كۆرۈش: 313|ئىنكاس: 1

تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 34
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 11:49:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

T.bagyar-2.PNG




      

تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار 1971-يىلى3-ئاينىڭ 6-كۈنى قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزا قوقان كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1992-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكولتېتىدا ئوقۇغان.

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مەمۇرى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.2002-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە، 2004-يىلى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.2006-يىلىدىن ھازىرغىچە قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئە تچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.

تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار؛ 1994-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە«شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان«ئۇيغۇر قىزى لېرىكىسىنىڭ سېھرى كۈچى» ناملىق ئوبزورى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان« شىنجاڭ گېزىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»قاتارلىق گېزىت ۋە «شىنجاڭ مەدەنىيتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«يېڭى قاشتېشى»،«تۇرپان»،«قەشقەر»، «ئىلى دەرياسى»،«كىرورەن»،«قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «خوتەن پېدا گوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»قاتارلىق ھەرقايسى گېىزىت-ژورناللاردا«يۇلغۇن چېچىگى»،«سىتودېنىتلار ياتىغى»،«تەڭرىنىڭ كۆزيېشى»قاتارلىق پوۋېسىت، «ئالتۇن چېدىر»،«دەندانقان ئۇرۇشى»،«كولتېگىننىڭ ئاق ئېتى»،«باش باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرى»قاتارلىق ھېكايە،«شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقى ھەققىدە»، «‹ئانايۇرت›رومانىدىكى مۇختەر باي ئوبرازى ھەققىدە»،«‹ئانايۇرت›رومانىدىكى نۇرى ئوبرازىنىڭ سىمۋوللۇق خارا كتېرى ئۈستىدە تەھلىل » قاتارلىق ئوبزور-ماقالەلەر،«مىللىي ئاڭدىكى بۆھران»،«ئاياللار ۋە جەمئىيەت»قاتارلىق ماقالە،«خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى دىنىي تۈس توغرىسىدا»،«سوغدىلار ۋە سوغدىيانا مەدەنىيتى»قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەردىن بولۇپ 150 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەر ئېلان قىلغان.«يېڭى قاشتېشى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «سىتودېنىتلارياتىغى» ناملىق پوۋېسىت،«تۇرپان»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«ئالتۇن چېدىر»ناملىق ھېكايىسى ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان«مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ»،«ئالا كۆڭۈللۈك پايدا بەرمەيدۇ» ناملىق ئىككى پارچە كىتابى ۋە«چۈش باشلانغان جاي»ناملىق رومانى نەشرقىلىندى.«تۆمۈر مالىك»،«تۇران مەلىكىسى»(ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلا شتۇرۇلغان)، «بابارەھىم مەشرەپ»، «شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»،«شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان مەتبەچىلىك، ئاخپارات ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخى»، «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبلىرى»ناملىق كىتاپلارنى نەشىرگە تاپشۇردى.


mukam.cn

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 601
تۆھپە : 26
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 19:04:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئاداش، سىلىنى بىز تونۇشتۇرۇپ بولغۇچە ئۆزۈڭلار تونۇشتۇرۇپسىلەر، ئەمما ھەقىقى يازغۇچىدەك ئىش قىپسىلەر. سىلە بىلەن دەۋرداش بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش