كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 2

«ئوغۇزنامە» ــ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى، ئېتىقادى ۋە گۈزەللىك ئېڭى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 906
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1701
تۆھپە : 11
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 19:39:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى، ئېتىقادى، گۈزەللىك ئېڭىغا نەزەر

                  

                     ئابدۇرۇسۇل مەمتىمىن

             (خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)

قىسقىچە مەزمۇنى: قەھرىمانلىق ھەققىدىكى بۇ ئېپوستا قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، گۈزەللىك ئېڭى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان ئالەمنىڭ يارىلىشى، دۇنيانىڭ ماھىيىتى، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، توتېم ئېتىقادى، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تەبىئەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «ئوغۇزنامە»؛ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى؛ ئېتىقادى؛ گۈزەللىك ئېڭى


قەھرىمانلىق ھەققىدىكى مەشھۇر ئېپوس «ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جاھان مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل دۇردانىسى ھېسابلانغان يۇناننىڭ «ئىلئادا» ۋە «ئودېسسا»سى، ئىراننىڭ «شاھنامە»سى، ھىندىستاننىڭ «ماخاپخاراتا» ۋە «رامايانا»سى، موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر» داستانى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس»داستانى... قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرىگە ئوخشاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەسىرلەردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ مۇكەممەللىشىپ كەلگەن قەھرىمانلىق داستانىدۇر.
مەلۇمكى، قەدىمكى دەۋرلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تۈرلۈك ئەپسانە-رىۋايەت، چۆچەكلەر شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى، تۈرلۈك ئېتىقادلىرى، كىشىلىك تۇرمۇش قاراشلىرى، بىرلىك- ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىياللىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان. «ئوغۇزنامە» داستانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئالەمنىڭ يارىتىلىشى، دۇنيانىڭ ماھىيىتى، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ توتېم ئېتىقادلىرى، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تەبىئەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى، تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېتىقادلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى داستانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە ئۆرپ-ئادەتشۇناسلىقى ئۈچۈنمۇ زور تارىخى ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە مەدەنىي مىراسىدۇر.
«ئوغۇزنامە» داستانى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر ۋە بايلىقى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى، تىل جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى، بەدىئىي ۋاسىتىلىرىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، شېئىرىي خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك، راۋان، ئوبرازلىق ۋە يىغىنچاق بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمگەكچان، باتۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ توتېم چۈشەنچىسىنى، ئىپتىدائىي دىنى ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىيات تارىخىنى، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىسىنى ۋە قەدىمكى تىل خۇسۇسىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىگە نەزەر
«ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ھايات باسقۇچىدىكى تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش يولىدا ئىزدەنگۈچى قەھرىماننىڭ تىپىك ئوبرازى بولۇپ، ئەسەرنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
«... ئۇنىڭ پۇتى بوقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى، پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى، ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى...»
بۇ بىر ئابزاستا ئوغۇزخاننىڭ تاشقى قىياپىتى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايۋانلارنى ئۇلۇغلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا بەزىبىر ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
«ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى...» دېگەن جۈملىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، يىلقىلارنى كۆندۈرۈپ، ئۇنى تۇرمۇشتا قاتناش قورالى قىلغانلىقى، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانلىقىنى قىسقا، مېغىزلىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
ئەسەردە يەنە ئوغۇزخاننىڭ ئەل-جامائەتكە زور جاپالارنى سالغان ئىنتايىن ۋەھشىي ھايۋان قىئاتنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە بۇغا، ئېيىق قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلىقىغا قاراپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجدادلىرىمىزدا ئوۋچىلىقنىڭ خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىشكە بولىدۇ.
ئوغۇزخاننىڭ ۋەھشىي ھايۋان قىئاتنى ئۆلتۈرگەنلىكىدەك ۋەقە ماھىيەتتە ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىي ھايۋانلارغا قارشى تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە بولغان قارشىلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. بۇلاردىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ناچار تەبىئەت ھادىسىلىرىگە نىسبەتەن قارشىلىقى ۋە تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە كۈرەش قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىدا بولغانلىقى، شۇنداقلا باتۇر، قورقماس روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
2. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىغا نەزەر
«ئوغۇزنامە» ئېپوسى ئىنسانىيەت ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ خېلىلا تۆۋەن باسقۇچىدا بارلىققا كەلگەچكە، ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇشى، توتېم چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئۆزلىرى بىلەن ئېستېتىك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغان شەيئى، ھادىسىلەرنى سىرلىقلاشتۇرۇشتەك ئىپتىدائى ئېتىقاد شەكلى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئىنسانلار تەبىئەت ھادىسىلىرى (يامغۇر، قار يېغىش؛ كېچە -كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، چاقماق چېقىش، قۇياشنىڭ يورۇقلۇق ئاتا قىلىشى)نى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكتىن، ئىپتىدائىي ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىنى ئىلاھلاشتۇرغان. مەسىلەن، ئوغۇزخاننىڭ ئالتە ئوغلىغا كۈن، ئاي، يۇلتۇز، كۆك، تاغ، دېڭىز دەپ ئىسىم قويۇشى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتنى ئىلاھلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇلۇغلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشكە بولغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر تەرىپىدۇر.
ئېپوستا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەخنى ئۇلۇغلىغانلىق ئېتىقادىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنى ئوغۇزخان ئىككىنچى ئايالىنى ئۇچراتقاندا: «... بۇ ئايال كۆل ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىدا تەنھا ئولتۇراتتى، ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى...» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئېپوستا يەنە ئىنسانلارنىڭ يورۇقلۇقتىن يارالغانلىقى ھەققىدىكى ئىپتىدائىي ھاياتلىق چۈشەنچىلىرىمۇ ئىپادىلەنگەن: «بىر كۈنلەردە ئوغۇزخان تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق نۇر چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇق، ئايدىنمۇ يورۇق ئىدى. ئوغۇزخان بېرىپ كۆردىكى، ئۇ نۇر ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى». يەنە ئوغۇزخان ئۇرۇم ئېلىگە ھۇجۇم قىلىپ مېڭىپ بىر يەرگە چېدىر تىكىپ ئولتۇرغاندا، چېدىرىغا چۈشكەن نۇر ئىچىدىن بىر كۆك بۆرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ھەم قوشۇنغا يول باشلاپ ماڭغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. مانا بۇلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغا بولغان چوقۇنۇش ئېتىقادىدا ھەم «ھاياتلىق-مۇقەددەس نۇردىن يارالغان» دېگەن چۈشەنچىدە بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
توتېمغا تېۋىنىش ـ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ھەم ئىپتىدائىي ئېتىقاد خاراكتېرىگە، ھەم سىمۋوللۇق بەلگە-خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان مەنىۋى ئېتىقادنىڭ كونكرېت، جانلىق ئىپادىلىنىشى.
قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى دەسلەپتە تۈرلۈك ئوبيېكتلارنى توتېم بەلگىسى قىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى مەزگىللەردە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم چوڭ بىرلىشىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمى بۆرىگىلا مەركەزلەشكەن. چۈنكى بۆرە زېرەك ھەم باتۇر، ئۇ ھالال ئولجىنى يەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ھايۋانلارنى يېمەيدۇ. ئۇ يەنە ھايۋانلار ئىچىدە ئۇيۇشقاقلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ توپلىشىپ ياشايدۇ. شۇڭا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان موڭغۇللار، سىيانپىلار، ھونلارغا ئوخشاش بۆرىنى ئۆز ئۇرۇقىنىڭ توتېمى قىلغان.
«ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا، ئوغۇزخان ئەتراپىدىكى بەگ ۋە ئەل-جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان، ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان، تامغا بىزگە بولسۇن بويان، كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئوران» دەپ ئۆز ئەتراپىدىكى ھەر قايسى بەگلىكلەرنى بۆرىلەردەك ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلىپ، بۆرىنى توتېم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئوغۇز خاقان دەۋرىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا توتېملىرى بولغان. ئوغۇزخان دەۋرىگە كەلگەندە قەبىلىلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇڭا، ئوغۇزخانمۇ توتېمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش (بۆرە توتېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش) يارلىقىنى جاكارلىغان.
ئېپوستا ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە توتېم چۈشەنچىسى ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلىدۇ: «تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشتى. ئۇ يورۇق نۇر ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق بىر ئەركەك بۆرە چىقتى. بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى: ‹ئەي ئوغۇز، سەن ئورۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ، مەن ئالدىڭدا يول باشلاپ ماڭىمەن…› شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلاندى. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى...»
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇزخاننىڭ چېدىرىغا چۈشكەن يورۇقلۇق، يورۇقلۇق ئىچىدىن چىققان كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق ئەركەك بۆرە ئۇلارنىڭ توتېم چۈشەنچىسىدىكى يۈكسەكلىكنىڭ ئىپادىسى.
بىر ئەپسانىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ھون تەڭرىقۇتىنىڭ خانىشى ئىككى قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ قىزلار ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا، ھونلار ئېلىدىكى كىشىلەر ئۇنى ئىلاھ (پەرىزات) دېيىشىدىكەن. ھون تەڭرىقۇتى: ‹قىزلىرىم قانداق كىشىلەر بىلەن جورا بولسا بولاركىن؟› دەپ سوراپتۇ. باشقىلار: ‹ئۇلار تەڭرى بىلەن جورىلاشسا بولىدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھون تەڭرىقۇتى ھونلار ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن بىر جايغا تاملىرى ئېگىز بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ ھەم قىزلىرىنى قورغانغا جايلاشتۇرۇپ: ‹قىزلىرىمنى تەڭرىنىڭ ئۆزى كېلىپ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن› دەپتۇ... بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قورغان ئەتراپىغا بىر ئەركەك بۆرە پەيدا بولۇپ، قورغاننى ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ ۋە قورغان تېمىنىڭ تۈۋىنى كولاپ ئۇۋا ياساپتۇ. كۈنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ، بۆرە كەتمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى ئاچىسىغا: ‹دادام بىزنى مۇشۇ قورغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا، تەڭرى بىلەن جورا بولۇشىمىزنى ئارزۇ قىلغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئىلاھىي مەخلۇق ياكى بۆرە قىياپىتىدىكى تەڭرىنىڭ ئۆزىدۇر› دەپتۇ ۋە قورغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بولماقچى بوپتۇ. ئاچىسى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ: ‹بۆرە ھايۋان تۇرسا، ئۇنىڭغا جورا بولىمەن دېيىش ئاتا – ئانىمىزغا ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟› دەپتۇ. سىڭلىسى بۆرىنى شۇ قىياپەتتە كەلگەن تەڭرى دەپ تونۇپ قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جورا بوپتۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ بىر دۆلەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپتۇ.»
ئېپوستا يەنە ئوغۇزخان باشقا ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىپ ماڭغاندا، بۆرە ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ.
مانا بۇلار «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى بۆرە توتېم ئېتىقادىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەر كىشى بۆرە ئوشۇقىنى ئېسىپ يۈرسە بالا-قازادىن يىراق بولارمىش، بۆشۈكنىڭ دەستىسىگە بۆرە ئوشۇقىنى ئېسىپ قويسا جىن-شاياتۇنلار بوۋاققا زىيان يەتكۈزەلمەسمىش. ئاياللارنىڭ كۆزى يورۇغاندىن كېيىن بۆرىنىڭ تېرىسىگە يۆگىنىپ ياتسا، سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كېلەرمىش، دېگەندەك ئىپتىدائىي قاراشلار ساقلانغان. يەنە ئۇيغۇرلاردا «ئوغۇل تۇغدىمۇ، قىزمۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ ئورنىغا «بۆرە تۇغدىمۇ، تۈلكىمۇ؟» دېگەن مىتافورانى ئىشلىتىدىغان تىل ئادەتلىرىمۇ مەۋجۇت. بۇلار ئۇيغۇرلاردىكى بۆرە توتېمى ئىزنالىرىنىڭ ھازىرمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
3. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئېڭىغا نەزەر
گۈزەللىك ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان ۋە سۆيىدىغان بىر ئۇقۇم بولۇپ، بارلىق كىشىلەر گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىشنى خالايدۇ، ھەر قانداق ئىشنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
گۈزەللىكنى پەرق ئېتىش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش، گۈزەللىكتىن زوقلىنىش ۋە گۈزەللىكنى يارىتىش ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا يىراق قەدىمكى زامانلاردا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەمگىكىدىن باشلاپ رېئال گۈزەللىكنى ھېس قىلىشقان ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بولۇپ، ئۇلار چاچلىرىنىڭ توملۇقى، ئۇزۇنلۇقى ۋە قارىلىقى بىلەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ، پەخىرلىنىدۇ ھەمدە چاچلىرىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
«ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوبرازلىق، جانلىق تىللار بىلەن مەلۇمات بېرىلگەن: «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇزخان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق نۇر چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئىدى. ئوغۇزخان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا، بۇ يورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان. ئۇ ساھىبجامال بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ پېشانىسىدە چوغدەك پارقىراق مېڭى بولۇپ، خۇددى تۆمۈر قوزۇققا ئوخشايتتى. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، ئۇ يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگەندە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ ھوشىدىن كەتتى. ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى» دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پېشانىسىگە خال چېكىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ چىرايلىقلاشتۇرۇشتەك گۈزەللىك تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن. يەنە ئوغۇزخاننىڭ كىچىك خوتۇنى توغرىسىدا : « بىر كۈنى ئوغۇزخان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى. بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى، ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چاچلىرى سۇ ئېقىنىدەك، چىشلىرى ئۈنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنداق ساھىبجامال قىز ئىدىكى، يەر-جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە ‹ئاھ، ئاھ، جاننى ئالىدىكەن› دەرلەر ئىدى، سۈت قىمىزغا ئايلىنار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھوشىدىن كەتتى، يۈرىكىگە ئوت چۈشتى، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى» دېگەندەك تەسۋىرلەر بولۇپ، بۇلار ئىچىدە «چاچلىرى سۇ ئېقىنىدەك» دېيىش ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا چېچىنى ئۇزۇن قويۇپ بېرىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، «كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چىشلىرى ئۈنچىدەك» دېگەن تەسۋىرلەر ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.
بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا ئاياللارلا گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، گۈزەللىكنى يارىتىدىغان ۋە سۆيىدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەرلەرمۇ گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىككى قىزنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئېلىپ مۇرادىغا يېتىشى ئەرلەرنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش روھىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ گۈزەللىكنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
قىسقىسى، «ئوغۇزنامە» ئېپوسى قەھرىمانلىق ھەققىدىكى ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيەسى قاتارلىقلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن غايەت زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە قىممەتلىك ھۆججەتتۇر.
پايدىلانمىلار:
1. گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپلار نەشرگە تەييارلىغان: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى ـ ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980-يىل نەشرى.
2. ئابلاجان مۇھەممەت ئۈمىديار: «ئەدەبىيات ۋە يېڭى تەپەككۇر»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى.
3. ۋاھىدجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىن: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىي تېزىسلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىل نەشرى.
4. ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1989-يىل نەشرى.
5. ئابدۇكېرىم راخمان: «يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985-يىل نەشرى.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


生产方式、宗教信仰和审美观念
阿布都肉苏力•买买提明
[摘  要]本文通过对叙史长诗《乌古斯史》的分析,对古代维吾尔族的生产方式、宗教信仰、美学认识等多方面进行探讨,对古代维吾尔族的宇宙观、认识论、生命观、图腾信仰、生产和生活方式、自然和社会现象的认识等诸多问题提出了新的观点。
[关键词]《乌古斯史》;生产方式;宗教信仰;审美观念

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-29 19:42  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 162
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 19:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك مۇلاھىزە ئىلىپ بېرىلغان تىمىكەن.مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئىرىشتىم...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 906
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1701
تۆھپە : 11
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 23:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت، پاسىل بۇرادەر!

ئالىيجاناب ئادەملەر چاكىنىلار بىلەن بەس تالاشمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش