تەڭرى ئادەملەر ئارىسىدا»، «يەنئەندە ئولتۇراقلىشىش»،«1987-يىلى»، «سەپەردە ئۆتكەن كۈنلەر» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. جۇڭگونىڭ ھەريىللىق پىروزا شەرەپ تاختىلىرىغا كۆپلىگەن ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئەدەبىيات ساھاسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان بۇ تالانىت ئېگىسى 2007- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى كۈچلەر ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، يەنە شۇ يىلى تەسەۋۋۇر كۇچلىرى يېڭى مۇكاپاتىغا، 2008- يىلى «كېچىدىكى ئىشىك» رومانى 6- نۆۋەتلىك خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى تاراتقۇلار چوڭ مۇكاپاتىغا، يەنە تەسەۋۋۇر كۈچلىرى يېڭى شەخىس مۇكاپاتىغا، 2009-يىلى 12- نۆۋەتلىك جۇاڭ جۇڭۋېن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، يەنە شۇ يىلى باھار ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتارلىق بىر قاتار تەسىرى بار مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.2011- يىلى ئۇنىڭ ئىككى رومانى 8- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
شۈ زىچىن ئەپەندى 2009- يىلى تورۇنتو ئۇنىۋېرسسىتېتىغا بىر يىللىق مەكتەپتە تۇرۇشلۇق يازغۇچىلىققا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ، بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جايدىكى يېڭى ئەدەبىيات ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىغان.
شۈ زىچىن ئەپەندى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ئېزدىنىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلەنگەن. 2013-يىلى ئۇنىڭ «ئېرۇسالىم» ناملىق رومانى نەشىر قىلىنىپ ئەدەبىيات ساھەسىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. بۇ ياش يازغۇچى بۇ پەۋقۇلادە ئېسىل يېزىلغان رومانىدا پىشقان يازغۇچىلارغا خاس روھ بىلەن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ روھىنى بەكلا ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن. بۇ رومان قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نېمىس،ئىنگېلىز، ياپون، گوللاند، موڭغۇل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەتئەللەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغان. جۇڭگودىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن يېڭى ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئون روماننىڭ بىرى، شۇ يىللىق خەنزۇ تىلىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ نادىر بەش روماننىڭ بىرى دېگەندەك شەرەپلەرگە نائىل بولغان بۇ رومان 2014-يىلى يەنە 4- نۆۋەتلىك لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، تىڭشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.بېيجىڭدا بۇ رومان ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلغان.
ئاپتۇرغا ئەمەس بەلكى ئەسەرگە قاراشنى، ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنى تاللاپ مۇكاپاتلاشنى ئۆز نىشانى قىلغان ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات تۈرى ھېسابلانغان لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ 4- نۆۋەتلىك نادىر رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۈ زىچىن ئەپەندى 4 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇكاپات تارىخىدا مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچى بولۇپ قالغان. (36 ياش)
2014- يىلى ئۇنىڭ «قاردىكى توسالغۇ» ناملىق ھېكايىسى 6- نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
شۇ زىچىن ئەپەندىنىڭ ياش تۇرۇپلا مۇشۇنداق شەرەپلەرگە نائىل بولۇشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا ئىزدىنىش روھىنىڭ، جاسارەتنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۈزۈكسىز تېرىشىش روھى ئۇنى ياش تۇرۇپلا مويەن، يۈخۇا، يەن لىيەنكې، بى فېييۈ قاتارلىق ئەدىبلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىدىغان ، دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدىكى ئەدىبكە ئايلاندۇرغان.
شۈ زىچىن ئەپەندىنىڭ بۇ خىل روھى بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە، ئۈلگە قىلىشىمىزغا، ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، ئىجادىيەتتە تەدبىقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
徐则臣主要作品
1.“耶路撒冷”(获第四届老舍文学奖)
2.“如果大雪封门” (获第六届鲁迅文学奖)
3.“跑步穿过中关村”(获美国钮曼文学奖)
4.“午夜之门”(获庄重文文学奖)
شۈ زىچىن ئەپەندىنىڭ «جۇڭگۇەن كەنتىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈش» ناملىق پوۋېسىتلار توپلىمى ئامىرىكىدا ئىنگېلىزچە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، نىيۇمەن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئىمزالىق سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئارىسىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشتۇر.(سىچۈەن يازغۇچىلار تورى ۋە يازغۇچى ئالەي ئەپەندىنىڭ بىلوگىدا بىرىلگەن خەۋەر)