پۇرقەت يوللىغان ۋاقتى 2015-7-17 12:53
كاتالوگقۇ بار، لېكىن مەن ئىزدىگەن پوۋېستنىڭ ماۋزۇسى ...
سالام فۇرقەت!
گۈلئايىم ئاپامدىن سورىدىم، گۈلئايىم ئاپام (مەرھۇمەنىڭ قازا قىلغىنىدىن بىخەۋەر ئىكەنتۇق، بىلىپ قايغۇردى.)ئەسەرلىرى ئىچىدە سىز ئىزدىگەن پوۋسىتنى كۆرمىگەنلىكىنى، ماتېرىياللىرىنى ئىچىدىن ئىزدەپ كۆرۈپ تاپسا ئۇچۇرىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان... تاپالماپتۇ. باھارگۈل ساۋۇت ھەمدەمنىڭ بولسا تېلفۇن نومۇرى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، ئۇرسام باشقا بىر ئادەم...
كەچۈرۈڭ، سىزگە پايدىسى تەگكۈدەك بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم.
مېنىڭچە، ئۇچتۇرپاندىكى قەلەمداشلىرىمىز، كىتاب شەيدالىرىمىزدىن كۆپرەك سوراپ شۇ تەرەپلەردىن ئىزدەنسەك، ھېچبولمىسا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ قولىدا مەرھۇمەنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرىنى چوقۇم تاپقىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن يەنىلا ئۇچتۇرپاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.