ئىگىسى: huxhuy

لوتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە (فىلىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  905
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 109
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 18:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    لۇتپۇللا ئاجايىپ بىر تالانىت ئىگىسى ئىدى...    بىر ئەسەردە ئوقۇغىنىم يادىمدا ،ئاللاھ قايسى قەۋەمگە  غەزەپلەنسە شۇ قەۋىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشلەرنى ئۇ دۇنياغا ئىلىپ كىتىش ئارقىلىق شۇ قەۋىمنى جازالايدىكەن...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1375
تۆھپە : 4
توردا: 252
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 00:30:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭمەن،خار ئېتەلمەيدۇ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ،ھەر جايدا بولسام خار كىشى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 02:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-5-30 00:30

بۇ لاھىيەدىكى ئاۋۇ  تەگلىك سۈرەت ئورنىغا ،ل، مۇتەللىپنىڭ ئۆز سۈرىتى بار رەسىمنى تەگلىك قىلسىڭىزچۇ .................

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 417
تۆھپە : 13
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 11:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ ،ئەجىرسى سىڭگەنلەرنىڭ مېھنىتىگە ئاپىرىن ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1209
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 31
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 17:53:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇتپۇللا مېنىڭ ھياتىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ چوقۇنغۇچۇم

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1072
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 30
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 23:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە  كۆپتىن -كۆپ رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  269
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 3
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 23:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوتپۇللادىنمۇ تالانتلىق كىشىلىرىمىز 100يىل ياشاپمۇ 23ياشلىق لوتپۇللادىن ئارتۇق بولالمايۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق ئەمەلىيەت.مېنىڭچە شائىرنىڭ ئۈلۈغلۇقى  ئۆلۈمنى يازغانلىرىغا لايىق كۈتۈپ ئالالىغانلىقىدا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-9 23:07  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1131
تۆھپە : 0
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 23:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراۋا  ياشىدى  تىرىشپ يۈز يىل ،
قالمىدى نەبىر سۆزى.

كەتتى !....ئېچىلمىدى گۈلى ،
ئالەمگەقالدى ساداسى!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-9 23:25  


بېغەملىك-خەلقلەرئۈچۈن ئۈمىتسىزلىكتىنمۇ ئۆتە يامان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1514
تۆھپە : 7
توردا: 200
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قارا تۇندىكى چاقماق - لوتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا

                                                         غالىب بارات ئەرك



لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا چاقماق كەبى چاقناپ قارا تۈننى يورۇتقان ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر، ئۇ ئاران 23 يىللاياشىغان بولسىمۇ، تەبىئىي تالانتى بىلەن كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى (شېئىر، دىراما، فېليەتون…) خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيەسىگە ئائىت ماقالىلىرى، سىزغان رەسىملىرى ۋە ئوپېرالاردىكى رول ئەلىش سەنئىتى تېخى تەتقىق قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئىجادىي ئەمگەكلىرى خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئەلىپ كەلمەكتە.

تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم يەنى 1980-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا دەرسلىك كىتابتىكى «ياشلىق ئۆگەن»، «يىللارغا جاۋاب»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇشقان ئىدىم. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدا بارلىققا كەلگەن بۇ دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن يۇقىرىقى ئەسەرلەردىن چاقناپ تۇرغان ئىدىيە، جەڭگىۋارلىق مېنى تولىمۇ جەلپ قىلغان ئىدى. دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان مەندەك سەھرا بالىسى ئۆتمۈش، كونا جەمئىيەت توغرىسىدا خەۋەرسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، خىيالى دۇنيانى رېئاللىق ئورنىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدىم. 1983-يىلى مەرھۇم ئابدۇللا تالىپ يازغان  بىيوگىرافىك رومان «قاينام ئۆركىشى» نى ئوقۇتقۇچى تاغامدىن ئارىيەت ئەلىپ ئوقۇپ، ئۆتمۈش تارىخىمىز توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىپ رېئاللىققا يۈزلەنگەن ئىدىم. مانا شۇندىن بېرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئەلىپ كەلمەكتە، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يىغىپ ئۇنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشماقتىمەن.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتلەر خېلى كۆپ بولدى. قازاقىستاندا گ. ئاۋۇتۇۋا خانىمنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجتىمائىي مىراسى» تېمىدا دوكتور نامزاتى دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلىغانلىقى مەلۇم. ئەلىمىزدىن تۇرسۇن ئەرشىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقىنىغا ئوتتۇز يىل بولدى ھەمدە «لوتۇن»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ل.مۇتەللىپ» دېگەنگە ئوخشاش سەككىز-توققۇز كىتابىنى جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى. مۆمىن مۇھەممىدى يازغان «شاۋقۇن»  (رومان)، ژۇرنالىست ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945-يىل» (تارىخىي قىسسە) قاتارلىق كىتابلارمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە ئاتالغان. قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدىب خىزمەت ئابدۇللىن يازغان «لۇتپۇللا» ناملىق دىرامىسى سەھنىلەردە ئوينالغان. ئەلىمىزدە يەنە ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» نامىدا فىلىم ئىشلەنگىنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار بار. رايونىمىزدا ئۇنىڭغا ئاتالغان ناخشا-قوشاقلارمۇ ئېيتىلىپ كەلمەكتە. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن توپلام قىلىنىپ ئەلىمىز ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئۆزبېك، رۇس تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجادىيەتلىرى بىلەن، ش ئۇ ئا ر دا تۈزۈلگەن ئەدەبىيات تارىخلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالدى ھەمدە ئۇنىڭغا «1930-ۋە 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىللىرىدىن بىرى» [1] ، دەپ باھا بېرىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،  يېڭى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، 1956-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى رەئىس ماۋزېدوڭ ئىمزا قويغان (شىنجاڭ 2-نومۇرلۇق) «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېرىلگەن شەرەپنامە» بېرىلگەن. «ئىنقىلابىي كۈرەشتە شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان» [2]. لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىلىق خېلى كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقىلىرى  ئاساسەن ئەدەبىي ئەسەرلەر بولدى. تۇرسۇن ئەرشىدىن كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىنى ناھايىتى تەپسىلىي يورۇتۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئيتىمىز. مۇندىن ئون يىللار ئىلگىرى ئەلىمىزنىڭ چاۋشىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى (超星数字图书馆) دە مۇشتەرىيلەرنىڭ كۆرۈشىگە قويۇلغان، ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئارخىبلىرىدىن 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمە قىلىنغان بىر خەنزۇچە قوليازما ماتېرىيالنى كۆرۈپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ نىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىشلاردا بولدۇم. بۇ ماتېرىيالنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشلەر ھەمدە گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىدىن قالغان ئارخىبلار ئاساسىدا يېزىلغانلىقىدا شۈبھە يوق. مانا، ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 65 يىل، مۇشۇ مەنبە قوليازمىنىڭ ھازىرلارنىغىنىغىمۇ 53 يىل بوپتۇ.   «دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق» دەيدۇ دانالار. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئەلىپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىلىنى يۇقىرىقى ئىشەنچلىك يازما ئاساسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى بۇرچ دەپ قارىدىم.

ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقانلىقتىن، ئاقسۇدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» شۆبىسىگە باش مۇھەررىر دېگەن نامدا سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ۋاقىت قانخور جاللاد شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە ساداقەت بىلدۈرگەن ۋاقىت ئىدى. 1942-يىلى 8-ئايدا جياڭ جېشىنىڭ خانىمى سوڭ مېيلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن جۇ شاۋلياڭ، ۋۇ جوڭشىنلار بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەلتۆكۈس ئۈزدى. شىنجاڭدا ئىشلەۋاتقان سوۋېت مۇتىخەسىسلىرىنى ۋە قۇمۇلنى ساقلاۋاتقان قىزىل 8-پولكنى شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەسلىدە ئۆزىنى كومۇنىزىمچى دەپ نىقابلاپ كەلگەن شېڭ شىسەي سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن، گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى، گەرچە شېڭ شىسەينىڭ داۋاملىق مىللىتارىسلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش نىيىتىدە بولسىمۇ، گومىنداڭنىڭ جيۇچۇەندە تۇرۇشلۇق 19-گۇرۇپپۇۋاي ئارمىيەسىنىڭ قۇمۇلغا كىرىشى بىلەن بۇنداق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالدى. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى قايتىدىن رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شائىر نىمشېھىت يازغاندەك، ھەر بىر كىشىنى سەككىز-ئوندىن ئىشپىيون ماراقلايدىغان، ئىشپىيونلارنىڭ ھەتتا دىلىڭىزدىكىنىمۇ يازالايدىغان [3] دەرىجىگە يەتكەن، ھەممە يەرنى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان شائىر، پائالىيەتچان ياش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى نازارەت ئاستىغا ئەلىنىپ ئاقسۇغا نامدا خىزمىتى يۆتكەلگەن، ئەمەلىيەتتە پالانغان. ئۇ كېچىككەندىمۇ 1943-يىلى 11-ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ بېرىپ ئىشقا چۈشكەن، بۇنى ئۇنىڭ شۇ يىلى 11-ئايدا ئاقسۇدا يازغان «ھەسەن-ھۈسەن» دېگەن شېئىرى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇدا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ كۈچى ئاشقان، ئۇلار ھەر قايسى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە يېزا قىشلاقلارغىچە گومىنداڭ پىرقىسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئىپىيونلۇق تورىنى يايماقتا ئىدى. ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى ماركىسىزىمغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى يىغىۋېلىش بىلەن بىرگە، «كومۇنىزىم دىننىڭ دۈشمىنى» دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى تارقىتىپ، مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن كوممۇنىستىك ئاڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى. گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشپىيون-جاسۇسلىرىنى تۆت-بەش ھەسسە كۆپەيتىپ، چوڭراق ناھىيەلەردە بەشيۈزدىن، كىچىكرەك ناھىيەلەردە ئۈچيۈزدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. مەكتەپلەردىكى سوۋېتتا بېسىلغان دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەش بىلەن بىرگە ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ۋە سودىگەرلەرنى تۇتۇش، قاماشنى جىددىيلەشتۈرۈىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى، شۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلاردىن ئاقسۇدا يۈسۈپجان توختى ھاشىموف، تەۋەككۈل يۈسۈپ، ھەسەنوف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجان؛ تۆمۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، تىككۈچى سادىق ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ناھايىتى مۇھىم پاكىتلاردۇر. تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ قايتقان، بەزىلىرى سوۋېتقا سودا ئىشلىرى بىلەن چىقىپ قايتقانلار ئىدى. يەنە سوۋېت بىلەن سودا ئالاقىسى بار  سادىق ھاجى،   ئۇچتۇرپانلىق مەمتىلى، تۇراخۇن خەلىپەت، ئىبراھىم   سەلىمجان (قىرغىز)، ئۇندىن باشقا سوۋېتتىن كەلگەن ئىمىن روزىيۇف، ئابدۇللا قاتارلىقلارمۇ تۇتۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەت سادىق ھاجى، تومۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، توختى ھاشىموف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجانلاردىن باشقىلىرى 1945-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

مەن كۆرگەن يۇقىرىقى يازما مەنبەدە 1943-يىلى 6-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى گېزىتخانىغا باش مۇھەررىرلىك (تۇرسۇن ئەرشىدىن ياردەمچى مۇھەررىرلىك، دەپ يازغان) خىزمىتىگە ئىبەرتىلگەن، دېيىلگەن. شائىر ئەرمىيا ئەلىنىڭ 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يازغان «مەن ئەرمىيانىڭ تەرجىمىھالى» دا يېزىلىشىچە، 1942-يىلى 5-ئايدا ئاقسۇ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى تۇرسۇن ياسىننى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىپ، بۇ گېزىتخانىدە ئۆزى يالغۇز قالغان. «1943-يىلى 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تۇرسۇن ياسىننىڭ ئورنىغا تەھرىر قىلىپ ئەۋەتتى. 1945-يىلى 3-ئايغىچە لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئىشلىدۇق» [4]. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا 1943-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا يېتىپ بېرىپ خىزمەتكە چۈشكەن بولسا كېرەك. ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كەلگۈچە بولغان يولدا جاي ناملىرى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئۆگەنگەن ھەمدە سەپەر ھاسىلاتلىرىدىن «يۇلغۇنلۇقتا» ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ ئاقسۇدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ناملىق بەتنى تەسىس قىلىپ، ئاپتورلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، گېزىتنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەسەرىلىرىدىن بىر قىسمىنى شۇ بەتتە ئېلان قىلىنغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇيۇشۇتۇرۇش ھەم يېتەكلەش جەھەتتىن خېلى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ قالماستىن، سانايى نەپىس ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە»… قاتارلىق ئوپېرا-دىرامىلارنى سەھنىلەشتۈرگەن ۋە رېژىسسور، دېكراتسىيە ئىشلىگۈچى، رول ئالغۇچى بولغان. ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ «غېرىب-سەنەم» ئوپېراسىنى ئاقسۇ ۋە ئونسۇ  سەھنىلىرىدە كۆپ قېتىم ئوينالغان، ئۆزى يەنە غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان. سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، زىيالىيلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئۆسۈشى ساقچى ئىدارىسىنىڭ نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولغان. ئەمەلىيەتتە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا يۆتكەلگەندە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى تارماقلىرى ئۇ توغرىسىدا توپلىغان نۇرغۇن ماتېرىياللىرىنى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىگە يوللىغان بولغاچقا، ئىزچىل نازارەت قىلىپ كېلىنگەنىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت، ئىش-پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى نازارەتچىلەرنى كۆپەيتكەن، كۆپەيتىلگەنلەر ئىچىدە ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىن x (ئۇنىڭ شۇ تارىخىي شارائىتتا قانداق سەۋەب بىلەن ساقچىلارغا مەلۇمات يوللىغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ، شۇڭا ئۇ كىشىنىڭ نام شەرىپىنى تىلغا ئەلىشنى لايىق كۆرمىدۇق، گەرچە ئۇنىڭ قىلمىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆلىمىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولغان دېمىسەكمۇ، بۇ بۇ ئىشلىرى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى قاراداغ بولۇپ قالدى)، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىدىن كەلپىنلىك ئىمىن نىياز، گېزىتخانىدىن يەنە يۈسۈپ قارى بار بولۇپ، يۈسۈپ قارىدىن باشقىلار كۆز – قۇلاق بولۇپ مەلۇمات يوللاپ تۇرغان. يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە كۇچارلىق ئابلىمىت بۇرۇن دائىملا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئارقىسىدىن پايلىغان. ئاياللارنىڭ ئىچىدىن مەسۇمبەگنىڭ خوتۇنى (لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسى) مەرىخان، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوپىيە بايىزلار ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، دائىم ساقچى ئىدارىسىگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان. X نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەخپىي نامى” ئەپەندى “، ئىمىن نىيازنىڭ بولسا” تېلىگىرامما“ ئىدى. يۈسۈپ قارى ماتېرىيال يوللىمىغانلىقتىن كېيىن قولغا ئەلىنغان ھەمدە لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن. دارىلمۇئەللىمىننىڭ 24-سىنىپىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئوقۇغان، كېيىن ئاقسۇ ساقچى ئىدارەسىدە ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا گېزىتخانىدە” ئەپەندى“، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىدا” كاڭجيەن “ (ياسىن ئەزىز)، جەمئىيەتتە” گاڭبى “  (ھېكىم نۇر) قاتارلىقلار لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى ئىبەرتكەن «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى» غا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان [5]. ئېيتماق ھاجەتكى، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ سوپىيە بايىز ۋە باشقىلاردىن ئىگەللىشىچە، ئۇلار توي قىلىپ «ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي سوفىيە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچاۋ تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تېرگاۋ قىلىندى. بۇ ئىش لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. چۈنكى دەل ئەنە شۇ چاغلاردا گومىنداڭ ساقچى رازۋېدچىكلىرىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈستىدىكى نازارىتى كۈچەيتىلگەنىدى. سوفىيە ساقچى باشلىقىدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق ھەم دەھشەتلىك كىشىنىڭ تەھدىتى، ئالداپ ئازدۇرۇشلىرىدىن تولىمۇ يۈرەكزادە بولدى. ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈستىدىن مەلۇمات بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋە بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ، يۈرىكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى [6]. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن توي قىلغاندا سوفىيە بايىز ئاران ئون ئالتە ياشتا بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمى ئاستىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويى ئەرمىيا ئەلىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئۇيغۇر ئويۇشمىنىڭ باشلىقى قادىر ۋاڭ، سوفىيە بايىزغا ئەرمىيا ئەلى ئاتا بولغان، بۇ تويمۇ ساقچى ئىدارەسىنىڭ سۈيقەستلىرى (ئۇنى كېچە كۈندۈز نازارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن) سىڭگەن ھالدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويىنىڭ ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ساقچى ئىدارەسىدە ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشى بويىچە ئالغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىگە يوللىنىپ تۇرغان، ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىدىن سىلەر پەقەت كۈندۈزدىكى ئىش ھەرىكىتىنىلا نازارەت قىلىپسىلەر، ئۇنىڭ كېچىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر، شۇڭا كېچىسىمۇ نازارەت قىلىڭلار دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن ئاقسۇ قىزلار پېداگوگىكا مەكتىپىدىن سوفىيە بايىزنى نامزاتلىققا تاللىغان. سوفىيە بايىز شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن بايىز تۇردىنىڭ قىزى بولۇپ، ھېكىم نۇر تونۇشتۇرغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە لۇتپۇللانى كۆپ قېتىم توي قىلىشقا دەۋەت قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ توي قىلغۇدەك پۇلى يوقلۇقىنى ئېيتسا، ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىپ، پۇل ئەلىپ كېلىپ تويۇڭغا ياردىمىم دەپ بەرگەن [7]. ئومۇمەن ئالغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ سوفىيە بايىز بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ كېچە-كۈندۈز ئىدارە، تالا-تۈز ۋە ئۆيىدە نازارەت قىلىنىپ تۇرغان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدىكى ماتېرىيال بىۋاسىتە گومىنداڭ  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە بۆلۈم باشلىقىغا يوللىنىپ تۇرغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوپىيە بايىز بىۋاسىتە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچياۋغا يەتكۈزگەن ۋە بىۋاسىتە ئۇنىڭدىن كۆرسەتمە ئالغان، گاۋ فۇتوڭ تەرجىمانلىق قىلغان. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى 1944-يىلى 5-ئايدا تۇنجى قېتىم تۇتۇپ ھەپتە قامىغاندىن كېيىن قويۇۋەتكەن.

لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر «غېرىب-سەنەم» ئوپېراسىنى سەھنىلەشتۈرگەندىن كېيىن كەڭ ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شۇڭا كۇچار قاتارلىق ناھىيەلەرگە بېرىپ قويماقچى بولغان، غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىدە قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن  ساقچى ئىدارىسى، گېزىتخانەنىڭ خىزمىتى ئالدىراش دېگەننى باھانە قىلىپ ناھىيەلەرگە بېرىشىغا يول قويمىغان، كېيىن ئۇنى ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەنجى لېيىتنات (شاۋۋېي) دەرىجىلىك مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ۋە ساقچى فورمىسى بەرگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قانداقلارچە ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغانلىقى توغرىلىق ئىمىن ئاقۇپ ئەسلەپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچاۋنىڭ خەنزۇلار مۇھىتىدىن ئەلىنغان بىر ئۇزۇن ھېكايىنى سۆزلەپ دەرھال ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغانلىقى (نەق مەيداندا پىچانلىق ئىمىن ئاقۇپ، تۇرپانلىق مۇھەممەد ئەرشىدىن، قەشقەرلىك قاسىم ۋە تەرجىمان زۇنۇن قاتارلىقلار بار)، ئۇنىڭ ئەتىسى يۇقىرىقى ھېكايىنى «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دېگەن تېمىدا سەھنە ئەسىرى قىلىپ يېزىپ كەلگەنلىكى، مېڭ دوڭچاۋنىڭ مەمنۇن بولغانلىقى، ئۇندىن كېيىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ سەككىز يىللىق قاماققا ئەلىنسۇن» دېگەن بۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ، ئەگەر ساقچى ئىدارەسىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلسا قاماققا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ماقۇل كەلتۈرگەن[8].  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچياۋ ئۆز ئېغىزى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە ئويۇن قويغىلى بېرىشتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقان. زومېڭ (زۇنۇن) ۋە دوڭ گۇاڭكەيلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ساقچى ئىدارىسىدە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسى بېرىلگەن بولسىمۇ، بۆلۈمگە بېرىپ ئىشلىشىگە يول قويۇلمىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئوپېرا قويۇشىغا يول قويۇلمىغان، لېكىن  ساقچىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىگە قويۇپ، ئەتراپىغا جاسۇسلانى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماتېرىيال توپلىغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتالمىش ئارتىسلار جاسۇس بولۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشقا، ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىشىپ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ زىيادە نازارەت قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئارتىس نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جاسۇسلاردىن بەزىلىرى ھەتتا ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا يەنى مۇھەببەتلىشىشكە ئۇرۇنغان، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق ئېتىپ يېيىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇلارغا نورمال مۇئامىلە قىلىپ تاپتىن چىقىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان. كېيىن ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ زىناخورلۇق ياكى تاپتىن چىققان ئىشلىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ناشايان قىلمىشى بايقالمىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇ ھەقتە ماتېرىيال يىغقان ئارتىس خوتۇن-قىزلاردىن خەرنىسا (ئېردېشىڭ)، زورەم (سۇزوپېي)، زۆھرە (زولىجەن)، خەيىرنىسا (خەيلىشىڭ)، ھاۋاخان، ئايشەم، دۆۋلەتخان، ئايتۇرسۇن، گۈلسۈم، روزىخان قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ روھىيىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكتىن، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ رېپىتسىيە ئىشلىرىغا كۆپ قاتناشمىغان، ئىككى يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ  ئۇيان – بۇيان مېڭىپ يۈرگەن، بەزىدە مۆيدىن جۈجاڭ دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ساز چالغان.

1944-يىلى 10-ئايدا «تاھىر – زۆھرە» ئوپېراسىنى رېپىتىس قىلىشقا باشلىغان، 11-ئايدا بىر تەرەپتىن رېپتىس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېكراتسىيەسىنى سىزغان. بۇ ئوپېرا 12-ئايدا سەھنىدە ئوينالغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاھىرنىڭ رولىنى ئالغان. دىرامىنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئاۋات ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىگىمۇ بېرىپ ئورۇنلانغان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاشقان زۇلۇمىنى ئاغدۇرۇپ خەلقنى پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، جۇڭگو دېمكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، 1945-يىلى 4-ئايدا دوستلىرى بىلەن «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن تەشكىلاتنى قۇرغان. مۇنىردىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 5-پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى، بەنجاڭ) ئوسمان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا دوستلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭغا قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئەلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق ئالتە ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىلىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتىرەيلى، دەيدۇ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىبىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئىبەرتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئىبەرتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قورقماستىن ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان، ھازىر سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل، دېگەن.  بۇ ۋاقىئەلەر 1945-يىلى 8-ئايدا بولغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.

ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى پىلان نىشانى بولغان تەشكىلات بولۇپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، خەلقنى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى، شۇنداقلا پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە ياشلارنى تەشكىلاتقا قوبۇل قىلغان، بۇلاردىن يۈسۈپجان، تەۋەككۈل، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم، ئارىپوف قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى، ھامۇت ئەزىز  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى.  ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن  ساقچى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان. «مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىكىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم»، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئىبەرتىپ بەرگەن. خەتتە «سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز»، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى  ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئەلىپ بارغاندا،  ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، ھەمىت ئەزىز، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ شاراب ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز  ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا  ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە «ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازراق كۈچ چىقاردىم، مۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، مۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ، باشقىلار كەلمىسۇن، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز»، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:

1) تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى

2) تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق)

3) تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ” ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى “ ئىكەنلىكى، مۇنىردىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، كەسىف ئىۋان (رۇس) نىڭ كاتىب،  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان.

1) يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5 – پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى

2) تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار.

3) 15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، 1-قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ پىلانى، يىغىنغا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئەلى ئاخۇن، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان.  ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئەلى (ئەرمىيا ئەلىنىڭ ئىنىسى) نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان.

«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشتىكى ئەزالىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىردىن خوجا، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئەلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ.

ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىدىكى ئەزالارنىڭ قولغا ئەلىنىشى  

          «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى بەلگە قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار بىر قانچە تۈ*ركۈمگە بۆلۈپ قولغا ئەلىنغان. ئەڭ ئالدى بىلەن مۇسا ئەلى، 2-قېتىمدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، 3-قېتىمدا بىلال ئەزىزى، 4-قېتىمدا مۇنىردىن خوجا، 5-قېتىمدا باشقا ئەزالار قولغا ئەلىنغان. «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا، مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى بولۇۋالغان ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ قورچاق ھاكىمى ھېكىم نۇر ئالاھىدە «چوڭ خىزمەتلەرنى» ئىشلىگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەشكىلاتنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى قولغا ئالىدىغان پەيتنىمۇ بېكىتىپ مەلۇم قىلغان. يۇقىرىقى تۆھپەلىرى ئۈچۈن يىگىرمە مېڭ سوم مۇكاپات ئالغان. ھېكىم نۇر ئۆزىنىڭ خائىنلىقىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سېزىپ قېلىنىشىدىن قورقۇپ ئۆزىنىمۇ قولغا ئەلىشنى تەلەپ، ئەۋزەل شارائىتلىق تۈرمىدە بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك يېتىپ، ئۆزىنى نىقابلاپ، تارىخنىڭ سورىقىدىن قاچماق بولغان بولسىمۇ، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» بولغانلىقتىن تارىخنىڭ سورىقىدىن قۇتۇلالمىغان ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. يۇقىرىقى ماتېرىيالدا «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنىڭ قولغا ئەلىنىش ئەھۋالى قىسقىچە بايان قىلىنغان.

ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5-پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئەلىنغان. 7-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولغا ئەلىنغان. 3-قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئەلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئەلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق:  ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە «ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئەلىندى. بىز دائىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئەلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر»، دەپ 4 -5 پارچە «شەر*ق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارەسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ساقچى ئىدارەسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ساقچى ئىدارەسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ئىدارەسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان.

8-ئايدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى  ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارەسىگە كېلىپ ئۇلارنى تۇتىدىغان ۋاقىتنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان، شۇندىن كېيىن ساقچى ئىدارەسىنىڭ باشلىقى كوناشەھەر ناھىيەسىگە چىقىپ ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلغان. ھېكىم نۇر نۇرغۇن ئادەمنى ئاشكارىلىغان. ساقچى ئىدارەسىنىڭ باشلىقى مۇئاۋىنىنى ئىبەرتىپ ياردەملەشتۈرگەن.  ھېكىم نۇر ئۇلارغا «سىلەر ماڭغاندا مەندىن يىراقراق يۈرۈڭلەر، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇنىردىن خوجا ساتراچخانىدا چاچ ياسىتىۋېتىپتۇ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر ئۆيىدە بولمىسا قاۋاس ساتراچخانىسىغا بېرىپ قاراپ باقايلى، سىلەر ئاۋۋال بېرىپ ساتراچخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر ئەگىشىپ كىرىڭلار، ئاۋۋال ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى قولغا چۈشۈرۈڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام»، دېگەن. يۇقىرىقى  گەپلەرنى ئېيتىپ بولۇپ ھېكىم نۇر ئاۋۋال مۇنىردىن خوجانىڭ ئۆيىگە، ئۇندىن كېيىن قاۋاس ساتراچخانىسىغا بارغان. ساتراچخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن قول ئاستىدىكىلەرگە «مەن ئۇنى چىققىلى قويماي تۇتۇپ تۇرىمەن، سىلەر مۇنىردىن خوجانىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاختۇرۇڭلار،  ئەگەر خىزمەت پىلانىنى تاپالىساڭلار دەرھال ئەلىۋېلىڭلار، ئۇندىن كېيىن ئامال قىلىپ ئۇنى تۇتىمىز». ھېكىم نۇر يۇقىرىقى ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن ساتراچخانىغا كىرىپ كەتكەن. ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىردىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىردىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن. ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىردىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا «سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق»، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىردىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئەلىنغان. مۇنىردىن خوجا قاماققا ئەلىنغاندىن كېيىن  ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئەلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار − ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن، مىجىت، لىن يۈشەن، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان. ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر  يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان. يەنە بىر توپ كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئىبەرتىلىپ ئابدۇللا ئارىپۇف، تەۋەككۈل يۈسۈپۇف، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم ئەھمەد قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ قارا ماشىنا بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ قامىغان. ھېكىم نۇر ئەينى چاغدا ساقچى باشلىقىغا «مېنىمۇ قاماڭلار، بولمىسا ئۇلار مەندىن گۇمانلىنىدۇ ۋە سالاھىيىتىم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، جاسۇس دېگەن قالپاقنى كەيگۈم يوق»، دېگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ تۈرمىگە ئەلىپ كىرىلىپ ياسىداق ئۆيگە قامىغان ۋە خوتۇنىنىمۇ ئەلىپ كىرگەن، سىرتتا بولسا ئۇنىمۇ قولغا ئاپتۇ دېگەن گەپ تارقالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ياخشى شارائىتتىن بەھرىمەن بولغان ھەمدە يىگىرمە مېڭ سوم مۇكاپات ئالغان. 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن «تۈرمىدىن چىققان»، ئۇنىڭغا كەنجى لېتنات (شاۋۋېي) ئۇنۋانى بېرىلىپ ساقچى ئىدارىسى 2-بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان.

ياش ئۇچقۇنلار ئىتتاقى تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتقۇن قىلىش 1945-يىلى 5-ئايدا باشلىنىپ 8-ئايدا تاماملانغان، ئۇلار تۈرمىگە ئاپىرىلغاندا ھەممىسىگە ئىشكەل سېلىنغان، پەقەت لۇتپۇللا مۇتەللىپكىلا كىشەن سېلىنمىغان، ياشلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغىمۇ كىشەن سېلىنغان. ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ھەممىسى بىر كامېرغا سولانغان، لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈچ كىشى بار ئايرىم كامېرغا سولانغان، لېكىن ئۇ ئۈچ كىشى ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى ئەمەس ئىدى، شۇنداقلا بۇ ئۈچ كىشىنىڭ نېمە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۈرمىدە دائىم گۇندىپايلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە» ئوپېرالىرىدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تۈرمىدىمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەر يازغان. ئىنقىلابىي ياشلار يىراق-يىراق كامېرلارغا قامالغان بولغاچقا ئۆزئارا خەۋەر ئەلىشالمايتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنقىلابىي ھېكايىلەر تارقىلىپ تۇراتتى. ئۇ ھېكايىلەردە جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك، پەسكەشلىكلەر قامچىلىنىپ سوتسىيالىزم تەشۋىق قىلىنغان. ئابدۇللا روزى، بىلال ئەزىزى، يۈسۈپجانلارمۇ دائىم ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتقان. ئۇلارنى ھەر كۈنى شامالداشقا ئەلىپ چىققاندىمۇ ئۆزئارا كۆرۈشۈشكە يول قويۇلمايتتى، ئۇلارنى سىرتقا ئەلىپ چىققاندا بېشىغا خالتا كىيگۈزۈلەتتى. كېيىن ئۇلار پات-پات سوراق قىلىنغان. ئۇلارنى سوراق قىلغان  سوراقچىلار: ۋۇ شاۋبىن، خايۈۋېن، ھەسەنبېك، ما باۋيىڭ، لى چېڭگۇي، ئاۋۇت، ۋاڭ زىجاڭ.

ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرىنى يادرو قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار ئىككى تۈ*ركۈمگە بۆلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.  دانالار  «ئېلان ئۆلىدىغاندا بەك چاقىدۇ» دېگىنىدەك، مىللىي ئارمىيە ۋە پارتىزانلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان گومىنداڭچىلار خەلق ئوغلانلىرىدىن ئۆچ ئەلىشقا باشلىغان. مەن پايدىلانغان يۇقىرىقى مەنبەدە 1-قېتىم مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاننىڭ ئەتىسى گۇگۇمدا، يەنى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئۆزلىرى تۇتۇپ قامىغان ئىنقىلابىي ياشلاردىن بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇگۇمدە ۋۇ شاۋبىن، ۋاڭ زىجاڭ، دۇ كاڭكەي، خايۈۋېن، زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن رۇزى، ۋۇ جىڭشەن، شىن باۋشەن، نىياز، لى خېفېڭ، ياڭ شۈنپېي، ما دېفۇ، جاڭ جاۋجى، لىن شاۋشەن، ياۋ شىخەن، شاۋ چېڭياۋ، لۇ چاڭگو، شى يۈسەي، لى چېڭگۇي، ما باۋيىڭ ۋە 2-بۆلۈمنىڭ خېلى كۆپ ئادەملىرى ئىنقىلابىي ياشلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان. ئۇلار تۈرمىگە كەلگەندىن كېيىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ، ئابدۇللا سادىقلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن قولىغا بىر ۋاراق قەغەزنى ئەلىپ” يۇقىرىدىن تېلىگىرامما كەلدى“ دېگەن. ئۇ ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان، سول يېنىدا خا يۈۋېن، ئۇنىڭ يېنىدا دوڭ گۇاڭكەي؛ ئوڭ يېنىدا زۇنۇن (زومېڭ)، ۋاڭ زىجاڭ قاتارلىقلار، سىرتتا يەنە نۇرغۇن ئادەم ئولتۇرغان. شۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ، ئابدۇللا سادىقلاردىن «ئازگاللار كولىنىپ بولدىمۇ؟»، دەپ سورىغان. تۈرمە باشلىقى كولىنىپ بولغانلىقىنى دوكلات قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھەممە ھازىرلىق پۈتكەندىن كېيىن، ئىلى شيۇپىڭ، ياڭ سۈيپېي، (يەنە بىرەيلەننىڭ ئىسمى تۇتۇق بولغاچقا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى) قاتارلىقلار تۈرمە باشلىقىغا ياردەملىشىپ ئادەملەرنى باغلىغان.  ۋۇ شاۋبىن تىزىملىككە قاراپ ئىسمىنى ئوقۇشقا باشلىغان. ئىسىملىك بويىچە تۇنجى قېتىم يۈسۈپجان باغلىنىپ ۋۇ شاۋبىننىڭ ئالدىغا ئەلىپ كېلىنگەن، ۋۇ شاۋبىن «بۈگۈن ساڭا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىمىز»، دەپ جاكارلىغان، زۇنۇن تەرجىمە قىلغان. ۋاڭ زىجاڭ پاختا ياكى رەخت تېپىپ ئېغىزىغا كەپلەپ قويۇشنى ئېيتقاندىن كېيىن، پاختا تېپىپ كېلىپ ئېغىزىغا تىقماقچى بولغاندا، يۈسۈپجان تىققىلى قويمىغان، ساقچىلار باش كۆزلىرىگە مۇشتلاپ پاختىنى ئېغىزىغا كەپلىگەن، شۇندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن ئۇنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى غالچىلار ئۇنى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاللاتلار يۈسۈپجاننى ئازگالنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەن. شۇندىن كېيىن ئارىپۇف، قادىر ئەلى، يۈسۈپجان، ئوسمانجان مۇھەممەد، ئوسمان ھاسىم، ھۈسەيجان ھاپىز داموللا، ئابدۇللا روزى، مۇسا ئەلى، ئېلاخۇن، ئابدۇللا داۋۇت، مۇنىردىن خوجا، ھەسەنۇف، ئىبراھىم ئوبۇل، سىجالىددىن ئاخۇن قاتارلىقلار بىردىن-بىردىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىت دەل مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى قورشىۋالغان 2-كۈنى ئىدى، ئۇلار ئازگالنىڭ ئەتراپىغا چىراغ ياققان ئىدى، سىرتتا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بەزىدە ئوق باشتىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى، ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتاتتى.

گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللاردا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزىلەرنى بەلگە قىلغان ھالدا 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بولغان، دەپ قارىلىدۇ. بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق ماتېرىياللاردا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان قاراشتىن ئىبارەت. شۇنداقتىمۇ قىسمەن ماتېرىياللاردا بەزى پەرقلەر بار، مەسىلەن: شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» دە 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان ۋەقەلەردە 7-كۈنى ئاتلىق پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇنى قورشىۋالغانلىقىنى، ئەتىسى ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى، ئاقسۇنى ساقلاۋاتقان قوشۇن جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق 28 ياشنى ئۆلتۈرگەنلىكى يېزىلغان [9]. بۇ ماتېرىيال شەكسىزكى تۇنجى تۈ*ركۈمدە قىرغىن قىلىنغان ياشلارنى كۆرسەتكەن. ئەمما قولۇمدىكى ماتېرىيالدا لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ 8-سېنتەبىر ئەمەس، 18-سېنتەبىرمۇ ئەمەس، 21-سېنتەبىر گۇگۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى يېزىلغان. ئەمدى 18-سېنتەبىر كۈنى دېگەن قاراشنىڭ مەنبەئىينى سېلىشتۇرۇپ، قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيالى بار قېرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، ئەلۋەتتە.

9-ئاينىڭ 21-كۈنى  گۈگۈمدە جاۋ خەنچىڭ ساقچى ئىدارىسىگە كەلگەن، كېيىن ۋۇ شاۋبىن نىياز، لى زىپىڭ، ياڭ شۈنپېي، جاۋ چېڭدې قاتارلىقلارنى باشلاپ كەلگەن. شۇندىن كېيىن زۇنۇن، ھەسەن ئەزىز، خايۈۋېن قاتارلىق 2-بۆلۈمدىكى نۇرغۇن ئادەملەر كەلگەن. ۋۇ شاۋبىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى كۆرسىتىپ قاماللاپ كەلگەنلەرگە چىڭ تۇتۇشنى جېكىلىگەن ھەمدە ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېلىپ چىقىلىشى بىلەن ئابدۇللا سادىق ئۇنى تانا بىلەن باغلىغان، ئۇندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەلىپ چىقىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈكۈنۈشكە بۇيرۇغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ چىرايى سارغايغان، چاچلىرىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا زۇنۇن (زومېڭ) ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ قارىغان.  بۇ ۋاقىتتا باشقىلار بىلال ئەزىزىنى ئەلىپ كېلىشكە كېتىشكەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ زۇنۇندىن «مېنى ئېلىپ چىقىپ نېمە قىلىدۇ؟»، دەپ سورىغان. ئۇ، «مەنمۇ ئۇقمايمەن، سېنى قويۇپ بېرەمدىكىن»، دېگەن، ئەمما لۇتپۇللا مۇتەللىپ بېشىنى چايقىغان. بۇ ۋاقىتتا بىلال ئەزىزى ئەلىپ چىقىلغان، ئارقىدىن ئىۋان، ئابباس قاتارلىقلارنى ئەلىپ كېلىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قېشىدا يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان. بىر دەمدىن كېيىن جاۋ خەنچىڭ چىقىپ ئۇلارغا «بۈگۈن سىلەر ئۆلتۈرۈلىسىلەر»، دېگەن ھەمدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن قولىنى شىلتىغان. نىياز ئۇلارنى تىللىغانلىقتىن مىلتىقنىڭ پەينىكى بىلەن ئۇرۇلغان. بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئارقىسىغا قاراپ سەل ئاستا ماڭغان، نىيازنى مىلتىق پەينىكى بىلەن ئۇرغانلار تامنىڭ تۈۋىگە بېرىپ، ئۇلارنى رەت بولۇپ يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان. بۇ ۋاقىتتا جاۋ خەنچىڭ مۇئاۋىنى لى چاڭچىڭغا ئېتىش بۇيرۇقىنى بەرگەن. لى چاڭچىڭ يان قورالىنى چىقىرىپ بىر-بىرلەپ ئاتقان. بۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىننىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىككى رۇس ياشنى ئاتقان، بىراق ھېچكىم ئۇ ئىككى ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرەلمىگەن ئىدى، ئۇلار  جاللاتلار تەرەپكە كەلگەندە لى چاڭچىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كېيىن جاۋ خەنچىڭ بۇيرۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى سېپىل سىرتىغا تاشلىۋېتىشنى بۇيرۇق قىلىپ قايتىپ كەتكەن. ئابدۇللا سادىق ۋە گۇەن ۋېيلۇلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى سېپىلنىڭ سىرتىغا تاشلىۋەتكەن. پەقەت بىلال ئەزىزىگە ئوق تەگمەي ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ياتقانلىقىنى بايقىغان گۇەن ۋېيلۇ كەتمەن بىلەن چاناپ ئۆلتۈرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى تۈرمىدە ئوتدىلىنىيە باشلىقى بولغان غېنى مەھمۇدنىڭ ئېيتىشىچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەلىپ چىقىلغاندىن كېيىن «تاھىر-زۆھرە» ئوپېراسىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇنى ئاشخانىنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ تىزلاندۇرۇپ، جاۋ خەنچىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ «قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆلسىمۇ، مېنىڭ يەنە ئەسەرلىرىم بار، ئادەم ئۆلسىمۇ ئۇنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ»، دېگەن.  ئۇ يەنە كۆككە قاراپ، «قۇياش، سەن پۈتكۈل ئالەمگە نۇرۇڭنى چاچساڭمۇ مېنى يورۇتمىدىڭ، سەن مېنىڭ ئۆلگەنلىكىمگە ئىسپات بولغىن، مەن ئۆلسەممۇ مېنىڭ روھۇم ئۆلمەيدۇ»، دېگەن، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئېتىش بۇيرۇقى بېرىلگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاشخانىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ تىزلاندۇرۇلغاندا، يېنىدىكىلەر باشقىلارنى ئەكەلگىلى كەتكەندە، زۇنۇنغا قاراپ «سەنلەر ساتقىنلار، سىلەر پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايسىلەر، ئۇندىن باشقا نېمە قىلالايتتىڭلار»، دېگەن غەزەپ بىلەن. باشقىلار ئېلىپ كېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئەلى مەھمۇدنىڭ ئېغىز  ئىقرارى ئوقۇلغان بولۇپ، خاچېڭ ۋە ئەلى مەھمۇدلارمۇ ئاڭلىغان. خېچېڭ بۇ ھۆججەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر ئېتىلغاندا، خاچېڭ بىلەن جاۋ خەنچىڭ سېپىل ئۈستىگە كۆرۈپ تۇرغان.

مەرھۇم ئەرشىدىن تاتلىق قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلىشىچە، 1945-يىلىدىكى سېنتەبىر ئايلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئىنقىلابىي ياشلاردىن ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قېتىل قىلىنغان، بۇلار «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرىلا بولۇپ قالماستىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ھېساشلىق قىلغان، ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسلىمىلەردە يېزىلىشىچە، ئۇچتۇرپان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈشۈن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭچىلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن تۇراپ قارى، ئىبراھىم مۆمىن، ئۆمەر قاسىم، سىيىت ئابباس، ئارتۇق ئابباس، ئابدۇللا ياقۇپ، ئابلا ئىبراھىم قاتارلىق 16 ياشنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيەسى ئىلگىرى كېيىن باي، ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلغان، كېيىن قولدىن بېرىپ يەنە قايتىدىن ئىگىلىگەن ئىدى. ئۈرۈمچى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغانلىقتىن، يۇقىرى قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقىنى ئالغان مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇزات ئارقىلىق ئىلىغا قايتىپ كەتكەن. مىللىي ئارمىيەنىڭ قايتىپ كېتىشى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ خەلقتىن قىساس ئەلىشى، بۇلاڭچىلىق قىلىپ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن، شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، يەنە بىر تۈ*ركۈم گۇناھسىز ئاممىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا پۇرسەت بەرگەن.

مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيەسى ئاقسۇ ۋە كوناشەھەردىكى مىللىي ئارمىيە تۇرغان، ئۇلارغا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى تۇتۇپ، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆيۋاقىسىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇ قېتىم گومىنداڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ساراي ئاچقان سەلەي ئاخۇن، مەھمۇد ھاجى ئوغلى ئابدۇقادىرخان قاتارلىقلار ئېتىلغان، كونا شەھەردە خېلىل قاتارلىقلارنى تۇتقان. نۇرغۇن كىشىلەرنى مىللىي ئارمىيەگە ياردەم قىلغان دەپ چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. مەسىلەن: موللا توختى بەگنىڭ بارلىق مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، مۆيدىن ئاقساقال، سالى ئاخۇن؛ كوناشەھەردىكى ھېكىم ئاخۇن، يۇنۇس بەگ، سايىت قارىھاجى، ئابلىز جۇرۇن، كېرىم خۇيجاڭ، تۇردى شاڭزوڭلارنىڭ بارلىق مۈلكى ۋە چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆزلىرىنى قولغا ئالغان ۋە كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. قاراشەھەردىن توشۇپ كېلىنگەن بەشيۈز دەندىن ئارتۇق بۇغداينى مىللىي ئارمىيە ئىستېمال قىلىۋەتكەن دەپ، ئاقسۇدىن باشقا يەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ، جاۋ خەنچىڭ ۋە ۋۇ شاۋبىنلار  سېتىۋەتكەن.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئاسمىنىدا چاقناپ ئۆتكەن يورۇق يۇلتۇز ئىدى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ «گومىنداڭچى» دېگەندەك ناملاردا قارىلانغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردا بەزى ۋالاقتەككۈرۈپلىرىمىز ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تىزلىنىپ نىجادلىق تىلىگەنلىكىنى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تاپتىن چىققان، شاللاق ياش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقانلىرىدا يۈرىكىم ئېچىشىپ، كۆڭۈل خاتىرەمگە گۇمان چۈشكەن ئىدى. يۇقىرىقى مەنبە ماتېرىيالنى كۆرگەندىن كېيىن ئەمدىلا يىگىرمە ياشلارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەبىئىي تالانتى، ئىنسانىي خىسلىتى، جەسۇرلۇقى قەلب كۆكىمدە پارلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، ئەدەبىي تالانتى، ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن قابىللىقى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىدىدۇر.
ئىزاھاتلار:

[1] ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (3)» مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 414- بەت.

[2] تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-بەت.

[3] ئەرشىدىن تاتلىق نەشرگە تەييارلىغان «نىمشېھىت ئەسەرلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 56-بەت.

[4] باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش «باي تارىخ ماتېرىياللىرى (1)» 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 312-بەت.

[5]،[8] ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» 2006 – يىللىق ئۇيغۇرچە 1 – سان.

[6] تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 277-بەت.

[7] ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» 2006-يىللىق ئۇيغۇرچە 1-سان.

[9] شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 140-بەت.

(ئاپتور چاقىلىق ناھىيە تېلېگراف چەكلىك شىركىتىدە)

«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلى 2012-يىلى 2-سانىدىن ئېلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 20:03  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 21:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىممۇ بەك تەسىرلىك ئىشلىنىپتۇ.  «ئىلى دەرياسى »ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىمۇ بەك ياخشى چىققان ماقالىكەن. پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرىكەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1410
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 289
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 22:22:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
60 ياشقا كىرگەندەك بولمامدۇ....؟

ئويناي ئۆرگۈلۈپ قالسۇن يۆرگۈلۈپ،
ئىچىمدە مىڭ قۇل زىندانە بولدۇم.
                       ‹ -خوجا مۇھەممەد ›

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 538
تۆھپە : 6
توردا: 86
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 19:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە تەشەككۈر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەقىقەتەن بىز قەلەمكەشلەر روھىدىكى يىقىلماس ئابىدە، ئەمما ئۇ 60 ياشقىچە ياشىيالمىدى، بۇنىڭغا ئامال يوق، ئەگەر ئۇ 60 يىل ياشىيالىغان بولسا، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتى بۇنداق يۇقىرى بولمىغان بولاتتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1508
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 348
تۆھپە : 14
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:07:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ قالتىس ئىش بوپتۇ. كۆرۈپ ،شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم،ئاۋال كىچىك بولسىمۇ بالىلىرىمغا كۆرسۈتۈپ، كىم ۋە قانداق ياشىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ،ئاز-ئادىن شېئىرلىرىنى يادقا ئالدۇردۇم.چۈشۈرۋېلىپ،ئوقۇغۇچۇلۇرۇمغا كۆرسەتتىم.ئەجىر قىلغانلارغا بارىكاللا!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1508
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 348
تۆھپە : 14
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز-ئازدىن  دىگەن خەتتە  ز  ھەرىپى چۈشۈپ قاپتۇ ،تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش