كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 0

مامۇتجاننى ئەسلەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 169
تۆھپە : 12
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 17:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مامۇتجاننى ئەسلەيمەن
(ئەسلىمە)
ئەزىز ئەيسا
2002  -ﻳﯩﻠﻰ 4.ﯪﻳﻨﯩﯔ 1.ﻛﯘﻧﻰ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﯪﻗﺴﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ قارا قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقىدىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ،  ﯰﻟﯘﻕ تەبىئەتنىڭ سېخى مەرھىمىتى بولغان ھەممە يەر رەڭگا-رەڭ گۈل چىچەكلەرگە تولغان ،قۇشلار،بۇلبۇلار باھار ئىشقىدا بەس-بەستە ناۋا قىلىشىپ ئىللىق     ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺷﺎﺗلىغىغا چۆمگەن  ،قەلىپلەرگە ﻳﯧﯖﻰ ﯻﻠﻬﺎﻡ ،يېڭى ئىشەنچ كۈچ ئاتا قىلىدىغان گۈزەل باھار پەيزىدىن  ھۇزۇرلانماقتا ئىدى . ﯬﻣﻤﺎ خۇددى  كۈندۈزنىڭ كىچىسى باھارنىڭ جۇدىنى بولغاندەك ﺷﯘ ﻛﯘﻧﻰ ﭼﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ تۇيۇقسىز ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯘﻡ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ پۈتۈن ئاقسۇ خەلقى ئۈچۈن  ﺷﺎﺗﻠﯩﻖ  ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﯻﺰﯨﻐﺎ  ﻗﺎﻳﻐﯘ..  ﻣﯘﺳﯘﺑﻪﺕ ... ھەسرەت ﯪﻟﻤﺎﺷﺘﻰ . ﻳﻪﻧﻰ ﯪﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ  ﻗﯧﺮﻯ ﻳﺎﺵ ﯬﺭ ﯪﻳﺎﻝ ...ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ  ﻫﻪﻣﻤﻪ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ  ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ  چىن كۆڭلىدىن ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﺩﺍﯻﻢ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ،يىتىم يېسىر ،غېرىب غۇرۋانىڭ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ  كەمتەر، چىقىشقاق، ﯻﻠﯩﻢ ﺧﯘﻣﺎﺭ ئالتۇندەك ئېسىل پەزىلەتلىك   ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ-ﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ساخاۋەتچى  ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ  ﻣﺎﻣﯘﺗﺠﺎﻥ  ﯬﭘﻪﻧﺪﻯ  ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ  ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ  ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯻﻐﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﯰﭼﺮﺍﭖ  ﯪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﻪﻥ ﯻﺪﻯ .. شۇ كۈنى   مەرھۇم ﻣﺎﻣﯘﺗﺠﺎﻥ ﯬﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ  ﯪﻗﺴﯘ دولان دەرياسى بۇيىدىكى   ﻗﻮﺭﻭ ﯻﭽﻰ،سىرتى،قورو ئالدىدىكى تاركۇچا ،تاركۇچىغا تۇتىشىدىغان چوڭ  ﻳﻮﻝ تامام مەرھۇم مامۇتجاننىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى ئۈچۈن يىغىلىشقان  چىرايدىن مۇسىبەت  قايغۇسى بالقىپ تۇرۇشقان ﯪﺩﻩﻡ  ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ  ﯪﻳﻼﻧغان ئىدى  ..ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ چەكسىز ئازاب ئىچىدە  ﻳﯘﻡ-ﻳﯘﻡ  ﻳﯩﻐلىشاتتى ...ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﺸﯩﭗ  ﻛﻮﺭ ﯬﺟﻪﻟﮕﻪ مىڭ مەرتە ﻟﻪﻧﻪﺗﻠﻪﺭ  ﯰﻗﯘﺷاتتى ..ﺑﻪﺯﻯ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭ  ﻫﯘﺷﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺗﯘشۇپ يىقىلاتتى... يەنە بۇ نامازغا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جەنۇپ شىمالىدىكى  ھەرقايسى جايلاردىن مامۇتجاننىڭ يېقىن ،ئەل ئاغىينىلىرى ،رەھبەرلەر، ئىچكۈيەرلىرى ،ئىلىم سۈيەرلەر ،كارخانىچى، يازغۇچى،شائىرلار، ناخشىچىلار... ئۇزۇن يول يۈرۈشۈپ ئاتايىن كېلىپ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چۇڭقۇر قايغۇ ھىسسىياتى بىلدۈرۈشتى .
ﺷﯘ ﻛﯘﻧﻰ ﺩﻭﻻﻥ  ﯮﺳﺘﯩﯖﯩﺪﯨﻦ  ﯪﻗﻘﯩﻨﻰ  ﺳﯘ  ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﯪﭼﭽﯩﻖ ھەسرەت ،داغلانغان يۈرەكلەردىن  سىرغىپ ئېقىۋاتقان ھىجران يېشى  بولدى
ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻣﺎﻣﯘﺗﺠﺎﻥ  ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ  ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯻﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ  ﯮﻏﻼﻥ ﯻﺪﻯ .ئۇ ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىكى شۇ تار قىسلاڭ يىللاردا تۈزۈك ئۇقۇش، ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئىسلاھات باھارىدىن كىيىنكى بازار ئىگىلىگى سىياسىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ ئىخدىسادى جەھەتتىن يۈكسۈلۈش پۈرسىتىگە ئىرىشىپ قۇرۇق قول بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشىپ ،ھەرقانداق خېيىم خەتەر جاپا مۇشەققەت ئالدىدىكى ئىگىلمەس سۇنماس قەيسەر روھى،ئۈزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلەپ ئاققۇزغان ھىساپسىز ھالال تەر بەدىلى  ، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەقىل پاراسىتى ،سودىدىكى ئادىللىغى  ئادىمىلىكنى،پاك- ھالالىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيىدىغان پاك ئەخلاقى پەزىلىتى ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئاكتىپ سەمىمى كارخانا ئىستىلى  بەدىلىگە ئاخىرى چوڭ تىپتىكى كۈلەملەشكەن يۈرۈشلەشكەن پاختا پىششقلاش زاۋۇدىنى قۇرغان ھەم  ئاقسۇدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنەۋۋەر كارخانىچىغا ئايلانغان .ئۇ بېيىغاندىن كىيىن ئەڭ ئالدى بىلەن  خەلقىمىز ۋە ۋەتىنىمنىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كىلەچىگىنى ئويلىدى. رىئال تۇرمۇشتىكى ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ-ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻳﯧﺴﯩﺮﻻﺭنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان غەم-غۇسسىز تۇرمۇشىنى ،دېھقانلارنىڭ تىزراق ھاللىق تۇرمۇشقا يىتىشىنى   ،مائارىپ ۋە  ئىلىم پەن ئەدەبى ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئويلىدى...  شۇنىڭ بىلەن مەرھۇم مامۇتجان  ئۆز يېنىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ ،يىتىم يۇرتى ئاۋات ناھىسىدىكى ،ئاقسۇ شەھەر تەۋەسى ۋە ئاقسۇ شەھەر ئىگەرچى يېزىسىدىكى يىتىم يېسىرلارغا ھەر جەھەتلەردىن ئوخشاشا بولمىغان ھالدىكى قەرەللىك،قەرەلسىز  ياردەملەرنى كۆرسەتتى ،شەھرىمىزدىكى 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مىللى مەكتەپلەردە مەخسۇس يىتىم بالىلار،قىزلار سىنىپى قاتارلىق ياردەم بىرىش نىشانلىرىنى تۇرغۇزۇپ ئىخدىسات ئامىلى تۈپەيلى ئۇقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ مۇقىم ئۇقۇش ئىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى..ئاۋات بېشىرىق قاتارلىق يېزىلاردىكى دىغانلارنىڭ يول كۆبرۇك جەھەتتىكى قىيىنچىلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا  مەخسۇس قارىماي يول ۋە بىتون كۆبرۈك ياساپ بەردى  .ﯰ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەقققىياتىنى تىشرەك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن 500000 يۈئەن  پۇل چىقىرىپ فۇند تۇرغۇزۇپ، ۋە ھەريىلى ئەللىك مىڭيۈئەن پۇل چىقىرىپ دۆلىتىمىز بۇيۇنچە تۇنجى يۇقىرى سۇمملىق مۇكاپات  بولغان  <<ﮔﯜﻟﺰﺍﺭ  ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>>ﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ  ﻗﯩﻠﯩﭗ، رايۇنىمىزدا باش بۇلۇپ ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شەخسىلەر ئۆزيېنىدىن پۇل چىقىرىپ مۇكاپات تەسىىس قىلىپ خەلقىمىز ئىچىدە ئۆز ئارا ياردەم بىردىغان ،ھەر ساھە ،ھەركەسىپلەر ئۆز ئارا يۈلەكداش بولۇپ ئورتاق تەرەققى قىلىشنى مەخسەت قىلغان ھەقىقى تۇردىكى  ئىلغار يېڭى دەۋر كىشىلىرىدە بۇلۇشقا تېگىشلىك ئېسىل روھى قىياپىتىنى ئىپادىلەپ بەردى .ھەم يۇقارقىلاردەك ئۈزىنىڭ ئالىجاناپ پازىلىتى ،مەرت مەردانە ساخاۋىتى بىلەن بىزگە زادى نىمىنىڭ  ئىلىم سۈيەرلىك،خەلىق پەرۋەرلىك، خەلىققە ئەل يۇرتقا ھەقىقى سادىقلىق ،نىمىنىڭ سەمىمىلىك ،ساپ گۈزەل كىشىلىك دۇنيا قىممەت قارىشى ئىكەنلىگىنى ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن بىلدۈرگەن ئىىدى  ... ﯬﭘﺴﯘﺱ ..!!! تەقدىر ياخشىلار ئۈچۈن ھەمىشە مۇشۇنداق تەتۈر قارامدىكىن ؟..   شۇ كۇنىدىكى نامازدا مەرھۇمنىڭ تاۋۇتىنى تۆت كىلومىتىردىن ئارتۇق يولدا بېشىمىزغا دىگۈدەك ئېلىپ،    2000ﺩﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﯪﺩﻩﻡ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﻐﯘ  ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ،يىغا-ﺯﺍﺭ  ﯻﭽﯩﺪﻩ    ﺩﯨﮕﯘﺩﻩﻙ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﯸﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ مەرھۇمنى ﯰﺯﺍﺗﺘﯘﻕ ! ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻣﺎﯕﺎ يېشى 70 ﺘﯩﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ  ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻡ  مائارىپچى  ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ<< ﯪﻗﺴﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﯬﺳﯩﺮﺩﻩ ﯻﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﯪﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ  ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭ  ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ  ﭼﻮﯓ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﻮﻟﺪﻯ   ﺑﯩﺮﻯ 1952.ﻳﯩﻠﻰ (؟)ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ئوت يۈرەك ﺷﺎﯻﺮ ﺟﻪﺳﯘﺭ  ﯮﻏﻼﻥ  ﻝ.ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ  ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺭﻩﺯﯨﻞ  ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺟﺎﻟﻼﺗﻠﯩﺮﻯ  ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻣﯜﯞﻩﺗﻜﻪﻥ  ﭼﻮﺷﻘﺎ ﻗﻮﺗﯩﻨﯩﺪﯨﻦ   ﻗﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﯰﺯﯗﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ  ..شۇ چاغدىمۇ پۈتۈن ئاقسۇ ناھىيە بازىرى يىغا-زارە قىلىشىۋاتقان ئادەملەر دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﺎ  ﺑﯘ مەرھۇم مامتجاننىڭ نامىزى  ... >>شۇنداق ! ﯬلنى ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﻨﻰ  ﯬﻟﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ،سۈيىدۇ ، ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ  ﯸﻠﯩﭗ  ﻛﯘﺗﯘﺭﯨﺪﯗ …!!ﯬﻟﻨﻰ ﺳﻮﻳﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ئەل ﯬﺯﯨﺰﻟﻪﻳﺪﯗ  ﻣﻪﯕﮕﯘ ﯰﻧﺘﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!! ۋە بۇنداق ئالىجاناپ ئىسىل روھ يۈرەكلەردىن يۈرەكلەرگە تۈتۈشۈپ  كىيىنكىلەر بۇ يولنى مەڭگۇ داۋام ئەتمەكتە… مۇنداقچە ئېيتقاندا مەرھۇم مامۇتجان يېقىپ بەرگەن بۇ مۇكاپات مەشئىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەخمەت جان ئابلانىڭ قۇلىغا ،ئۇنىڭدىن كېيىن گۈلئايىم خانىمنىڭ قۇلىغا ،يەنە بۇيىل  ئەزىز نامان پەرۋازنىڭ قۇلىدا يالقۇنجىماقتا …ۋە قوللاردىن قوللارغا ئۈتۈپ مەڭگۇ داۋام ئىتىدۇ
مانا ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ  ﯞﺍﭘﺎﺗىغا بۈگۈن –يەنە 4-ئاينىڭ  2-كۈنى ساق ئون يىل بۇلىدىكەن .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رايۇنىمىزدىكى بارلىق ئۈزىنىڭ ئۇيغۇرلىغىنى ھەقىقى بىلگەن ھېس قىلغان ئەزىزلەر  بىلەن بىرگە مەرھۇم مامۇتجانغا چۇڭقۇر مۇسۇبەت ،سېغىنىش ھىسسىياتىمنى بىلدۈرىمەن .ﺷﯘ مۇسىبەت جەرياندا مەرھۇم مامۇتجانغا بولغان چوڭقۇر قايغۇ مۇسىبىتىمنى ئىزھار قىلىپ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪﻧﻰ يازغان ئىدىم. ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ  ﯞﺍﭘﺎﺗىغا  ساق ئون   ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯘﻧﺩﻩ  ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﻰ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ  ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﻳﺎﺩ ﯻﺘﯩﭗ يەنەﻳﻮﻟﻠﯩﺪﯨﻢ
                ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ...
ﻛﯘﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ ﺑﯩﺘﯘﻳﯘﻕ  ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ  ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ ،
ﻳﻪﺭ ﻳﯧﺮﯨﻠﺪﻯ…ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯗﻕ ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪﺗﺘﻰ... ﺩﻩﭖ ئاسمان ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﺘﻰ ،
ﯬﺟﻪﻟﮕﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﯩﻠﯘﻕ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ  ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﯲﻣﺮﻯ ﯪﺯ  ﺩﯨﮕﻪﻥ ﯻﻜﻪﻥ پىر- ﯰﺳﺘﺎﺯ،
ﻧﯩﻤﻪ ﯰﭼﯘﻥ ﺳﯩﺰﻻ ﻳﻮﻕ؟ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﺎﻍ ﯻﺪﻯ، ﻗﻪلبىڭ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﺑﺎﻍ ﯻﺪﻯ ،
ئەپسۇس ﺗﻪﮔﺪﻯ ﯴﺷﺸﯘﻙ-ﺳﻮﻍ ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺑﯩﺰﺩﻩ ﯬﺧﻠﻪﺕ ﻛﯘﺭﯗﻡ ﺑﺎﺭ!! (ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﯰﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ )،
ﻗﻪﺩﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ  ﺑﯩﻠﻤﻪﭘﺘﯘﻕ،  ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ  ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺳﯩﺰﻏﯘ ﯪﯞﺍﻝ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ، ﻛﯩﻤﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﯬﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ،
ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻗﺎﻻﺭ ﯪﭺ ﯞﻩ ﺗﻮﻕ ، ﻗﯧﺮىندىشىم ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ .
تىنچ يېتىڭ غەم قىلماڭ ،كۈزىڭىزنى نەم قىلماڭ ،
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﺪﯗﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﯬﻟﯟﯨﺪﺍ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش