بۇ پوۋېستنى ئوقۇغانلار بارمۇ؟
پۇرقەت ئىسمائىل
ھۆرمەتلىك تورداشلار:
بۇنىڭدىن 15-16 يىل بۇرۇن «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ بىر سانىنى ئوقۇغانىدىم، ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچقا ژۇرنالنىڭ ئىچىدىكى ئەسەرلەرگە قىزىقىپ، ژۇرنالنىڭ قايسى يىلنىڭ نەچچىنچى سانى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلماپتىكەنمەن. شۇ ژۇرنالدا بىر پوۋېست بار بولۇپ، نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ پوۋېستنى ئىزدەشنى ئويلىغان بولساممۇ پوۋېست ئاپتورى بىلەن ماۋزۇسىنى پەقەت ئېسىمگە ئالالماي ئامال بولمىغانىدى. شۇڭا يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەر كۆپ بولغاچقا بىرەر ئۇچۇر چىقىپ قالار، دېگەن ئۈمىد بىلەن بۇ تېمىنى يوللىدىم.
پوۋېستنىڭ ئېسىمدە قالغان مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ناھىيە ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق زۇلپىقار ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن مەربىيە ئىسىملىك، يېزىلىق بىر قىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا مۇھەببەتلىشىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا زۇلپىقار ئىمتاھاندىن ئۆتىدۇ. مەربىيە ئۆتەلمەيدۇ. ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدا بىر قېتىم بىللە بولۇپ قالىدۇ. زۇلپىقار ئالىي مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن مەربىيەنىڭ قورسىقىدا قالغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. دادىسى يۇرتىدا تۇرالماي ئۇنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. مەربىيە ئۈرۈمچىدە قوشكېزەك ئوغۇل تۇغىدۇ. ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمىنى زۇليار ۋە زۇلھار قويىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇلار ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىدۇ. مەربىيە يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تام قوشنىسىنىڭ ئوغلى مەربىيەگە تەلەپ قويىدۇ. مەربىيە رەت قىلىدۇ. ئەمما قوشنا بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن نورمال قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ.
زۇلپىقار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە تەتىل ۋاقتىدا مەربىيەنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر كۈنى مەربىيەنى ئىزدەپ يەنە ئۇنىڭ مەھەللىسىگە چىقىدۇ. دەل شۇ چاغدا مەربىيەگە تەلەپ قويغان قوشنىسى مەربىيەنىڭ تېمىنى ئوڭشاپ بىرىۋاتقان چاغ بولۇپ، زۇلپىقار يىراقتىن ئۇلارنىڭ پاراڭلاشقاچ بىللە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئويناۋاتقان زۇليار بىلەن زۇلھارنى كۆرۈپ مەربىيە توي قىپتۇ، يېنىدىكى ئېرى ۋە بالىلىرىكەن، دەپ ئويلايدۇ. ئۇ مەربىيە بىلەن كۆرۈشمەي قايتىپ كېتىدۇ.
زۇلپىقار چوڭلار تونۇشتۇرغان باشقا بىر قىز بىلەن توي تەييارلىقىغا چۈشىدۇ. باغاقلار تارقىتىلىپ تويغا بىر نەچچە كۈن قالغاندا مەربىيەنىڭ بىر پارچە خېتى زۇلپىقارنىڭ قولىغا تېگىدۇ. زۇلپىقار ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ توينى توختاتماقچى بولىدۇ. بىراق زۇلىپقارنىڭ ئانىسى قەتئىي قوشۇلمايدۇ. زۇلپىقار توي قىلىدۇ. لېكىن تويدىن كېيىن ۋىجدان ئازابى ئۇنى يەتكۈچە قىينايدۇ. ئاخىرى توي قىلىپ ئىككى ئاي بولغاندا زۇلپىقار ئايالىغا مەربىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر تولۇق دەپ بېرىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ مەربىيە بىلەن توي قىلىدۇ...
شۇ چاغلاردا ئۆزۈم كىچىك بولغاچقا ھەم بۇ پوۋېست بار ژۇرنال باشقىلارنىڭ بولغاچقا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ پوۋېستنى بىر قېتىملا ئوقۇشقا نېسىپ بولغان ئىدى. چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇرۇن ئوقۇغان تالايلىغان ئەسەرلەرنى تېپىپ ساقلىدىم. ئەمما مۇشۇ بىر پارچە پوۋېست بار ژۇرنالنى قەتئىي تاپالمىدىم.
ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى، بەلكىم بۇ پوۋېستنىڭ ئاپتورى بۇ مۇنبەردە بولىشى، ياكى بولمىسا بۇ پوۋېستنى ئوقۇغان ئوقۇرمەندىن بىرەرسى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئىچىدە بۇ پوۋېستنىڭ مەنبەسىنى ياكى ئاپتورىنى بىلىدىغانلار بولسا ماڭا ياردەم قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!