كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 1

رەشىد:پىروزا ئىستىلىستىكىسى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 567
تۆھپە : 3
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 13:03:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىروزا ئىستىلىستىكىسى توغرىسىدا

ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

[شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى]



   ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزدا ھەمىشە ئەدەبىياتنىڭ تاشقى ئامىللىرى توغرىسىدا يەنى يازغۇچى، يازغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەسەرنىڭ دەۋىر ئارقا كۆرۈنىشى، ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيەۋى رولى قاتارلىقلار كۆپرەك مۇلاھىزە قىلىنىپ كەلدى. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىچكى ئامىللىرى بولغان ئۇنىڭ تىلى، ئوبرازى، ئوبرازلارنىڭ ئىچكى قاتلىمى، يازغۇچى بىلەن ئەسەردىكى ئەدەبىي ئوبرازنىڭ مۇناسىۋىتى، يازغۇچى بىلەن ئەسەردىكى بايانچىنىڭ مۇناسىۋىتى، بايان سەنئىتى، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، ئەسەرنىڭ ئىستىلىستىكا سەنئىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىش ئاز بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ئەسەر مەزمۇنىنى قايتا بايان قىلىپ بېرىش، ئەسەرنىڭ تەربىيەۋى ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى كۆپرەك مۇھاكىمە قىلىش، ئۇنىڭ ئىچكى سەنئەتلىرىگە سەل قاراش ياكى ئىچكىرلەپ كىرمەسلىك، ئەسەرنى تىلشۇناسلىق، پىسخلوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق،  مەدەنىيەتشۇناسلىق، ئىستېتىكا قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر يېقىدىن باھالاش ۋە تەھلىل قىلىش يېتەرسىز، نەزىرىيە ئاساسى ئاجىز بولۇشتەك تەنقىد ئەندىزىسى شەكىللىنىپ قالدى. دەرۋەقە، ھەقىقىي مەنىدىكى يېڭى دەۋىر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى بىزدە شەكىللىنىشى كېيىنرەك ساھە بولۇپ، تەتقىقاتچىلار قوشۇنى نىسبەتەن ئاز، يېڭى نەزىرىيەلەر بىلەن قۇراللىنىشى يېتەرلىك بولمىغان بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق. مۇھەممەد پولات، ئەنۋەرئابدۇرېھىم، قاۋسىلقان قامىجان، ئازات سۇلتان، ئەكبەر قادىر، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىدىن چىن دىلىمىزدىن سۆيۈنىمىز ئەلۋەتتە.

   80-يىللاردىن كېيىن بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىروزا بارغانسېرى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى تىكلەپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ غوللۇق ئىجادىيەت ساھەسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھەرقايسى نەشىرى ئەپكارلىرىمىزدا پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ نىسبىتىدىلا ئېشىش ئەمەس، بەلكى بەدئىيلىك يېقىدىنمۇ سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ ئالاھىدە ئوقۇرمەنلەر توپىنى شەكىللەندۈردى. ھەر قايسى نەشرىياتلاردا يىلىغا نەشىر قىلىنىۋاتقان ئۆزىمىزنىڭ ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە ئەدەبىي تەنقىد يەنىلا كۆپ كەينىدە تۇرۇپ كەلمەكتە. ئاددى مىسال قىلىپ كۆرسەتسەك، يىلىغا نەشىر قىلىنىۋاتقان ئونلاپ رومانغا قارىتا ئىلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەر ئۇنىڭ سانىنىڭ يىرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك، بايا يۇقىرىدا دېيىلگەن ئەندىزە بويىچە بولۇپ، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا بايان قىلىش، ئۇنىڭ ئىددىيەۋى تەربىيە رولى دېگەندەك بىر قانچە نۇقتىلاردىن ئاددى ئومۇملاشتۇرۇلغان باھا، يۈزە تەسىرات بولۇپ كەلدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەمەتتۇرسۇن ئىلى، ئەنۋەر ھوشۇر، مۇختار ھاپىز، نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن، ئەسئەت ئەمەت، ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ ئىلمىي ژورناللىرى ۋە «تارىم»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئەدەبىي ژورناللاردا «بايانشۇناسلىق ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»(ئابدۇرېھىم دۆلەت، مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى 2005.1)، «پىروزىدىكى كۆزىتىش نۇقتىسى»(مۇختار ھاپىز،«تارىم» 2008.4)، «ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە كوللېكتىپ چىقىپ كېتىش ھادىسىسى»(نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن، «تارىم» 2008.10)، «ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدەقىسقىچە مۇلاھىزە»(مەمەتتۇرسۇن ئىلى، «تارىم» 2009.8)، «ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش»(مەمەتتۇرسۇن ئىلى، «تارىم»2009.10)،«ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىنىڭ بارلىققا كىلىشىدىكى ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىت ۋەمەدەنىيەت كونتېكىستى»(مەمەتتۇرسۇن ئىلى، «تارىم» 2010.1)، «دۇنيا ئەدەبىياتى يېڭىلىقلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ؟»(ئەسئەت ئەمەت، «تەڭرىتاغ» 2009.1)، «ئۇيغۇرئەدەبىياتىدا ھېكايىنىڭ تەييار قىلىپلىرى»(مۇھەممەد ھوشۇر، «تەڭرىتاغ»2010.1) قاتارلىقبىر تۈ*ركۈم ئوبزۇر ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىدا پىروزىنىڭ ئىچكى - تاشقى قۇرۇلمىسى،بايان سەنئىتى، پىروزىچىلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، پىروزىچىلىقىمىزدىكى يېڭىلىقلار، يۈزلىنىشلەر مۇھاكىمە قىلىندى. مېنىڭ بۇ ماقالەم پىروزائىستىلىستىكىشۇناسلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي تونۇشتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭدا پىروزائىستىلىستىكىشۇناسلىقىنىڭ بىر پۈتۈن ئىچكى ھالقىلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيە چۈشەنچىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

   ئىسىتىلىستىكا ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق لۇغىتى بولغان «ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى»دە:«ستىلىستىكا(ئىستىلىستىكا)  ـ تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. تىلدىنئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پىكىر ۋە ھېسىياتنى ياخشى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىققىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، سىتىلىستىكىلىق قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى،ئۇسۇللارنى، تىل ۋاستىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ.» (ش ئۇ ئا رمىللەتلەر تىل – يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 3-توم مىللەتلەر نەشرىياتى 1992-يىل نەشرى 521-بەت، ئۇيغۇرچە) دەپ ئىزاھلانغان. ئۇيغۇرچە ئىستىلىستىكا ئىلمىغا دائىر دەرىسلىك قوللانما كىتابلاردابولسا ئۇنىڭغا مۇنداق ئىنىقلىما بېرىلگەن :«ئىستىلىستىكا -  مۇئەييەن كونتېكىست ئىچىدە تىل ماتېرىياللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تىلنىڭ پىكىر –ھېسىياتنى ئىپادىلەش قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.»(يولۋاس راشىدىن، غەنى ئابدۇگۈل : «ئىستىلىستىكا ساۋادى» شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2002-يىل باسمىسى، ئۇيغۇرچە، 7-بەت)

   ئىستىلىستىكا قەدىمكى گرىكچە رېتورىكا (Rhetoric) دىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلى مەنىسى نۇتۇق سۆزلەش ماھارىتى، نۇتۇق سۆزلۈگۈچىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈش، قايىل قىلش ئۈچۈن قانداق تەربىيەلىنىشى ۋە قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئىلىم. ئىستىلىستىكا توغرىلىق ئەڭ دەسلەپ ئارىستوتىل ئۆزىنىڭ «ئىسىتىلىستىكا ئىلمى» ۋە «شېئىرىيەت»ناملىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە بۇ توغرىدىكى دەسلەپكى نەزىرىيە ئاساسىنى تۇرغۇزغان. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئۈنۈملۈك ئىستىلىستىكا ماھارىتىنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرمىگەن، ھەقىقەتنى قوغدىمىغانلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، ئەكسىچەناتوغرىلارنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىدەك ئەمەلىيەتتىن چىقىپ تۇرۇپ ئىستىلىستىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق قارىغان :«ئىستىلىستىكا بىر خىل ھەرقانداقمەسىلە ئۈستىدە مۇمكىن بولغان قايىل قىلىش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقىش ماھارىتى. ...نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ نەزەر دائىرىسى، پەزىلىتى، ئاقكۆڭۈللىكى كىشىلەرنى قايىلقىلىشتىكى ئۈچ خىل سۈپەتتۇر. بۇ ئۈچ خىل سۈپەتكە ئىگە ھەر قانداق ئادەم ئاڭلىغۇچىلارنى قايىل قىلالايدۇ». (ئارىستوتىل: «ئىستىلىستىكا ئىلمى»(修辞学) بىيجىڭ ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى خەنزۇچە، 22-بەت ) ئارىستوتىلدىن كېيىن پىلاتون (ئەپلاتون دەپمۇ ئاتىلىدۇ)مۇ ئارىستوتىلنىڭ قارىشىنى تولۇقلاپ «ئىستىلىستىكىنىڭ قايىل قىلىشتا پەقەت تېخنىكىنىلا قوغلاشسا بولمايدىغانلىقى، ئىستلىستىكىنىڭ قايىل قىلىش ئۈچۈنلا سۆز ئوينىتىش ئەمەس، بەلكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئاقكۆڭۈللۈكىنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى» (پىلاتون:«ئەدەبىيات-سەنئەت دىئالوگلىرى»(文艺对话集) خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى خەنزۇچە، 164-165-بەتلەر)نى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىنچە بۇ خىل قاراشلار كوساكىس(Cosax)، ئانتىفون(Antiphon) قاتارلىق ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئۆتكەن ئىستىلىستىكىشۇناسلار تەرىپىدىن بېيىپ ۋە ئىنچىكىلىشىپ باردى.

   ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىغا كەلسەك، ئۇيغۇر تىل مەدەنىيىتىدە ئىستىلىستىكىغا ناھايىتى بۇرۇندىنلا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، قەدىمكى تاش ئابىدىلەر، «تۈ*ركىي تىللاردىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» ۋە باشقا ۋەسىقىلەردىن بىز بۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئۇيغۇر ئىستىلىستىكا نەزىرىيەسىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ئەدىب يۈسۈپ سەككاكىنىڭ «مىفتاھۇل ئۇلۇم»(ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق ئەسىرىدىكى «بالاغەت ئىلمى» توغرىلىق مەزمۇنلارنى، بۈيۈك ئۇستاز ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.(ئارسىلان ئابدۇللا قاتارلىقلار تۈزگەن :«‹قۇتادغۇبلىك› ئىستىلىستىكىسى» شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىل 1-نەشرى، ئۇيغۇرچە، 18-بەت) ئەلۋەتتە بۇ يەردە يەنە فارابىنىڭ ئارىستوتىلنىڭ «شېئرىيەت» ناملىق ئەسەرگە شەرھ يازغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ شىېئىرىيەت، ئىستىتىكا قاراشلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلشقا بولمايدۇ.

   20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىغا كەلگەندە ئىستىلىستىكا ئىلمى دونالد بىريانت(Donald Bryant)، للىيود بىتزېر(LloydBitzer)، كىننىس بۇرك(Kenneth Burke) قاتارلىقلارنىڭ  بۇ ساھەدىكىتىرىشچانلىقلىرى بىلەن قايتا گۈللەندى. شۇنداقلا، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تەسىر قىلشى كۈچى يۇقىرى ئىلىملارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئىنساننىڭ بارلىق ھەرىكىتىگە قەدەر كۆزىتىش ۋە باھالاشتا پايدىلىنىلىپ، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىستىلىستىكىلىشىشىنى تەتقىق قىلىش يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈردى.

   ھازىرقى زامان پىروزا نەزىرىيەسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن فىرانسىيەلىك گوستاف فىلوبېر(1821-1880)بىلەن ئامېركىلىق يازغۇچى ھېنرى جامۇس(1843-1916)دىن كېيىنلا ئىزچىل پىروزىنىڭ ئىددىيىۋىيلىكىگە مەركەزلىشىپ قالغان پىروزا تەتقىقاتى بىر پۈتۈن پىروزىنىڭ ئىچكى- تاشقى ماھارەتلىرىگە قاراپ چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلەندى. بايانشۇناسلىق، ژانىرشۇناسلىق قاتارلىق فورمالىزىملىق (شەكىلچىلىك) ئەدەبىيات نەزىرىيەلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، پىروزىنىڭ بايانشۇناسلىق سەنئىتى بىلەن تىلشۇناسلىقتىن تەرەققى قىلىپ كىڭىيىپ كەلگەن ئىستىلىستىكىشۇناسلىق قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پىروزا نەزىرىيەسىدە يەنە بىر ئىنچىكە نەزىرىيە پىروزا ئىستىلىستىكىشۇناسلىقى مەيدانغا كەلدى.

   پىروزائستىلىستىكىشۇناسلىقى بولسا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى شەكىللەنگەن. ئۇ :«يازغۇچى ئوقۇرمەننىڭ ‹ئىنكاسى›نى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇرمەننى پىروزىدىكى ئوبراز ۋە ئاساسلىق قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا ‹قايىل قىلىش›، ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن ئارىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، غايىۋى دوستلۇق ئورنىتىدىغان ماسلىشىشچان ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ۋە شۇنداقلا شۇنىڭ ئۈچۈن تاللىنىپ قوللىنىلغان مۇناسىپ ئۇسۇل، ماھارەت ۋە تاكتىكا پائالىيىتىدۇر.»(لى جيەنجۈن: «پىروزائىستىلىستىكىسى تەتقىقاتى»(小说修辞研究) جوڭگۇ خەلق ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى2003-يىل نەشرى خەنزۇچە، 11~12-بەتلەر)

   پىروزائىستىلىستىكىشۇناسلىقىنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان تەرەپلىرى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ پىروزا بايان قاتلىمىنىڭ ماھارەتلىرىگە تەۋە بولغان ماكرولۇق ۋە كونكرېت مىكرو ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرىنىڭ ئەسەردىكى قوللىنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى، شۇنداقلا پىروزائىستىلىستىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى، پىروزا ئىستىلىستىكىسىنىڭ سۇبىيكتى بولغان پىروزا يازغۇچىسى بىلەن يوشۇرۇن يازغۇچى، يازغۇچى بىلەن پىرسۇناژ، يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە ئوبيېكتى قىلغان. ئۇنى يۈزەكى ئېيىتقاندا پىروزا بايانشۇناسلىقىغا تەۋە دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ.لېكىن بايانشۇناسلىقنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھاكىمە ئوبىيېكتىگە قارىغاندا پىروزا ئىستىلىستىكىشۇناسلىقىنىڭ مۇھاكىمە ئوبيېكتلىرى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئومۇمىيلىق ۋە كونكرېتلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

   پىروزائىستىلىستىكىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ھالقا ئىستىلىستىكا ماھارىتىنى قوللىنىش بولۇپ، ئىستىلىستىكا ماھارىتى بولسا، يازغۇچىنىڭ ئىسىتىلىستىكا مەقسىتىنى ئەمەلگەئاشۇرۇشنىڭ ۋە ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈمگە ئىرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئۇ بەدئىيلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ، ھەرقانداق سەنئەت ئەسىرى ئۇنىڭسىز بەدئىيلىككە ئىرىشەلمەيدۇ. بەدئىيلىككە ئىرىشمىگەن نەرسە ھەم سەنئەت ھېسابلانمايدۇ. ئىستلىستىكىلىق ماھارەتلەر بەدئىي ئەسەرنىڭ يادروسى بولغان چىنلىقنى يەنە بىر پەللىگە يەنى بەدئىيلىك پەللىسىگە ئىلىپ چىقىدىغان قانات.ئىستىلستىكا ماھارەتلىرى ماكرولۇق ئىستىلىستىكىلىق ماھارەتلەر ۋە مىكرو ئىستىلىستىكىلىق ماھارەتلەر دەپ ئىككى چوڭ سىستىمىغا بۆلۈنىدۇ. ماكرولۇق ئىستىلىستىكىلىق ماھارەتلەر ئاساسلىقى بايان قاتلىمىغا تەۋە پىروزا ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرىنى تەتقىق قىلسا، مىكرو ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرى كونكېرىت ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇللارنىڭ پىروزىدىكى ئىشلىتىلىش خاراكتېرىنى، ئالاھىدىلىكىنى، تۈر-شەكىللىرىنى مۇنازىرە قىلىدۇ.

ماكرولۇق ئىستىلىستىكىلىق ماھارەتلەردىن بايان قىلىش ۋە قانات يايدۇرۇش، كۆزىتىش(نەزەرسېلىش) نۇقتىسىنى كونتىرۇل قىلىش ، ئارلىقنى كونتىرول قىلىش، ئىددىيىۋى پىكىر، بايانچى شەخىس،  رىتىم،  زامان ۋە ماكان قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەر بىرى پىروزا ئىجاديىتىنىڭ بايان قاتلىمىغا مۇناسىۋەتلىك. پىروزا ئىجادىيىتىدە بۇ ھالقىلارنى ئىگەللەش ئەمەلىيەتتە ئەسەرنىڭ بايانچىلىق سەنئىتىدىكى ماكرولۇق ماھارەتلەرنى ئىگەللەش مەسلىسى بولۇپ، ئۇ ئەسەرنىڭ بايان قۇرۇلمىسىغا، كومپوزۇتسىيە ئورۇنلاشتۇرىشىغا، ئىددىيەۋى قاتلاملىرىغا قەدەر چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقارقىلاردىن بىز نۇقتىلىق قىلىپ كۆزىتىش نۇقتىسى بىلەن ئارلىقنى كونتىرۇل قىلىش ئىككىسىنى تونۇشتۇرىمىز:

   كۆزىتىش نۇقتىسى- يازغۇچى تەرىپىدىن باياننى قانات يايدۇرۇش ياكى ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرنىڭ ئوبرازلارقۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىشى ئۈچۈن تاللانغان چىقىش نۇقتىسى ۋە شەكىللەنگەن كۆرۈش(نەزەر سېلىش) دائىرىسى بولۇپ، ھېكايىنى بايان قىلىش جەريانىدا، يازغۇچى چوقۇم ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى تاللاش ۋە كونتىرۇل قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ئەڭ ياخشى نۇقتىدىن ئەسەرنىڭ ئوبرازلار دۇنياسىغا باشلىشى كېرەك. ئۇنىڭ رولى شۇكى، كۆرۈش سىزىقىنىڭ كاشىلىسىنى يوقۇتۇپ، دىققەتنى يىغىش كۈچىگە تەسىر قىلىپ ئوقۇرمەننىڭ دىققىتىنى يىغىش ئەڭ زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرىدۇ. كۆزىتىش نۇقتىسى پىروزىنىڭ بايانى، سىيۇژىتنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ تەسۋىرىگە نىسبەتەنئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار. دوستويىۋىسكى كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ :«كۆپلىگەن ئەھۋالدا، ئەگەر بىر ھېكايىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ئۆزگەرتىۋىتىلسە ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ كىتىدۇ، ھەتتا ئىزدىرەكسىز غايىپ بولىدۇ.»(مارتىن ۋاللاس(Martin Wallas) :«بۈگۈنكى بايانشۇناسلىق»(当代叙事) بىيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1990-يىلنەشىرى خەنزۇچە، 158~159-بەت) ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچى سىفورىستېر(Forster)مۇ كۆزىتىش نۇقتىسى توغرىسىدا:« يازغۇچى ئوخشاشمىغان شارائىتقا قارىتا ئوخشاش بولمىغان كۆزىتىش نۇقتىسىنى بىكىتسە ۋە ئۇنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ. دىككىنىس، تولىستويلار دەلمۇ شۇنداق قىلاتتى»(بۇس (Booth) :«پىروزا ئىستىلىستىكىسى» (The Rhetoric of fiction) چىكاكو ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1983-يىل 2-نەشرى ئىنگىلىزچە، 2-بەت) دەيدۇ. بىر پارچەئەسەردىكى كۆزىتىش نۇقتىسى بىرلا بولىشى ناتايىن. بىر پارچە ئەسەردە يازغۇچى بىر قانچە كۆزىتىش نۇقتىسىنى بىكىتىۋالغان بولىشى مۇمكىن بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئەسەردە يەنە يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئىستىتىك مۇددىئاسى ۋە ئەسەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كۆزىتىش نۇقتىسىنى ئاڭلىق ئاساستا ئالماشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ « ‹ھەممىنى بىلىش› تىپىدىكى باياندا كۆزىتىش نۇقتىسى كونكرېت ئىھتىياج سەۋەبىدىن بايانچىدىن ئەسەر ئىچىدىكى پېرسوناژغا، پېرسوناژدىن يەنە بايانچىغا، بەزىدە پېرسوناژدىن – پېرسوناژغائۆتىدۇ.»(مۇختار ھاپىز : «پىروزىدىكى كۆزىتىش نۇقتىسى توغرىسىدا»، تارىم، 2008-يىللىق4-سان 130-بەت).

   ئارلىقنى كونتىرۇل قىلىش - يۈزەكى قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇ سۇبىيكتىپ بىلەن ئوبىيكتىپ، سۇبىيكتىپ بىلەن سۇبىيكتىپ ئارىسىدىكى ماكان-زامان، ھېسىيات، ئەخلاق، تونۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئارلىق، پەرىق، ئىتىراپ قىلىش ياكى رەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئارلىق كىچىك بولسا ئۇ سۇبىيكتىپ بىلەن ئوبىيكتىپنىڭ ياكى سۇبىيكتىپ بىلەن سۇبىيكتىپنىڭ يېقىن، بىر-بىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئىتىراپ قىلىدىغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىسە، ئارلىقنىڭ چوڭلىقى بۇلارنىڭ يېراق، قارمۇ-قارشى، بىزارلىق ۋە چەتكە قېقىش مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتتە يازغۇچى ئەگەر ياندىكى سوغۇققان كۆزەتكۈچى پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ ھېكايىدىكى پىرسۇناژلارنى تەسۋىرلەشنى بىرتەرەپ قىلسا كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى بىرقەدەر يېراق، قارشى بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ھېكايىدىكى ھەممىگە بىر خىل زوقلىنىش ھەتتاكى ھېسىياتىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈش پوزىتىسيەسىدە بولىدىكەن ئوقۇرمەن بىلەن پىرسۇناژلار بىلەن ياكى ئالاھىدە ئەھۋالدىكى ھېسىيات ئالماشتۇرۇش ياكى تونۇشۇش جەريانىدىكى ئارلىقنى قىسقارتالايدۇ. شۇڭلاشقا يازغۇچى ئارلىقنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كونكېرىت ئىستىلىستىكىلىق مۇددىئاغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سىلىپ ھەرىكەتچانلىق بىلەن ئارلىقنى چوڭايتىش ياكى كىچىكلىتىىپ يوقىتىشى كېرەك. پىروزا ئەسەرلىرىدە ئارلىقنى كونتىرۇل قىلىشنىڭ كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل كونكېرىت ئۇسۇلى بار. بىر پارچە پىروزا ئەسىرى پۈتۈنلەي كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلەش ۋە ياكى پۈتۈنلەي ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىش ئەمەس. ئۇنىڭدا دائىم ئىككىلا خىل ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىلىدۇ.

   بۇلاردىن باشقايەنە ماكرولۇق ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرىدىن بايان قىلىش ۋە قانات يايدۇرۇش ماھارىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم  بولۇپ، بايان قىلىش يازغۇچىنىڭ ھېكايە سۆزلەشتىكى بايان تىلىنىڭ ھەم راۋان، ھەم چۈشىنىشلىك، شۇنداقلا بەدئىي سەنئەتكە تويۇنغان «ئەسەردىكى ئۆزگىچە نۇتۇق»ىنى كۆرسەتسە، قانات يايدۇرۇش يازغۇچىنىڭ ئەسەردىكى ھەر قايسى ۋەقەلىك سىيۇژىتىنى بىر-بىرىگە باغلاش ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىش ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككىسى توغرىلىق كۆپلىگەن پىروزا نەزىرىيەچىلىرى ئىلگىرى – كېيىن ئوخشاشمىغان مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. چۈنكى بۇ بايان قىلىش – ھېكايە سۆزلەش ماھارىتى بولغان پىروزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرىپى بولۇپ، بۇلار بىر پۈتۈن ئەسەردىكى ئەڭ ھالقىلىق ماھارەتلەردۇر. بايان قىلىش ماھارىتى ئارقىلىق ئەسەر قانات يايدۇرۇلسا، قانات يايدۇرۇش ماھارىتى ئارقىلىق يازغۇچى «ھېكايە سۆزلەش» سەھنىسىگە ئىگە قىلىنىدۇ.بايان قىلىش ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان ئەسەر سىيۇژىتى بولۇشى كېرەك بولغىنىدەك، قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە بايان ماھارىتى شەرت بولىدۇ. دېمەك بۇ ئىككىسى خۇددى قان بىلەن گۆشتەك بىردەكلىككە ئىگە. بۇ توغرىدىكى مۇلاھىزىلەر كۆپ خىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ماقالىدە چوڭقۇرلاپ تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا قولايسىز. شۇڭا ماكرولۇق ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرى توغرۇلۇق مۇلاھىزىلەرنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ مىكرو ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرى توغرۇلۇق توختىلىمىز.

مىكرو ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرىدىن كىنايە، سېلىشتۇرۇش، تەكرارلاش، ئىشارە قىلىش، سىمۋول، تىركەش، ئەكىس سەنئىتى، رىتورىكا، دارىتمىلاش، ئېۋفىمىزىم(سېلىقلاش)، مۇبالىغە، سۈپەتلەش، تەمسىل قىلىش قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى پىروزا ئەسەرلىرىدە ئەسەر قۇرۇلمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بەزىلىرى تېمىنى روشەنلەشتۈرۈش، ئوبراز يارىتىش، يازغۇچىنىڭ سۇبىيكتىپ پوزىتسىيەسىنى يورۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

   كىنايە -پىروزىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان مىكرو ئىستىلىستىكا ماھارىتى بولۇپ، ئۇ سىيۇژىتنى بايان قىلىش، ئوبراز يارىتىش، يازغۇچىنىڭ ھېسسىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، نەسىرىي ۋە شېئىرىي ئەسەرلەردىكى كەم بولسا بولمايدىغان، ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان ئۈنۈملۈك ئىستىلىستىكا ماھارىتى. ئۇ ئاددى بايانىي جۈملىلەرگە سڭدۈرىۋىتىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئەسەردىكى مەلۇم بىر ۋەقەلىككە سىڭدۈرىۋىتىلگەن بولىشىمۇ ۋە ياكى ئومۇمىي بىر پۈتۈن ئەسەرگە سىڭدۈرىۋىتىلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ماھارەتنى بىز تالانتلىق يازغۇچىمىز مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرىۋالالايمىز.

  تەكرارلاش -مەلۇم بىر پىكىر-ھېسىياتنى گەۋدىلەندۈرۈش، تەكىتلەش، مەلۇم بىر شەيئىنىڭ مەلۇم تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ياكى مەلۇم سىيۇژىتنى كۈچەيتىپ يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئوخشاش بىر سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملە، ئابزاسنى تەكرار ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇل پىروزا ئەسەرلىرىدىن كۆرە شېئىرىي ئەسەرلەردە ۋە نۇتۇقتا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. بېراق بۇ ھەرگىزمۇ پىروزائەسەرلىرىدە قوللىنىلمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. تەكرارلاش پىروزا ئەسەرلىرىدە بايانچى تىلىنى كۈچلۈك ھېسىياتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بەزىدەبۇ خىل تەكرارلاش ئەسەردە كىنايە ياكى رىتورىك ئۈنۈممۇ شەكىللەندۈرىدۇ.

سىمۋولمۇ پىروزائەسەرلىرىدىكى ئالاھىدە مىكرو ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بولۇپمۇ ئاڭ ئېقىمى، فىرانسىيە يېڭى پىروزىچىلىقى، سېھرىي رېئالىزىم، بىمەنە پىروزىچىلىققا ئوخشىغان مودىرنىزىم پىروزىچىلىقىدا ئالاھىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە سىمۋول ئەسەردە ۋەقە ياكى پىرسۇناژغا قارىتا يازغۇچىنىڭ كۆز قارىشى، باھاسىنى ئىشارەقىلىدۇ. بولۇپمۇ باشتىن – ئاخىرى سىمۋول سىڭدۈرۈلگەن ئەسەرلەردە ئۇ ئەسەر ئاساسىي تېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بارلىق سىمۋوللار بىر خىل كونكېرىتلاشتۇرۇلغان، بەلگىلەشتۈرۈلگەن خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئوبرازدىن پايدىلىنىپ مەلۇم بىر خىل ئۇقۇمنى، دۇنياغا بولغان ھېسىي پوزىتسىيەنى ئىپادىلەشتۇر. پىروزا ئەسەرلىرىدە سىمۋولنىڭ بىقىندىلىق، گەۋدىلەندۈرۈش، مول مەزمۇنچانلىق بولۇشتەك پىرىنسلىرى بار بولۇپ، ئۇنى مەنە ۋە ئوبرازنىڭ باغلىنىشى تەرەپتىن تەمسىللىك سىمۋول ۋە تەمسلىسىز سىمۋول، ئىپادىلەش شەكلى تەرەپتىن بايانىي سىمۋول ۋە تەسۋىرىي سىمۋول دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. سىمۋول بۈگۈنكى دۇنيا مودىرنىزىم پىروزىچىلىقىدا ئەڭ جانلىق، ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر خىل مىكرو ئىستىلىستىكىلىق ماھارەت بولۇپ، پىروزىچىلىقتىكى «سىمۋوللاشتۇرۇش» يۈزلىنىشى پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئابىستىراكىتلىشىش، سۇبىكتىپلىشىش(ئىچكى پىسخىكا مايىللىقى)، «ساپ سەنئەت»قوغلىشىش، غۇۋالىشىشتەك ئۆزگىچىلىكىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، پىروزىنىڭ شېئىرىيلىشىشىنى يەنى باياننىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇرمەدىنمۇ بىر قەدەر يۇقىرى ئىستېتىك زوقلىنىش كۈچىنى تەلەپ قىلىنىپ، ئوقۇرمەننىڭ ئىستىتىك ساپاسىنىڭ ئېشىشىغا، ئەسەرنىڭ ئىددىيۋىلىكنىڭ رامكىسىدىن قۇتۇلۇپ بەدئىي يۈكسەكلىككە يىقىنلىشىشىغا سەۋەب بولدى.

   مىكرو پىروزا ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك كۆپ خل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ بايان، سىيۇژىت قۇرۇلمىسى، ئىددىيۋىلىكى، بەدئىي گۈزەللىكى، ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن يېڭى، كىلاسسىكلىقى، يازغۇچىغا نىسبەتەن ئۆزگىچە يېزىقچىلىق ماھارىتىنى نامايەن قىلىشتىكى ئالاھىدە ۋاستىسى بولۇشى بىلەن بىزنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مۇلاھىزە قىلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

  پىروزائىستىلىستىكىشۇناسلىقى ماكرولۇق ۋە مىكرولۇق ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئەسەردىكى ئۈنۈمىنى، پىروزا ئىستىلىستىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كونكرېت ئامىللارنى مۇھاكىمە قىلىدىغان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئەسەردە يۇقارقى ماھارەتلەرنى ئىشلىتىشدىكى مەقسەت مۇشۇ ئىستىلىستىكىلىق ماھارەتلەرنىڭ يادىمىدە ئەسەرنىڭ قايىل قىلىش ۋەتەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئوقۇرمەن قەلبىدە ئاكىتىپ تەسىر پەيدا قىلىش. دېمەك پەقەت ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرىنى قانداق ئىشلتىش مەسلىسىنىلا مۇھاكىمە قىلىش يېتەرسىز بولۇپ، چوقۇم ئۇنىڭ ئەسەردىكى ئۈنۈمىنى شۇنداقلا شۇ خىل ئۈنۈمگە تەسىر كۆرسىتىىدىغان ئامىللارنىمۇ مۇھاكىمە قىلىش زۆرۈر. سەنئەتنىڭ ئۈنۈمى ياكى تەسىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىستىمال تەنقىدچىلىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئىستىمال تەنقىدچىلىكىنىڭ يادروسى ئۈنۈم ياكى تەسىرنى مۇھاكىمە قىلىشتۇر. ئەدەبىيات ئىستىمال تەنقىدچىلىكىمۇ ئەلۋەتتە پىروزىدىكى ئىستلىستىكىلىق ماھارەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى مۇھاكىمە قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. پىروزىنىڭ ئىستىلىستىكا ئۈنۈمى يازغۇچى تەرىپىدىن بىكىتىۋىتىلگەن، مۇقىم تۇراقلىق نەرسە بولماستىن بەلكى يازغۇچى،ئوقۇرمەن، كونكېرىت ئەسەردىكى كونكېرىت ماھارەت ۋە باشقا تاشقى ئامىللار تەسىرى ئاستىدىكى پەرىقلىق، ئۆزگىرىشچان بولغان ئالاھىدە قىممەت نەتىجىسىدىن ئىبارەت.

   پىروزا ئىستىلىستىكىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇمەن، يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن مۇناسىۋىتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئوقۇشچان ۋە يېزىشچان (يېزىشقا ئەپلىك) ئۈنۈم، ئەسەردىكى ھاياتىي كۈچى ۋە تەسىرنىڭ داۋام قىلىش ۋاقتىغا ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈم، ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە ئىپادىلەش مۇناسىۋىتىدىن چىقىپ تۇرۇپ سۇبىيكتىپ سەمىمىيلىك ئۈنۈمى ۋە ئوبىكتىپ ئەمەلىيەت ئۈنۈمى، ئوقۇرمەننىڭ ئىتىكا – ئەخلاق چۈشەنچىلىرى تەرەپتىن ئەخلاقىي تازلاش ئۈنۈمى، ئەسەرنىڭ يادرولۇق تەشەببۇسى تەرەپتىن باش تېما ئۈنۈمى دېگەندەك بىر قاتار ھالەتلىرى بىلەن مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ.پىروزا ئىستىلىستىكىسىنىڭ بۇ خىل ئۈنۈم ھالەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش تەنقىدچىنىڭ تەنقىد مۇددىئاسى ۋە كونكېرىت ئەسەرنىڭ ئىستىلىستىكىسى بەلگىلەيدۇ. يۇقىرىدا ئەسكەرتكىنىمىزدەك بۇ خىل ئۈنۈملەر بىكىتىۋىتىلگەن، تۇراقلىق بولماستىن، پەرىقلىق،ئۆزگىرىشچان بولىدۇ.

   پىروزا ئستىلستىكىشۇناسلىقى يەنە كونكرېت پىروزا ئەسەرلىرىدىكى كونكرېت ئىستىلىستىكا يېتەرسىزلىكلىرىنى، پىروزىنىڭ سۇبىيكتى بولغان يازغۇچى بىلەن ئەسەردىكى يوشۇرۇن يازغۇچى، يازغۇچى بىلەن ئەسەردىكى ئوبراز، يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنىمۇ مۇھاكىمە قىلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقىسى كونكرېت ئەسەردىكى كونكرېت كەمچىلىك تەرەپلىرىنى تىلشۇناسلىق، يېزىقچىلىق ماھارىتى، لوگىكا، ئىستىتىكا،مەدەنىيەتشۇناسلىق، پىسخىلوگىيە بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىستىلىستىكا ماھارەتلىرىنى قوللىنىشتىكى ماھارەت مەسلىسىنى مۇھاكىمە قىلسا، كېيىنكىسى بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسدىن پىروزا ئىستىلىستىكىسىنىڭ ئوبىيكتىپ ۋە سۇبىيكىتىپ كىلىپ چىقىش مەنبەلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەن كونكرېت ئەسەردىكى پىروزا ئىستىلىستىكىسىنىڭ ئوبىيكتىپ ۋە سۇبىيكىتىپ كىلىپ چىقىش مەنبەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىدۇ.

  ئومۇمەن، پىروزا ئىستىلىستىكىشۇناسلىقى پىروزىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئۆزگىچە بىر خىل پىروزا ئۈچۈن مەخسۇسلاشقان تەتقىقات مىتود ئىلمى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان تەرەپلىرىپى روزىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغىچە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پىروزا سۇبىيكتى بولغان يازغۇچىنىمۇ مۇھاكىمە بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئومۇمىي مۇھاكىمە ئوبىيكتى ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن بەدئىيلىكىدىن ئىبارەت. ئەمما ئۇ ئىستىلىستىكا ئىلمىدىن شاخلاپ چىققانلىقى ۋە بايانشۇناسلىققا تەۋە بولغانلىقىدىن ئۇنىڭمۇ زىيادە ئەسەر تىلنىڭ بەدئىيلىكىنى مەركەز قىلىشتەك يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس. پىروزا ئىستىلىستىكىشۇناسلىقى باشقا ئىجادىيەت پىسخىلوگىيەسى، مەدەنىيەت تەنقىدچىلىكى، قۇرۇلماشۇناسلىق، تەپسىرشۇناسلىق، ھادىسەشۇناسلىق، ئەسلى تىپ تەنقىدچىلىكى، بەلگەشۇناسلىق، فورمالىزىم(شەكىلچىلىك)، ئىستىمال تەنقىدچىلىكى قاتارلىق ئەدەبىيات تەنقىدچىلك ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش ئىستىلىستىكىشۇناسلىقتىن پىروزىغا قارىتا مەخسۇسلاشقان تەنقىدچىلىك ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. پىروزا ئىستىلىستىكىشۇناسلىقىىغا يەنە شېئىرىيەت ئىستىلىستىكىشۇناسلىقى، دىرامما ئستىلىستىكىشۇناسلىقى، كىنو – تېلېۋىزىيە ئىستىلىستىكىشۇناسلىقى دېگەندەك شاخلانما نەزىرىيە تەتقىقات پەنلىرىنى  يانداش قويۇش مۇمكىن.




پايدىلانغان ماتېرىياللار :


1.     بۇس (WAYNEC . BOOTH) :«پىروزا ئىستىلىستىكىسى» (The Rhetoric OfFiction) چىكاكو ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1983-يىل 2-نەشرى ئىنگىلىزچە،2-بەت

2.     مارتىن ۋاللاس(MartinWallas) : «بۈگۈنكى بايانشۇناسلىق»(当代叙事)بىيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1990-يىل نەشىرى خەنزۇچە، 158~159-بەت

3.     ئارىستوتىل:«ئىستىلىستىكا ئىلمى»(修辞学) بىيجىڭ ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى خەنزۇچە، 22-بەت

4.     پىلاتون:«ئەدەبىيات-سەنئەتدىئالوگلىرى»(文艺对话集) خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى خەنزۇچە، 164-165-بەتلەر

5.     لى جيەنجۈن:«پىروزا ئىستىلىستىكىسى تەتقىقاتى»(小说修辞研究)جۇڭگۇ خەلق ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2003-يىل نەشرى خەنزۇچە، 11~12-بەتلەر

6.      شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 3-توم مىللەتلەر نەشرىياتى 1992-يىل نەشرى، ئۇيغۇرچە 521-بەت

7.     يولۋاس راشىدىن، غەنى ئابدۇگۈل :«ئىستىلىستىكا ساۋادى» شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2002-يىل باسمىسى، ئۇيغۇرچە، 7-بەت

8.     ئارسىلان ئابدۇللا قاتارلىقلار تۈزگەن :«‹قۇتادغۇبلىك› ئىستىلىستىكىسى» شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىل 1-نەشرى، ئۇيغۇرچە، 18-بەت

9.      مۇختار ھاپىز:«پىروزىدىكى كۆزىتىش نۇقتىسى ھەققىدە»، «تارىم»، 2008-يىللىق 4-سان



مەزكۇر ماقالە «تارىم» ژورنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 13:43  


ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 17:03:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە يېڭى نەزىريىۋى بىلىملەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.ئاپتور  پۈتۈنلۈك نەزرى بىلەن پىكىر،چۈشەنچىلەرنى يىپقا مارجان تىزغاندەك «ئىستىلىسكا »ئۇقۇمىنى چۆردەپ بايان قىلغان بولغاچقا پىكىرلەر يارقىن ئىپادىلنىپتۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش