كۆرۈش: 100|ئىنكاس: 3

چىغىر يوللاردىن داغدام يوللارغا(ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  657
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 239
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 16:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       چىغىر يوللاردىن داغدام يوللارغا
                            ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش
   مەن ناخشا مەستانىسى ئەمەس، ئەمما خەلق ناخشىلىرىنى، مەزمۇنى چوڭقۇر، مۇزىكىسى يېقىملىق ئامىباب ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.  ئۇرۇمچى شەھرىنىڭ 2007-يىللىق قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكنى كۆرۇپ بىر ناخشىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالىغان ئىدىم .ئاشۇ ناخشا ھازىرغىچە مەيلىمىنى تارتىپ تۇرىدۇ.بۇ ناخشا خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال ، قېرى-ياش ھەممەيللەن ناخشىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشا چولپانىمىز ئابدۇللا ئابدۇرھىم ئېيىتقان «چىغىر يول»نامىلىق ناخشىدۇر.بۇ ناخشىنىڭ قەلب تارىمنى چېكىشىدە ئىجراچىسى ئابدۇللا ئابدۇرھىمنىڭ رولى يوق دېسەم ،ئىجراچىغا تولىمۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلىغان بولىمەن.بەلكىم بۇ ناخشىنى باشقا بىرەيلەن  ئېيىتقان بولسا ماڭا ئۇنچىلىك سېھرىلىك تۇيۇلماس بولغىيتى.بۇ ناخشىنىڭ يېقىملىق،لىرىكىلىققا ئىگە مۇزىكىسى ۋە ئىجراچىسىنىڭ ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئۇرۇندىشىدىن باشقا ناخشىنىڭ تېمىسى،تېكىستى مېنىڭ تەپپەككۇرۇمنى غىدىقلاشقا سەۋەپ بولدى.مەندەك كىنىك قېنى سەھراغا تۆكۇلگەن،سەھرادا ئۆسۇپ يىتىلگەن،سەككىز يىل سەھرا باللىرىغا تەربىيىچى بولغان، سەھرادىكى چىغىر يولدا ئايىغى چىققان،ئاشۇ چىغىر يولنىڭ بوز توپىلىرىنى كىچىپ بۇگۇننىڭ مەنزىللىرىگە ئۇلاشقان سەھرا قىزىغا نىسبىتەن ئېيتقاندا چىغىر يول بىلمەيدىغان،قانداقلىقىغا ئالاھىدە ئىنتىلىدىغان يولمۇ ئەمەس. يۇقاپ كېتىۋاتقان ئاشۇ چىغىر يوللارنى داۋامىلىق ئەسلەپ تۇرغان بولساممۇ، راستىمنى ئېيىتقاندا ئۆگىنش، خىزمەت،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يېزامدىكى ئاشۇ چىغىر يولنىڭ جىسمىمغا قانچىلىك قۇۋەت،روھىمغا قانچىلىك مەدەت،ئادىمىلىكىمگە قانچىلىك خىسلەت ئاتا قىلغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقماپتىمەن.ھەتتا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە يوقىلىشى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىماپتىمەن. ئابدۇللا ئابدۇرھىمنىڭ مەزكۇر ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەھەللەمدىكى ئاشۇ چىغىر يوللاردا ئۆتكەن بالىلىق ۋاقتىمغا قايتقاندەك بولۇپ قالدىم.شۇندىلا بۇ يول ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.
ئېسىمنى بىلسەم مەھەللىمىزدىكى چوڭ يول تۇپىلىق يول ئىكەن.يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىشەك ھارۋىسىنىڭ مېڭىشىدىن تۇپىلار بېسىلىپ چىغىر يول تەبئى يۇسۇندا شەكىلىنىپ قالغانكەن. بىزنىڭ مەھەللىدە چوڭ يولدىن باشقا ئېتىزلىققا،جاڭگاللىققا ،مەكتەپكە بارىدىغان چىغىر يوللار كۆپ ئىدى.مەھەللىمىزدىكى باللىلار مەكتەپكە بېرىشتا چوڭ يول بىلەن ماڭساق كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن دەپ ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى چىغىر يول بىلەن ماڭاتتۇق.بۇ چىغىر يوللار ئېتىز بىلەن ئېتىزنىڭ ئارلىقىدىكى بىكار يەرلەردىن،قىرلاردىن ئۆتىدىغان بولغاچقا تىل –ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستىلەرنى  ئۈنلۇك ئوقۇپ  ماڭساق ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قېلىشاتتى.دەرسنى ئۆيدە تەكرارلاپ بولغان چاغلاردا بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ يۇرۇپ بىردەمدىلا مەكتەپكە بېرىپ قالاتتۇق.بۇ چىغىر يوللارنىڭ  تار يەرلىرىدە  ئېتىزلىققا ماڭغان،ئېتىزلىقتىن قايتقان چوڭلار بىلەن دۇقۇرشۇپ قالاتتۇق.بۇنداق چاغلاردا ئۇلارغا ئەدەپ بىلەن يول بۇشتىپ بەرسەك ،ئۇلار «ياخشى بالا بوپسەن»دەپ بىزدىن سۆيىنىپ بېشىمىزنى سىلاپ قۇياتتى.ئىشەك ھارۋىلىرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭساق «بالام ھارۋىغا چىقىۋېلىڭلار»دەپ ئىشەك ھارۋىغا چىقىرۋالاتتى.مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن قۇتاندىكى قوي،كالىلارنى ھەيدەپ ئاكىلىرىمىز جاڭگالغا ماڭسا بىزمۇ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭاتتۇق.مەھەللىدىكى پادا باقىدىغان بالىسى ياكى نەۋرىسى يوق بۇۋاي،مۇمايلار :«بالام مېنىڭ قويلىرىمنى پاداڭغا قوشىۋېلىپ باققاچ كەلگىن» دەپ بىرەر سويما، بىرەر چاڭگال گۇلە-قاق بىرىپ قويسا خۇشھال بولۇپ  كېتەتتۇق.قوي كالىلارنىڭ ئېتىزلىققا كىرىپ زىرائەتلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن پادىنىڭ ئالدىدا،ئىككى يېنىدا،ئارقىسىدا مەخسۇس ئادەم تۇرغۇزۇلغاچقا چوڭلار بىزدىن خاتىجەم بۇلاتتى.بىز جاڭگالدىن يانغىچە يامغۇر يېغىپ كەتسە ،چوڭلار خېلى بىر يەرلەرگىچە ئالدىمىزغا بېرىپ تېيىلغاق يوللاردا تېيىلىپ كېتىشىمىزدىن ئەنسىرەپ ھال- ئەھۋال سۇرايتى.كىچىك چاغلىرىمدا شەھەرگە قانچە قېتىم بارغىنىمنى بىلمەيمەن. شەھەر دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دېگەننى بىلگۇدەك ۋاقتىمدا يەنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىدىغان چاغدا ئىمتىھاننى شەھەردە بىرىدىغان بولغاچقا ،شەھەرگە كېلىپ كەڭ ئاسغالىت يوللارنى كۆرۈپ بىزنىڭ مەھەللىنىڭ يوللىرىدا تۇپا ئۆرلەپ تۇرسا ،شەھەرنىڭ يولىدا تۇپىدىن ئەسەرمۇ يوقكەن،ئەجەپ پاكىز يولكەن دېگەننى خىيال قىلساممۇ بۇ يوللاردا مېڭىۋاتقان ماشىنا ۋە ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئىچىم سىقىلىپ يەنىلا ئاشۇ تۇپىلىق، چىغىر يوللۇق سەھراغا كېتىشكە ئالدىرغىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە.مەن تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى شەھەردە ئوقىغان بولساممۇ ،يېزىغا خىزمەتكە ئۇرۇنلىشىپ شەھەرگە بىرەر خىزمەت بىلەن ياكى نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى كەلگەندە ئىشىمنى تىزراق بىجىرىپ ،ئالىدىغان نەرسەمنى تىزراق ئېلىپ سەھراغا كېتىشكە ئالدىراپلا كەلدىم.ھازىر شەھەردە خىزمەت قىلىۋاتقان بولساممۇ ئازىراق دەم ئېلىش پۇرسىتى بولسىلا ئاشۇ سەھراغا يۇگرەيمەن.
بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە بىزنىڭ مەھەللىمۇ ئۆزگەردى.ئىلگىرىكى چىغىر يولغا ئوخشايدىغان چوڭ يولغا ئاسغالىت ياتقۇزلۇپ شەھەرنىڭ يوللىرىغا ئۇخشاش يامغۇر ياغسا ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇق.مەكتەپكە ئارىلاپ بارىدىغان چىغىر يوللار ھازىر يوق.ئۇ يوللار ئېتىزلىققا قوشىۋىتلىدى ياكى بولمىسا سۇ سىڭمەس ئېرىق قىلىۋىتىلدى.بىز پادا باقىدىغان جاڭگاللىقلارمۇ بۇز يەرگە ئايلاندۇرلۇپ ئىنە-سىڭىللىرىمىز پادا باقىدىغان جاڭگالمۇ يوق ھېساپتا قالدى.
مەھەللىمىزدىكى چىغىر يولغا ئوخشايدىغان تۇپۇلۇق يول  ئاسغالىت يولغا ئايلىنىپ نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ،ئاتا-ئانىلار كىچىك باللىرىنىڭ ئاسغالىت يولغا چىقىپ ئويناپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى.گەرچە مەھەللىمىز يۇك ،يولۇچى تۇشۇيدىغان ئۇزۇن سەپەرلىك ماشىنا ،ئابتۇبۇسلار ماڭىدىغان يول بۇيىغا جايلاشمىغان بولسىمۇ ،مەھەللىمىزنىڭ يوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغاندىن بېرى ئىشەك ھارۋىسى ماڭىدىغان يولدا قاتنايدىغان مۇتۇسىكلىتلار، تىراكتۇرلار ،چوڭ-كىچىك ماشىنىلار كۇندىن كۇنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.مۇتۇسىكىلىت مىنگۇچىلەر خۇددى ئىشقا كېچىكىپ قېلىپ باشلىقىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئىشقا ئالدىراۋاتقان ئادەمدەك ،تىز بارمىسا سودىسى يوققا چىقىدىغان سودىگەردەك ئۇچقاندەك ماڭىدۇ. مۇتۇسىكىلىتنى بۇنداق تىز ھەيدىگۇچىلەرنىڭ كۆپۇنچىسى بىكار تەلەپ ياشلار.ئۇلار شۇنداق ھەيدەش ئارقلىق  ئۆزىنى باشقىلارغا نوچى قىلىپ كۆرسەتسە كېرەك.ئاسغالىت يول مەھەللىمىزدىكى ھەممە كىشىنى خۇشھال قىلغان بولسىمۇ ،مۇتۇسىكىلىت ۋە تىراكتۇر ھەيدىگۇچىلەرنىڭ «ئۇستات» لىقىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى.ئاسغالىت ياتقۇزۇلغىنىغا ئون يىل بولمىغان بولسىمۇ ،نۇرغۇن بالىلار ۋە چوڭلار بۇ يولدا مۇتۇسىكىلىت ۋە تىراكتۇرنىڭ چاقى ئاستىدا جان بەردى.مۇتۇسىكىلىت مىنگۇچىلەر ئۆز-ئارا بەسلىشپ چوڭ يولغا پاتماي ماڭغاچقا ئۆزلىنىلا ئەمەس ،باشقىلارنىمۇ نابۇت قىلىدى.ھازىر مەكتەپتىن يانىغان ئۇششاق بالىلار تىراكتۇرغا چىقىۋېلىش مەقسىتىدە تىراكتۇرنىڭ كەيننى تۇتۇپ يۇگۇرسە ،تىراكتۇر ئىگسىنىڭ شەپقىتىگە ئىرشمەستىن «ھوي ،شۇمتەك تىراكتۇرنى تۇتما ،ھېلى بىكار يىقىلىپ ماڭا ئىش  تېرىپ بىرىسەن .ئۇچاغدا ئۆلىكىڭنى ساتىدۇ ئاتا-ئاناڭ »دېگەندەك سەت تىللىرىغا ئىرىشىدۇ.بىز بالا ۋاقتىمىزدا چىغىر يولنى بۇيلاپ ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە كېلىپ ئويناپ ئۇساپ كەتسەك،بىرەر ئۆيگە كىرىپ ئۇسسۇزلۇق سورىساق(ئېرىقتا سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرسىمۇ ئىسىپ كەتكەچكە ئۇسسۇزلۇقنى باسالمايتى)  ،كۇپتىن مۇزدەك بىر نۇگاي سۇ بىرىپ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىمىزنى سۇرايتى.بىزنىڭ بۇ مەھەللىدىن ئەمەسلىكىمىزنى بىلىپ «قۇرسىقىڭلار ئاچقاندۇ»دەپ قولىمىزغا نان تۇتقۇزۇپ قۇياتتى.ھازىر يول بۇيىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقانلار «ئۇساپ كەتكەن ،بىر چۇمۇچ سۇ بەرگەن بۇلسىڭىز»دېيىشتىن خىجىل بولىدىغان بولۇپ قالدۇق.ھەممە نەرسە مەنپەتكە تاقلىدىغان بۇگۇنكى كۇندە «بىزگىمۇ سۇ بىكارغا كەلمەيدۇ.ئۇسىغان بولسىڭىز دۇقمۇشتىكى دۇككاندىن چۇكا مۇز ياكى مىنرال سۇ ئېلىپ ئۇسسۇزلىقڭىزنى قاندۇرۇڭ»دەپ قالارمۇ دەپ ئۆزىمىزچە ئەندىشە قىلىمىز.
  بۇرۇن چىغىر يولدا بىرسىنىڭ ھارۋىسى بۇزۇلۇپ قالسا ياكى پاتقاققا پېتىپ قالسا ،يولدىن ئۆتىۋاتقانلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاتقاقتىن چىقىرىشىپ بىرەتتى.ھازىر يول بۇيىدىكى ئېرىققا ھارۋا كىرىپ كېتىپ ئۆڭتۇرلۇپ كەتسە ئون ئادەمنىڭ تۇققۇزى خالىسانە ياردەم قىلىشنى خالىمايدۇ.بۇ بىر ئاۋارچىلىق دەپ قارايدۇ.ئەگەر پۇل بىرىدىغانلىقىنى ئېيتسا دەرھال يەڭنى تۇرۇپ ئىشقا چۇشۇپ كېتىدۇ.
  بۇرۇن بىرەرى مەھەللىدىكى بىرەيللەننىڭ ئۆينى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ،شۇ ئۆيگە قانداق بارىدىغانلىقىنى سۇراپ قالسا ،ئۇ كىشى بۇ يۇرتقا ناتۇنۇش ،ياققا يۇرتتا تەمتىرەپ قالمىسۇن دەپ  ئۇ كىشىنى باشلاپ چىغىر يوللارنى بېسىپ مەنزىلگە ئاپىرىپ قويدىغان ئىش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.ھازىر ئۇنداق يول ،ئۆي سۇراپ كىرگۇچىلەرگە ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭسىڭىز تاپالايسىز دەپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋىرىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق.ئاڭلىسام بەزىلەر بۇنداق يول،ئۆي سۇرىغانلاردىن ھەق ئېلىپ ئۆزى ئىزدىگەن يول،ئۆينىڭ قەيەردىلىكىنى دەپ بىرىدىغان ھەقلىق مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىپتىمىش. ھەتتا بىرەيللەن ئۆي سۇرىغۇچىغا:«ھازىر قايسى ۋاقىت ،بىر ئادەمدىن مەن پالانى ئۆينى تاپالمايۋاتىمەن دېگەنمۇ ئىشمۇ؟ئۆي ئىگىسىگە تېلفۇن قىلسىلا ئاسانلىشىدىغان ئىشقا ئۆزى ئاۋارە بولغىنى يەتمىگەندەك ،باشقىلارنى ئاۋارەقىلىپ سۇراپ يۇرگەن قانداق ئىش؟قاچانغىچە كۇنا يولدا مېڭىۋىرىمىز؟» دەپ خاپا بولۇپ كەتكەن.
  ئۆتمۇشتە ئاتا-بوۋللىرىمىز چىغىر يوللاردا ئالتۇن كۇلدۇرمىلارنى ياڭرىتىپ يىراق ئەللەرگە بېرىپ قەدىمكى يىپەك يولىنى ئېچىپ ،خەلقىمىز بىلەن خەلقلەرنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ كەپتىكەن.ھازىر مەھەللىمىزنىڭ يولى مەيلى شەر*ق ،مەيلى غەرىپ تەرەپتە بولسۇن دۆلەت يولىغا تۇتاشتۇرۇلدى.بۇ يول ئارقلىق ھەممە يەرگە بارغىلى بولىدۇ.ئەمما بۇ يولدا ئىلگىرىكى چىغىر يولدا ئىرىشىدىغان خۇشھاللىق، مېھرىبانلىق تولىمۇ كەم.
    مەن تۇگەپ كېتىۋاتقان چىغىر يول بىلەن زامانىۋى ئاسفالىت يولنى سېلىشتۇرۇپ نېمىلەرگە ئېرىشىپ ،نېمىلەرنى يۇقىتىۋاتقانلىقىمىزنى خىيال قىلىپ بەزىلەرگە چىغىر يولنىڭ تۇگەپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان ئېچىنىش ھېسياتىمنى ئوتتۇرغا قويسام،ئۇلار :«مۇشۇنداق داغدام يولدا ماڭماي،شۇ تار،تۇپلۇق چىغىر يولدا مېڭىشنىڭ خەقىشىنى قىلغاندىكىن سىزنى قانداقمۇ تەربىيە كۆرگەن ئاڭلىق ئادەم دېگىلى بولسۇن»دەپ ئەيىپلەپ كېتىشتى.ئۇلار مېنىڭ چىغىر يولغا سىڭگەن روھىمىزنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىمنى بىلمىگەچكە شۇنداق دەيدىغانلىقى ئېنىق.مەن«بىزگە چىغىر يول كېرەك» دەپ ئاسغالىت يولدا مېڭىشتىن ۋاز كېچىدىغانلاردىن ئەمەس.ئەمما مېنىڭ ئەپسۇسلىندىغىنىم چىغىر يولدىكى ئادىملىك روھنىڭ داغدام يول دەۋرىدە سۇسلاپ كېتىشىدۇر.
  بۇرۇن چىغىر يول تار بولغىنى بىلەن كىشلەرنىڭ قەلبى دەريا ئىدى.شۇڭا بۇ يولدا ماڭغۇچىلار بىر-بىرىگە يول بىرىشەتتى.ئۆز-ئارا مېھرىبانلىق يەتكۇزشەتتى.ئۇ يولدا خاتىرجەم ماڭالايتى.ھازىرقى يوللار كەڭ بولغىنى بىلەن ئادەملەرنىڭ قەلبى «تار»لىشىپ كەتكەچكە بۇ يولدا ماڭغۇچىلار قارشى تەرەپتىن ئېھتىيات قىلمىسا ئۇڭايلا پىشكەنلىككە ئۇچىرايدۇ.بۇ يولدا خىيال سۇرۇپ ،ئۆز ئەركىچە مېڭىش يەتتە قات ئاسماننىڭ يىراقلىقىدىكى  ئىش.
بۇرۇنقى چىغىر يول تۇپىلىق بولغىنى بىلەن كىشلەر تۇپىنىڭ پاكلىقى بىلەن قەلبىنى سۇغۇرۇپ تۇرغاچقا روھى پاك كىشلەردىن بولۇپ كەلگەن.تۇپىلىق يولدا مېڭىپ ئۇستىۋېشى تۇپا بولۇپ كەتسىمۇ، قەلبىنى چاڭ باسمىغاچقا ئىش-ھەركىتتە دۇرۇس ، كىشلىك مۇناسىۋەتتە ئاق كۆڭۇل،مېھرىبان بولۇپ ،كىشلىك قەدرى-قىممىتىنى يۇقاتماي ياشاپ كەلگەن ئىدى.ھازىر يوللار پاكىز بولغىنى بىلەن بىزنىڭ مېڭىۋاتقان يولىمىزدا پاسكىنىلىقلار ماڭدامدا بىر ئۇچىرىماقتا.
  ئويلاپ باقسام بىز تەرققىي قىلىپ چىغىر يوللارنى ئۆزگەرتىپ زامانغا خاس قىلىپ ياساپتۇق.«تەرەققىي قىلاي دېسەڭ يول ياسا»دېگەن قاراشنى مۇھىم بىلىپ ئۆزىمىز ماڭىدىغان يول ئۇستىدە كۆپ ئىزدىنىپتۇق.چىغىر يوللار ئاسفالىت يولغا،يۇقىرى سۇرئەتلىك يوللارغا تەرققي قىلىپتۇ.ئەمما قەلب يولىمىز ئەكسىچە تەرققىي قىلىۋېتىپتۇ.
چىغىر يول قارىماققا تار،تۇپىلىق كۆرۈمسىز ،پاتقاق بولغىنى بىلەن بۇ يولدىكى ئادەملەرنىڭ قەلبى ئۆز-ئارا تۇتاش ئىدى. شۇڭا ئۇلاردا «ھاجەتمەننىڭ ھاجتىدىن چىقىش»نى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلدىغان ئاڭ ئۇستۇنلۇكنى ئىگەنلەيتى. ئۇرۇق- تۇققان، دۇست-بۇرادەرلەرنىڭ ئارلىقى يىراق بولسىمۇ ،دىلى بىر بولغاچقا بىر نىيەتتە بولۇپ ئۇملۇك،ئىناقلىق مارشىنى توۋلاپ ھاياتنىڭ خۇشھاللىقىدىن بەھىر ئېلىپ كەلگەن.بىر-بىرىنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىپ ،يول كۆرسىتىشىپ ،قول تۇتۇشۇپ تۇختىماي ئالغا ئىلگىرلەپ كەلگەن. بۇگۇنكى كۇندە يوللار كېڭەيگەنسىرى كەنىت بىلەن كەنىت،يېزا بىلەن شەھەر ،دۆلەت بىلەن دۆلەت تۇتاشقانسرى كىشلەرنىڭ قەلبى تېخىمۇ كېڭىيىىپ ،ئۆز –ئارا تۇتۇشۇپ كەتمەستىن تارچىلىق،ئۇزۇكچىلىك كۆرۇلۇپ  شەخسىيەتچىلىك،مەنپەتپەرەسلىك،پەزىلەتسىزلىك خاھىشى ئەۋىج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.ماددى يول بىلەن روھى يول تەرەققىيات جەھەتتە تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.خەلقىمىز ئارىسىدا «يول،كۆۋرۇك ياساش ئىماننىڭ جۇملىسىدىن »دەيدىغان گەپ بار.بىز ماددى يولدىن بەكىرەك مەنىۋى يولغا مۇھتاجمىز.مەنىۋى يول كۆپەيسە ،داغداملاشسا ئاندىن ماددى  يولنىڭ سۇپىتى،دەرىجىسى ئۇسىدىغان يېڭى كەشپىيات بارىلىققا كېلىدۇ.دانالار «يول ئىنسانلارنىڭ مېڭىشىدىن ھاسىل بولغان»دەپ قارايدۇ.ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئىزىدىن چىغىر يول ھاسىل بولغان.شۇنىڭ ئۇچۇن چىغىر يول داغدام يولنىڭ ئانىسىدۇر.چىغىر يول ئادەملەرگە ئادىملىك روھ ئاتا قىلغان،ئادىملىك خىسلەت يىتلدۇرگەن، ھاياتلىق يولىنىڭ قايسى ئېقىنىدا ئاقسا مەنزىلگە مۇۋاپىقىيەتلىك ،خۇشھاللىق ئىلىكىدە بارالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان «ئۇستاز»دۇر.چىغىر يولنىڭ كۇچ قۇدۇرىتى،ئىلھامى بىلەن ئاسفالىتلىق داغدام يوللار بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان. بىزدىكى يېقىن تۇرۇپ بىر-بىرىمىزنىڭ ھالىغا يەتمەسىلىك،قىز-يىگىتلەرنىڭ كۇيىشىپ تۇرۇپ بەدەل تۆلىيەلمەي مۇھەببەتتىن مەھرۇم قېلىشى،ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھى «بۇران-چاپقۇن»لارغا بەرداشلىق بىرەلمەي كىرزىسقا دۇچ كېلىشى،ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ مەنپەتنى دەپ ياتلىشىپ كېتىشى  ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى بىلمىگەنلىكتىندۇر.ئادەم ئۇچۇن ئادىملىك يولدىن مەھرۇم قېلىشتنمۇ چوڭ مەغلۇبىيەت يوق. ئادىملىك يول ئائىلە،مەكتەپ،جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەمكارلىششى ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ.ئائىلىنىڭ مەكتەپكە، مەكتەپنىڭ جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويۇشى ئەۋلادلارنىڭ ئادىملىك يولىدىكى ھولىنىڭ پۇختا بېسىلماسلىقىنى  كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ-دە،ھايۋان كەبى ئادەملەر بارىلىققا كېلىدۇ.ئادىملىك يولنىڭ داغداملىقى شۇ ئادەمنىڭ ئىمانى،ئىتىقادى،پاكلىقى، مەرىپەتپەرۋەرلىكى، مېھرىبانلىقى، سەزگۇرلىكى،چىدامچانلىقىغا باغلىق.
چىغىر يول –تارىخ،داغدام يول بۇگۇن ۋە ئەتىدۇر.چىغىر يول- زامانىۋى كىشلەرنىڭ  كەيگۇسى كەلمەيدىغان  مازلىرى چىقىپ كەتكەن ئەسكى چاپاندۇر.ئۇ كۆرۇمسىز بولغىنى بىلەن بۇران-چاپقۇندىن ھەقىقي ساقلايدىغان چاپان.ئەشۇ ئەسكى چاپان بىلەن ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان.زامانىۋى كىشلەرنىڭ نەزىرىدە چىغىر يول نادانلىقنىڭ ،خۇراپاتلىقنىڭ ،قالاقلىقنىڭ بەلگىسى.بىز بۇنىڭلىق بىلەن مەخمۇت قەشقىرىدەك بۇيۇك زاتلارنى ،ئالىملارنى نادانلىقتا، قالاقلىقتا ياشىغان دېسەك تولىمۇ ئەقىلسىزلىق قىلغان بولىمىز.كىم ئۇلۇغ بوۋىمىز مەخمۇت قەشقىرىنى تۈر*ۈك قەۋەملىرىنىڭ تىل لۇغىتىنى تۇزۇشتە چىغىر يولدا ماڭماي يېزا-قىشلاقلارنى كەزگەن دىيەلەيدۇ.مەخمۇت قەشقىرى باشچىلىقىدىكى ئالىم، ئەدىبلەر، شائىرلار ئەشۇ چىغىر يوللاردىن مەرىپەت يولىغا،كەشپىيات يولىغا،بۇيۇكلۇك يولىغا،ھەقىقىي ئادىملىك يولغا تۇتاشقان.چىغىر يول ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇشھاللىقى ،تىرىشچانلىقى سىڭگەن «ئىجادىيەت».  مەدەنىيەتكە،پەزىلەتكە ،چىن ئىنسانى خىسلەتكە ھامىلدار قىلغۇچى «ئۇرۇق»تۇر.چىغىر يول ئۆتمۇشكە تەۋە «كان»،ئەمما بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە قېزىشقا ئەرزىيدىغان «بايلىق»تۇر.«مەدەنىيەتلىك »ئادەملەر ئۇچۇن چىغىر يول ئىپتىدائى جەمئىيەتكە مەنسۇپ، ھېچقانداق قىممىتى يوق نەرسە.ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش،ئۇنىڭدا مېڭىش قاباھەتلىك چۇش كۆرگەندەك قۇرقۇنىچلىق تۇيىلىدۇ.بۇ خۇددى ئادەمنىڭ بۇۋاق ۋاقتىدا بۇشۇكتە يېتىپ چوڭ بۇلىۋېلىپ كېيىنكى كۇنلۇكتە بۇشۇكنى ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى ،تەپەككۇرىنى بۇغىدىغان «قاتىل»دەپ ئەيىپلىگەنگە ئۇخشاش گەپ.
داغدام يول-سائادەت يولى،مەرىپەت يولى،پەزىلەت يولىدۇر.ئەمما بۇ سۇيۇملۇك يولدىكى ئادەملەر تەرەققىياتنىڭ ھارام تۇغۇندىلىرىنى ئۆزىگە «ھەمراھ»قىلىۋالغانلىقتىن يوللار چىرايلىق،ئادەملەر سەت كۆرىنۋاتىدۇ.ئەسلىدە يولدا گۇناھ يوق،ئادەملەرنىڭ بۇ يولدا باسقان قەدىمىنىڭ ھالال-ھارام، ياخشى-يامان بولۇشى ھەممىنى بەلگۇلەيدۇ.بىز ئەمدىلىكتە چىغىر يول بىلەن داغدام يولنىڭ بىر-بىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئىنكار قىلساق تارىختىن،ئەجدادلارنىڭ باسقان ئىزىدىن تانغانلىق بولىمىز.«تارىخ چۆكمە ھالەتتىكى ئۇچۇردىن ئىبارەت.تارىخ –ئۆز ئىزنالىرى،تامغا-  بەلگۇللىرى، سېگىنال،سىمۋول،ئوبراز،يالداما ۋە يادىكارلىقنى ۋاقىت دەرياسىغا چۆكتۇرگەن ئۆتمۇش بولۇپ، تارىخنىڭ بۇ يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ ماددىلاشقان ئۇچۇر مۇزىيىدۇر» (ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن)چىغىر يول بىزگە ئەينى دەۋىردىكى نۇرغۇن ئىشلاردىن ئۇچۇر بىرىدىغان مەنبەدۇر.بىز چىغىر يولنىڭ ئەجدادلارغا ئاتا قىلغان ئىلھامى ،يىتلدۇرگەن روھى،پىسخىكىسىغا نەزەر سېلىپ ئۆگىنىشكە تىگىشلىك ئادەم بولۇشنىڭ بارلىق ئىلمىنتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قۇبۇل قىلايلى. داغدام يولدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. داغدام يولدا مېڭىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئادەملەر ئەمەس.بۇ يولدا مېڭىۋاتقانلارغا يۇكسەك سەزگۇرلۇك بىلەن قارىغاندىلا ئاندىن بىز ھەۋەس قىلغۇدەك،ئۆلگە ئالغۇدەك ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بايقىيالايمىز.بولمىسا دۇشمەنگە ئۇچىرايمىز.ھازىر  بىز ماڭىدىغان چىغىر يول ئازلاپ كەتتى . ئەمما بىزدە «چىغىر» يول روھى بولۇشى كېرەك.چىغىر يول روھى داغدام يولدا بىزنىڭ بولغۇنىپ كېتىشىمىزدىن ساقلايدىغان «ئەپسۇن چەمبىرىكى»دۇر.دۇنيا تەرەققي قىلىۋاتىدۇ.يوللار بارغانسىرى داغداملىشىۋاتىدۇ.  بىزمۇ داغدام يولدا ئىمانىمىز، پەزىلىتىمىز،ئىزدىنشچانلىق روھىمىز بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيلى. شۇندىلا ئادىملىك خىسلىتىمىز يۇقالمايدۇ.
(ئاپتۇر :ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئانىقىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 16:33  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 782
تۆھپە : 1
توردا: 320
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 07:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىقىزنىڭ تەپەكۇرنىڭ نۇرۇلۇنۇپ تۇرۇشىنى، تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
بۇ ماقالىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 278
تۆھپە : 2
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 08:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىقىز خانىمنىڭ بۇ ماقالىسى ماڭا بەك ياقتى.كىچىك چاغلىرىمىزدا يۇرتقا بارغاندا مەھەللىدىكى چىغىر يوللاردا بەكمۇ كۆڭۈللكۈك ئوينايدىغان، مانا ھازىر يۇرتلاردىكى بۇ يوللارمۇ ئۆزگىرىپتۇ.....ئىلگىركىدىن چىرايلىق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا شۇ توپىلىق يوللارنى سېغىنىپ قالىمەن..
ئانىقىز خانىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1334
تۆھپە : 18
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 09:34:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇنكى بو داغدام يول،
چىغىر يولدىن باشلانغان.
بىز تىككەن شو كۆچەتلەر،
بوستانلىققا ئايلانغان.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش