ئىگىسى: پۇرقەت

بۇ پوۋېستنى ئوقۇغانلار بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-4 11:12:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى تېخىچە تاپالمىدىڭىزمۇ؟ تەسىرلەندىم. بوپتۇ سىزگە بىر خىزمەت قىلىپ قوياي. ئۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى كىچىكىپ تەگكەن خەتلەر ئاپتۇرى غايىبە ئابدۇراخمان، 1995-يىلى 1-سان 29-بەتتە، ئۇنىڭدىن باشقا كىرەم قاسىمنىڭ كىچىكىپ كەلگەن باھار 1996-يىلى 1-سان 15-بەت. ئابدۇرېھىم ئابلىمىتنىڭ ئاي گۇۋاھ 1996-يىلى 4-سان 63-بەت. داۋامى 1997-يىلى 1-سان 67-بەت.  ئابباس مولنىيازنىڭ خاسىيەتلىك زىمىن. 1997-يىلى 1-سان ۋە 2-سانلاردا قوشۇپ بىرىلگەن.  لىتىپ رازىق ئۈمىد 1997-يىلى 3-سان 56-بەت، 4-سان 1-بەت.  ئوسمان ھوشۇر چاتما كۆلەڭگۈلەر 1998-يىلى 1-سان 10-بەت.   ئەنۋەر مۇھەممەت گۇناھ 1998-يىلى 2-سان 1-بەت.
-----------------
سىز ئىزدىگەن ئەسەرلەر مۇشۇنىڭدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 2005-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتىكى پوۋېسىتلار مۇشۇنىڭدىن ئۆتۈپ كىتەلمەيدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-4 13:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-4 11:12
بۇ ئەسەرنى تېخىچە تاپالمىدىڭىزمۇ؟ تەسىرلەندىم. بوپتۇ  ...

رەھمەت سىزگە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-6 17:21:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-4 11:12
بۇ ئەسەرنى تېخىچە تاپالمىدىڭىزمۇ؟ تەسىرلەندىم. بوپتۇ  ...

سىز تىلغا ئالغان بۇ ئەسەرلەر «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدىمۇ؟

ۋاقتى: 2015-8-6 19:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردا تىلغا ئالغان ئەسەر ۋە ژۆرناللارنىڭ ھەممىسى ئاقسۇ ئەدەبىياتىدا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-6 19:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-6 19:05
يۇقۇردا تىلغا ئالغان ئەسەر ۋە ژۆرناللارنىڭ ھەممىسى ئا ...

   ئالدىدىكى بىر ئىنكاسىڭىزغا قاراپ «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1990-يىلدىن 2000-يىلغىچە بولغان سانلىرىنى ئاختۇرۇپ تاپالمىدىم. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»دا ئوخشايدۇ، دەپ قارىسام «ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى»نىڭ 2-قىسمى يوق، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر شۇنىڭدا ئىكەن، ئەمدى دۈشەنبە كۈنى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»نى بىر قوللۇق ئاختۇرۇپ كۆرەي...
ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-8-11 11:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرقەتنىڭ ئوقۇرمەنلىك ئىستىلىغا قول قويماي تۇرالمىدىم، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن بىر قانچە پوۋسىت ۋە ھېكايىلەرنى ئىزدەپ قايتا ئوقۇپ، شۇ چاغدىكى تۇيغۇلىرىمنى قايتا تىپىۋالغۇم كىلىپ قالدى. مەسىلەن: ئۈششۈك تەگكەن ياپراق دېگەندەك... رەھمەت پۇرقەت.

ۋاقتى: 2015-8-13 19:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پوۋىسىت ياخشىللىرىمىزنىڭ قولى ئارقىلىق بالدۇرراق مۇنبەرگە يوللانسا بۇلاتتى. ئوقۇشقا ئالدىراپ قېلىۋاتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-13 19:54:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالمان يوللىغان ۋاقتى  2015-8-11 11:47
پۇرقەتنىڭ ئوقۇرمەنلىك ئىستىلىغا قول قويماي تۇرالمىدى ...

   ئەدەبىياتتىن باشقا ھېچنېمىدىن زوق ئالالمايدىغان مەندەك بىر ئادەم ئۈچۈن ياخشى يېزىلغان ئەسەردىن قىممەتلىك نەرسە بولمايدىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-13 19:54:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچى يوللىغان ۋاقتى  2015-8-13 19:27
بۇ پوۋىسىت ياخشىللىرىمىزنىڭ قولى ئارقىلىق بالدۇرراق م ...

قولۇمغا ئالالىسام مانا مەن يوللايمەن!

ۋاقتى: 2015-8-13 20:47:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىنتىزار بولۇۋاتىمەن ئۇقۇشقا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش