كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 0

مەمىتىمىن قۇربان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 34
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 10:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                          مۇھەممەتئىمىن قۇربان


forum.jpg


تونۇلغان پېشقەدەم شائىر، يازغۇچى، دراماتورگ مۇھەممەتئىمىن قۇربان 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى قاراقاش بازىرىنىڭ تانايبېشى مەھەللىسىدە ناۋاي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەخسىم قىلىنغان، كېيىن خوتەنگە يۆتكىلىپ كېلىپ، قاراقاش ناھىيە قاراساي يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، سەنئەت ئۆمىكى،ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. 1987-يىلىدىن بۇيان ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ،2003-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇ 1990-يىلى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.

مۇھەممەتئىمىن قۇربان 1959-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 17-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان «سىم چىراق»ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ 1000 پارچىدىن ئارتۇن شېئىرى، 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەسلىمە، ئىلمىي ماقالىلىرى، 35 پارچە سەھنە ئەسىرى ئېلان قىلىندى. 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى«ۋەتەن مېھرى»،«بۇغدا قەسىدىسى» قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى. «ئوسمان نازۇك»،«قاراقاشنى چۈشىنەيلى»قاتارلىق يەتتە پارچە كىتابى نەشىر قىلىندى. ئالتە پارچە ئەسىرى ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايون، مەملىكەت بويىچە«خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەر لىرىنى توپلاش،رەتلەش،نەشىر قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش