پوشكىن شېئىرلىرىدىن
مەن يېقىندا كىتابخانىدىن «پوشكىن شىئېرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابنىڭ ئويغۇرچە تەرجىمىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم. كىتابتىن ماڭا ئىلگىرى ئەڭ تەسىر قىلغان «گۈل» ناملىق شىئېرنى ئوقۇدۇم. خاتىرەمدە بۇ شىئېرنىڭ قۇربان بارات تەرجىمە قىلغان يەنە بىر نۇسقىسىمۇ بار ئىدى. مەن بۇ شىئېرنىڭ ئىككى خىل تەرجىمە نۇسقىسىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم .
ــ يوللىغۇچىدىن
گۈل
مۇھەممەت شاۋدۇن تەرجىمىسى
قۇرىغان پۇراقسىز ئۇنتۇلغان گۈل،
كىتابنى ئاچقاندا كۆرۈپ قالدىم مەن.
غەلىتە خىيالغا تولدى بۇ كۆڭۈل،
پەرىشان تىكىلىپ تۇرۇپ قالدىم مەن.
قەيەردە ۋە قاچان قايسى باھاردا،
ئېچىلغان پورەكلەپ ئۇنى ئۈزگەن كىم؟
يات قولمۇ، تونۇشمۇ ئۈزگەن گۈلزاردا،
نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە قويۇپ قويدىكىن؟
نازۇك بىر ۋىسالنىڭ يادنامىسىمۇ
يا ئىزى شۇ ھىجران يالدامىسىنىڭ؟
يا خاتىرىسىمۇ تىپتىنىچ سەھرا
ئورماندىكى سەيلە-تاماشاسىنىڭ؟
ھاياتمۇ ئۇ يىگىت، ھاياتمۇ ئۇ قىز،
ئۇلار بۇ كۈنلەردە يۈرگەندۇ قايان؟
ياكى شۇ قۇرىغان، سولغان، بەلگىسىز
گۈل ئوخشاش ئىككىسى بولدىمۇ خازان؟
مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلغان«پوشكىن شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
گۈل
قۇربان بارات تەرجىمىسى
كىتابنى ئاچتىم-دە چۈشتى نەزىرىم،
ئۇنتۇلغان، پۇراقسىز، قۇرىغان گۈلگە.
پەرىشان تەلمۈرۈپ قالدىم بۇ پەيىتتە،
غەلىتە خىياللار تولدى كۆڭۈلگە.
كىم ئۈزگەن گۈلدۇر بۇ، بولغانمۇ ئۇزاق؟
ئېچىلغان قايەردە، قايسى باھاردا؟
ئۈزگەن قول تۇنۇشمۇ ياكى ناتونۇش؟
نېمىشقا قويدىكىن ئۇنى بۇ جايدا؟
ئۇ ئىللىق ۋىسالنىڭ خاتىرىسىمۇ،
ياكى يادىكارى سوغوق ھىجراننىڭ؟
يا جىمجىت سەھرادا بولغان بىر سەيلە،
ياكى ئەسلىدىكى سالقىن ئورماننىڭ؟
ھېلىمۇ تىرىكمۇ يىگىت بىلەن قىز؟
ماكانى بارمىدۇ ياشاپ يۈرگىدەك؟
شۇ پەيتتە قەيەردە؟ ياكى سولدىمۇ،
مانا شۇ بەلگىسىز قۇرىغان گۈلدەك.
«دۇنيائەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1981-يىلللىق1-سانىدىن ئېلىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-4 22:45