كۆرۈش: 248|ئىنكاس: 0

ئابلىمىت ئابدۇراخمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  988
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 120
تۆھپە : 4
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 01:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

              . ABLIMT.JPG







ئابلىمىت ئابدۇراخمان 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 22- كۈنى خوتەندە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا-باشلانغۈچ مەكتەپلەرنى خوتەندە ئوقۇغان.2002-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىستىتوتنىڭ ئىنگىلىس تىلى فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.  2005-يىلى ئوقۇش تاماملاپ خوتەندە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 2007-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرستىتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى جۈڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدىبىياتى كەسپى ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدىبىيات تەتقىقات يۈلىنىشى بۈيىچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىققا ئوقۇشقا كىرگەن. 2010-يلى 7-ئايدا ئوقۇش تاماملىغاندىن كىيىن ئۇ ھازىر خوتەندە ئوقۇتقۇچلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ   «ئىزدىنىش ئىچىدىكى مۇھەممەد باغراش» ناملىق تۈنجى ماقالىسى «تارىم» ژورلىنىڭ 2009-يلىلىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر « مۇھەممەد باغراشنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى توغرىسىدا»،«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»،(2009-يىل،1-سان)،«كىلاسسىك قاپىيە ئىلمىدىن روزى سايىت شېئىرلىرىغا نەزەر»، «تارىم».(2009-يىل 4-سان)،  «روزى سايىت شېئىرلىرىدىكى شىۋىلەردىن تۈزۈلگەن رادىفلار ھەققىدە»،« شىنجاڭ ئونۋىرسىتى ئىلمىي ژورنىلى»،(2010-يىل 2-سان)، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدىبىيات تەتقىقاتچىسى -ئازاد سۇلتان»،«كۆسەن ئەدىبىي ژورنىلى»،(2010-يىل2-سان)، «سوتسىئولوگىيەلىك تەتقىقات مىتودى توغرىسىدا»،«ئاسىيا كىندىكى»،...قاتارلىق 15 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ھەر قايسى ئىلىمىي ۋە ئەدەبىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
2010-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلىمىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 01:57  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش