كۆرۈش: 186|ئىنكاس: 2

ھەزرەتئەلى: شېئىردىكى سۆيگۈنىڭ قىممىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 14:31:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىردىكى سۆيگۈنىڭ قىممىتى

     ھەزرەتئەلى  ئەلى
(قاسىمجان ئوسمان غازى لىرىكىلىرى ھەققىدە)

    ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر قەدىمىنىڭ مۇشەققەتلىك بېسىلىشى قەدەملەر پىشايۋىنىدا تۇرۇپ،ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە نىگاھ تاشلىغاندا گۈزەل ۋە ھەسرەتلىك ئەسلىمىلەردىن ھۇزۇر ۋە ئىبرەت چېقىنلىرىغا چىرمىلىش ،ئالدى مەنزىرلەرگە  مەنىلىك كىرىش. بۇ دۇنيالىققا تاشلاپ ماڭغان ساقىندىلارنى كېلەچەكنىڭ يۇرۇق مەيدانىغا  بىخەتەر يەتكۈزۈپ بېرىش .تەڭرى كىشىنى ئاداققى دەمدە ماددىيەت يۇقسۇزلۇققا ئىرىشتۈرىدۇ.خۇددى ئالىكساندىرنىڭ  ئۆلۈم بوسۇغىسىدا ئالقىنىنىڭ  بوش قالغىنىدەك.زىننەتلەرگە ئورالغان تەننىڭ يالىڭاچ كەتكىنىدەك .قالدۇرغان كۆرەش يالدامىلىرىنىڭ ئىككى دۇنيا پاسىلىغا كېلىپ، كېلەچەكنىڭ ئارقا مەيدانىغا تاشلىنىپ قالغىنىدەك...ئۆمۈرنىڭ پارچە-پارچە جەسەتلىرى مىنۇت-سىكۇنتلارنىڭ سىغىمىغا تەڭداش بولۇپ،يىللارنىڭ قورشاۋىدا چىرىپ تۈگەيدۇ.ھاياتلىقنىڭ چەكسىز ئىمكانىيتى پەقەت كېلەچەكنىڭ كىيىنكىلەر قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقان ،ھايات مەشئىلىنى تىكلەپ تۇرغان يورۇق مەيدانىغا قەدەملەر ئىزىدىن پەيدا بولغان تەجرىبە ۋە ئەسلىمىلەر خاتىرىسىنى يادنامە قىلىشتۇر.
      ھاياتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە فورمۇلا يوق. ھاياتى قىممەتنىڭ دەرجىسىنى ئۆلچەيدىغان تارازىنىڭ سان-سىفىرلىرى  قانۇنىيەتسىز.شۇڭا ئىنسانلىق ھاياتنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتىگە ئەمەلىي قاراش،  يەر شارىنىڭ بالياتقۇسىدا ئەللەيلىنىپ ياتقان بىر  قەدىمىي  قەۋىمنىڭ ئاددى بىر پۇخراسىنىىڭ ھاياتلىق ئەھمىيتىنى غايەت زور توپ ئىنسانىيەتنىڭ  تارازىسىغا قويىۋىلىش ھاياتى قىممەتنىڭ نىسبىتىنى «0»نوقتىغا چەكسىز يېقىنلاشتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. بۇ نىسبەتنى  ،بۇ قىممەتنى ھەقىقى مەنىدە ئۆلچەش ئۈچۈن  ئىنسانىيەتنىڭ ھەر بىر سوبىيكتىنى شۇ قەۋىم ئىچىگە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ  ئائىلىسى ئىچىگە ھەتتا ئۆزى ئىچىگە قەدەر  قويۇش كىرەك.مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىنساننىڭ ھاياتى پەيدىنپەي ئەھمىيەتكە ،قىممەتكە ،مەنىگە تولۇپ ماڭىدۇ.
        بىر شائىرنىڭ ھاياتى قىممىتى نوقۇل شېئىرىيەت جەھەتتىكى قىممەت بىلەن تەڭ ئەمەس.  چۈنكى ئۇ  ئالدى بىلەن ئۆزىگە ،ئائىلىسىگە ،ئەتراپتىكىلەرگە،قەۋمىگە تەۋە،ئۇنىڭ مۇشۇ كىچىككە توپ ئىچىدىكى قىممىتى گاھىدا دۇنياۋى ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ھاياتى قىممىتىدىن بېسىپ چۈشىشى مۇمكىن.بۇ يەردىكى قىممەت ئەلۋەتتە نىسبەتتۇر.ئىنساننىڭ بەختىيارلىقى ،بەخىتلىكلىكى مۇقەررەركى مۇشۇ نىسبەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بىز ئۇلۇغ  ئىشلارنى تاشلاپ ئاددى كىشىلەرنىڭ ،يەككە بىر ئىنساننىڭ ھاياتى قىممىتىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىغا،ئۆمۈر يولىنى قانداق قىممەتكە، مەنىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا دېققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى .ئۇ قانداق ئادەم بولسا مەيلى .دېھقان بولسۇن،مىليونېر بولسۇن ،ئوغرى بولسۇن،بىر كوچا بەڭگىسى بولسۇن ياكى بىر شائىر بولسۇن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە  ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىۋاتىمەن دەيدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىكتىكى قىممەت قارىشى بار.بىز ئۇلارنىڭ    قىممەت ئۆلچىمىگە پۇتلىكاشاڭ بولالىشىمىز ،ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ھەر قانداق بىر نىسبەتنى يەكۈنگە ئايلاندۇرالىشىمىز مۇمكىن. لىكىن شۇ كىشىنىڭ قوبۇللىشى ناتايىن.مۇنداقچە ئېيتقاندا ھاياتنىڭ لەھزىلىرىنى بولسۇن بىر پۈتۈنلىكىنى بولسۇن ئەھمىيەتلىك ،مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ ھايات پاسىلىدىن شادىمان ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئۆلچىمى يوق.ئەسلىمىلەرنى يارقىن خاتىرىگە كۆچۈرۈپ ،ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ بەختىيارلىقى  ئۈچۈن مەنىۋىي ئەرمەككە ئايلانغان  يادنامە قالدۇرۇش شائىرنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئەھمىيەتكە ۋە قىممەتقە ئىگە قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى .ئۇ يادنامە ۋاقىت كىپىنەكلىرىنىڭ  يۆتكىلىشى ئارقىلىق ھازىرنىڭ يورۇق بولغان مەيدانىغا تاشلىنىدۇ. بۇ يورۇقلۇقتا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يادنامىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.ئۆزلىرىنىڭ كەچشمىشلىرىنى ئەسلىشىدۇ ،ئەسلىمىلىرىنى ۋاراقلىشىدۇ.                                 
  ئەنە شۇ يادنامىلەرنى ئوقۇپ ئۆتۈشمۇ كىشىلىك ھاياتنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلالايدۇ. شېئىريەت مەيدانىدا تالاي شېئىرخانلار قاتارىدا ناتونۇش ،پىنھان سالاھىيەت بىلەن قاسىمجان ئوسمان غازى ئىسىملىك بىر شائىرنىڭ پارچە-پارچە يادنامىلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتاتتىم .بۇ چاغدىكى ئەسلىمىلەر قورشاۋىدا خاتىرە ئىقتىدارىمنى  قوزغىتىپ ئەسلىمىلەرگە چۆكۈشتىن باشقا ئىشلارغا بەنت بولالمايتىم.ئۆزگە ئەركىنلىك كىرەك بولمايتى.
سېنىڭ ئاۋازىڭنى دەيمەن
تۇيۇقسىز يوقىلىۋاتقان تاڭ پەيتىنىڭ كۆز يېشىدىن
ياڭراۋاتقان سېنىڭ ئاۋازىڭنى سېغىنىمەن.

سەرسان ۋە شۇنچە تەنھا قۇشتەك دىرىلدەپ قارغا قونغان قان
ئالدىڭغا ئاستا ،مۆلدۈردەك تىۋىنىشتا ئولتۇرغىنىدا
ئىسسىق قوللىرىڭ بىلەن يۈرىكىمنى سىلىغان سىماھىڭنى سېغىنىمەن.

ئىككىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسى چېچىلغان مۇز قەلئە
ئاياغ ئاستىمىزدا سايىلەردەك يۇمشاق پارچىلانغىنىدا
روھىمنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ يىغلاشلىرىڭنى سېغىنىمەن.

سەن ئۇ يەردە،ئۈستىمىزدىكى چىراغ نۇرى غۇۋا چۈش
ئىلكىڭدىكى گۇناھلىرىمنى ناشۇد بىر يەرگە كۆمۈۋاتقىنىدا
مەن بۇ يەردە سېنىڭ ئاخىرىقى نەپىسىمنى ھىدلاشلىرىڭنى سېغىنىمەن.
      -ـ  «سېغىنىمەن غايىپلىقىڭنى»دىن

        يىراق بىر جايدىكى غۇۋا ئەسلىمىلەر، تۇمان ئارىسىدا لەيلەپ يۈرگەن سەرسان كونا خاتىرىلەر  مىسرالار پايانىدا ئامالسىز، ناشادىيانە  ھالدا سوزۇلۇپ  ياتىدۇ.شېئىردىكى ئەسىلمىلەر  سېغىنىش قىيانلىرىغا غەرىق بولغان.غايىبلىققا ئايلانغان ساھىبجامالنىڭ قەدەملەر پىشايۋىنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئۆتمۈشكە ئايلانغان، قىلىقلاشقان  تارتۇقلىرى ،شائىرنىڭ ئۆز ئىچىگە چۆكۈپ ،ئەبەدىي مەھبۇسقا ئايلانغان چۆكمە خاتىرىلىرى يادنامىگە ئېلىنغان.بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەسلىمىلەر تالاي كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىپ ئۇنتۇلغۇسىز ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ يادنامىگە ئېلىنمىغانلىقتىن  ئۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ .شائىرغا نىسبەتەن مۇشۇنداق خاتىرە قالدۇرۇش مۇھەببەت ئۈستىگە مۇھەببەت بولىدۇ.بىرى ئەسلىمىلەرنىڭ پىرسۇناژى بولغان ئاشۇ پىنھان  ئايالغا بولغان  مۇھەببەت .يەنە بىرى شائىرنىڭ ئۆزىگە ،ئۆز ھاياتىنى مەنىگە ئورايدىغان ،ئۆزىنى بەخىتلىك  ھېسابلاتقۇزىدىغان،ھايات مۇساپىسىنى  ئەھمىيەت ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان  شېئىرىيەتتىن ئىبارەت كەسىپكە بولغان مۇھەببەت.  
شېئىردىكى  ھېكايىلەر  يارقىن ئەمەس . كەچۈرمىشلەر تىل ئىمكانىيەتلىرنىڭ پوستىغا يۇشۇرۇنغان بولۇپ ، شېئىرىي تەپەككۇرنىڭ  غىدىقلىنىش كۈچى ئارقىلىق  شېئىرىي  پەردىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈشنى شەرت قىلىدۇ . بۇ پەردىدىن ئۆتكەندىلا شېئىردىكى  پىنھان دۇنيا ئايان بولىدۇ . شېئىردىكى ئۆزگىچە  ئارتۇقچىلىق- يېڭىچە تىل مۇناسىۋەتلىرى قۇرۇلۇپ ، ئىستىلىستىك  ۋاستىلەرنى ئۆزىگە سىغدۇرغان  ھالدا كەچۈرمىشلەرنى  سەنئەتلىك  يادنامىگە ئايلاندۇرغانلىقتا.
شائىرنىڭ ئەسلىمىسىدە پەقەت كۆرۈنۈشلەرلا قالغان ،ئەس قەترىلىرىدىكى پىرسوناژ غايىپلىققا ئايلانغان.ئۇنىڭ تەن مەۋجۇتلىقى ،رىئاللىقى كۆزدىن غايىپ.شېئىردا سېغىنىلغىنى ئەمەلىيەتتە ئاشۇ غايىپلىق .بۇ غايىپلىق ئەلۋەتتە تەن سەرگۈزەشتىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق ئايان بولىدۇ.خۇددى بىز قەلبىمىزگە نەقىش چەككەن بىر ئادەمنى سېغىنغىنىمىزدا ئاشۇ ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كەچۈرمىشلەرنى ،گۈزەل ، ئۇنتۇلغۇسىز ۋەقەلەرنى ۋاستە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش. بىز مۇشۇنداق يادنامىلەر ئارقىلىق ئۆز خاتىرىلىرىمىزنى ۋاراقلايمىز ، قەلبىمىزدىكى ئۆتمۈشكە ئايلانغان مەبۇدلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرمىز ، ئۇلارغا  ئەسلىنىمىز .سۆيگۈ مۇساپىلىرىمىزنى خىيال قەدەملىرىمىز بىلەن يولدايمىز...
كىمنىدۇر ئەسلەپ قالىمەن
ئېرىقتىكى سۇنى ئىتىشنى ئۇنتۇپ قالسام
ئۇ تاكى مەن كەلمىگۈچە ئېقىۋەرگەندەك
ئۇنى ئەسلەيمەن

كىم بولغىيتى ئۇ؟
-« ناتونۇش ئەسلىمە»دىن

          ئاڭنىڭ ھەرىكىتى ئۈزۈكسىزلىككە ئىگە  .خۇددى ۋىليام جامىس سۈپەتلىگەندەك توختاۋسىز ھەرىكەتتىكى ئېقىنغا ئوخشايدۇ.ئاڭ ئېقىنى دېگەن  ئىبارە مانا مۇشۇ خىل ھەرىكەتنىڭ كەسمە يۈزىدۇر.ئاڭنىڭ ھەرىكىتى بىلەن پىسخىكىلىق ئۆزگىرىش دىئالىكتىك بىرلىككە ئىگە.ئەسلەشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق ھەرىكەت ئاڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۈزۈكسىزلىكىگە تاناسىپ.شائىر شېئىردا ئاڭنىڭ  مۇشۇ خىل ئۈزۈكسىز ھەرىكىتىنى ناھايتى ياخشى مەجازىيلاشتۇرغان . لىكىن تىل ئەپسۇنلىرىنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچراپ كەتمىگەن .
          ئەسلىمىلەر ۋاقىت توزانلىرىغا كۆمۈلۈش تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى تولۇق كۆمۈلگەن بولسا، بەزىسى خىرە-شىرە كۆمۈلۈپ قالىدۇ ،يەنە بەزىسى ئەسكە چىڭ يېپىشىپ ۋاقىت تونىلىدىن  ئامان-ئىسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ .گەرچە ئاداققى پەيتتە بەرىبىر  ئەس جەسەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتسىمۇ لىكىن شېئىرىيەت كوچىسىدىكى ئەركىن مەھبۇسلارنىڭ پۇتمەس ئىجاد مۇساپىسىدە يادنامىگە ئايلىنىپ ،مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ قالىدۇ .مەزكۇر شېئىردا ئىپادىلەنگىنى دەل ئوتتۇرلۇقتىكى ۋاقىت-توزانلىرىغا خىرە-شىرە كۆمۈلۈپ قالغان ئەس خاتىرىسىدۇر .تۇرمۇشنىڭ  ئۆمۈچۈك تورىدەك مۇناسىۋەت ئېقىنلىرىدا تالاي كىشىلەرگە يولۇقىمىز .ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى خالىغان بىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھىمىز بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار .
شېئىرنىڭ كەينىدە سىرلىق بىر ھېكايە بار . ئۇلار تونۇشىدۇ .«كىمنىدۇر »دەپ ئېيتىلسىمۇ ئەمما  ئەسلەش ئوبىيتكى پۇتۈنلەي نامالۇم شەخس ئەمەس.ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا گۈزەل ،شىرىن بىر كەچۈرمىش مەۋجۇت.لىكىن ۋاقىتنىڭ شەپقەتسزلىكى بىلەن ھېكايىدىكى ئىككى پىرسوناژ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئىقىنى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن ئۆتكەن كەچمىشلەر ۋاقىت توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغان ،ئەسلىمىلەر ناتونۇشلاشقان.

يىراق –يىراق يەرلىرىدە قەلبىمنىڭ
چوغدەك يېنىپ ،چايقىلىپ
كېلىۋاتقىنى سېنىڭ مەيىن ئاۋازىڭ.

يۈرەك يۈرەككە ئېقىتسا مۇڭ
ھېسلىرىمىز يېيىلار
سۆيگۈگە يول تېپىلار.
مەن يولدا
ئاخىرىقى قېتىم كەلدىم بۇ يەرگە
سېنىڭ قەلب ئېتىزىڭدىكى سايىلەرنىڭ ئورنىنى
يۆتكىۋىتىشىم مۇمكىن.

گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىنى
سېغىنىش سۇلىرىنىڭ قانداق قۇرىۋاتقانلىقىنى
قانچە-قانچە كېچىلەردە ئايسىز توڭغانلىقىڭنى
ئۆزۈمگە سۆزلەپ بېرىشىم مۇمكىن.

تەنھالىق دەرىخىڭ تۈۋىگە ئىككىمىز كۆمۈپ قويغان
مۇھەببەت كۆمزىكىنى پارە-پارە قىلىۋىتىشىمدىن بۇرۇن
ئىچىمدىكى ئىشق شەربىتىنى ئىچىۋىتىشىم كىرەك.
تەنھالىق يالغۇز بىر تىرەك،
تۈن باغرىغا كىرىۋاتقان غېرىبلىقتەك
...
-«پەرىشتىنىڭ ئەنجۈرى»دىن
     ئىدىيە  بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ئەمەس . شەكىلنى ئىدىيەگە بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ ،لىكىن بۇنداق  زوراۋانلىق سەنئەتنى بولۇپمۇ شېئىرنى  مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ كىرىدۇ .گەرچە كۆز ئالدىمىزغا تاشلىنىپ تۇرغان بىنالار ،كۆۋرۈكلەر، توسمىلار، نەقىشلەر، كىيىم–كېچەكلىرىمىزدىن تارتىپ چاچ پاسونىمىزغىچە بولغان بارلىق غەيرى تەبئىي شەكىللەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن ئىدىيە باغلانسىمۇ ،ئەمما سەنئەتتە بولۇپمۇ شېئىردىن ئىبارەت ھېسياتنى قان قىلغان بۇ نەرسىدە شەكىلنى ئىدىيەنىڭ ئاستىغا بېسىپ ،ئۇنى بۇرۇختۇرما قىلىپ قويۇش ،ئۇنىڭ ئۆلىمنى ئۇزاتقان بىلەن باراۋەر .شۇڭا شېئىر چوقۇم ئىدىيەنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى،ھېسياتنىڭ ئەركىن ،ئىچكى رېتىمىغا ئەگىشىشى كىرەك . گۈزەللىك مەلۇم مەنىدە رېتىمدىن كېلىدۇ.بىرقىسىم غەرب ئىستېتىكىشۇناشلار «گۈزەللىك –نىسبەتتۇر»دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .ئۇلارنىڭ قارىشىچە گۈزەللىككە ئىگە ھەر قانداق شەيئىنىڭ تۈزۈلۈشى جۈملىدىن ئۇنىڭ تەشكىل قىلغۇچى قىسىملىرى مۇئەييەن نىسبەت بويىچە كېلىدۇ. پۈتۈنلەي قالايمىغان ،رەتسىز،قانۇنىيەتسىز شەكىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ . بەزى شەكىللەر قارىماققا قانۇنىيەتسىز ،قالايمىقان كۆرۈنسىمۇ ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمىدا  مۇئەييەن نىسبەتلىك رېتىم بولغاچقا ئۇ نەرسە گۈزەللىك بېغىشلىيالايدۇ .قەدىمكى كىشىلەر شەيئىلەرنىڭ سىرىتقى پوستىدىكى رېتىم ۋە نىسبەتنى بايقىغان .ئۇنىڭدىن گۈزەللىك ھېس قىلغان .شۇڭا قەدىمكى سەنئەت شەكىللىرىنىڭ رېتىمى ناھايتى كۈچلۈك بولغان ،ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ئۇسۇللىرىغا، ناخشىلىرىغا قارايدىغان بولساق رېتىم  ناھايتى كۈچلۈك ، تەكرارلاش مول بولۇپ رېتىم تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن .قەدىمكى كىلاسسىك شېئىرلارمۇ رېتىمغا ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەن ، ئەرەب،پارىس ۋە تۈ*ركىي مىللەرتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئارۇز ۋەزىنللىك شېئىرلارنىڭ رېتىمغا ناھايتى ئىتىبار بېرىشىمۇ شۇنىڭدىن .چۈنكى بۇ ژانىر ناھايتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ كىشىلەر رېتىملىق ،نىسبەتلىك نەرسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى گۈزەللىك ئاتا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.لىكىن بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر گۈزەللىك ۋە رېتىمنى سىرىتقى شەكىلدىنلا ئىزدىمەيدىغان بولدى .ئۇلار رېتىمنى شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدىلا ئىزدەپ قالماي ئىچكى رېتىمنىڭمۇ گۈزەللىك بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن موھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشتى . شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە شېئىرى گۈزەللىك مەسىلىسىدە ھەر ئىككى خىل شەكىل يارىتىش بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە .ۋەزىن گۈزەللكىدە سىرىتقى رېتىمنى بەكرەك تەكىتلىسە ،ئەركىن شەكىلدە ئىچكى رېتىم بەكرەك تەكىتلەنمەكتە.لىكىن قايسى خىل شەكىل بولسۇن رېتىم ئالدى بىلەن ھېسيات ، شائىر كەيپىياتى تەرپىدىن بەلگىلىنىشى كىرەك .مىسرالار شائىرنىڭ ھېسياتىغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا ئوتتۇرغا چىققاندا ئۈزۈكسىز پىسىخك ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئادەملەرگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بغىشلاش كۈچى زور بولىدۇ .لىكىن شېئىر يەنە بىر تەرەپتىن ھېسياتلا ئەمەس بەلكى ماھارەت ،تەجرىبە تەلەپ قىلىدىغان تېخنىكىلىق ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا  تىل ئىلمىنتلىرىنى بىرلىك قىلغان سىرىتقى رېتىمغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كىرەك .
يۇقارقى شېئىردا ئەركىن شەكىل ئاساس.لىكىن ھېسيات ئانچە ئەمەس . شائىرنىڭ نورمال دەرىجىدىكى ئەقلى تەپەككۇرى ئارىلاشقان.تىمتاسلىق ئىلكىدىكى ئويلىنىش ھالىتى بايان قىلىنغان .لىكىن بۇ ئويلىنىش پەلسەپە يېقىدىكى ئويلىنىش ئەمەس.بەلكى ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك ئىنتىلىشلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان  ئويلىنىش بولغان.شېئىر نۇقۇل ھېسيات ئېقىنى بولماي ،ئۈزۈك –ئۈزۈك ھالەتتىكى ھېسسى تەپەككۇر بولغاچ مىسرالار شەكىل جەھەتتىن ئاشۇ خىل تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلغان .گەرچە تەپەككۇر ئارىلاشقان بولسىمۇ شېئىرىي دۇنياغا ،شېئىرىي موھىت يارىتىشقا توسالغۇ بولغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس .شۇ قەدەر يارقىن مىسرالار بار .« تەنھالىق يالغۇز بىر تىرەك،تۈن باغرىغا كىرىۋاتقان غېرىبلىقتەك» تەنھالىق ۋە تىرەك ،تۈن ۋە غېرىبلىق  شېئىردىكى ئوق مەركەز. تەنھالىقنىڭ يالغۇز تىرەككە تەققاسلىنىشى بىلەن تەن غېرىبلىققا باغلىنىپ تۈنگە-قاراڭغۇلۇققا يول ئالىدۇ .قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار.بىرى رىئال قاراڭغۇلۇق .رىئال قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يەنە تەنھالىقنى ،ئىچ پۇشىقىنى يىشىدىغان ئىنسانلىقنىڭ قاراڭغۇ ھەرىكىتى بار .يەنە بىرى غېرىبلىقنىڭ يورۇقلۇقتىن مەڭگۈ ئازاد قىلىنىپ ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئەبەدىي قاراڭغۇلۇققا كىرىشتىن ئىبارەت مەنىسى .شېئىردىكى تۈننىڭ مەنىسى بىرىنچى خىل قاراڭغۇلۇققا مايىلدەك قىلىدۇ.مۇھەببەت تەنھالىقنىڭ خاتىمىسى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى  تەبىئىي ئۇرۇنۇش . شېئىرمۇ نېمىنى ئىپادىلەشتىن قەتئىنەزەر شەكىلنى ئۈزۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇش جەريانى .بۇ  سەنئەتنى ماھىيتىدىن چۈشەنگەن ئادەمگە مەجبۇرىيەت ئەمەس بەلكى  سەنئەتنىڭ ئىچكى تەلىپى .ئەمدى تۆۋەندىكى تاشقى رېتىمى گەۋدىلىك بولغان مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇپ باقايلى

قارايمەن ھەر ياققا سېنى ئىزلەيمەن،
بۇ قۇرۇق خىياللار باغرىدا تۇرۇپ.
سەن كەلسەڭ ئالدىمدا ئۈنگەن قىياقتەك،
گۈللەرنى دەسسەيمەن ئالدىڭدا يۇلۇپ.

چۈنكى مەن قىينالدىم سېنى كۆرەلمەي،
چۈشۈمدە كۆكلىگەن دەرەخ تۈۋىدە .
كۆيدۈرەي سەن يازغان بارچە خەتلەرنى،
توزۇتۇپ كۈلىنى سۆيگۈ سۈيىدە.

كەلسەڭچۇ تەلمۈرتمەي سەھەردەك بۇيان،
بۇ قەلبىم گۇگۇمدەك قالدى تاشلىنىپ .
ھىجراننى قىينىما ،كەلمىسەڭ ئەمدى
بىر گەۋدە سەن ئۈچۈن كېتەر قارىيىپ .

-«زارىقىش»تىن
      ئاڭنىڭ ھەرىكىتى ئۈزۈكسىزلىككە ئىگە بولسىمۇ ،ئەمما ھەرگىزمۇ يۇقارقى شېئىرنىڭ رېتىم ،قاپىيەلىرىدەك بىرلىككە كەلگەن ئۇدارغا ئىگە ئەمەس .ھەم ئۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .لىكىن مۇھەببەت قىيانىدا دولقۇنلاپ تۇرغان ھېسيات تەبىئىي رېتىمغا ئىگە .ۋەھالەنكى بۇ خىل تەبئىي رېتىم ناھايتى سۇس بولىدۇ ،سەنئەتكارنىڭ جۈملىدىن شائىرنىڭ ئىش قوشۇشى بولمىغاندا شېئىرى گۈزەللىكنىڭ قوزغىتىش كۈچىمۇ سۇس بوپ قالىدۇ.يۇقارقى شېئىردا شائىرنىڭ ئىش قوشۇشى ناھايتى كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن .لىكىن تىل تاللاشقا ،ماھارەتكە سەل بىرىلىپ كەتكەنلىكتىن ئەسلىي تەبئىي رېتىمنىڭ يۆنلىشىدىن قېيىپ كەتكەن ئەھۋال بار .بۇنى شېئىرى تىلنىڭ يېپىشىش كۈچىدىن ئايرىيمىز .شېئىر مىسرالىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق ھېسيات ئېقىنى «زارىقىش»تىن ئىبارەت پىسخىكىلىق ھەرىكەتنىڭ رېتىمىغا ئەگەشكەن-يۇ،ئىچىكى رېتىمنى تاشقى رېتىمغا بىرلەشتۈرۈشتە شېئىرى تىلنىڭ تاۋلىنىشى ئىستىتىك ئىدىيەنىڭ كونتىروللىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئوقۇرمەننى مەست قىلىۋەتكۈدەك كەيپىياتقا ئىگە قىلالمىغان .مانا بۇ  شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىشتا دېھقەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بىر تەرىپى.بۇنداق بۇلۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئىجابىي نوقتىدىن شائىرنىڭ شېئىرى تىلدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھاتچىلىق يولىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن دەپ قاراشقىمۇ بولىشى مۇمكىن .ئەمما ھازىرنىڭ ئارقا تەرىپىدە  مەغلۇپ بولغان تالاي  ئىسلاھاتلارنىڭ بولغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر.شېئىر ھۈنەرلا ئەمەس ،بەلكى ئىستىمال قىلىش ،قىلىنىش جەريانى .شۇڭا شېئىرىيەت مەنزىلىدە  غايىگە  زىيادە  بىرىلىپ كېتىپ ،ئىدىيەنىڭ كونتىروللىقى ئىچىدە شېئىرنىڭ ماھىيتىدىن يىراقلاپ كەتمەسلىك كىرەك .
كونا ئەسلەر دەۋرىدى بۈگۈن،
ئاۋازىڭنىڭ يۇمشاقلىقىدا.
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلمىدى ياش،
كونا دەرتنىڭ پىراقلىرىدا.
سېنى شۇنداق سۆيەتتىم پىنھان،
تاكى ئۆزۈڭ كەچمىگەن قەدەر.
تەقدىرىمىز ئۆزگىرەر چاغدا،
ساڭا ئاتاپ يازدىم بىر ئەسەر.
سېغىنىمەن سېنىڭ قوي كۆزۈڭ،
قەلبىڭ بىلەن سۆزلەيتى ماڭا.
سۆيگۈنۈمدە سېنى تۇنجى رەت  ،
نېمىلەرنى دېگەنتىڭ ماڭا؟

         ــــ «كونا ئوت خاتىرىسى»دىن
         بۇ شېئىردا زورۇقۇش يوق .شېئىرى تىل ئاددى بولسىمۇ ئەمما ئىچكى كەيپىياتقا ماسلاشقان .مىسرالارنىڭ يېپىشىشچانلىقى كۈچلۈك.بىر-بىرىگە مايىل.تاشقى رېتىم كۈچلۈك بولسىمۇ ،ئىچكى ھېسياتقا  ماسلاشقان.
شېئىر بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان شائىر ھاياتى ئەنە شۇ شېئىر چەمبىرىكى ئىچىدە مەنە  ۋە قىممەت تاپىدۇ.شائىر گەرچە ئازاب ئىچىدە پۇچۇلىنىپ تۇرسىمۇ شېئىرى دۇنيا ئىچىگە چۆككەندە ياكى ئۆز قەلبىدىكى داۋالغۇپ تۇرغان ئىسيانلىرىنى ،يادىكارلىققا ئايلانغان  ۋۇجۇد يالدامىلىرىنى يادنامىگە ئايلاندۇرغاندا بەختىيارلىق ئىلكىگە چۈمۈلىدۇ.بۇ چاغدىكى بەختىيالىق شائىر دۇنياسىدا ئۆزىگىلا تەۋە بولغان قىممەت ۋە بەخىت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.مانا بۇ شائىرلىقتا  شائىرنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بەخت تۇيغۇسى ۋە كىشىلىك ھايات  قىممىتىدۇر .شائىرلىق ھاياتنىڭ ئۇلۇغۋار قىممىتى ئۇنىڭ ئۆز  شېئىرلىرى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىستېتىك ئۈنۈم  ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ .ئىستېتىك ئۈنۈمنىڭ تەسىر دائىرىسى شائىرنىڭ ئۇلۇغۋار ھاياتى قىممىتىنى بەلگىلەش رولىغا ئىگە .سەنئەت ژانىرى ھېسابلىنىدىغان شېئىرنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمى ئەلۋەتتە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.بۇنىڭغا ئازابلىق ،ئىبرەتلىك ياكى لەززەتلىك ئەسلىمىلەرنى خاتىرلەپ قويۇشلا كۇپايە ئەمەس،بەلكى بەدىئىي ماھارەت ،شېئىرىي ئىستىدات قاتارلىق سۇبىيكتىپ پائالىيەتچانلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشى ،شۇ شېئىرنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىستېتىك ئۈنۈم بەرپا قىلالايدىغان شەرت-شارائىت ھازىرلانغان بولىشى كىرەك.بۇ يەردىكى شەرت-شارائىت ئەلۋەتتە ئەڭ موھىمى ئوقۇرمەنلىك –شېئىرخانلىق شەرت-شارائىتىدۇر.غازى شېئىرلىرى كۆپ خىل يىلتىز ۋە تومۇرغا تۇتاش .ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا مەۋجۇدىيەتچىلىك ئىدىيە  خاھىشى ، ساپ سەنئەت ئىستىتىك خاھىشى، سۈر رىئالىزىملىق  ئىجادىيەت تەسىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىمۇ گاھىدا لىرىكا بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىدىيە خاھىشى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن .ئەمما ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ،بارلىق  مۇھەببەت لىرىكىلىرى ئەسلىمە ۋە كەچمىشلەرگە باي. شېئىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن سۆيگۈ ھېكايىلىرى  بالقىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ھېكايىلەر ئۈزۈكسىزلىككە ئىگە بولماستىن پارچە-پارچە بولغان كۆرۈنۈش تەپسىلاتلىرى  ئارقىلىق مونتاژ شەكلىدە قوراشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنىدۇ.بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە شېئىرىيەت  سەھنىسىدىكى ئۆزگىچىلىكتۇر.


mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 17:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئېلىنىڭ يېڭى قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن!.....

    ئىجادىيەتتە كۆپ خىل يولنى تاللاش مۇكەمەللىككە يۈزلەنگەنلىكتۇر.گەرچە ئەدەبىيات ھۇنەرگە ئوخشىمىسىمۇ  ئىجتىمائى قىممەت نوقتىسىدىن خىلمۇ-خىل ئادەملەرگە يۈزلىنىدۇ.بەزىدە ئوقۇرمەننى يېتەكلەش نەزرىدە مەيدانغا چىقساق بەزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلىغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقساق بولىدۇ.....

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 13:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېىر  مەپتۇنكارلىرى شئېىرغا  ئىشتىياق باغلىغانكەن شئېىريەت  نەزىريىسىدىن خەۋەردار بولىشى زۈرۈر.شۇنداق بولغاندىلا ئۆزلىرىمۇ شئېىر يېزىش جەھەتتىلا ئەمەس شئېىرنى قانداق يېزىش جەھەتتىمۇ چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ.

     جۈملىدىن يۇقۇرقىدەك چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ئوبزورلارنى كۆرىشى كېرەك.موھىم نوقتىدىن ئالغاندا تەنقىدلىنىشكە ياكى مۇئايەنلەشتۈرۈشكلە دۇچ كېلىش- شئېىر ئىجادىيەتچىلىرى يولۇقىدىغان تەقدىر.ئەگەر بىر قېتىممۇ ئۇنىڭغا ئاخىرىغىچە يولۇقمايدىكەن ئۇ ئاپتورنىڭ شئېىرلىرى ئاپتوردىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ.

        مېنىڭچە يۇقۇرقى ئوبزور  ھەرخىل نوقتىدىن بولسۇن  بىر قېتىم كۆرۈشكە تېگىشلىك.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش