يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1110|ئىنكاس: 18

جۇڭگو ئەدەبىياتىغا تاشلانغان بومبا- «ئېرۇسالىم» رومانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                       جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ روھى- شۈ زىچىن
                                        ئەھەدجان تۇردى
               134-14041Q5120c18.jpg                                
     2012-يىلى جۇڭگو ئەدەبىياتىدا «ئېرۇسالىم» ناملىق بىر كاتتا رومان بارلىققا كېلىپ، 1967-يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانى بارلىققا كېلىپ، پۈتكۈل لاتىن ئامىرىكىسىنى زېلزىلىگە سالغاندەكلا تەسىر قوزغاپ، پۈتكۈل جۇڭگونىڭ كۆزى بۇ يازغۇچىغا تىكىلدى. مانا بۇ 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلۇپ، ھازىرقى جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي قۇۋۋېتى، تەسەۋۋۇر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك يازغۇچى دەپ تەرىپلەنگەن شۈ زىچىن ئەپەندىدۇر.
  تالانىتلىق يازغۇچى شۈ زىچىن ئەپەندى 1978-يىلى تۇغۇلغان. يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.يېڭى كۈچلەرنى بايقاش، ئۇلارنى قوللاشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى قىلغان يادرولۇق يازغۇچى يەن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ بايقىشى ۋە قوللىشى بىلەن 2005-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزىقچىلىق ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئۈچ يىل سېستىمىلىق تەربىيە ئالغان. بۇ جەرياندا ئىجادىيەتتە تېز ئېلگىرىلەپ بىر تۈركۈم تەسىرى چوڭ ئەسەرلەرنى يازغان. مۇشۇ مەزگىللەردە يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «كېچىدىكى ئىشىك»، «كەچلىك پويىز» قاتارلىق رومانلىرى، «جوڭگۇەن كەنتىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈش»،«ئاھ، بېيجىڭ»، «تەڭرى ئادەملەر ئارىسىدا»، «يەنئەندە ئولتۇراقلىشىش»،«1987-يىلى»، «سەپەردە ئۆتكەن كۈنلەر» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. جۇڭگونىڭ ھەريىللىق پىروزا شەرەپ تاختىلىرىغا كۆپلىگەن ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئەدەبىيات ساھاسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان بۇ تالانىت ئېگىسى 2007- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى كۈچلەر ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، يەنە شۇ يىلى تەسەۋۋۇر كۇچلىرى يېڭى مۇكاپاتىغا، 2008- يىلى «كېچىدىكى ئىشىك» رومانى 6- نۆۋەتلىك خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى تاراتقۇلار چوڭ مۇكاپاتىغا، يەنە تەسەۋۋۇر كۈچلىرى يېڭى شەخىس مۇكاپاتىغا، 2009-يىلى 12- نۆۋەتلىك جۇاڭ جۇڭۋېن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، يەنە شۇ يىلى باھار ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتارلىق بىر قاتار تەسىرى بار مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.2011- يىلى ئۇنىڭ ئىككى رومانى 8- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
شۈ زىچىن ئەپەندى 2009- يىلى تورۇنتو ئۇنىۋېرسسىتېتىغا بىر يىللىق مەكتەپتە تۇرۇشلۇق يازغۇچىلىققا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ، بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جايدىكى يېڭى ئەدەبىيات ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىغان.
  شۈ زىچىن ئەپەندى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ئېزدىنىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلەنگەن. 2013-يىلى ئۇنىڭ «ئېرۇسالىم» ناملىق رومانى نەشىر قىلىنىپ ئەدەبىيات ساھەسىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. بۇ ياش يازغۇچى بۇ پەۋقۇلادە ئېسىل يېزىلغان رومانىدا پىشقان يازغۇچىلارغا خاس روھ بىلەن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ روھىنى بەكلا ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن. بۇ رومان قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نېمىس،ئىنگېلىز، ياپون، گوللاند، موڭغۇل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەتئەللەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغان. جۇڭگودىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن يېڭى ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئون روماننىڭ بىرى، شۇ يىللىق خەنزۇ تىلىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ نادىر بەش روماننىڭ بىرى دېگەندەك شەرەپلەرگە نائىل بولغان بۇ رومان 2014-يىلى يەنە 4- نۆۋەتلىك لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، تىڭشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.بېيجىڭدا بۇ رومان ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلغان.
  ئاپتۇرغا ئەمەس بەلكى ئەسەرگە قاراشنى، ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنى تاللاپ مۇكاپاتلاشنى ئۆز نىشانى قىلغان ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات تۈرى ھېسابلانغان لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ 4- نۆۋەتلىك نادىر رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۈ زىچىن ئەپەندى 4 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇكاپات تارىخىدا مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچى بولۇپ قالغان. (36 ياش)
  2014- يىلى ئۇنىڭ «قاردىكى توسالغۇ» ناملىق ھېكايىسى 6- نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
شۇ زىچىن ئەپەندىنىڭ ياش تۇرۇپلا مۇشۇنداق شەرەپلەرگە نائىل بولۇشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا ئىزدىنىش روھىنىڭ، جاسارەتنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۈزۈكسىز تېرىشىش روھى ئۇنى ياش تۇرۇپلا مويەن، يۈخۇا، يەن لىيەنكې، بى فېييۈ قاتارلىق ئەدىبلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىدىغان ، دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدىكى ئەدىبكە ئايلاندۇرغان.
  شۈ زىچىن ئەپەندىنىڭ بۇ خىل روھى بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە، ئۈلگە قىلىشىمىزغا، ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، ئىجادىيەتتە تەدبىقلىشىمىزغا  ئەرزىيدۇ.
徐则臣主要作品
1.“耶路撒冷”(获第四届老舍文学奖)
2.“如果大雪封门” (获第六届鲁迅文学奖)
3.“跑步穿过中关村”(获美国钮曼文学奖)
4.“午夜之门”(获庄重文文学奖)
شۈ زىچىن ئەپەندىنىڭ «جۇڭگۇەن كەنتىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈش» ناملىق پوۋېسىتلار توپلىمى ئامىرىكىدا ئىنگېلىزچە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، نىيۇمەن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئىمزالىق سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئارىسىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشتۇر.(سىچۈەن يازغۇچىلار تورى ۋە يازغۇچى ئالەي ئەپەندىنىڭ بىلوگىدا بىرىلگەن خەۋەر)

1f178a82b9014a9044b42364ab773912b21bee65.jpg

(ئەسكەرتىش: خەنزۇ تىلىدا ئەسەر كۆرەلەيدىغان تورداشلارنىڭ «ئېرۇسالىم» رومانىنى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن)



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-6 10:38:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى مويەننى بېسىپ چۈشكۈدەك،بۇ روماننى بولسا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بىز تېخى بىلمىگەن ئىشلارنىڭ قوۋۇقى ئېچىلسىكەن دەيمەن...

ۋاقتى: 2015-8-6 10:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىممەتلىق ئۇچۇرلار بىلەن بىزنى تەمىنلەپ كېلىۋاتىسىز. ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئىنىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-6 10:43  


ۋاقتى: 2015-8-6 10:46:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا،  بىز نېمىش قىلىپ يۈرگەندىمىز ؟؟!!

ۋاقتى: 2015-8-6 13:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يزغۇچىلار مۇنبىرىدە پىچەك يازمىلارنىڭ ئاپتۇرلىرىنى ماقتاپ يۇرگەندىمىز

ۋاقتى: 2015-8-6 18:10:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-8-6 10:46
توۋا،  بىز نېمىش قىلىپ يۈرگەندىمىز ؟؟!!

ئارىمىزدا مۇشۇنداق سۇئالنى ئۆز -ئۆزىدىن سورىيالىغانلار قانچىلىك باردۇ؟

ۋاقتى: 2015-8-6 18:48:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رۇمان تىزرەك ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى.«چوڭقۇرچاق»نىڭ ئىنكاسى ھەقىقەتەن مېنىڭ بۇ تېمىنى كۆرىۋىتىپ ئويلىغان ئويلىرىمنىڭ نەق ئۆزىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-6 19:03:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادمىن ئەپەندىم بۇ ماقالەمگە رەسىملەرنى قوشۇپ، ئۇچۇرلۇق قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپتۇ.
شۈ زىچىن ئەپەندنىڭ ئىككى پارچە نادىر ھېكايىسى ئېسىل ئەسەرلەرنى بايقاش ۋە ئۇلارنى تونۇشتۇرۇشنى ۋىجدانى بۇرچى قىلىپ كېلىۋاتقان يىتۈك تەرجىمانىمىز ياسىن سېيىت ئارچىن ئەپەندى تەرىپىدىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
1.«1987- يىلى» شۈ زىچىن «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6- سانى
2.«سەپەردە ئۆتكەن كۈنلەر» يۇقارقى ژۇرنالنىڭ 2014- يىللىق 3- سانىغا بېرىلگەن.

ۋاقتى: 2015-8-11 13:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraxan يوللىغان ۋاقتى  2015-8-6 10:38
يازغۇچى مويەننى بېسىپ چۈشكۈدەك،بۇ روماننى بولسا ئۇيغۇ ...

مويەننىڭ نەچچە پارچە كىتابىنى ئوقۇدۇم،لېكىن تا ھازىرغىچە ئۇنىڭغا زادى نىمە ئۈچۈن نوبىل مۇكاپاتى  بېرىلگەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم،مېنىڭچە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيۇن بار .

ۋاقتى: 2015-8-11 14:08:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىرۇستالدەك تۇرۇپ  دىگەن پوۋسىتىغا ئ‍ۇنىڭ ئ‍جادىيەتلىرىدىكى روھنىڭ جەۋھىرى سىڭگەن دەپ قارايمەن …

ۋاقتى: 2015-8-20 17:28:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن كاتتا رومانكەن. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قېرىنداشلار تەرجىمە قىلىپ چىققان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.

ۋاقتى: 2015-8-20 17:43:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغاي يوللىغان ۋاقتى  2015-8-11 14:08
خىرۇستالدەك تۇرۇپ  دىگەن پوۋسىتىغا ئ‍ۇنىڭ ئ‍جادىيەتلى ...

بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز، رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-8-21 00:54:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرەپ يوللىغان ۋاقتى  2015-08-20 17:43:08


بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى يوللاپ قويغا

ئ‍ەسلىدە مەن (خىرۇستالدەك قىزىل تۇرۇپ ) دېمەكچى ئ‍ىدىم .ئ‍ۇ ،مويەننىڭ پوۋسىتلار توپلىمى (قىزىل قوناقلىقتا ) غا كىرگۈزۈلگەن ئ‍ىكەن . توپلامنىڭ خەنزۇچە ئ‍ىسمى (红高粱) .ھېلىقى  پوۋېستنىڭ يەنە بىر ئ‍سمى ( سۈزۈك قىزىل تۇرۇپ ) .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-6 16:39:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARMAN يوللىغان ۋاقتى  2015-8-6 18:48
بۇ رۇمان تىزرەك ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى.«چ ...

«ئېروسالىم » رومانى كېلەر يىللىق پىلانغا ئېلىندى. كېلەر يىلى ئۇيغۇرچىسىنى كۆرىمىز. بۇ كىتاب بۇ نەچچە ئايدا يەنە ئۈچ تۈرلۈك كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-9-6 17:06:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سەپەردە ئۈتكەن كۈنلەر»نى ئوقۇغانتىم.بۇ ئەسەردە بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى كەچۈرمىشى بەك ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتىكەن.بەزى سۆز-جۈملىلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ،ئاستىغا سىزىۋالغانتىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش